مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9634|ئىنكاس: 109

كاككۇك سايرىغان چاغلار(رومان،1-قىسىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1426
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 09:02:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1.jpg.png


(ئىچكىر تولۇقنى باشتىن ئۆتكۈزگەن ۋە ئىچكىردىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردە جاپالىق شارائىت ئىچىدە  ئوقۇۋاتقان بارلىق قىرىداشلىرىمىزغا ، شۇنداقلا پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئوت بولۇپ كۆيىۋاتقان  بارلىق قەدىردان ئاتا ئانىلارغا بېغىشلاپ....)


        كاككۇكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغىلى قانچە يىللار بوپتۇ ، نەقەدەر سۈزۈك ،نەقەدەر يارقىن،نەقەدەر يىقىشلىق ئاۋاز ئىدى ھە!؟ ئەمدى قاچانلاردا يۈرەكلەرنى لەززىگە سالىدىغان بۇ سېھىرلىك  ئاۋازنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولارمەن؟  ئاھ كاككۇك ، ئاۋازىڭ يۇرتلاردا ، قەدىردانلىرىمىزنىڭ يىنىدا، شۇ يىراق ئەزىز ماكاندا  قاپتۇ.  مەن ئۈچۈن قايتا  سايراپ بېرىشكە  ھەم  ماڭا يىقىملىق كۈيلىرىڭ ئارقىلىق  يۇرت ۋە قەدىردانلارنىڭ سالامىنى يەتكۈزۈشكە  بۇ يەرگە كىلەرسەنمۇ !؟  نېمانچە سېغىندۇردىغانسەن ......
                                                          --- خاتىرەمدىن.







مۇقەددىمە



       كىچىك چېغىمدا ھويلىمىزدا بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخى بولدىغان ،بۇ ئۈجمە خىلى چوڭ بولۇپ ھويلا تېمىنىڭ تاشقىرى بۇلىڭىدا ئىدى. شاخلىرى خىلى بەك ئاينىغان بولغاچقا پىشايۋاندىن ئارتىلىپ خۇددى ئۆگزىگە چەللە ياپقاندەك ياي شەكلىدە ھويلا ئىچىگە ساڭگىلايتتى. قىش كۈنلىرى ئۈجمىنىڭ يۇپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ ،كۆرۈمسىز قاقشال دەرەخ بولۇپ قالغىنى بىلەن شاخلىرى تازا ئەس قاتاتتى. ئاپتاپ چىققان كۈنلىرى يوتقان كۆرپىلەرنى ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۈجمە شاخلىرىغا ئارتىپ ئاپتاپقا سالاتتۇق. گاھىدا ئانامنىڭ كىر يايدىغان ئەپلىك يايغۇچى بولاتتى.  تۇرۇپلا چوڭ-كىچىك، ھەرخىل-ھەرياڭزا كېيىملەر يېيىلىپ غەلىتە تۈسكە كىرىپ  قالغان ئۈجمە دەرىخىگە قاراپ ئاجايىپ خىياللارغا غەرىق بولاتتىم.
        باش باھار كىلىشى بىلەنلا ئۈجمە دەرىخى بارا بارا ياشىرىپ ،توڭ ئېرىگەن ۋاقىت بىلەن تەڭ بىخلاشقا باشلايتتى-دە ھويلىمىزغا باشقىچە ھۆسۈن قوشقاندىن سىرىت كاككۇكنى باشلاپ كېلەتتى. مېنىڭ ھەممىدىن بۇرۇن كۆكىرىپ،تىزلا مېۋىگە كىردىغان بۇ دەرەخقە باشقىچىلا مېھرىم بار ئېدى. بولۇپمۇ كاككۇك كېلىدىغان مەزگىللەردە قورسىقىم ئاچقان ۋە ئويۇن ئوينىغىلى چىققاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاساسەن ئۇنىڭ تۈۋىدىن نېرى بولمايتىم. بەزى كۈنلىرى  تاكى بىرەرسى چاقىرمىغۇچە شۇ يەردە ھاڭۋېقىپ ئولتۇرغىغىم ئولتۇرغان ئېدى.
           نەۋرۇزدىن كېيىن  مەھەللىمىز باشقىچە جانلىنىپ كېتەتتى. چوڭلار يېڭى ئاغدۇرۇلغان يەردە تېرىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرسە، بىز بالىلار بىر- بىرىمىزنى قوغلىشىپ. چۇرقۇرىشىپ،چۇررا تارتىپ، بەسلىشىپ ئاغدۇرۇلغان يەرلەرنىڭ ئۈستىدە موللاق ئاتاتتۇق. باش كۆزلىرىمىز لاي-توپا، كىيىملىرىمىزنىڭ مۇندەكلەرگە ئىلىنىپ بىر يىرتىق ئىككى بولۇپ ئەتلەك-كۆتلەڭ بولۇپ كېتىشى خىيالىمىزغا كىرىپ چىقمايتتى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئۈچۈن يەردە ئىشلەۋاتقان ئاتا–ئانىلار، چوڭلار گاھىدا بىزدىن نازارى بولغاندەك ئاچچىغلاپ قوياتتى. نېرى بېرىپ ئويناڭلار دەپ قوغلايتتى، بىراق بۇ بىردەملىكلا بولاتتى. بىزنىڭ ئوماق گەپ-سۆزلىرمىزدىن، ،كالامپاي قىلىقلىرمىزدىن كۈلۈشەتتى. تىخى بىزنى گەپكە سېلىپ ئەركىلتەتتى ،ھىلىمۇ ئېسىمدە ،باشقا چوڭلار مەندىن دائىم:
        -داداڭنىڭ ئېتى نېمە !؟-دەپ سورىسا، مەن :
        - دادامنىڭ ئېتى يوق، ئىشىكى بار-دەپ جاۋاپ بېرەتتىم. باشقلار بۇ سۆزۈمدىن قاقاقلاپ كۈلگەندە، مەن ۋە مىنىڭ دوستلىرىم گەپنىڭ مەنىسى چۈشەنمەيلا چوڭلارغا ئەگىشىپ كۈلەتتۇق. «تۆگىنىڭ مازار بىلەن كارى يوق» دەپ موللاق ئېتىشىپ، ياكى يۈگرەپ-پاتراقلاپ يۈرگىنىمىزدە، قايسىبىر ئاپاشنىڭ چۈشلۈك تاماق ئۈچۈن ئېتىزغا ئېلىپ چىقىپ قىر بېشىدا قويۇپ قويغان نان-توقاچلىرنى، گۈلە-قاقلىرىنى، قىيما سېلىپ تازا مەززىلىك پۇشۇرغان كۆمەچلىرىنى بىردەمدە بىر تەرەپ قىلىۋىتەتتۇق. تېخى ئىھتىياسىزلىقتىن چايداندىكى چايلىرىنى تۆكۈپ، چايدانلىرىنى چېقىپ قويغان چاغلىرىمىزمۇ بولغان. ئەلۋەتتە بۇنداق ئەھۋالدا بەدەر قاچاتتۇق. ئېگىسى نەرسىلىرىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغانلىقىنى بايقىغان چاغدا بىز ئاللىبۇرۇن كۆزدىن غايىپ بولۇپ باشقا ئاپاشلارنىڭ نېممەتلىرىگە ھۇجۇمنى باشلاپ بولغان بولاتتۇق. بىر قانچە قېتىم تۇتۇلۇپ قالغان چاغلىرىمىزمۇ بولغان، ئەمما تىل-ئاھانەت  بىز ئۈچۈن ھېچقانچە تۇيۇلمايتى. چۈنكى  كىچىكلىكتە ئويۇندىن باشقىسى يەنىلا ئويۇندە.
         تومۇزنىڭ چىڭقى چۈشلىرىدە چۆجىللىرىنى قانات ئاستىغا ئالغان توخۇلاردەك بىزنى ئۇخلىتىش ئۈچۈن قورۇقداپ ياتقان ئانىللىرىمىزنى ئۇخلىتىپ قويۇپ قېچىپ، نەرمۇ-نەر چۆرگىلەپ ئويناپ يۈرۈپ،  ئۇسساپ-چاڭقىغىنىمىزدا  ئېرىقتىكى سۈزۈك توختام سۇلارغا تۈكۈرۈپ بېقىپ ئىچىشلىرىمىز ھېلىمۇ ھازىرقىدەكلا ئېسىمدە. ئاۋال تۈكۈرۈپ بېقىشىمىز ئەلۋەتتە سۇنىڭ  پاكىز ياكى ئەمەسلىكنى تەكشۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئېدى. ئەگەر تۈكۈرۈك كۆپۈكچە بولۇپ لەيلىسە پاكىز ئەمەسكەن دەپ ئىچمەيتتۇق. ناۋادا تۈكۈرۈك تارقاپ سۇ تىزلا ئەسلى ھالىتىگە قايتسا، سۇنى پاكىز ئىكەن دەپ  دۈم يېتىپ ئاچكۆزلەرچە ئىچىشەتتۇق. ئۆزىمىز مەينەت قىلۋىتىپ ئىچكەن بۇ سۇلار ماڭا خۇددى ئابى زەم-زەمدەك شۇقەدەر لەززەتلىك بىلىنەتتى.
        -كاككۇك ...كاككۇك ...
         باھاردا ئەگىز بىلەن تەك كەلگەن كاككۇكلار كاكۇلدىشىپ مەھەللىگە باشقىچە كۈي بېغىشلايتتى. ئەنە ئاشۇ كاككۇكنىڭ ئاۋازىغا تولىمۇ ئامراق ئىدىم. ناھايتى ئەپسۇس، ئۈجمە پىشغىدا تازا سايراشقان كاككۇكلار ئۈجمە تۈگەپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا غايىپ بولاتتى ،ئورما ۋاقىتلىردا ئاندا-ساندا كاككۇك ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالمىساق ،يەنە ئاڭلاش ئۈچۈن پەقەت ۋە پەقەت كېلەركى باھارنى كۈتۈشكە توغرا كىلەتتى .
         ئەگەر  چوڭ بولماي كىچىك پېتى تۇرۋىرىش ئىمكانىيىتى بولغان بولسا مەڭگۈ شۇ پېتى تۇرۇشنى خالايتىم. ئەمما مەن ئارزۇيۇمنىڭ ئەكسىچە ناھايتى تىز چوڭ بولدۇم. مەكتەپكىمۇ كىردىم. ئەمما باشلانغۇچ چاغلاردىكى  تاتلىق ئەسلىمىلەردىن شۇڭغۇپ، تولۇقسىز ئوتتىرىغا قەدەم قويغان يىلى نېمە سەۋەبتىندۇر ھويلىمىزدىكى ئۈجمە دەرىخىنى كېسىۋەتتۇق .



1-قىسىم  




(1)



         6- ئاينىڭ 13-كۈنى ،سەھەر.
         ئۈچ كۈن  ئىلگىرى گۇاڭجۇدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققان ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس پويىزى تاڭ ئاتارغا يېقىن تۇرپان ۋوگزالىدىن ئۆتكەن بولۇپ ھازىر داۋانچىڭ رايۇنىدا ئۇچقاندەك كىتىۋاتاتتى. ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياشنىڭ يارقىن نۇرى پويىز دەرىزىسىدىن ۋال ۋۇل چاقناپ كۆزلەرنى چاقاتتى. بىزگە ناتونۇش بولمىغان قاتار-قاتار شامال چاقپىلەكلىرىنى بارا-بارا ئارقىدا قالدۇرۇپ جىدەللەپ ئالدىغا مېڭىۋاتقان  بۇ ئۇزۇن ساندۇقلار  تەخمىنەن يەنە بىرەر سائەتلەردىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كىرەتتى.
         ھاياجان  ئىلكىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۋېلىشقان ساۋاقداشلار ، گەرچە  كېچىدىن بېرى ئۇيانغا يامىشىپ، بۇيانغا ساڭگىلاپ تۈزۈك ئۇخلىيالماي يەتكۈچە قىينالغان بولسىمۇ ،ھازىر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ھەممىسى  شۇنچە روھلۇق بىر قىياپەتتە ئېدى. ئۇلار نېمىگىدۇر تىت-تىت بولۇشۇپ ئۇيان-بۇيانغا قىمىرلىشاتتى. بىر-بىرىگە قارىشىپ كۈلۈمسىرشەتتى، نېمىگىدۇر ئۇھسىنىشاتتى. كونىلار:«يول ئازابى گۆر ئازابى.» دەپ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتپتىكەن. دېمىسىمۇ ئۈچ كۈندىن بۇيان قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىرەر مىنۇت سىڭايان بولىۋېلىشغا ياكى بەخىرامان  پۇت سۇنىۋېلىشقىمۇ  ئېرىشەلمەي تازا قىينالغان ئاشۇ بىچارە  تەنلەرنىڭ بۇ دىمىق، سوكسوك ھارۋىدىن تىزرەك ئازاد بولۇپ ساپ ھاۋادىن قىنىپ-قىنىپ نەپەس ئېلىشقا ئالدىرشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى.
        قىياسىمچە بۇ ھاياجانلىق ھېسلار  پەقەت پويىزدىن تىزرەك چۈشۈش ئۈچۈنلا  ئەمەس،بەلكى ئۈرۈمچىدىكى زىياپەتكە تەقەززا بولىۋاتقانلىقتىنمۇ ئېدى. تېخى ئالدىنقى كۈنى كەچتىلا  بىر-بىرىگە  چىداشماي جۇدالىق ناخشىلىرىنى ئېيتىشىپ زار-زار يىغلاشقان بۇ قەدىناس ساۋاقداشلار شۇ تاپتا باشقىچە ھاياجان بىلەن تىتىك ئىدى. يولدا كەلگۈچە  سابىق سىنىپ باشلىقىمىزنىڭ پىكرى بىلەن ئۈرۈمچىگە بارغاندا  ئۈچ-تۆت كۈن قاتتىق ئويناپ، تۆت يىلدىن بۇيانقى جاپالىق ھەم قىرتاق ئىچكىرى تولۇق ھاياتىمىزغا خاتىمە بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلەش ۋە شۇ پۇرسەتتە ياخشىراق بىر ئايرىلىش چېيى ئۆتكۈزۋېلىپ ئاندىن ۋېدالىشىشقا  مەسلىھەت تۈزۈلگەن ئىدى. شۇ پىكىرلەر بىلەن  قۇمۇل ۋە تۇرپانىلق ساۋاقداشلارمۇ چۈشۈپ قالماي بىز بىلەن بىرگە كىتىۋاتاتتى. بەزى ساۋاقداشلىرىم  تېخى نېمە ئىشلارنى قىلىش، نېمىلەرنى يىيىش، نەلەرگە بىرىپ قانداق ئويناش توغرىسىدا پىلانلارنى تۈزۈشۈپ ، ھەتتا ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن  دەپتەرلىرگە يېزىشىپمۇ ئۈلگۈرۈشكەن  ئىدى. گەرچە ئايرىلىش ئالدىدا تۇرۋاتقان بولساقمۇ، مەن شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ چىرايىدىن  قىيماسلىق ئازابىنى ئەمەس، خۇشاللىق ئۇچقۇنلىرىنى كۆرىۋاتاتتىم.
     مۇشۇ بىرەر سائەتچىمۇ قالمىغان سەپەر ھەممەيلەننىڭ ئىچىنى سىقىۋاتقان بولغاچقا بىز ئورۇنلىرىمىزدا ئولتۇرالماي قېلۋاتاتتۇق. ئەمما:«ئېشەك ئۆلىۋاتسا بىر نېمىسى غېجەك تارتىپتۇ.»دېگەندەك بىز  جىدديلەشكەنسىرى قىزلار غېمىدە يوق خىرامان ئولتۇرۋېلىپ، قولىلىرىغا ئەينەك -تارغاقلىرنى ئېلىشىپ ئورۇن تاللىمايلا پەرداز قىلىشقا چۈشۈپ كەتكەنىدى. يەنە بەزىلەر دۈم يېتىپ ئورۇندۇق ئاستىلىردىن نېمىلەرنىدۇر ئىزدىمەكتە ،پويىز ئۇچقاندەك كىتىپ بارماقتا ،ئاخىرقى مەنزىلگە تېخىمۇ ئاز قالماقتا ئېدى...  
          ساۋاقداشلىرىمنىڭ شاد-خۇرام ھالىتىنىڭ ئەكسىچە مەن ھەر قانچە قىلپمۇ ئىچىلالمايۋاتاتتىم. ئارقىمۇ- ئارقا كەلگەن بۇ  دىشۋارچىلىقلار تۈپەيلى قەلبىمدىكى خۇشاللىق ھېسلىرىنىڭ ئورنىغا پۈتۈنلەي قايغۇ ئالماشقان بولۇپ، شۇ تاپتا ئىچ-ئىچىمدىن قاتتىق بىر پىغان ئۆرلىمەكتە ئېدى. گەرچە  بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان  ئوقوغۇچىغا نىسبەتەن  ئالىي مەكتەپ ئېمتاھانىنى تۈگەتكەن كۈن قۇش قەپەزدىن چىققادەكلا ئالەمشۇمۇل يەڭگىللەيدىغان كۈن بولسىمۇ، يەنە كېلىپ  بىزدەك تولۇق ئوتتىرا ھاياتىنى ئىچكىردە  خۇددى تۈرمىدەك جاپالىق ھەم زېرىكىشلىك  شارائىتتا ئۆتكۈزگەن، ياتاق ،سىنىپ ۋە ئاشىخانا ئوتتۇرسىدىكى مۇقىم لىنىيەدە توت يىل  ئىزىقماي قاتراپ تاپانلىرمىزنىڭ بىرقات تىرىسىنى ئاشۇ مۇساپىسى قىسقا، ۋاقتى ئۇزۇن  سىمۇنىت يوللارغا ئەسلىمە قالدۇرۇپ  بولدى دىگۈچە تويغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئازادلىققا چىقىپ قانغۇچە كۈلىدىغان پەيىت بولسىمۇ، ئەپسۇس تەقدىرنىڭ قاتتىق تەستىكى مېنى رەھىمسىزلىك بىلەن بۇ  خۇشاللىقتىن بەھىرمان بولۇشتىن مەھرۇم قىلغان ئېدى.ئەمەلىيەتتە مەن خېلى بۇرۇنلا باشلانغان قايغۇلۇق ھەم خېيالچان كۈنلىرىمنى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بىلەن تەڭ ئاخىرلاشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ھەممە كۆڭۈلسىزلىكنى بىراقلا چۆرۈپ تاشلاپ،ھەممىنى يىڭىدىن باشلىماقنى پېلانلىغان ئىدىم. ئەمما كۈتۈلمىگەندە پەلەكنىڭ چاقى  تەتۈر ئايلىنىپ، دەل موشۇنداق بىر خاسىيەتلىك كۈندە ئۆزۈم ئەڭ ئامراق، ھەم مىنى ھەر ۋاقىت  قوللاپ، ئوتۇمدا كۆيۈپ سۈيۈمدە ئاققان ئاشۇ مىھرى ئىللىق، جاپاكەش بوۋامنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى تاپشۇرىۋالغان ئېدىم.....
        باشقىلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈشنى خالىمىغىنىم ئۈچۈنلا ھەممىسى پويىزدىن چۈشۈشكە جددى تەييارلىق قىلىۋاتقان مۇشۇ پەيىتلەردە  مەن يەنىلا ئورنۇمدىن مىدىرلىماي دەرىزە سىرتىغا قاراپ  ئولتۇراتتىم. كاللام قۇپقۇرۇق ئېدى، ھازىر خىيالىمدا بىرەرسىنىڭ مەندىن گەپ سوراپ قالماسلىقىنىلا تىلەيتىم. تىز-تىز  مېڭىۋاتقان پويىز دېرىزىسىدىن قوش لىنىيە ياسالغان رىلىسنىڭ بالداقلىرغا قاراپ كۆزلىرىم يىتىشمەيۋاتاتتى...خيالچان ئولتۇراتتىم ،بىر قول يەڭگىل مۆرەمگە تەگدى.
         -راستىنلا قايتامسەن، ئاداش!؟ -بۇ دوستۇم ئايۇپ ئىدى. ئارىمىزدا پەقەت ئۇلا بۇ كۆڭۈلسىزلىكتىن ئانچە مۇنچە خەۋەردار ئىدى.
        قايتمىسام قانداق قىلاي؟!گەرچە بوۋامنىڭ يۈزىنى ئەڭ ئاخىرقى قىتىم كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان بولساممۇ، ئۇنىڭ يەتتە نەزىرسىگە بولسىمۇ ئۈلگۈرۈپ بېرىشنى ئۈمىد قىلاتتىم.   شۇنداق...ئىككى يىل ئىلگىرى تەتىل توشۇپ مەكتەپكە  قايتىپ كىلىش ئالدىدا بوۋام بىلەن خوشلاشقىنىم بوۋامنى ئەڭ ئاخىرقى قىتىم كۆرۈشۈم ئىدى. بىز ئىچكىرى تولۇق ئوقوغۇچىلىرى بىر يىلدا بىر قىتىم ئۆيگە قايتاتتۇق. تولۇق ئككىنى  پۈتتۈرۈپ ئۆيگە قايتىشتىن بۇرۇن بىر كۈنى كەچتە دوسىتلار بىلەن ۋاسكتبول ئوينغان ئىدۇق. بالا قازا كۆرۈلۈپ كەلمەس، پۇت-قولىنى ساڭگىلىتىپ دېگەندەك، كۈتمىگەندە بۇقېتىم ماڭا بالا كەلگەن ئېدى. شۇ قېتىمدا بىر دوستۇم بىلەن  سوقۇلۇپ كېتىپ قاتتىق يىقىلغاچقا سول پۇتۇمنى زادىلا ئالالمىدىم ،ئاغىرىق مىڭەمگە چىقتى ...... ئەسلىدە سول پاقالچىقىمنىڭ سۆڭىكى سۇنغان ئىكەن. شۇ سەۋەپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدىم. بىر ھەپتىدىن كىيىن ساۋاقداشلىرىم ئۆيگە قايتتى. بىراق مەن يەنىلا ئىچكىردە قېلپ قالدىم .قانداق قىلىمىز، بالاغا رىزا ، قازاغا سەبىر قىلماقلىق كىرەككەن. گەرچە ئۆينى، ئاتا-ئانامنى، گۈزەل يۇرتۇمنى ،ئۇرۇق -تۇغقانلىرىمنى ۋە دىدار كۆرۈشىشكە تەشنا بولۇپ يولۇمغا قاراپ تۇرغان ئاشۇ قان-قېرىنداش، دوسىت-بۇرادەرلىرىمنى  تولىمۇ سېغىنغان بولساممۇ ،لىكىن بۇ  كۈلپەتلەرگە چىشىمنى چىشلەپ سەۋىر قىلماي بولمىدى. مەن ئامالسىز بۇ ئىشنى ئۆيدىكلەردىن يوشۇرۇپ <مەكتەپتىن كۈچەيتىش سىنىپى ئېچىپ تەتىلدە ھەقسىز دەرىس تولۇقلاپ بەرمەكچىدى،پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي دىدىم،مەندىن ئەنسىرمەڭلار!> دېگەن ئىدىم. ئۇ چاغدا بوۋام گەرچە  تېلىفۇندا تىتىرەڭگۈ ئاۋازى بىلەن<بوپتۇ بالام ،ئىشقىلىپ ئۆزەڭنى قىيناپ قويما بالام ....>دەپ سىرتىدا چاندۇرمىىنى بىلەن مېنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەس ئىدى. دېمىسىمۇ راسىت، كىچىكىمدىن تارتىپ شۇ بىچارە بوۋامنىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان تۇرسام سېغىنمامتى ئەمىسە؟! ئەمەلىيەتتە بولسا مەنمۇ بوۋامغا ئۈگۈنۈپ قالغان ئىكەنمەن، شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا تولىمۇ ئامراق ئىدىم.لىكىن ئامالنىڭ يوقىدىن شۇ تەتىلدە ئۆيگە قايتالمىدىم ...
        تولۇق ئۈچكىمۇ چىقتۇق. كۈنلەر گاھ خۇرسىنىش ،گاھ تەمتىرەش ،گاھ تەلپۈنۈش ئىچىدە گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلارنى كۆڭۈلگە پۈتۈپ ئالدىراش ئۆتمەكتە ئىدى. ھەممە كىلەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا ھۇررانى باشلىۋەتكەن ئىدى. ھايىت-ھۇيىت دېگۈچە 6 –ئاي يېقىنلاشتى. دېمەك ئاشۇ بىز كۈتكەن ئازاد بولۇش كۈنى يېقىنلاپ قالغان ئىدى ...... 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ،ئىمتاھاننى تۈگەتتۇق ،...مانا بىز ئازاد بولدۇق ، بىزنى تۆت يىل چىرمىغان بۇ تۈرمىدىن ئىككى كۈن ئۆتسىلا قايتىدىغان بولدۇق. ئىككى يىلدىن بىرى بىرسى سىقىۋالغاندەكلا مىجىلغان قەلبىم ئىمتاھان تۈگۈشى بىلەن بىر ئاز يەڭگىللەپ قالدى. يۇرتنى قاتتىق سېغىنغان ئىدىم. گەرچە يولغا چىقىشقا ئىككى كۈنلا  قالغان بولسىمۇ، بىراق نېمىشقىدۇر خۇددى ھازىر يولغا چىقىدىغاندەكلا ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتاتتىم. شۇڭا ئىمتاھان مەيدانىدىن چىقىپلا ياتاققىمۇ كىرمەي ئۇدۇل ئاممىۋى تېلىغۇنغا يۈگۈردۈمدە ئۆيگە تېلىفۇن قىلدىم .  
        -ۋەي  
   تېلىفۇننى يات بىر ئايال ئالدى. ياق ياق ،ئۇ  مىنىڭ ئانام  ،توغرا ،دەل مىنىڭ ئانام. گەرچە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ باقمىغىنى خېلى ۇزۇن بولغان بولسىمۇ يۈرۈكۈم ئۇ  ئاۋازنى  تونۇدى .جاپاكەش ئانام قانداقراق تۇرغاندۇ ھە !؟ خۇشاللىقتا ئالدىراشلا سۆزلىدىم :
        -ۋەي، ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئانا، تىشلىقمۇ !!؟  
        -ھە ... ھە......تىشچلىق بالام، ئۆزەڭچۇ ؟ -نېمىشقىكىن  ئانامنىڭ ئاۋازى غەلىتىلا ئېدى .
        -مەنمۇ ياخشى ئانا ، قانداق ئەھۋالىڭىز؟
       -.......
        - ئوبدان تۇردىڭىزمۇ !؟ نېمش بولدى، ئاۋازىڭىز غەلىتە چىقىدىيا؟
       -ھە......ياق،شۇ ....قاندا بالام ئېمتاھان تۈگىدىما ،ياخشى بەردىىڭىز ھەقىچان!!؟  
        ئانامنىڭ ئاۋازى ۋە دۇدۇقلاپ سۆزلەشلىرىدىن چوقۇم بىرەر ئىش بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش تەس ئەمەس ئېدى.
        -ھەئە، تۈگىدى،ئانا ،نىم بولدى زادى !؟ -ئانام بىر ھازاغىچە گەپ قىلمىدى.
        -ئانا !؟؟
       ئەمدى ئېنىق ئاڭلىدىمكى ،تېلىفۇندىن ئانامنىڭ يىغلىغان ئاۋازى كىلىۋاتاتتى.
        -بالام، بوۋىڭىز...... بوۋىڭىز تۈگەپ كەتتى ....
         چوغقا دەسسىۋالغاندەكلا چۆچۈپ كەتتىم، قولۇمدىن تۇرۇپكا چۈشۈپ كەتتى. خېلى ئۇزۇنغىچە خۇددى قاتۇرۇپ قويغاندەكلا سېزىمسىز ھالەتتە تۇرۇپ كەتتىم. تۇرۇپكا ئىلەڭگۈچ بولۇپ ئېسىلىپ قالغان ئىدى. كىيىن ئېسىمنى يىغىپ تۇرۇپكىنى قولۇمغا ئالدىم. ئەمما بۇ ۋاقىتتا تېلىفۇن  ئاللىقاچان ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى. قايتا ئۇردۇم:
        -ۋەي ، ۋەي...ۋەي...
        - ......   
      قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم، بوغۇلۇپ كېتىۋاتاتتىم، چۈنكى ئىچ-ئىچىمىدىن ئېتىلىپ چىققان بىر ئاچچىق بوغۇزۇمغا كەپلىشىپ قالغان ئىدى......ئانام ئېسەدىگەن ھالدا بوۋامنىڭ ئىككى سائەت ئىلگىرى نەپەستىن قالغانلىقىنى،جان ئۈزۈش ئالدىدا مېنىڭ ئىسممنى بىر نەچچە قېتىم چاقىرىپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ كەتكەنلىكىنى مىنىڭ زورلاپ تۇرۋېلىشم ئارقىسىدا  ئاران-ئاران دېدى.  بۇلارنى ئاڭلاپ ئىچىمدە شۇنداق نالا قىلىپ كەتتىم: <ئاھ خۇدا ،ئامانەت ئۆزۈڭنىڭ قولىدا بولغاندىكىن قاچان ئالىمەن دېسەڭ ئالاتتڭغۇ! بوۋاينىڭ ئۆمرىنى شۇنچە يىل بەردىڭ، ئەمدىلىكتە يەنە تۆت كۈنگە پىخسىغلىق قىلمىساڭ نىم بولار ئىدىڭ ....> شۇ تاپتا ھازىرلا ئۆيگە قاراپ ئۇچقۇم كەلدى ،لىكىن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى  ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىنى تۈگەتكەن  بىزدەك ئىچكىرى تولۇق ئوقوغۇچىلىرى ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 10 كۈنى ئوقۇغۇچىلار  مەخسۇس پويىزى ئارقىلىق بىر تۇتاش ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقىدىغان بولغاچقا  ئالدىرغاننڭ ھېچنىمىگە پايدىسى يوق ئېدى.
         مانا، بىزنىڭ ئمتاھان بۈگۈن تۈگىدى. شۇڭا قانچە جىددىيلەشكىنىم  بىلەنمۇ يەنە ئىككى كۈن تەخىر قىلىشقا مەجبۇر ئىدىم. شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ئەگەر باشقا ئۆزگىرىش بولماي قالسىلا بوۋامنىڭ يەتتە نەزىر كۈنىگە ئۈلگۈرەلەيتتىم. كاللام قۇپقۇرۇق ،نېمە قىلىشنى ،نېمە ئويلاشنى زادىلا بىلمەيۋاتاتتىم.  كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام بۇ ئەھۋالنى باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ بىلىپ قىلىپ ھېسىداشلىق قىلىشىنى خالىمايتتىم. قېرىشقاندەك شۇ كۈنى كەچتە ئىمتاھان تۈگەپ ئازادىلىككە چىققىنىمىزنى تەبىرىكلەش ئۈچۈن مەيداندا يىغىلماقچى بولدۇق. كەچمۇ كىردى ،ئەمما مەن رەسمىيەت يۈزسىدىن خۇددى بوينۇمدىن سۆرىگەندەكلا چىقتىم. چىقماي بولامتى ئەمىسە......ھەرقانچە ئوتتۇز ئىككى چىشنى چىقىرىپ ھىجىيىپ چاندۇرماي  تۇرغان بىلەنمۇ كۆڭۈلدىكى غەشلىك ھامان بىلىنىپ قالىدىغان گەپكەن. مانا بۇ  كۆڭۈل يېرىمچىلىقنى دوستۇم ئايۇپ بايقاپ قالغانىدى، شۇڭا ئامالسىز ئۇنىڭغا بولغان ئەھۋالنى دېگەن ئېدىم.
        ئايۇپنىڭ سورىغان سۇئالىدىن بىرئاز ئىسىمگە كەلدىم ۋە كۆزۈمنى ئاستا پويىز دەرىزىسىدىن ئۈزۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1426
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 09:15:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزكۇر ئەسەر ئوقوغۇچى ۋە مىسرانىم مۇنبىردە بىرلا ۋاقىتتا يوللاندى،ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بىر بۆلەكتىن يوللىنىدۇ.

سەبىر _--花公主
بىلگيار---mm19910203

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 412
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 454 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 10:05:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت  

بىز شۇنچىلىك ياسالما غورۇرلۇق بولۇپ كېتىپتۇق، كۆز ئالدىمىزدىكى ناھەقچىلىككە قاراپ تۇرىمىزيۇ باشقىلارنىڭ گېپىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان ئىشنىمۇ قىلالمايۋات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 534
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1994
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 10:09:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاكۇكلار سايرىماس بولدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4964
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 643 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 10:13:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇڭلار، ئاخىرنى كۆپ ساقلىمايسىلەر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83171
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3364
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2012-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 11:41:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى ياخشىكەن . رەھمەت .

ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭ ھامان سىنى ئىزدەپ كىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 627
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 11:58:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشلىنىشىلا شۇنداق تەسىرلىك ياخشى چىقىپتۇ، داۋامىغا قىزىقىۋاتىمەن .

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87585
يازما سانى: 728
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1077
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 12:03:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي خۇدا ..رومان دەڭ...قاچانغىچە يازارسىز؟ھىكايىنىڭمۇ ئاخىرى چىقماي ئادەمنىڭ سەۋرى قاچىسى توشۇپ قالىدۇ.تولا ساقلاپ!
لىكىن تىمىسى ياخشى قويۇلۇپتۇ.مەن ھەممىسى يىزىلىپ بولغاندا ئوقۇي دىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1426
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 12:08:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ranjimayman يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 12:03 PM
ۋاي خۇدا ..رومان دەڭ...قاچانغىچە يازارسىز؟ھىكايىنىڭمۇ ئ ...

يىزىلىپ بولغان ، ئىككىنجى ئۈجىنجى قىسىملىرى يىزىلىۋاتىدۇ ، ئوقۇرمەنلەرنى ئوقۇشتىن زىرىكتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن بىر بۆلەكتىن يوللاشنى ئويلاشتۇق .
   قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87585
يازما سانى: 728
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1077
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 12:12:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mm19910203 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 12:08 PM
يىزىلىپ بولغان ، ئىككىنجى ئۈجىنجى قىسىملىرى يىزىلىۋا ...

باش سۈرەتكە قاراپلا..چوقۇم ياخشى يازدى دىدىمغۇ ؟ئىنتىزارلىقتا ساقلاي ئەمىسە...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش