مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 430|ئىنكاس: 2

يۇقۇملاندى روھىم بىر خىل ۋىروستىن . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4409
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 09:41:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقۇملاندى روھىم بىر خىل ۋىروستىن


ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ



مۇھەببەت مەنزىلى بارسا كەلمەس يول ،


يۈرەكلەر ياشنايدۇ ئەسلى بەزمىدىن .

نەپ ئۈچۈن ھەر يەردە بولىمەن چۇل - چۇل ،

نام - مەنسەپ ئىشقىدا مەجنۇن ھەممىدىن .



ئاقىللار نەسھىتى - ئاخماق خىسلىتى ،

ئاتىلار ھېكمىتى - ۋاختى ئۆتكەن مال .

غەيۋەتلەر ، تۆھمەتلەر  ئاقىللىق يولى ،

ياخشىلار يولىنى قىلىمەن قامال .



ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ ھەقىقەت نېمە ؟

چىشىنىڭ بارىدا گۆش يىگەن نوچى .                 

دۇنيا دەپ ئۆزۈمنى دەيمەن پەرىشتە ،

گاھ ئىتمەن ، گاھ رەققاس ، گاھى يولۇچى .



زەر قەسىر ئىچىدە ئۈزۈلمەس كۈيۈم  ،

دۇنيا دەپ ، مەئىشەت سۈرگىنى دەل - مەن .

پۇلدارمەن بولماقتا ھەركۈنى تويۇم ،

ھەممىنى سورۇيمەن كۈلگىنى دەل - مەن .



مەسىتلىكتىن ، نەسلىكتىن تاپىمەن ئارام ،

ئەسلىمنى ، ۋەسلىمنى ئۆلچەپ زەر بىلەن .

قېرىنداش ، دوسىتلاردىن ياتلىشىپ تامام ،

پەسلىكتە ، خەسلىكتە ئېگىز  ئۇچىمەن .




ئاق - قارا ... بارچىنى قىلىپ مالىمان ،

يۆلەيمەن كۈچۈمگە - كۈچ قاتسا قايسى .

ئاجىزنى - يىتىمنى قاخشىتىپ ھامان ،

تويمايمەن ، تويمايمەن بۇلاپ رىسقىنى .




نازىنىن سەتەڭلەر پەرۋانە ماڭا  ،

تۈمەن خىل سوۋغاتلار ئىلكىدە شاتمەن .

تۇققۇنۇم نائىلاج سەرسان كوچىدا ،

تىرىكلىك ئىپىدە  بەندىمەن پاكمەن .



قىزىمنىڭ ئىشىدا زەرگە كۆمۈلدۇم ،

تالاينى يىغلىتىپ باردىم مەككىگە .

ئوغلۇمنىڭ كويىدا تەرگە چۈمۈلدۈم .

ۋەز - دۇئا سىھرىدە كۆيدۈم بىر ھەپتە .



قانمىدىم پۇل -دۇنيا ، ئەمەل - مەنسەپكە ،

ئۆرلىدىم توختىماي شوتىدۇر  يارىم  .

قانمىدىم تېخىچە ھەرخىل ھەۋەسكە ،

بېسىقماس ھېچقاچان نەپكە خۇمارىم .




ئويلايمەن ، تويمايمەن جاھان رەپتىگە ،

ئۆزگە ھېچ غېمىم يوق بىر مەن كۈلۈشتىن .

ياشايمەن ئۆزۈمنىڭ ئامەت - بەختىگە ،

يۇقۇملاندى روھىم بىر خىل ۋىروستىن  .




مەنبە ؛ ئىجادىيىتىم



ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  

چ چ  ؛  2536190268  .   يانفۇن  ؛ 15699088894

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109780
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 241
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2014-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 10:57:31 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز.....شۇنداق ئىنسانلارغا ئوبدان قامچا بوپتۇ يازمىڭىز....ئىسىل ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.....رەھمەت.

ئ








ئۆز غايىسى ئۈچۈن تىرىشمىغانلارباشقىلارنىڭ غايىسگە يىتىش يۇلىدىكى شوتا بولۇپ قالىدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 841
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3550
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 03:17:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت  مەنزىلى بارسا كەلمەس يول ، دېگەن مىسىرالارنى بەكمۇ ياختۇرىدۇم ،
غەيرەت قىلىڭ ، ياخشى چىقىپتۇ !  

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش