مەن سۆيگەن قىز تۇرماقتا كۈلۈپ
كەچۈرگىن
مەن سۆيگەن قىز تۇرىدۇ كۈلۈپ ،
چىرايىدىن نۇرلار تۆكۈلۈپ .
ئۆزگە يىگىت تۇرار يىنىدا ،
تۇرماقتىمەن چەتتە ئۆكۈنۈپ .
مەن بارساملا كىتەتتى مۇزلاپ ،
ئۈلگۈرەتتى يۈزى تۈرۈلۈپ .
بۈگۈن قايدىن كەلگەن خوشاللىق ،
توختاتمىدى ئۇنى كۈلدۈرۈپ .
ئۆزگە يىگىت قىززىقچىمۇ يا ،
ياكى كۈڭلى كەتتى بۆلۈنۈپ .
ياكى بىزنىڭ قەلىپ يىپىمىز ،
ئىككى بولۇپ كەتتى ئۈزۈلۈپ .
ماڭىمۇ ھەم كۈلگەن نازنىنلار ،
كۆز ئوينۇتۇپ ياكى سۈزۈلۈپ .
ئىرادەممۇ ئىگىلگەن بىر ئاز ،
لىكىن يەنە كەتكەن تۈزۈلۈپ .
بەكمۇ گۈزەل مەن سۆيگەن ئۇ قىز ،
كىرپىكلىرى تۇرار تۆكۈلۈپ .
كۈلىۋەرمەي تۇرسىچۇ بىردەم ،
ئىچى -باغىرىم كەتتى ئۆرتۈنۈپ .
چۈشەنگۈسى بولسا قەلبىمى ،
چۈشەندۈرەي ھەتتا يۆكۈنۈپ .
چۈشەنگۈسى يوق چىراي ئەمما ،
ھامان بىر كۈن قالار چۈشۈنۈپ .
ئىشەنگەنتىم ئۇنىڭغا تاغدەك ،
ئارزۇلۇرۇم كەتتى ئۆرۈلۈپ .
قانداق قىلاي يىغلىماي ئەمدى ،
سۆيگەن يارىم كەتسە يۈز ئۆرۈپ.
بىر ئوت بارتى يۈرەكتە ئۆچمەس ،
لىكىن قەستەن قويدى ئۆچۈرۈپ.
كۈلگەنلىرى قۇرۇسۇن ئۇنىڭ ،
ئۆزى كۈلۈپ مىنى ئۆلتۈرۈپ .
ئىمتاھاندىن ئۆتەتتىم بىر چاغ ،
يازالمىسام خەقتىن كۆچۈرۈپ .
بۇ سىناقتىن ئۆتەلمىدىم ھىچ ،
باقساممۇ گەر شۇنچە كۈچۈنۈپ .
ئازاپ -دەرتلەر قىلچە كىچىكمەي ،
نەق مەيدانغا كەلدى ئۈلگۈرۈپ .
يۈرۈكۈممۇ ئاغىردى شۇنچە ،
ئەلەم پىچاق بولۇپ سۈكۈلۈپ .
بىرلا خىلدا ئۆتمەيدۇ كۈنلەر ،
قالمىغىيدى قەدىرىم ئۆتۈلۈپ .
قەدىرىم بىلىپ يىغلىغا ئەگەر ،
قالمىغىيدى ئۈنى پۈتۈلۈپ .
ئورۇنۇمدىن تۇردۇم ئاخىرى ،
كەتتىم ئۇندىن يىراق سۈرۈلۈپ .
نە قىلاتتىم شۇنداق قىلمىسام ،
كۈڭۈل گۈلۈم كەتسە چۆرۈلۈپ .
ئەسكەرتىش:مەن بۇ شىئىرنى ناھايتى مۇرەككەپ
ئىچكى ھىسىيات ئىچىدە يازغان .كۆپچۈلىكنىڭ كۆپۈرەك
تەكلىپ -پىكىر بىرىشىنى سورايمەن ...