مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4085|ئىنكاس: 92

مەلىكە سىلەرنى مۇنبەرگە چاقىرىدۇ.   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3428
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27289
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8338 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 10:03:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تورىدىكى بارلىق تورداشلار، ياخشى تۇردۇڭلارمۇ؟ ھەممىڭلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، ئائىلەڭلەرگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن.
مىسرانىم مۇنبىرىگە كىرىپ تىما يازمىغىنىمغا شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت بولۇپتۇ، ئەلۋەتتە ياش چوڭ بولغانسىرى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە كۆپ خىل قىزىقىشلارنى ۋاقتىنىچە بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىىكەنمىز. گەرچە مۇنبەرگە تىما-ئىنكاس يىزىپ كۆپچىلىك بىلەن ھەمبەھىرلەنمىگەن بولساممۇ، ئوخشاشلا ۋاقىت چىقىرىپ تور دۇنياسىنى بۇرۇنقىدەك ئايلىنىپ ھەرخىل مەزمۇندىكى تىما-ئەسەرلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ كىلىۋاتىمەن.
بۇ جەرياندا شۇنى بايقىدىمكى مۇنبەرنىڭ بۇرۇنقى ئاۋاتلىقى ئارقىغا چىكىنىپ پەسكويغا چۈشۈپ قاپتۇ. بىر تىمىنى بەس-مۇنازىرە قىلىپ، سائەت سائەتلەپ ئىنكاس يىزىش، ھىكايە-رومانلارنى يىزىپ قىزغىن مۇنازىرىگە چۈشۈش دىگەندەك ئىشلار ئاساسەن يوق بولۇپ قاپتۇ. ئەسلىدىلا مۇنبەر بىزنى نۇرغۇنلىغان قەلەمكەشلەرنىڭ ئىجادىيىتىدىن ھوزۇرلاندۇرىدىغان ياخشى بىر سەھنە ئىدى. ھەر بىر كونا-يىڭى قەلەمكەشلەرنىڭ ۋاقتى چىقماي قالغانمۇ، ياكى ۋاقتى چىقسىمۇ ئەھمىيەتسىز، دەپ ئويلاپ قالغانمۇ، ماڭا مۇنبەر ھازىر تولىمۇ تىمتاس، سۈكۈت ئىچىدە چۆلدەرەپ قالغاندەك بىلىندى.
ئابابەكرى، سىزمۇ جىمىپ كەتتىڭىز، گەرچە مىسرانىم مۇنبىرى ھازىر كۆپ نەتىجەلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ نۇرغۇنلىغان شان شەرەپلەرگە ئىرىشىپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇشۇ ھالەتتە ماڭسا، ئارقىغا چىكىنىدىغان ئىش بولۇپ قالمىسۇن.
مىسرانىم مۇنبىرى بىلەن ھەر بىر قەدەملەرنى بىرگە ئىلىپ كىلىۋاتقان ھەر بىر مۇنبەر ئەزالىرى يوقۇلۇپ كەتمىسۇن.
توردىن ئىبارەت مۇۋھۇم بۇ دۇنيادا ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىمىزدەك ھىس قىلىپ كىلىۋاتقان مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ بۇرۇنقىدەك ئاۋات، جۇشقۇن ھالەتكە كىلىشىنى تولىمۇ ئۈمۈد قىلىمەن.
ھازىر پەن-تىخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات قىلىشىغا ئەگىشىپ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىمۇ زور ئۈزگۈرۈشلەر يۈز بەردى. ئۈندىدار، ئۈندىداردىكى ھەرخىل سالونلار، دوستلار چەمبىرىكى...دىگەندەكلەر بىزنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرۇپ كەلگەچكىمۇ، كۆپىچىلىكلەر مۇنبەرگە ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىنى يىزىشنى خالىماس بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ.
ئۈمۈد قىلىدىغىنىم، ھەر بىر كونا-يىڭى ئەزالارنىڭ بۇرۇنقىدەك تەشەببۇسكار، قىزغىن ھالىتىنى يوقاتماستىن ئۆز قىزىقىشىڭلار، ئىجادىيىتىڭلارنى مۇنبەرگە ئىلىپ كىلىپ بىز بىلەن تەڭ بەھىرلەنسەڭلار تولىمۇ ياخشى بولاتتى.
ئەلۋەتتە ئاللاھ خالىسا ئۆزۈممۇ قولۇمدىكى ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ، كۆڭلۈمدە ئويلىغان، لىكىن يىزىلماي قالغان ئۆز ئىجادىيىتىمنى (مۇشۇنداق ئاتاشقا لايىق كەلسە ) سىلەر بىلەن تەڭ ئورتاقلاشماقچى.

دىسەم-دىمىسەم مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرگەن ھەربىر ئادەمنىڭ ئەدەبىياتقا ئازدۇر-كۆپتۇر بولسىمۇ مەلۇم نىسبەتتە قىزىقىشى بار، بۇنداق بولغان ئىكەن، ئۆزىمىزدىكى قىزىقىشنى مۇشۇنداق ياخىشى بولغان مۇنبەر سەھنىسىگە ئىلىپ چىقايلى، مۇنبەرگە تىما يازغانغا ھەق ئىلىنمايدۇ، باشقىلارنىڭ باھاسىغا ھەقسىز ئىرىشكىلى بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزدىكى كەمچىللىكلەرنى ۋاقتىدا تۈزۈتىۋىلىشمىزغا زور ياردىمى بولىدۇ. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق بىز نىمىشقا ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدە بىسىلىپ ياتقان ئىلھاملىرىمىزنى قىزىپ چىقمايمىز؟
زادى نىمە سەۋەب بىزنى مۇشۇنداق چۆلدەرىتىپ قويدى؟ ئۈندىدارمۇ؟ قولىمىزدىكى ئاندىرويد تىلفۇنلارمۇ؟ توردىكى ئۈزۈلمەس ئويۇنلارمۇ؟

قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلىپ ۋاقتىڭلارنى ئىلىپ قويماي، تۇرۇپ قالغان ئىلھاملىرىمىزنى توپا بىسىپ قالمىسۇن، مۇنبەرگە قايتىپ كىلەيلى، ھەممىز ھەپتىدە بىرەر كۈن چىقىرىپ بولسىمۇ ئىجادىيتىىمزىنى باشلايلى. ۋاقتى كەلگەندە شۇنى ھىس قىلىمىزكى ئۈندىدار، ھەرخىل سالونلار بىرەلمىگەن باشقىچە بىرخىل ھۇزۇر، شادلىقنى مۇنبەردىن تاپالايدىغان بولىمىز.
گىپىم تۈگىدى. ئۇزۇندىن بۇيان بىرەر جۈملە سۆزنى ئىنكاس قاتارىدا بولسىمۇ يىزىپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن گەپ-سۆزلىرىم تومتاق، ئىپادىلىگەن مەزمۇنلىرىم مۈجىمەل بولۇپ قالغان بولۇشى مۈمكىن، كۆپچىلىكنىڭ شاكىلىنى چىقىرىۋىتىپ، مىغىزىنى (ئەگەر مىغىز بولۇپ قالسا ) قۇبۇل قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

___ مەلىكە.
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-27 10:06 PM  


ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2554
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21664
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9892 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 02:51:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كەلدىم، ئەمما 2 سائەتكىچە بىر پىيالە چېيىڭىز يوق

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10862
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2209 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 02:53:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ  مۇنبەردىن ئايرىلالمىدىم   سالۇن قۇۇرپ قويدۇم ئەمما خوش ياقمىدى.........  سالۇنلارغا كىرىپ قويدۇم ئەمما  يەنىلا مۇنبەرگە يەتمەيدىكەن دەپ چىقىپ كەتتىم ھەيييييييييييييي  مۇنبەرنىڭ مىھرى باشقا جۇمۇ..........


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106310
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1050 سائەت
تىزىم: 2014-4-23
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 03:13:55 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەرىجەمنى ئۆستۈرۈپ قويساڭلار  سادىغان كېتەيلە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90741
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 588
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 05:29:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىنداشلارنىڭ مۇنبەر ھاياتىنى باشقىدىن قىزىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن

            

دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنداقلا ئىبرەت ئامىغۇچىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان

دۇنيانى مېھىر-مۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7491
يازما سانى: 879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11227
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 686 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 08:39:18 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ ئويۇمدا  مۇنبەرنىڭ بۇ ھالەتكە كىلىپ قېلىشىدا ، بىر نەچچە خىل سەۋەنلىكلەر مەۋجۇن . ئىيتماقچى-بۇرۇن مەن مۇنبەرگە يېڭىدىن ئەزا بۇلۇپ كىرگەن ۋاقتىمدا ، تېمىلار ئاجايىپ رەڭدار يۇمۇر-لەتىپە بۇلامدۇ ، مۇنبەرداشلارنىڭ ئىسىملىرى قېتىپ يېزىلغان چاخچاق بۇلامدۇ ، ھىكايىلەر بۇلامدۇ بەك جانلىق ،مەزمۇنلىرىنى مول چىقاتتىكەنتۇق . ھەم مۇنبەرداشلارمۇ ناھايتى دوستانە- ئىناق،  قىسقىسى بىر-بىرىگە مېھرى بار ئىكەنتۇق.  ھازىر ھەيرانمەن ، بىرەر تېما ئۈستىدە ، مۇنازىرلاشسە ، تاس قالىدۇ ياققا-ماققىدىن ئېلىشىپ مۇشلۇشۇپ كەتكىلى . ھەم  تېما ئۈستىدە ، مۇنازىرلەشسە  نەچچەيلەن پىرقە ئايرىپ بىر بىرىگە ، بوي بىرىشمەي پەتىۋا بىرىشىپ كەتكەن ، نەتىجىدە ، ئادەمگە ياققۇدەكلا تېما بولسا، شۇ ئىنكاسلار ۋە كىچكىنە سەۋەپلەر تۈپەيلى ، چەكلەنگەن ياكى ئۈچۈرۈلگەن ،  شۇ سەۋەپتىنمۇ  ،كۆپىچىلىكنىڭ (شەخسەن مىنىڭ ) مۇنبەرگە تېما يوللوغۇم كەلمەيدىغان ۋە تېمىلارنى كۈرۈپ قۇيۇپلا ئىنكاس يېزىش خۇش ياقمايدىغان بۇلۇپ قالدى.
شۇڭا ئاددى تەكلىۋىم ، مۇنبەرداشلار بىر-بىرىمىزگە ئازراق مېھرىمىزنى بەرسەك، ۋە مۇنازىرە ئىلىپ بارغان ۋاقىتتا  ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغىننى غالۋۇردىن ئۆتكۈدەك يازساق، شۇسەۋەپتىن تېما تاقىلىپ قالمىسا، ھەممىمىز تىرىشىپ مۇنبىرىمىزنى تەرەققى  قىلدۇرساق.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
izlayman520 + 20 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ھەققىمدە نىمىلەرنى ئويلىساڭ ، ساڭا ئىككى ھەسسىلەپ بولسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92563
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 09:40:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بار !     شۇ تىما ئارلاپ كورۈپ قويۇپلا چىقىپ كىتدىغان ئەھۋال  ئېغىرلارلاپ كەتتى ئىنكاس يازغۇسى كەلمەيدىكەن كىشىنىڭ

ئالدىرماڭ يارەي سىزگىمۇ بارەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4964
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 643 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 09:59:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 02:51 AM
مەن كەلدىم، ئەمما 2 سائەتكىچە بىر پىيالە چېيىڭىز يوق

ما باش سۈرەت ئالاھىدە ئىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4964
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 643 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 10:00:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
UYGUR==DOLAN يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 08:39 AM
مىنىڭ ئويۇمدا  مۇنبەرنىڭ بۇ ھالەتكە كىلىپ قېلىشىدا ، ب ...

راس دەيسىز زادى، ئادەم تىل ئاڭلاپ كېتەرمەنمۇ دەپ خەت يېزىشتىنمۇ ئەيمىنىدىغان بولۇپ قالدى مۇشۇ كۈنلەردە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4964
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 643 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 10:02:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي..............بۇرۇنقىدەك قىزىماس بولۇپ قالدى بۇ مۇنبەر. مەنشۇ يىپەك يولى ساداسى كۆرۈش ۋە ئۆزۈمنىڭ ئەسرىنىڭ داۋامىنى يوللاش ئۈچۈنلا كىرىمەن بۇ مۇنبەرگە. نەدىن باشلىدىم ئاشۇ ئايغى چىقماس ئەسەرنى، بولمىسا ھەپتىدە بىر قېتىملا كىرەتتىم تازا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش