بوپ بەردى
ئاپتۇرى:رەخمىدىن قاسىم
كەمچىلىكنى تۇتۋىلىپ،خىجىل قىلىپ بىراۋنى،
يوقاتماستىن ئۆلگىچە،ئەيىبلەشكە بوپ بەردى.
ئۇتۇق قازنالماي يىقىلسا،غەيۋەت قىلىپ كەينىدىن،
چاۋاك چىلىپ شۇ ھامان،تەبرىكلەشكە بوپ بەردى.
مودا قىلىپ كەيىپنى،نىشە چىكىپ،ئاق ئۇرۇپ،
ياشلىرىمىز ئارسىدا،ئىچىپ،چىكىش بوپ بەردى.
مىراس ئەمەستى بىزلەرگە،بىراۋلارنى كوچىلاش،
زامانېمىز ئۆزگىرىپ،ئۇلىنى بوشىتىش بوپ بەردى.
ئانا تىلنى ئاز سۆزلەپ،ياتنىڭ تىلغا كۆنىۋىلىپ،
سالام قىلىش ئورنىدا،ئالاۋ دىيىش بوپ بەردى.
ئىتقادىمىز ئىمانتى،ھەققىنى يىۋىلىش يامانتى،
قايرىپ قويۇپ بۇلارنى،ھارام يىيىش بوپ بەردى.
يالغان خەۋەر،يالغان سۆز مودا بولۇپ ئۈندىداردا،
بەس-بەس بىلەن تارقىتىش،بىزلەرگىمۇ بوپ بەردى.
رەسىم چۈشۈپ كۈن بويى،ماختىسۇن دەپ دوسلارنى،
يۈرەك ساقلاپ،ئىڭەك قوشلاپ،ئولتۇرۇشقا بوپ بەردى.
2014-يىلى7-ئاينىڭ31-كۈنى ئۈرۈمچى