|
|
|
|
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مىسرانىمدىكى ئەزىز تورداشلار. سالامەتچىلىكمۇ؟
دىسەم دىمىسەم مىسرانىمدىمۇ رەسم سىزىش، فوتوگىرافلىق، تەكشىلىكتە لاھىيەلەش ۋە باشقا تۈردىكى لاھىيە ئىشلىرىغا قىزىقىدىغان تورداشلار خېلى كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈزەل سەنئەت تۇرمۇشىڭىزغا رەڭدارلىق قوشىدۇ. زىرىككەن چاغلاردا قولىقىزغا قەلەم ئېلىپ ئۆزىڭىز ياقتۇرغان شەئىيلەرنى سىزىپ ئىش پۇشقىڭىزنى چىقارسىڭىزمۇ بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن مەخسۇس گۈزەل-سەنئەت ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن مەخسۇس «باچكا» سالونى قۇرۇلدى. بۈگۈن رەسىم سىزىشنى يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن دەرىسلىك سۈپىتىدە ئالما سىزىش دەرىسلىكىنى ھۇزۇرىڭلارغا سۇندۇم.
ئالما سىزىش- مەيلى سىدام سىزما بولسۇن، ۋە ياكى ماي بۇياق رەسىملىرىدە بولسۇن ، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر چوقۇم سىزىپ مەشىق قىلىدىغان مۇھىم مەزمۇن ھەم ئاساسى مەشىق ھېسابلىنىدۇ. بۇنى مەنچە رەسىم كۇرجىكلىرىدا ئوقۇپ باققانلا ئوبدان بىلىشى مۇمكىن. ئالما سىزى قارىماققا ئاساندەك تۇيۇلغان بىلەن قەغەز يۈزىدە قېرىنداش بىلەن ھەقىقى تەسۋىرلەپ چىقىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ئۇنداقتا قولايلىق بولسا قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ دەرىسلىك بويىنچە سىزىپ بېقىڭ. ھەم سىزغىنىڭىزنى ئىنكاس شەكىلدە يوللاڭ. قېنى ئەمسا باشلاپ باقامدۇق؟
بىرىنچى قەدەم:
ئالما سىدام سىزما ئەسەرلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان تەسۋىرلەش ئوبىكتى.
قورۇلما ئىلىش:ئالدى بىلەن ئالمىنىڭ كۆرۈش دائىرىمىزدىكى سىرىتقى شەكلىنى ھەقىقى،مەۋھۈم ۋە ياردەمچى سىزىقلار ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز.
بىرىنچى قەدەم : قېنىق ۋە تۇتۇق تۈز سىزىقلار ئارقىلىق دەسلەپكى ئىزنا ئالىمىز،ئىزنا ئالغاندا ئالمىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش ئالاھىدىلىكىگە دىققەت قىلىشىمىز كىرەك.
(1-1)يىڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئىزنا ئالغاندا كۆپرەك تۇز سىزىق ئىشلىتىشى كىرەك.يۇرۇق-تۇتۇق چىگرا سىزىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە دىققەت كىلىش زۆرۈر.
2-1 پىرويىكسىيە شەكلى ۋە تۇتۇق يۈزنىڭ تەقسىملىنىشىنى مۇۋاپىق ئىپادىلەش
ئىككىنچى قەدەم:يۇرۇق ۋە تۇتۇق يۇزلەرنىڭ كىسىشىش سىزىكىنى چىگرا سىزىقى قىلىپ ،كۈنگەي يۇز ۋە تەسكەي يۇزنى ئايرىپ ،شەكىلنى سىتىرىئولۇققا ئىگە كىلىش.
(1-2)قەلەم قىرى(يانتۇ ھالەتتە تۇتۇپ تەكشى يونىلىشتە بوياشنى كۆرسىتىدۇ) ئارقىلىق يۇرۇق –تۇتۇق چىگرا سىزىقىنى بويلاپ سىزىمىز،بۇ جەرياندا ھەقىقيلىقتىن مەۋھۇملىككە ئۆتۇشكە دىققەت كىلىش كىرەك.
ئالمىنىڭ پىتىنقى قىسمىنى مۇھىم تۇتۇپ تەسۋىرلەش كىرەك،بۇلۇپمۇ سېپى ئەتراپىدىكى سىزىقلارنى قېنىقلاشتۇرۇش كىرەك.
(3-2)بىزگە يىقىن يەردىكى پرويىكسىيە سىزىقلىرىنىمۇ قېنىقلاشتۇرۇش كىرەك.
(4-2) كۈنگەي يۇزگە تەدرىجي ئۆتۈش، يۇرۇق –تۇتۇق چىگرا سىزىقى نىسبەتەن سىلىق بۇلۇش كىرەك.
。
ئۈچىنچى قەدەم:
يۇرۇق –تۇتۇق چىگرا سىزىق تەسۋىرلەشنى كۈچەيتىش،كۈنگەي يۇز ۋە تەسكەي يۇزنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىش كىرەك.
(1-3)ئالما سېپىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەسۋىرلەش،ئۇنى پۇتۇن گەۋدە بىلەن بىردەكلىككە كەلتۇرۇش
(2-3) يۇرۇق –تۇتۇق كىسىشىش سىزىقى بىلەن ئۇستمۇ-ئۇست چۈشىدىغان ئورۇنلارنىڭ گىرۋەكلىرىنى قىنىقلاشتۇرۇش
(3-3) يۇرۇق –تۇتۇق كىسىشىش سىزىقلىرىنى قېنىقلاشتۇرۇش، يۇرۇق –تۇتۇق كىسىشىش سىزىقىدىن يۇرۇق ئورۇنغا ئۆتۇشكە دىققەت قىلىش.
(4-3)پرويىكسىيە ۋە ئىزنا پەرقىنى كۈچەيتىش
تۆتىنچى قەدەم:پىششىقلاپ ئىشلەش باسقۇچى
(1-4) ئارقا كۆرۈنىشىنى تەسۋىرلەش
(2-4)پرويىكسىيەنىڭ يىقىندىن يىراققا قېنىق-سۇس ۋە ھەقىقي-مەۋھۈملىكىدە ئۆزگىرىش بۇلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش.
(3-4) يۇرۇق –تۇتۇق كىسىشىش سىزىقلىرىنى سىزغاندا ،جىسىمنىڭ ئەڭ ھەقىقي يىرىدىن باشلاش
(4-4)ساپ قىسمىنى ئىنچىكىلىك بىلەن سىزىش ،ئۇنىڭ كۈنگەي ۋە تەسكەي ئورۇنلىرىغا دىققەت قىلىش
تامام.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداش، باچكا سالونى مەخسۇس رەسساملىق، فوتو-گىرافلىق، تەكشىلىكتە لاھىيەلەش تۈرىنى تۇتقان ئۆزىگە خاس مەخسۇس سالون، ئەگەر سەنئەتنىڭ بۇ ساھەسىگە قىززىقسىڭىز، بۇ جەھەتتە ئەڭ يېڭى مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بۇلاي دېسىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئەسەرلىرىنى پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇپ كاتتا مۇكاپاتلارغا ۋە كەسپى باھالىغۇچىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز باچكامنى قوشۇۋېلىڭ.ئىزدەش نومۇرى:Baqkam باچكام سىزنىڭ مەنىۋى ھاياتىڭىزغا رەڭدارلىق قوشقىسى.
|
|
|
|
|
|