مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4099|ئىنكاس: 80

تېلفۇندىن تۇغۇلغان ھېسلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110780
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2599
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2014-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 09:27:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                      تېلفۇندىن تۇغۇلغان ھېسلار
    ئىككى كۈن ئىلگىرى ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىمىز بىزدىن :"ئەگەر مەكتەپتىن بىر تۇتاش ھەممىڭلارنىڭ تېلفۇنىنى بىر ھەپتە مۇسادىر قىلىۋالسا قانداق قىلىسىلەر؟ھازىرقى سىلەرگە نىسبەتەن، بۇ بىر ھەپتىنى تېلفۇنسىز ئۆتكۈزۈش مۇمكىنمىدۇ؟؟؟" دەپ سۇئال سورىدى.
    ئىلگىرى مەنمۇ بۇ توغۇرلۇق بىر قانچە قېتىم ئويلۇنۇپ باققان بولساممۇ، ئەمما كۆڭلۈمدە:"  بىر ھەپتە دېگەن ناھايىتى يەتتە كۈنغۇ! يەتتە ئاي بولمىغاندىكىن، ۋاقىت تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ،  بەك چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ،ئۈندىدارىمنى ئېچىپ دوستلۇق چەمبىرىكىگە ( مېنىڭ بىر ھەپتە ئىشىم چىقىپ قالدى، ۋاقتىنچە تېلفۇن ئىشلىتەلمەيدىغان بولدۇم، مۇھىم ئىشى بارلار ، مىنى بىۋاستە ئىزدىسەڭلار بولىدۇ ) دەپ ئېلان چىقىرىپ قويساملا ئىش پۈتىدۇ" دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما بۇ قېتىم بۇ ئويۇمنى ئەمەلىيىتىمدە ئىسپاتلاپ بېقىش قارارىغا كەلدىم.

    ئەتىسى ئەتىگەندە، تېلفۇنۇمنى ئىشكاپقا تىقىپ قويۇپ دەرىسكە چىقتىم. دەرىس ۋاقتىدا بىر قانچە قېتىم ئىختىيارسىز قولۇمنى يانچۇقۇمغا تىقىپ تېلفۇنۇمنى ئىزدەپمۇ باقتىم. ئىلگىرى دەرىس ۋاقتىدا ئانچە-مۇنچە تېلفۇن ئويناپ قويىدىغان ئادىتىم بولغاچقا، مانا ئەمدى بىر ئاز زىرىكىشلىك ھېس قىلىۋاتىمەن.ئۆزۈمچە بۇ بىر ھەپتىدە دەرىسنى بەك ياخشى ئاڭلىۋېتىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغان ئىدىم.كىم بىلسۇن ، تېلفۇن بولسا ئاڭلىمىغان دەرىسنى، تېلفۇن بولمىسا تېخىمۇ ئاڭلىغۇم كەلمەيدىكەن.
    مانا يېرىم كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا تېلفۇنۇمنى سېغىنغىلى تۇردۇم. چۈشتە ياتاققا كىرىپ، تېلفۇنۇمنى ئالماقچى بولدۇم، ئەمما ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك تەخىر قىلالايدىغانلىقىمنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ، ئۆزۈمنى چىڭ تۇتىۋېلىپ باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولدۇم. ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، تېلفۇن بولمىسا ۋاقىت شۇنداق ئاستا ئۆتىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەن دەرىسلەر بىر-بىرىدىن مەنىسىز تۇيۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ. ھەممىدىن ئېچىنىشلىق بولغىنى كەچ ۋاقىتلىرى ئىدى. ئىلگىرى تېلفۇن ئويناپ 12:00 دىن بۇرۇن ئۇخلىمايتتىم. مانا ئەمدى ئوينايدىغانغا تېلفۇن يوق، شۇنداق ئىچىم پۇشۇپ كەتتى.
    مېنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار پىلانلىرىم ئىككىنچى كۈنى چۈشتىلا ئاياقلاشتى. ئلگىرى باشقا  دوستلىرىمغا قارىغاندا، ئۆزۈمنى تېلفۇننى ئۇنچە جىق ئويناپ كەتمەيمەن دەپ ھېس قىلاتتىم. مانا ئەمدى ئۆزەمنىڭ ئاللىبۇرۇن بۇ كىچىك تۆمۈرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ بولغانلىقىمنى چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمەن، ئۆزۈمگە ھەم ئېچىنىۋاتىمەن...
    توۋا دەيمەن! "ئەجىبا مېنىڭ بۇنىڭدىن باشقا قىلىدىغان ئىشىم يوقما؟ تېلفۇن مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىمما؟مەندىن ئۈچ-تۆت كۈنلۈك يىراقتىكى ئاتا-ئانامنى نەچچە ئايلاپ كۆرمەيمۇ ياشىيالايدىكەنمەن،ئەمما نېمە ئۈچۈن بۇ جانسىز نەرسىدىن نەچچە سائەت ئايرىلىپ قالغانغا،  خۇددى مۇھىم نەرسەمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك تىپىرلاپ كېتىمەن؟ زادى نېمە ئۈچۈن؟؟؟ ئىلگىرى كۈندە كۆرۈشمىسەم چىدىمايدىغان دوستلىرىم بىلەن، ھازىر ھەپتىلەپ، ھەتتا ئايلاپ ئىزدىشەلمەي قالساممۇ، تۇرمۇشۇمدا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ، ئەمما نېمە ئۈچۈن بىر يېرىم كۈن يېنىمدا بولمىغان بۇ تېلفۇن ئۈچۈن شۇنچە ئاھ ئۇرۇپ كېتىمەن؟؟زادى نېمە ئۈچۈن مۇشۇ ھالەتكە كېلىپ قالدىم؟؟؟ " .
    ئەلۋەتتە، بۇ يالغۇز مەندىكىلا مەسىلە ئەمەس، جەمئىيىتىمىزدە ماڭا ئوخشاش كىشىلەر نۇرغۇن. ئاندىرويىپ تېلفۇننىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشى بىلەن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا، ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشتى. ئەگەر مەن " ھازىرقى ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا يەتمىش ياشتىن يەتتە ياشقىچە كىشىلىرىمىز بۇ تېلفۇننى ئۇمۇميۈزلۈك ئىشلىتىش باسقۇچىغا  ئۆتتى " دېسەم قىلچە ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولمايدۇ. مەيلى ھازىر ھەرقانداق جاي، ھەر قانداق سورۇنغا بارماڭ، كىشىلەرنىڭ قولىدىن تېلفۇن چۈشمەيدۇ، ھەتتا يولدا مېڭىۋېتىپمۇ توختىماي ئۇچۇر يېزىپ ماڭىدىغانلار بار، ئائىلىلەردە بولسا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئۈلگە بولۇپ تېلفۇن ئوينايدۇ، ئەمما بالىلىرىغا قاندان تەسىر ئېلىپ كېلىدىغىنى بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر، تېلفۇنغا مۇئامىلە قىلغاندەك، تېلفۇنغا كۆيۈنگەندەك،    ئەتراپىدىكى ئىشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمايدۇ.
    بۇ ئىشلارنى دەپ كېلىۋېتىپ تۇيۇقسىز ئۆتكەن يىلى يازدىكى ساۋاقداشلار يىغىلىشى ئېسىمگە كېلىپ قالدى.مېنىڭچە بولغاندا، ئۇنى "ساۋاقداشلار يىغىلىشى "دېگەندىن كۆرە، "تېلفۇن كۆرگەزمىسى" دېسەك مۇۋاپىقراق بولاتتى. ساۋاقداشلىرىمنىڭ قولىدىكى تېلفۇن بىر-بىرىدىن ئېسىل. ھەتتا بەزىلىرىنىڭ قولىدا ئىككىدىن تېلفۇن بار ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ بىر يىل ئىچىدە قايسى ماركىلىق، قانچە دانە تېلفۇن ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە ماختىناتتى. ھېلىقى ئائىلە ئىقتىسادى ئانچە ياخشى بولمىغان ساۋاقداشلىرىم بولسا، بىر چەتتە ئۇلارغا ئىپادىسىز قاراپ ئولتۇراتتى . شۇنىڭ بىلەن ئەھمىيەتلىك بىر كۈن ، ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى .
     ئۇنداقتا قېنى سىز ئېيتىپ بېقىڭ، ئەجىبا تېلفۇن بىز ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىممۇ؟ تېلفۇننىڭ مېھرى، ھەتتا ئاتا-ئانا مېھرىدىن، دوستلۇق، ساۋاقداشلىق مېھرىدىن ئۈستۈن تۇرامدۇ؟ تېلفۇن بولمىسا بىز ھەقىقەتەن ياشىيالمامدۇق؟؟؟ ئەجىبا بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكۈدەك ئاقىلانە چارە يوقمۇ؟؟؟




ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
subihtikiqeqak + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1969
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 10:06:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تلىفۇن ھازىر بەك قولاي بىر سەۋەبى شۇ يەنە بىرى ئىلىم-پەنگىمۇ ئۇنچىۋالا مەپتۇن بولماس كىشى ئەگەر ئىلىم-پەنگە شۇندا مۇپتۇلا بولسا كىشى دۇنيا تەرەققىياتى  بەش يىلدىلا ئەللىك يىللىق پىلانغان يىتىدۇ جىما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 412
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 454 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 10:07:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنىشقا تىگىشلىك تىمىكەن  رەخمەت

بىز شۇنچىلىك ياسالما غورۇرلۇق بولۇپ كېتىپتۇق، كۆز ئالدىمىزدىكى ناھەقچىلىككە قاراپ تۇرىمىزيۇ باشقىلارنىڭ گېپىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان ئىشنىمۇ قىلالمايۋات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98555
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2013-10-8
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 10:19:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازلىق تەتىلدە 60كۈن تىلفۇن ئىشلەتمىگەن.نەتجىدە نۇرغۇن كىشلەر مەندىن ئايرىلدى،ھېلىلا 20كۈن ئىشلەتمىگەن ،يەنە مۇشۇنداق بولدى،بىراق مەن يەنلىلا مۇمۇشۇنداق قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن،تىلفۇن ئاستا -ئاستا ئەزرائىلغا ئايلانماقتا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5003
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1812 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 10:22:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر تېلىفۇن ئاتا-ئانا قىرىنداشلار بىلەن تەڭ تۇرغۇدەك يىقىن بولۇپ كەتتى .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

تەڭىرتاغ غونچىللىرى بىز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106846
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 397
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-5-17
ئاخىرقى: 2014-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 10:30:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېلفۇن ئىشلەتمەيمەنغۇ

ئىشقىلىپ تېلفۇن بىلەن ئېچىشىپ يۇرگەن ۋاقىتلار بىر خىل ماڭا مەنىسىز تۇيۇلىدۇ .
بەزىدە ئويلىنىپمۇ قالىمەن ھازىرقى  ئالما ، ئاندىرويىت،ۋىندوۋس، سىمبىيان تېلفۇننىلىرى  بولماي رەڭسىز نوكىيا بولغان بولسا كىشلىك تۇرمۇش ھەقىقى رەڭدار بۇلاتتى دەپ ئويلايمەن .
دۇنيا ئىلىكتىرون پەن تېخنىكا ساھەسىدە ئالما تېلفۇن چىقىپلا پۇتۇن تېلفۇن ساھەسىنى تەۋىرتىۋەتتى ۋە نەچچە يىللىق يەر شارى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرىۋەتتى  

چىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار كۆز قىسىشىپ ئۆزىچە،ئۇلار تۇننىڭ زىننىتى بوۋىلارنىڭ سۆزىچە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3142 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 10:34:28 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ يۇرتلاردا ئۈندىدار قاتارلىقلار چەكلەنگەچكە مېنىڭ تېلېفۇن ئىشلىتىش ۋاقتىم بەكلا ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىلىۋاتقان ئىشىم بەك كۆپ بولغاچقا ئالدىراش ۋاقتىمدا تىلىفۇن كەلسە بەك ئاچچىقىم كەپ كىتىدۇ، مۇشۇ تېلېفۇن بولمىسىمۇ بوپتىكەن دەپ كىتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110780
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2599
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2014-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 11:08:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alhumar137 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 10:06 AM
تلىفۇن ھازىر بەك قولاي بىر سەۋەبى شۇ يەنە بىرى ئىلىم-پە ...

تېلفۇننىڭ ئېزىقتۇرىشىغا تاقابىل تۇرۇش بىرقەدەر تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110780
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2599
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2014-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 11:09:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izlayman520 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 10:07 AM
ئويلىنىشقا تىگىشلىك تىمىكەن  رەخمەت

توغرا ھەربىرىمىز ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110780
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2599
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2014-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 11:10:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 10:22 AM
ھازىر تېلىفۇن ئاتا-ئانا قىرىنداشلار بىلەن تەڭ تۇرغۇدە ...

توغرا دەيسىز، تىلىمىزدا ئاتا-ئانا مۇھىم دەيمىزيۇ،ئەمما ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسەتمەيمىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش