70 يىلدىن كېيىندۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر
ليۇ جۇڭيى
(ئەنۋەر خالىق تەرجىمىسى)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ o9 N1 O2 x. k$ K
ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئايال ئەركىنلىك ئىلاھەسىنىڭ ھەيكىلى مۇبادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە سۇغا چۆكۈپ كەتسە، ئۇنداقتا بۇ مەنزىرە كىشىنى نەقەدەر چۆچۈتىۋېتەر – ھە؟ 70 يىلدىن كېيىن ئەڭ ئامەتلىك بىر دۆلەتتىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى (غەرب ئەللىرىنىڭ دەل سانائەت ئىنقىلابىدا تۇرۋاتقان مەزگىلى)دىكى سەۋىيەگە قايتىپ بارارمۇ؟ دۇنيا نوپۇسى ھازىرقىنىڭ يېرىمىغا چۈشۈپ قالارمۇ؟ ئىنسانىيەتنىڭ ئىككى يېرىم ئەسىردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىياتى يوققا چىقارمۇ؟
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ پەرەزلەر يەر شارى ئىلمى ئۇستازى جامېس پوۋېل يازغان دۇنيانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 70 يىللىق تەرەققىياتى توغرىسىدىكى پەرەزلەرئوتتۇرىغا قويۇلغان «2084: يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى توغرىسىدىكى ئاغزاكى بايانلار تارىخى» دېگەن كىتابىدىن ئېلىنغان.
پوۋېل كىتابىدا بىز ياشاۋاتقان بۇ يەر شارى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان سۈرئەت بىلەن ئىللىپ، ئىنسانىيەت ماسلىشالمىغۇدەك دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. بۇ خىل يېڭى ۋەزىيەت دۇنيا خاسلىقىنىڭ قالايمىقانلىشىشى ۋە ئۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ كەسكىنلىشىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 z. ^; ]/ c5 M5 Q5 V5 f0 } U% l
سىياسىي ئىقتىسادىي ھەرىكەتلەر پۈتۈنلەي پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ
كىتابتا شىمالىي، جەنۇبىي قۇتۇپتىكى ۋە ئېگىز تاغ چوققىلىرىدىكى قار –مۇزلارنىڭ ئېرىپ، دېڭىز، دەريا ۋە كۆللەرگە قۇيۇلۇش تۈپەيلى دېڭىز يۈزى تەكشىلىكىنىڭ ئۆرلەپ كېتىۋاتقانلىقى؛ يەرشارى يۈزىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ كۆپىيىشى قۇرۇقلۇققا كېڭىيىپ،دېڭىز – دەريا بويىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى ۋە سىياسىي، سانائەت، سودا مەركەزلىرىنى سۇ بېسىپ كېتىۋاتقانلىقى؛ بۇ جايلارنىڭ سۇ بېسىپ كېتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي زىياننى تەسەۋۋۇر قىلىش ئانچە تەس ئەمەسلىكى، كىشىلەرنىڭ ھازىرقى دېڭىز بويى، دەريا بويىدىكى رايونلاردىن ئىچكى قۇرۇقلۇق ۋە ئېگىزلىكتىكى جايلارغا قاراپ كۆچۈشكە باشلايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇزاققا بارماي يېزا ئىگىلىكىدە ئېتىزلارنى سۇ بېسىپ كېتىش ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرا تەسىرى، قورغاقچىلىق، ھۆلچىلىك ئاپەتلى تۈپەيلى پۈتكۈل يەر شارى خاراكتېرلىك ئاشلىق كىرىزىسى ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال 3- دۇنيا ئەللىرىدىكى ئەسلىدىنلا خەلقىنى بېقىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايۋاتقان دۆلەتلەردىن باشلىنىپ، تەدرىجىي ئوتتۇراھال تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كېڭىيىدۇ، ئاخىرىدا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرمۇ ئاشلىقتىن بولىۋاتقان بېسىمنى ھېس قىلىپ، ئارانلا ئۆزىنى قامداشقا مەجبۇر بولىدۇ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، شارائىتى ناچار دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مۇھىت تازىلىقى ئەھۋالىمۇ زور دەرىجىدەناچارلىشىدۇ. كېسەل تارقىلىپ، ئاھالىلەر كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا، ئىنسانلار بارغانسېرى ئازلاپ كېتىۋاتقان ئاشلىق، ئىچىملىك سۇ، ئىسسىق ۋە سوغۇقتىن پاناھلىنىش شارائىتلىرى ئۈستىدە قاتتىق ئەندىشىدە قالىدۇ، بۇ ئەھۋاللار ئەسلىدىنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان قالايمىقانچىلىقنى تېزلىتىدۇ ۋە كەسكىنلەشتۈرىۋېتىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; g) @/ V u/ Q& E. jئامېرىكا پۈتۈنلەي باشقىچە تۈس ئالىدۇ
كىتابتا ئامېرىكىنىڭ دېڭىز بويىدىكى بىر قانچە چوڭ شەھەرلىرى ناھايىتى تەپسىلىي تەسۋىرلەنگەن. مەسىلەن، نيۇيورك شەھىرىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز يۈزىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە ئۇدا بوران – چاپقۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ دېڭىز سۈيىگە چۆكۈپ بارىدىغانلىقى؛ توپ – توپ بىنالار يىراقتىن يەنىلا كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، لېكىن يەريۈزىدە ئۇزاق مۇددەت سۇغا چىلىشىپ تۇرىدىغانلىقى؛ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى قاتنىشىنىڭ بولماسلىقى، يەر ئاستى چىقىرىۋېتىش سېستىمىسىنىڭ توختاپ كېتىشى تۈپەيلىدىن، ھەرقانداق بىر شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشىگە مۇمكىن بولمايدىغانلىقى، ھەتتا تۇنجۇقۇپ قالىدىغانلىقى؛ فلورىدا ئىشتاتى دېڭىز ساھىلىنىڭ بەش ئېنگلىز چىسى كېلىدىغان دېڭىز سۈيىگە چۆكۈپ كېتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يۇقىرى تېمپىراتۇرا ۋە قۇرۇقلۇقنىڭ چۆكۈشى كىشىلەرنى شىمالغا ياكى كاناداغا كۆچۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ. بۇ خىل كۆچۈش پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ، كەڭخەلقنىڭ تۇرمۇشىدا تۈگىمەس خاتىرجەمسىزلىك، ۋە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ئوڭغا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ، ھەتتا فاشىست (Ameicafirst )پارتىيەسى ۋۇجۇدقا كېلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى دېموراتىك تۈزۈمى بارا – بارا تەۋرىنىپ قالىدۇ.ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دېموكراتلار پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى تەدرىجىي بىرلاپارتىيە مۇستەقىل ئىدارە قىلىشقا ئۆزگىرىدۇ. مۇشۇ سىياسىي پارتىيەنى ھىمايە قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ئۇسۇل ئارقىلىقلا ئەڭ چېكىگە يەتكەن قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان جەمئىيەتنى قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ، دېگەن تۇنۇشقا كېلىدۇ.
ئامېرىكا چىگراسى ئىچىدىكى پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجى نەزەرگە ئېلىنغان ئاساستا دۆلەت ئىچىدە كۆچمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا دائىر قاتتىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلىدۇ. چەت ئەللىكلەرنىڭ ئامېرىكىغا كۆچمەنلەرنى يۆتكىشى قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ، جەنۇبىي چىگرا ۋە ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز بويلىرى قاتتىق توسۇلۇپ، جەنۇبتا مېكسىكا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كۆپلىگەن مۇساپىرلارنىڭ ئامېرىكا چىگراسىغا ئوغرىلىقچە كىرىشى بارلىق ئاماللار بىلەن توسۇلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا چىگراسى ئىچىدە ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بارلىققا كەلگەن كۆپلىگەن مۇساپىرلار كانادا تەرەپكە قاراپ ئاستا – ئاستا قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز تۈردە يۆتكىلىپ، ئامېرىكا ۋە كانادا خەلقلىرى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا تالاش – تارتىش كېلىپ چىقىپ، ئاخىر 2045-يىلىغا بارغاندا ئامېرىكا –كانادا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتىلايدۇ. ھەربىي كۈچ جەھەتتە كانادادىن كۆپ ئۈستۈنتۇرىدىغان ئامېرىكا تەرەپ شىمالغا قوشۇن تارتىپ، پۈتۈن كانادانى تېزلا بېسىۋالىدۇ. كانادا تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلايدۇ – دە، ئامېرىكا كانادانى يۇتۇۋېتىدۇ.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كانادا ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئىشتاتلىرىغا ئايلىنىدۇ. كۆپلىگەن ئامېرىكا ئاھالىلىرى شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىغا، يەنى كانادا رايونىغا تېخىمۇ كۆپلەپ يۆتكىلىدۇ.
(«تەرمىلەر»ژورنىلىدىنئېلىندى)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ L `+ j9 n0 T u) N, b8 A/ u بۇ يازمىنى ئاخىرىدا okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-3 09:47 AM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- ~" q% l* F |: G3 I% _% Q
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 [9 Q: B o; E8 |% b8 u