|
|
|
|
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛ ئۈرۇمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى كەچ سائەت 30؛5 دە ، 2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئون تۆتىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى ئۆزمەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا، بىيجىڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىقا 9 سىكىنۇت قالغاندا بىيجىڭ كوماندىسى شىنجاڭ كوماندىسىدىن بىر نۇمۇر ئارقىدا قالدى، مابۇرى پاس بىرىش جەريانىدا توپنى شىنجاڭ كوماندىسى ئەزالىرى تارتىۋالدى. بىيجىڭ كوماندىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ھۇجۇمىنى تارمار قىلىنىپ، ئاخىرى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى كوماندىسى 109-108 نەتىجە بىلەن بىيجىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بىيجىڭ كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بۇلدى. مابۇرى ئۆزىنىڭ بۇ پەسىلدىكى ئەڭ يۇقۇرى نۇمۇر ئىلىش رىكوتىنى يارىتىپ 46 نومۇر، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە چۇڭ كولەملىك دوقۇنۇش يۈز بىرىپ مۇسابىقە 20 مىنۇت ئۈزۇلۇپ قالدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى ئاندىرى بىراچ 43 نومۇر، 15 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 3 قېتىم توپ تارىتىۋالدى؛ جۇ چى 18 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 1قىتىم قالپاق كىيگۈزدى؛ قىرانبېك ماقان 16 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇۋىي 11 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ئىستىفان 8 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ شىرئەلىجان 8 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 12-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى داۋاملىق ئۆز مەيدانىدا جىلىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
|
|
|
|
|
|