مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3291|ئىنكاس: 31

خەيىر ئىھسان يىغىپ قىمار ئوينىغان‹‹ يالغان ئىمام›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شىنجاڭ سىرىقبۇيا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17444
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13708
تۆھپە نۇمۇرى: 1120
توردا: 1976 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 12:27:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روزى 45 ياشقا كىرىپ قالغىنىغا قارىماي، ئىلگىرىكى كىچىك ئىشلاردىمۇ يالغان ئېيتىش، ئازغىنە مەنپەئەتنى دەپ ئالدامچىلىق قىلىش ئادىتىنى ئۆزگەرتمىدى. ئۇ بۇلتۇر 15-ئىيول ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك سەككىز ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 16-مارت قويۇپ بېرىلگەنىدى. روزى 20-ئاپرېل ئۇزاق يىل كۆرۈشمىگەن ئاغىنىسى ئۆمەر بىلەن مىچۈەن بازىرىدا ئۇچرىشىپ قالدى ۋە ئۇنىڭ ئۈرۈمچى كازىۋەن كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئاشخانا ئېچىۋاتقانلىقىنى بىلدى، گەپ ئارىلىقىدا روزى:
-ھازىر خەلقئارا چوڭ بازار مەسچىتىنىڭ ئىماملىقىنى قىلىۋاتىمەن، مەسچىتىمىزگە تۈرلۈك سەۋەب بىلەن ياردەم سوراپ كېلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان بىر كېسەل ئىقتىسادى يار بەرمىگەنلىكتىن دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بوپتۇ. شۇ كىشىگە ئەتراپتىكىلەردىن ئىئانە يىغقىلى بولارمۇ؟-دېدى ئۆمەرگە.
-كۆپ پۇل يىغىشقا ھۆددە قىلالمايمەن، ئەمما ئازراق بولسىمۇ يىغىپ بېرىشكە ئىشەنچىم بار،-دېدى ئۆمەر رازىمەنلىك بىلەن.
21-ئاپرېل چۈشلەردە روزى ئۆمەرنىڭ ئاشخانىسىدا پەيدا بولدى ۋە يىغىلغان 1300 يۈەننى ئېلىپ، ھاجەتمەنگە يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولۇپ چىقىپ كەتتى. ئۇ شۇ كۈنى كەچتە دائىم بارىدىغان قىمار سورۇنىغا بېرىپ، ھېلىقى پۇللارنى ئۇتتۇرۇۋەتتى.
روزى 30-ئاپرېل ئۆمەرگە تېلېفون بېرىپ:
-ئالدىنقى قېتىم يىغىپ بەرگەن پۇلىڭىزنى باشقا پۇللار بىلەن قوشۇپ دوختۇرخانىغا تاپشۇرغانىدۇق، بىمارنىڭ 10 كۈنلۈك دورا-ئوكۇلىنىڭ پۇلىغا يېتىپتۇ. ئەمدى ئوپېراتسىيە قىلىدىغانغا پۇل كەملەۋېتىپتۇ، ئامالىنى قىلغىلى بولارمۇ؟-دېدى.
-كازىۋەن قوشخانىدىكى تونۇش-بىلىشلىرىمگە ئەھۋالنى ئېيتسام ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ، چۈشتىن كېيىن يېنىمغا كېلىڭ،-دېدى ئۆمەر ئىشەنچ بىلەن.
روزى چۈشتىن كېيىن كېلىپ، ئۆمەردىن 3300 يۈەننى ئېلىپ كەتتى ھەم يۇقىرىقى ئۇسۇلدا ئۇ پۇلنىمۇ يوقاتتى.
ئىيۇلنىڭ باشلىرى مىچۇەن بازىرىدىكى مەلۇم نەزىردە خەلقئارا چوڭ بازار مەسچىتىنىڭ مۇتىۋەللىسى بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قالغان ئۆمەر ئۇنىڭدىن:
-دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان كېسەل ساقىيىپ چىققاندۇ، شۇنداق ساۋابلىق ئىشلار بولسا يەنە خەۋەر قىلىڭلار، كۆپ بېرەلمىسەكمۇ كۆڭلىمىزنى ئىپادىلەيمىز،-دەپ سورىدى.
تومتاقلا چىققان بۇ گەپتىن ھېچنىمىنى ئاڭقىرالمىغان مۇتىۋەللى:
-ئۆمەرجان، نېمىلەرنى دەپ كەتتىڭىز؟ بىزنىڭ مەسچىتىمىزدە ئۇنداق ئىمام يوق، بۇلتۇر بىرەيلەن «مەن جىگدىلىك مەسچىتنىڭ ئىمامى، بىر ئانا تۇغۇت جەريانىدا ئۆلۈپ كېتىپتىكەن، يېتىمنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىشقا ئىئانە-سەدىقە بېرىڭلار» دەپ پۇل يىغقان ئالدامچىنى ئاڭلىغان، بۇمۇ شۇنداق ئىش بولۇپ قالمىسۇن-دېدى.
روزىنىڭ پۇلنى ئالغاندىن كېيىن دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىدىن ئەسلىمۇ گۇمان قىلغان ئۆمەر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ دەرھال ج خ ئىدارىسىگە دېلو مەلۇم قىلدى. روزى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن 20-ئىيۇل توختىتىلىپ، 26-ئاۋغۇسىت قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى. مىچۈن-كۆكتاغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 18-نويابىر جىنايەت گۇماندارى روزىنى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبلىدى.
مىچۈەن-كۆكتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى: «جاۋابكار روزىنىڭ دۆلەت قانۇنىي كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش مەقسىتىدە پاكىت ئويدۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ، باشقىلارنىڭ 4600 يۈەنىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار جىنايىتىنى ئۆزلۈكىدىن تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ» دەپ قاراپ، 3-دېكابىر روزىغا ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك سەككىز ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە 4000 يۈەن شىتراپ قويۇشقا، ئېرىشكەن ھارام پۇللارنى تولۇق قايتۇرۇشقا ھۆكۈم چىقاردى.
*************************************************************************************************
-جاۋابكار روزى ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ كەمبەغەل-ئاجىزلارغا ئىئانە-سەدىقە بېرىشتە كۆپ ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلمايدىغان پىسخىكىسىنى، شۇنداقلا مەسچىتلەرنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىشتىكى ئىجابىي نامىدىن پايدىلىنىپ ئىككى ئاي  ئىچىدە ئىككى قېتىم ئالدامچىلىق قىلغان. ئاجىز-ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىش ئۇزاقتىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ بىرى، كىشىلەرنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىنى ئاجىزلىق، دەپ بىلىدىغان ئالدامچىلاردىن ھەزەر ئەيلەش ئۈچۈن كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ سېخىي كۆڭۈللەرنى ئىپادىلەشتە ئېھتىياتچان بولۇشىنى، يەنە ياردەمنىڭ دەل جايىغا تېگىشى ئۈچۈن زۆرۈر سۈرۈشتۈرمىلەرنى قىلىشتىن ئېرىنمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمەن،-دېدى مەزكۇر دېلودىكى باش سودىيە.
*************************************************************************************************

ئەسلى مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

كۆيۈپ قېلىپ  ئۇنتۇش ئاسان بولغىنى بىلەن، كۈنۈپ قېلىپ  سەۋەپسىز ئايرىلىشنىڭ  قانچىلىك  ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109512
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 177
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2014-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 12:39:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جازا بەكلا يىنىك بولۇپ قاپتۇ...

ئۆمۈرنى غەنىيمەت بىل ، ساقلىق ۋە ئامانلىققا شۈكۈر قىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 838
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 12:44:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ... خۇدادىن قورقمايدىغان كىشىكەنغۇ بۇ

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 12:45:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ، كىشىنىڭ ھەققىدىن قۇرقمايدىكىنا بۇ كىشىلەر !!!!

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90482
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2013-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 12:47:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىـــــــــــــــــــــــــــــپــــــــــــــــــــــــلاس!!!!!!

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ،
ئۇلۇغ ئاللا ساڭا ئۇنىڭ ئون ھەسسىسىنى ئاتا قىلسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27565
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7052
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 5201 سائەت
تىزىم: 2011-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 01:46:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي  ئانناڭنى  شاۋچى  گۇي !  زىندانغا مۇددەتسىز قامىۋەتسە مۇشۇنداق مۇناپىقلىنى ! جەمىيەتنى بۇزىۋاتقان دەل  مۇشۇنداق خۇدادىن  قورقمايدىغان ئىپلاسلار!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100874
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 540
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-12-15
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 01:51:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ھاھا    !!!
                بۇنداق ئىشلار كوپ ، ئوقۇۋاتقان باللا باتى دەپ ،  پۇل -مال ، ئۇن -ياغ گۇرۇچنى
       ئوزىنىڭ قىلۋالدىغان ئىشلار كوپ !!!
          شۇڭىمۇ ھازېرغىچە كوپ بۇرنۇمغا يىدىم ، بۇلۇپمۇ ئاللا خالىسا دەپ تۇرۇپ قىلدىغىننى قىلدىغان
     شۇ دىندار تونىغا ، مومىنلەر سېپىگە قۇشۇلۋالغان  ئىپلاس مۇناپىقلاردىن !  ئاللا ساقسىلۇن !

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7093
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 01:52:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېتىپلىۋەتسە  بۇنداق نېمىنى

«يېشىل» دېسەم «ياق، بۇ قىزىل» دېدى، «قىزىل» دېسەم «ياق، بۇ كۆك» دېدى. ھەممىسى ئۆزىنىڭكىنىلا راست دېدى. شۇنىڭ بىلەن، خەق نېمىلا دېسە «ھە سېنىڭكى راست» دەپ قويۇپ، ھەق توغرىسىدا ئۆز ئالدىمغا ئىزدىنىدىغان بولدۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105855
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 01:58:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسچىتنىڭ ئىمامى مەن دەپ قۇيۇشلىرىنى كۆرۈڭ...ھۇ مۇناپىق گۇي،،

ئەسلى ھەقىقىي ئىلىم ئەھلى،موللا-ئۆلىمالىرىمىزنىڭ،ھەقتىن رىزىقىنى تېپىپ يەپ كىلۋاتقان مۆمى مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغانلار دەل مۇشۇنداق ساختا دىننىي تونغا ئۇرۇلۋالغان مۇناپىقلار.

8ئايلىق قاماق جازاسى بەك-بەك ئاز بوپ قاپتۇ،،،مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزىنى تۆككەن بۇ گۇيغا 5يىللىق كىسىم چىقارسا مۇۋاپىق بولاتتىكەنتۇق..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105855
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 02:00:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
م.زۇنۇن يوللىغان ۋاقتى  2014-12-27 12:44 PM
توۋا ... خۇدادىن قورقمايدىغان كىشىكەنغۇ بۇ

خۇدايىمنى تۇنۇمتى بۇنداق نىمىلەر؟ئىسىت-ئىسىت ئا قىلغان گىپىگە قارا،،مەسچىتكە ئىئانە قىلماقچىدىممم،،،شۇمۇ گەپ ھە قىلاي دىسە؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش