قۇربان ھاجى ۋە نىيە ناھىيە تەكىدۆڭدىكى پەننى مەكتەپ
قۇربان ھاجى(تىكىچەك)1943-يىلىغا قەدەر نىيەناھىيىسىدە ياشاپ ئۆتكەن(ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى نىيە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ سابىق ھاكىمى ئابدۇۋاقى قۇرباننىڭ دادىسى).ئۇ ياش ۋاقتىدا ئاتا ئانىسى بىلەن مەككىگە ھەج قىلىشقا بېرىپ قايتىش سەپىرىدە ئۆزبىكىستاننىڭ ئەنجان شەھرىدە سودا ئىشلىرى بىلەن ئون نەچچە يىل تۇرۇپ قالغان.ئۇ1933-يىلنىڭ ئاخىرى نىيىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،لەمپە كەنتىدىكى ئاتا ئانىسىدىن مىراس قالغان ئۆي جاي،يەر زىمىنلىرىنى مەتيۈسۈپ چوقال دىگەن كىشىگە سېتىۋېتىپ،ھازىرقى روكيا يېزىسىنىڭ ئاچما كەنتىدەماكان تۇتۇپ بوز يەر ئاچقان.چىرا،چەرچەن قاتارلىق جايلاردىن تىنەپ كىلىپ قالغان نەچچە ئون ئائىلىلىك دىھقاننى ئۆز يېنىدا تۇرغۇزۇپ،بوز يەر ئېچىش ئەمگىكىگەقاتناشتۇرغان.1939-يىلىغا كەلگەندە ئېچىپ تېرىلغان بىنەم يەر3000موغا يەتكەن.ھازىرقى روكيا يېزىسىنىڭ بوستان،ئاچما كەنتلىرىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم يەرلەر ئەينى چاغدائېچىلغان يەرلەر بولغاچقا،ئاچما دىگەن نام كەنت نامى بولۇپ قالغان.
قۇربان ھاجى چەتئەلدە تۇرغان چاغلىرىدا نەزەردائىرىسى كېڭەيگەن.ئۆزىمۇ پەننى مائارىپتىن خەۋىرى بار كىشى بولغاچقا،1930-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى مەدەنىي ئاقارتىش باھار شامىلىنىڭ تۈرتكىسى،ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ۋە شۇچاغلاردىكى ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1939-يىلى يازداتەكىدۆڭ كەنتىدە ئىككى ئېغىزلىق سىنىپ ۋە بىر ئىشخانىدىن تەركىب تاپقان پەننى مەكتەپنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ھەمدە مەكتەپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئەينى چاغدىكى كېرىيە ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ نىيە شۆبىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.ئۇيۇشما تەرىپىدىن بۇ مەكتەپكە مەتتوختى پاسار قاتارلىق ئىككى نەپەرئوقۇتقۇچىنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ،دەسلىپىدە قۇبۇل قىلىنغان 33نەپەرئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ بەرگەن.1940-يىلىنىڭ بېشىدا قۇربان ھاجى يەنە تەكىدۆڭ مەھەللىسىدىكى يۈز نەچچە مو يەرنى ۋە ئۆگەي ئانىسى جەمىلەخاندىن مىراس قالغان باغ ۋاران،ئۆي-مۆلۈك ھەمدە كۆپ مىقداردىكى ئوتۇن ياغاچلارنى بۇ مەكتەپكە ۋەخپە قىلىپ بەرگەن.بۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپنىڭ مۇقىم مۈلكى يىلدىن يىلغا كۆپىيىپ،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار قىش كۈنلىرى ئىسسىنىشتىن غەم قىلمايدىغان،يازدا باغنىڭ مىۋىلىرىدىن پايدىلىنالايدىغان بولغان.بۇ چاغدا نىيىدا تېخى ئۈچ ئورۇندىلا پەننى مەكتەپ قۇرۇلغان بولۇپ،بۇ مەكتەپنىڭ شارائىتى باشقامەكتەپكە قارىغاندا ياخشى بولغاچقا،بۇ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى يىلسىرى كۆپەيگەن ۋە ئۇ نىيىدىكى ئاساسلىق پەننى مەكتەپ بولۇپ قالغان.
ئىلاۋە:ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپلەر ئىككى سېستىمابويىچە باشقۇرۇلغان.ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ شەنلىي مەكتەپ،ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن(خەلىق تەرىپىدىن)باشقۇرۇلىدىغان مەكتەپلەر بولسا خۇيلى مەكتەپ دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ،ئالدىنقىسىنىڭ مالىيە خىراجىتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن،كىيىنكىسىنىڭ بولسا ئۆشرە زاكات كىرىمىسدىن چىقاتتى.1935-يىلدىن باشلاپ قۇرۇلغان ئۇيغۇرئويۇشمىلىرى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن خېلى چوڭ ھەسسە قوشتى.مەسىلەن:شۇ دەۋىردە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ سانى 580،ئوقۇغۇچى سانى9333بولغان بولسا،ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ قارمىقىدىكى مەكتەپ1883،ئوقۇغۇچىسانى180مىڭ35كە يەتكەن.
پايدىلانغان ماتىرياللار:نىيە تارىخى ماتىرياللىرى1-قىسىم 174-175-بەتلىرى.
ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ئوچىرىكلىرى129-130-بەتلىرى
تىماتەييارلىغۇچى:نىيە(uzniya)ئۈندىدار سالونىدىنlikimjan