ئامېرىكىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ئون شەھىرى
گەرچە ئامېرىكىنىڭ پۈتكۈل جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن ئامېرىكا شەھەرلىرىنىڭ ئامانلىق مەسىلىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، باسقۇنچىلىق قاتارلىق زوراۋانلىق دېلولىرىنىڭ سانى پۈتكۈل ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن كۆپ يۇقىرى. «ۋول كوچىسى گېزىتى» فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، ئامېرىكىدىكى ئەڭ خەتەرلىك 10 شەھەرنى تىزىپ چىقتى.
بىرىنچىسى: مىچىگان ئىشتاتى دېترويت شەھىرى
ھەر 100 مىڭ ئادەمدە زوراۋانلىق جىنايىتى سادىر قىلىش سانى: 2072 قېتىم
نوپۇسى: 699 مىڭ 889
2013-يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى سانى: 316 قېتىم
نامراتلىق نىسبىتى: %40.7
تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە قورامىغا يەتكەنلەر نىسبىتى:%78.6
ئىككىنچىسى: كالفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئوكلاند شەھىرى
ھەر 100 مىڭ ئادەمدە زوراۋانلىق جىنايىتى سادىر قىلىش سانى: 1977 قېتىم
نوپۇسى: 403 مىڭ 887
2013-يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى سانى: 90 قېتىم
نامراتلىق نىسبىتى: %19.5
تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە قورامىغا يەتكەنلەر نىسبىتى:%80.9
ئۈچىنچىسى: تېننېسسى ئىشتاتى مېمفىس شەھىرى
ھەر 100 مىڭ ئادەمدە زوراۋانلىق جىنايىتى سادىر قىلىش سانى: 1656 قېتىم
نوپۇسى: 657 مىڭ 691
2013-يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى سانى: 124 قېتىم
نامراتلىق نىسبىتى: %27.7
تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە قۇرامىغا يەتكەنلەر نىسبىتى:%82.5
تۆتىنچىسى: مىسسۇرى ئىشتاتى سائىنت لۇئىس
ھەر 100 مىڭ ئادەمدە زوراۋانلىق جىنايىتى سادىر قىلىش سانى: 1594 قېتىم
نوپۇسى: 318 مىڭ 563
2013-يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى سانى: 120 قېتىم
نامراتلىق نىسبىتى: %26.6
تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە قۇرامىغا يەتكەنلەر نىسبىتى:%83.3
بەشىنچىسى: ئوخېئو ئىشتاتى كلېۋېلاند شەھىرى
ھەر 100 مىڭ ئادەمدە زوراۋانلىق جىنايىتى سادىر قىلىش سانى: 1478 قېتىم
نوپۇسى: 389 مىڭ 181
2013-يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى سانى: 55 قېتىم
نامراتلىق نىسبىتى: %36.9
تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە قورامىغا يەتكەنلەر نىسبىتى:%78.2
ئالتىنچىسى: ئاركانزاس ئىشتاتى كىچىك تاش شەھىرى
ھەر 100 مىڭ ئادەمدە زوراۋانلىق جىنايىتى سادىر قىلىش سانى: 1407 قېتىم
نوپۇسى: 197 مىڭ 399
2013-يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى سانى: 35 قېتىم
نامراتلىق نىسبىتى: %18.7
تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە قورامىغا يەتكەنلەر نىسبىتى:%89.9
يەتتىنچىسى: مارىلاند ئىشتاتى بالتىمور شەھىرى
ھەر 100 مىڭ ئادەمدە زوراۋانلىق جىنايىتى سادىر قىلىش سانى: 1401 قېتىم
نوپۇسى: 622 مىڭ 671
2013-يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى سانى: 233 قېتىم
نامراتلىق نىسبىتى: %23.3
تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە قورامىغا يەتكەنلەر نىسبىتى:%81.8
سەككىزىنچىسى: ئىللىنوئىس ئىشتاتى روكفورد شەھىرى
ھەر 100 مىڭ ئادەمدە زوراۋانلىق جىنايىتى سادىر قىلىشسانى: 1375 قېتىم
نوپۇسى: 150 مىڭ 209
2013-يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى سانى: 19 قېتىم
نامراتلىق نىسبىتى: %23.2
تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە قورامىغا يەتكەنلەر نىسبىتى:%83.6
توققۇزىنچىسى: ۋىسكونسىن ئىشتاتى مىلۋاۋكې شەھىرى
ھەر 100 مىڭ ئادەمدە زوراۋانلىق جىنايىتى سادىر قىلىش سانى: 1364 قېتىم
نوپۇسى: 600 مىڭ 805
2013-يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى سانى: 104 قېتىم
نامراتلىق نىسبىتى: %29.0
تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە قۇرامىغا يەتكەنلەر نىسبىتى:%81.8
ئونىنچىسى: ئالاباما ئىشتاتى بېرمىنھام شەھىرى
ھەر 100 مىڭ ئادەمدە زوراۋانلىق جىنايىتى سادىر قىلىش سانى: 1345 قېتىم
نوپۇسى: 212001
2013-يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى سانى: 63 قېتىم
نامراتلىق نىسبىتى: %30.7
تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە قورامىغا يەتكەنلەر نىسبىتى: %84
ۋول كوچىسى گېزىتى تورىدىن ئوكيان تورى تەرجىمە قىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-4 11:54 AM