|
|
|
|
سىنىپتا مەنلا تېلفۇن ئالمىغان ئوخشايمە، چۈنكى مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغۇم باتى ،بىراق ھەممىسى تېلفۇن ئوينىسا مېنىڭمۇ ئوينىغۇم كېلىدۇ دە، مەن بۇ گەپنى دادامغا دېسەم ؛-
-سېنىڭ ھازىر تېلفۇن ئوينايدىغان ۋاقتىڭ ئەمەس. ھازىر ئۆگىنىش قىلىدىغان ۋاختىڭ تېلاۇن رادىئاتسىيسسى سەندەك كىچىك بالىلارغا زىيان قىلىدۇ، دېدى بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولغان بولسىمۇ ، زىيان قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ۋاز كەچتىم . ئەتىسى مەكتەپكە بېرىپلا پارتىدىشىمنىڭ ئالما تېلفۇن ئالغانلىقىنى كۆرۈپ يەنە قىزىقىشىم پەيدا بولدى. ئۇنىڭدىن سورىدىم:-
-قانچە پۇلغا ئالدىڭ؟>
-250كوي> دېدى پارتىدىشىم كۆزگە ئىلمىغان قىياپەتتە.
خەپ مەنمۇ 5كۈن ئىشلەپ ساڭا كۆز-كۆز قىلىۋالمىسام دېدىم ئىچىمدە.
ئەتىسىدىن باشلاپ بوش ۋاقتىم بولسىلا، ئىشلەپ پۇل تاپتىم .قان تەر بەدىلىمگە كەلگەن، 200كوي. پۇل تاپماق نېمدىگەن تەس ، مەن بۇ پۇلنى بازارغا ئېلىپ كىرىپ، كۆزۈمگە يارىغان تېلفۇندىن بىرنى سېتىۋالدىم .سىنىپقا ئېلىپ كىرىپ، ساۋاقداشلىرىمغا بىر قۇر كۆرسىتىۋالغاندىن كىيىن، جايىمغا كېلىپ تېلفۇن ئويناشنى باشلىۋەتتىم.
ماتىماتىكا دەرسىدە ھەممە بالىلار ئويناپ ئولتۇرغاچقا، مەنمۇ ئويناپ ئولتۇرۇپتىمەن.
دەرستىن چۈشكەندە مۇئەللىم ئىشخانىسىغا چاقىرتىپتۇ. تېلفۇن ئويناپ ئولتۇرغاچ نېمە دەرس ئۆتكىنىنىمۇ بىلمەپتىمەن. مۇئەللىم:-
-سېنى خېلى ياخشى بالا دەپ ئويلىسام...سەنمۇ شۇلار قاتارىدا دەپ مەندىن ئۈمۈدسىزلەندى.
مۇئەللىم خېلى ۋاقىتقىچە تەربىيە ئىشلىگەندىن كىيىن :-
-ساڭا بۇ تېلفۇننى كىم ئەپبەردى؟دەپ سورىدى.
مەن يالغان گەپ قىلىپ <<دادام >>دېدىم. مۇئەللىم ئارتۇقچە گەپ قىلماي قايتىشىمنى بۇيرۇدى.
تېلفۇن ئويناپ ئولتۇرۇپ، قانداق كەچ بولغانلىقىنىمۇ بىلمەي تېلفۇن ئويناپ كېتىپتىمەن.
دۇستۇمنىڭ:-
ئۆيگە ماڭايلى >دېگەن گېپىدىن ئېسىمنى بىلسەم ناھايىتى بەك كەچ بولۇپ كېتىپتۇ.
ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. دادام ماڭا قاراپلا، چىرايىمدىن قورقۇش ئالاماتىنى بىلپ قالدى بولغاي ،يانچۇقلىرىمنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى- دە يانفۇننى تېپىۋالدى،ۋە
قىلغان گەپلىرىم يادىڭدا تۇرمىدىما؟پۇلنى نەدىن تاپتىڭ؟ دەپ ئاچچىقلاپ كەتتى
مەن تىرنىقىمنى تاتىلاپ يەرگە قاراپ تۇرۇپ <ئىشلەپ تاپتىم> دېىدىم.
دادام تېلفۇننى قولىغا ئېلىپ ئەتىلا بازارغا ئەپ چىقىپ سېتىۋەت دېدى دە ئاچچىقلاپ چىقىپ كەتتى
مەن كېچىچە ئويلىنىپ تېلفۇن دېگەن نەرسىنىڭ پەقەتلا پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ ئەتىسىلا ئېلىپ
چىقىپ سېتىۋەتتىم تاس قالدى 100كويغا ئالمىغىلى
مۇنبەردە دادىلار باردۇ بالىڭىزنىڭ تېلفۇن ئېلىشىنى قەتئى چەكلەڭ ئېلىپ بەرمەڭ زىياندىن باشقا ھېچنەرسە يوق
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-4 03:37 PM
|
|
|
|
|
|