مەنمۇ بىر كىتاب
مۇھەممەد ئەمىن ئابدۇلئەزىز
كىتابىڭغا قارايدىكەنسەن،
قارىغانسەن زادى قانچىلىك؟
ماڭىمۇ ھەم قاراپ باقتىڭمۇ،
كىتابىڭغا قارىغانچىلىك.
بىلسەڭ جېنىم مەنمۇ بىر كىتاب،
ئوقۇپ-ئوقۇپ تۈگىتەلمەيسەن.
ئىچىمدىكى ھېكمەتلىرىمنى،
باشقىلاردىن ئۈگىنەلمەيسەن.
بۇ كىتابقا قىزىققانسىرىڭ،
دۇنيارىمغا چۆكۈپ كىتىسەن،
گاھى چاغدا كۆز يېشى قىلىپ،
گاھى چاغدا كۈلۈپ كىتىسەن.
ئوقۇپ باققىن چۈشىنەلمىگەن
جايلىرىڭغا بەلگە سىزىپ قوي.
يېقىپ قالسا قەلبىڭنىڭ ئېگىز
تەكچىسىگە ئايرىم تىزىپ قوي.
خوتەن ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ.