مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 19688|ئىنكاس: 95

(bilgejan) ئەيدىز ۋە ئۇيغۇرلار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

105

تېما

575

يازما

680

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 89938
يازما سانى:
575
نادىر تېما :
20
مۇنبەر پۇلى :
23469
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2535 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-1-12
ئاخىرقى:
2016-1-30
ئەيدىز ۋە ئۇيغۇرلار
3 H( f: M/ c! f# x
بىلگەجان
2 V4 w( Z) F/ D* _4 i

0 w$ R7 X9 w' q9 O" c: ?* O" @* hئېلاۋە: ئەيدىز ئېنگىلىزچىدىكى AIDS، يەنى  Acquired Immune Deficiency Syndrome (ئېرىشىلگەن ئىممۇنىت كەمتۈكلۈكى كېسەللىكى دېگەن مەنىدە) دېگەن ئاتالغۇدىن ئۇيغۇرچىغا كىرگەن بولۇپ، بۇ بىر خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشتىن كىلىپ چىقىدىغان جانغا زامىن بولغۇچى كېسەلدۇر. ئەيدىز كېسىلى كىشىلەرنىڭ  HIV (ئىنسان ئىممۇنىت-كەمتۈكلۈكى ۋىرۇسى)دىن يۇقۇملىنىشى بىلەن پەيدا بولىدىغان كېسەل بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ مايمۇنلاردىن ئىنسانغا يۇققان دەپ قارىلىدۇ. بۇ ۋىرۇس ئۆتكۈر يۇقۇملۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا زور تەھدىت ئىلىپ كىلىدىغان باش جىنايەتچىلەرنىڭ بېرى بولۇپ قالدى. HIV بىلەن تۇنجى يۇقۇملانغۇچى 1980-يىللارنىڭ بېشىدا بايقالغاندىن تارتىپ 35 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلار مەخسۇس مۇشۇ كېسەلنىڭ داۋاسىنى تېپىش ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ تا ھازىرغىچە بەزى كېسەلنى كونتىرول قىلىدىغان ۋىرۇسقا قارشى دورىلاردىن بۆلەك ئەيدىزنى سەللىمازا ساقايتىدىغان دورا بارلىققا كەلمىدى. HIV تەتقىقاتىنى قوللاش ئۈچۈن ۋە بۇ جەھەتتە زور كۈچ چىقارغان ئالىملارنىڭ تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش يۈزسىدىن، 2008-يىللىق نوبېل مېدىتسىنا ياكى فىزىئولوگىيە مۇكاپاتى HIV ۋىرۇسىنى بايقىغان 2 نەپەر فىرانسىيە ئالىمىغا بېرىلدى. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يۈزلىگەن تەجىرىبىخانىلاردا HIV ۋىرۇسى تەتقىق قىلىنماقتا. چاتاق يېرى، HIV كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىش ئۇسۇلى ۋۇجۇدقا كەلمەيلا قالماستىن بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان بىرەر ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىمۇ تېخىچە مەيدانغا كەلگىنى يوق. شۇ سەۋەب ئەيدىزنىڭ داۋاملىق يامراپ كېتىشى ئوبدان كونتىرول قىلىنماي، ئەكسىچە كۈنسايىن كۆپ كىشىلەر بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانماقتا. مەن ئىشلەۋاتقان تېكساس بىئو-مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتى دەل ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا تەتقىقاتىدا دۇنيانىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان بىر تەتقىقات ئورنى بولۇپ، قارمىقىمىزدىكى ئامېرىكا غەربىي جەنۇپ دۆلەتلىك پىرىماتلار (مايمۇنسىمانلار) تەتقىقات مەركىزىمىزدە نەچچە يۈز شىمپانزا مەخسۇس ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنىنى تېپىپ چىقىشتىكى زۆرۈر تەتقىقاتلار ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە. مەن شەخسەن HIV تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانمىساممۇ، بۇ جەھەتتىكى بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىمەن. گەرچە قولۇمدا شىنجاڭدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشغا ئائىت نوپۇزلۇق مەلۇماتلار كۆپ بولمىسىمۇ، ھېچ ئىش قىلمىغاندىن بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى ئويلىغانلىرىمنى بولسىمۇ قېرىنداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشاي ۋە ئازراق كۈچ چىقىرىپ ئەيدىز بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشقا كۈچ قوشۇشنى مەقسەت قىلىپ مەزكۇر ماقالىنى تەييارلىدىم.
# A! W, z- K5 x- l+ W  q+ D! ~/ u) t' B
ئالدى بىلەن بۇ يىللىق دۇنيا ئەيدىز كۈنى (12-ئاي 1-كۈنى) ئالدى-كەينىدە ئاشكارىلانغان دىيارىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قاراپ باقايلى:9 v8 e% K, a/ G% @% H0 s" m! {
& u+ I$ j9 ~. J( e/ V' ~
2013-يلى سىنتەبېرنىڭ ئاخىرغىچە، شىنجاڭدا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 40122 نەپەر بولۇپ،  7070  نەپەر كىشى ئەيدىز ئاغرىقى قازا قىلغان. مۆلچەرىنىشىچە، ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 60 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئىلى، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە تۇرپان قاتارلىق رايۇن-ۋىلايەتلەردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پۈتكۈل ئاپتونوم رايۇنىمىز ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ %83.2 ئىگىلىگەن.
- D1 \6 ^! M9 m5 @. k, ]دېمەك، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزدا  ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مىللەتلەر نىسبىتىدە  %80 ىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى، ئەمما شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى مىللەتلەر نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگەللەيدىغان نىسبىتىنىڭ %46  ئىكەنلىكى نۇقتىسىدىن چىققاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز ئالدىدىكى تۇنۇشى، پۇزىتسىيەسى ھەم ئەيدىزنىڭ نەدە، قانداق يۇقۇدىغانلىقىدىن خەۋەرسىز، بىغەم، پەرۋاسىز كىشىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىدىن ئويلانماي تۇرالمايمىز.

9 K7 C4 ?! q) W/ \$ M+ w(ئەسكەرتىش: بۇ تېمىدىكى بارلىق شىنجاڭدىكى ئەيدىزغا ئائىت سىتاتىستىكىلار ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرىدىن ئېلىندى: http://bbs.eldawa.com)
# J! M8 W' \, S4 y

8 ?& g1 _. J) _# \1 Tبۇ مەزمۇنلارنى كۆرۈپ مەن يىللاردىن بىرى كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان دىيارىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلى مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم قاتتىق دېققىتىمنى قوزغىدى ۋە بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن چۆچۈپ كەتتىم. ئەلداۋا ساغلاملىق سۇپىسىنىڭ تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان ئەڭ يېقىنقى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا  بۇ يىل گەرچە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى سانىنىڭ ئېشىىپ بېرىشى يىللاردىكى ئېشىش سۈرئىتىدىن سەل ئاستىلىغان بولسىمۇ، بۇ يىل ئومۇمىي ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 44 مىڭغا يېقىنلاپ ھازىرغىچە ئەڭ يۇقىرى سانغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر يىل ئىچىدە يېڭىدىن HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 3411 نەپەر بولغان.  بۇ پەقەت دىئاگنوز قويۇلغان بىمارلارنى ئاساس قىلىپ ئېرىشىلگەن سانلىق مەلۇماتلار بولۇپ، ئەمەلىي سان بۇنىڭدىن خېلىلا كۆپ بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. يەنە بىر كىشىنىڭ دېققىتىنى تارتىدىغان مەسىلە شۇكى، ئىلگىرى شىنجاڭدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق يولى جۇڭگونىڭ باشقا رايونلىرىغا ئوخشاش زەھەر چەككۈچىلەر ئارا ئوكۇلنى تەڭ ئىشلىتىش سەۋەبىدىن دېيىلگەن بولسا، ھازىر ئاللىقاچان جىنسىي مۇناسىۋەت يولى بىلەن يۇقۇش نىسبىتى شىنجاڭدا 52% كە يېتىپ ئەڭ ئاساسلىق يۇقۇش يولىغا ئايلانغان. ئوكۇل يېڭنىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش يولى بىلەن يۇقتۇرغانلار ھازىر 36%نى ئىگىلەپ ئەيدىز يۇقۇشنىڭ دىيارىمىزدىكى ئىككىنچى ئاساسلىق سەۋەبىگە ئايلانغان. دېمەك ئېشىپ قالغان 12% يۇقۇملانغۇچىنڭ (تەخمىنەن 5000 مىڭدەك كىشى) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشى يۇقىرىقى سەۋەبلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز. شىنجاڭدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ 80%تىن كۆپرەكى 20-42 ياشلار ئارىلىقىدىكى ياشلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ نىسبىتى 1.4:1 بولغان.6 u; ?- S2 c! {- z4 o/ n. }5 Y- l

) u( O1 y& U" S+ Oتۆۋەندە بىر نەچچە خەرىتە ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ جۇڭگودىكى باشقا رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا ئەيدىز تارقىلىش نىسبىتىنىڭ سېلىشتۇرمىسىغا قاراپ باقايلى( خەرىتىلەر تەبئەت ژورنىلى، نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغىنى بويىچە ئېلىندى).
7 Q) N% S' o8 w: U( B2008-يىلى جۇڭگودا  ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى:: |  U+ d) @. k* ~

* t1 O6 O# `/ Y+ B+ |, U3 Y& T; J  _+ ^$ _  [' q
2011-يىلى جۇڭگودا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى (3 يىل ئىچىدە شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشكە دېققەت قىلىڭ): ( A: y- I9 A9 F, ^1 E3 }: m. Q
$ b9 }. A& L. }4 c* G0 h; a
% K8 [: [3 v1 b0 \4 _! p
مەكتەپتە ئوقۇمايدىغان ئۆسمۈرلەر ئىچىدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى :+ r2 p7 V: T& j" c) ]
/ S! ]! R# ^) T, Y" U( q4 d
5 [7 Z: a8 E( P" Y- o
ئەيدىزدىن باشقا يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىكلەرمۇ شىنجاڭدا كۆپ ئۇچرايدىكەن. تۆۋەندىكىسى سېفلىسنىڭ جۇڭگودا تارقىلىش خەرىتىسى:
) D+ h: o' Y3 u3 V9 O( L& V& ]
) b9 @5 k5 V: _$ H& k4 A

) k+ ~9 |6 G! ~. |قېرىنداشلار، ئويلاپ باقايلى: تېخىمۇ كۆپ كىشىلىرىمىزنىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق ئەيدىزنى يۇقتۇرۋىلىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ سوئالغا ھەر خىل جاۋابلار ياكى باھانە-سەۋەبلەر كۆرسىتىلىشى مۇمكىن، ئەمما مېنىڭ قارىشىمدا بىز كۈچ قوشالايدىغان بىر مۇھىم سەۋەب بولسا دەل تەربىيەنىڭ يېتەرسىزلىكىدۇر.  قاقشىغاندىن كۆرە ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى ئەيدىز بىلىملىرى بىلەن تەربىيلىيەلىسەك بۇ بىزنىڭ جەمىئىيەتكە قوشقان تۆھپىمىز ۋە بۇرچىمىزنى ئادا قىلغانلىقىمىز بولىدۇ.
4 {+ w% m' V4 B* T% S8 m: s% m% E& O( l% E' L' G
ئەيدىزنىڭ بۇ قەدەر كەڭ تارقىلىشىنى مۇلاھىزە قىلغاندا ئەڭ دەسلەپ يادىمىزغا كىلىدىغىنى جەمئىيتىمىزدىكى ئەخلاق كىرزىسى بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، جەمئىيتىمىزدىكى جىنسىي يول ئارقىلىق ئەيدىزنى يۇقتۇرۋالغان كىشىلەر ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرىمىز ئىچىدە ياشىغان بولسا (ياكى شۇنداق قىلمىغانلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمىغان بولسا) دىيارىمىزدا تەخمىنەن 50%  ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى، دېگەن گەپ. لىكىن كىشىلەرنى تىز ۋاقىت ئىچىدە ئەخلاقلىق قىلىۋىتىش بىر غايىۋى گەپ بولغاچقا، تېخىمۇ رىئال ئويلىساق، پەقەت گاندۇم ئىشلىتىش ئارقىلىقمۇ بۇ خىل يول بىلەن ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى زور دەرىجىدە تىزگىنىلىگى بولىدۇ. ئىشەنچلىك جۆرىدىن باشقىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ يامان ئىش ئىكەنلكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا شۇنداق قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغىنى بىر پاكىت. ماقۇل، شۇنداق ئىش قىلغان بولسۇنمۇ دەيلى، خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇپ گاندۇم ئىشلىتىشنى رەت قىلىش نېمىدىگەن ئەقىلسىزلىك؟! بۇ ئىشنى دۇنيانىڭ قەيىردە بولسۇن ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىق ھېسابلايدۇ. گاندۇم ئىشلىتىش غەرب ئەللىرىدە ناھايىتى ئومۇملاشقان بولۇپ ئىشلىتىشى نىسبىتى دىيارىمىزغا سېلىشتۇرغاندا بەكلا يۇقىرى ئىكەن. مەن ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا ھەر قېتىم كىرگەندە دوختۇر ماڭا يېنىشتىن بۇرۇن ئىشخانىسىدىكى ھەقسىز گاندۇملاردىن خالىغانچە ئېلىپ چىقىپ كېتىشىمنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇمايتتى. گەرچە بۇ ئىشتىن دەسلەپ بىئارام بولغان بولساممۇ، ئويلىسام ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر جەمئىيەتكە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.
9 e4 q  J$ s+ w0 W3 B2 e/ e+ i
" a3 Y8 K0 M% w& G! Z5 Lزەھەرلىك چېكىملىك ئەسۋابلىرىنى بىللە ئىشلىتىشتىن يۇققانلارنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى شىنجاڭدا يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەۋاتقان بولسىمۇ، شىفىرىس، يېڭنىلەرنى ئورتاق ئىشلىتىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى جەمئىيەتتىكى ھەر بىر ئەزا بىلىپ قويۇشى كېرەك. ئاۋىستىرالىيە زەھەر چېكىش ئارقىلىق يۇقىدىغان ئەيدىز سانىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرەلىگەن ۋە بۇ جەھەتتە ئەڭ زور غەلبە قازانغان دۆلەت بولۇپ بۇ يىل 7-ئايدىكى «دۇنيا كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئىلمىي جەمئىيتى» نىڭ مىچىگان شىتاتىدا ئېچىلغان يىللىق ئىلمىي يېغىنىدا ئاۋىسترالىيەلىك دوختۇر ۋە  مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغىنىم شۇكى، ئاۋىستىرالىيەدە زەھەر چەككۈچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس پاكىزە ئۆيلەر ئاجىرىتىلىپ ۋە زەھەر چېكىشتە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلار ھەقسىز تەمىنلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئەسۋابلارنى ئورتاق ئىشلىتىپ ئەيدىزنى يۇقتۇرۇشى ياكى يۇقتۇرۋىلىش خەۋىپى تۆۋەن چەككە چۈشكەن. شىنجاڭدا ئەھۋال ئوخشىمىسىمۇ بۇ جەھەتتە نۇرغۇنلىغان تەشۋىقات خىزمەتلىرىنىڭ ئىشلەنگەنلىكى ۋە تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلىغانلىقى ۋە بۇنىڭ بەلگىلىك ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم." M* ?8 j3 B% g
! a6 c6 V9 f$ U$ v
ئەيدىزنىڭ رايونىمىزدا بۇنچىۋالا كەڭ تارقىلىپ كېتىشى كىشىنىڭ ئەقلىگە سېغمايدۇ چۈنكى بىر ئەنئەنىۋى جەمئىيەت دەپ قارىلىدىغان دىيارىمىزدىكى ھەر تۈمەن كىشى ئىچىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر سانىنىڭ ئەتراپتىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە ۋە باشقا كۆپ قىسىم ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن خىلىلا كۆپ بولۇشى ئادەمنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ ۋە ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەر ھەمجىنىسۋازلار ئىچىدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى كىشىنى چۆچىتىدۇ. ئاددىيسى مەن ھەر ھەپتىسى دېگۈدەك شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمدىن تاپشۇرۋالىدىغان جىنسىيەتكە ئائىت سوئاللار، مەسلىھەتلەر ۋە كۆڭۈلدىكىنى تۆكۈشلەرگە قاراپ مەن شۇ قېرىنداشلارغا بىر تەرەپتىن چىن دېلىمدىن ھېسداشلىق قىلىپ ئۇلارغا كۈچۈم يېىتشىچە مەسلىھەت، تەسەللىي بەرسەم، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ئەڭ ئاددىي جىنسىيەت تەربىيىسىنىڭمۇ بېرىلمىگەنلىكىدىن  ئۆكۈنۈپ ئاتا-ئانىلار ۋە جەمئىيەتنىڭمۇ (جۈملىدىن ئۆزۈمنىڭمۇ) بۇنىڭدا مەلۇم مەسئۇلىيتى بارلىقىنى ئويلاپ قالىمەن.* w: w( j1 g; C9 H: X2 b

* H4 f" w3 [* H

, A4 W! r9 }. I9 o9 z: g1 V, l1 r% x
بىز جەمئىيتىمىزنى گەرچە نومۇسلۇق، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان جەمئىيەت دەپ ئويلاشنى ئارزۇ قىلساقمۇ، ئەمما جەمئىيتىمىزدە كۆرۈلۋاتقان بۇ بىر قاتار ھادسىلەر بىزگە: «قاچانغىچە ئۆزۈڭنى ئالدايسەن؟!»دېگەن كەسكىن خىتابنى تاشلىماقتا.  بىز پەدىشاپنى قايرىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئەۋلادلارغا ئاساسەن دېگۈدەك جىنسىي تەربىيە بەرمەيمىز، ئاقىۋەتتە كۆرۈنۈشكە ئەخلاقلىق بىلىنگەن كىشىلىرىمىز، بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنلىرىدا ئەيدىز ۋە باشقا جىنسىي كېسەللەرنىڭ يامراپ كېتىشى بىزنى ئويلاندۇرماي، سەگەكلەشتۈرمەي قالمايدۇ. ئەۋلادلارغا جىنسىي تەربىيە بېرىش ئىشىغا كۆڭۈل بۆلمەۋەرسەك، كىلىپ چىققان ھەر خىل يامان ئاقىۋەتلەر قاچان تۈگەيدۇ؟ يېقىندىن بېرى، مەن بىر قىسىم دوختۇرلار، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى تېۋىبلىرىنىڭ ئىنكاسى ۋە تورلاردا خەلق ئاممىسىنىڭ جىنسىيەتكە ئائىت ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان پىكىرلىرىگە قاراپ ئويلاپ قالىمەن: بىز خەق نېمانچە شەھۋانىي ۋە لەقۋا بولۇپ كەتتۇق؟ بۇ يەكۈنۈمدە قىسمەنلىكنى ئومۇملاشتۇرۋىتىش خاتالىقى كۆرۈلگەنلىك ئېھتىمالىنى تەن ئالىمەن، ئەمما ئوبدان ئويلاپ باقسىڭىز سىزمۇ شۇنداق تۇيغۇغا كەپ قىلىشىڭىز مۇمكىن. تېۋىبلاردىن سورىسىڭىز نۇرغۇنلىرى ئۇلارنىڭ ئەڭ بازارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ جىنسىي ئىستەك، جىنسىي ئىقتىدارنى قوزغىتىشقا ئائىت دورا-خۇرۇچلار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ ھەم نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ ياپياش تۇرۇپ مەزى بېزى گۆھىرى دېگەندەك مەھسۇلاتلارنى ئىزدەپ يۈرگىنىنى بايقايسىز. بۇ ئەھۋال باشقا جەمئىيەتلەردىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخى يېشى 40 قا ئۇلاشمىغان شۇنچە كۆپ ياشلارنىڭ بۇنداق دورىلارغا دۈم چۈشۈشىنىڭ ئۆزى بۇ يەردە بىر ئېغىر ئىددىيە مەسىلىسى ياكى ساغلاملىق مەسىلىسىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن. يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ ئويلىساق، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يولىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەردىن ئەمدى ئىشەنچلىك جۆرىدىن باشقىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغانلار، ھەمجىنىسۋازلار توپىغا يۆتكىلىشى نۇرغۇن كىشىلىرىمىزدە ئەخلاقىي يېمىرىلىشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە شەھۋانىي ئىشلارغا ھەددېدىن زىيادە قىزىقىش بىلەن بىرگە جىنسىيەت بىلىملىرى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنىڭ نەقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمدى بىز قاچانغىچە قۇرۇق قاقشاشنى ۋە نامەلۇم كىشىلەرنى تىللاشنى تاشلىمايمىز؟ ئەمدى ئۇنداق قاقشاشنى قويۇپ ئەمەلىي ئىشىمىز بىلەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشىغا كۈچ قوشىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. سىزمۇ بۇ جەڭگە ئاتلىنىڭ، مەنمۇ ھەم شۇ، شۇنداق قىلساق بىز ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىشقا بىرلىكتە ھەسسىمىزنى قوشالايمىز.- \* r7 L/ |/ d& l
- u' ~: }, h: Y1 J; f4 a
پەرەز قىلسام، مېنىڭ كۈچەپ تۇرۇپ مەركىزى ئىددىيەنى ئەيدىز بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇش، جىنسىيەت تەربىيىمىز ھەققىدە ئويلىنىش ۋە ساغلام بولغان جىنسىيەت قارىشى، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتسەممۇ، يەنىلا بۇ توغرىدا ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ نۇرغۇنلىرى قۇرۇق قاقشاش ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنى تىللايدىغان، چەتكە قاقىدىغان گەپلەرنى قىلىۋىلىپ ئۆزىگە زېيان بولمايدىغان بىر ئىچىنى بوشىتىۋىلىشنىڭ پۇرسىتى دەپ بىلىشى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. مەن ئالدى بىلەن  ئەيدىز توغرىسىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلارنى تەمىنلەش، ئاندىن قالسا ئەيدىز كېسىلىنىڭ دىيارىمىزدا تارقىلىشى ۋە ياشلىرىمىزدىكى جىنسىيەتكە ئائىت مەسلىلەرگە قارىتا بىر ئويغىنىش ھاسىل قىلىش، بۇ ھەقتە چوڭقۇر پىكىرلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ يازغان بۇ ماقالەم مەن تونۇمايدىغان ئەمما چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغان  ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىىپ يۈرگۈچى (مەيلى نېمە يول ئارقىلىق يۇقۇملانغان بولسۇن) قېرىنداشلىرىمىزنىڭ زىتىغا تېگىدىغان گەپ-سۆزلەرگە سەۋەب بولۇپ قالسا، مەن ئالدىنئالا سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن. شۇ مۇناسىبەتتە، بۇ ماقالە يوللانغان بارلىق ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى باشقۇرغۇچىلىرىدىن ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ شەخسىيىتىگە قارىتىپ يېزىلغان ھەرقانداق ئىنكاسنى دەرھال ئۆچۈرۋىتىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.0 [' T0 O9 J" o: m* C

9 A3 P9 T9 g1 i  G  x! rئاخىرىدا ئەيدىز تەشۋىقاتى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىن ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرى ۋە يارىپ تورىغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. تۆۋەندە مەن تەييارلىغان ئەيدىز توغرىسىدىكى ساۋاتلارغا داۋاملىق دېققىتىڭىزنى بەرگەيسىز. كېيىنكى يازمىلىرىمدا ئەيدىز كېسىلى ئۈستىدىكى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئۇچۇر بېرىمەن.3 X$ ]- H0 ?8 g* h  L; {
9 |# Y* Y  s3 k3 a6 I; a" x9 G8 e5 K! d( s

, A: B& S1 x0 L1 H! L0 X. _. h( Qئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ دۇنيادىكى تارقىلىش خەرىتىسى (2011-يىلىدىكىسى)
* \$ A5 f) R# m. u% u

+ F' R# ^6 t" Z& U0 N5 ~
# I, V3 u$ Q9 Yيۇقىرىدىكىسى ئەيدىزنىڭ 2011-يىلى دۇنيادىكى تارقىلىش ئەھۋالى خەرىتىىسى بولۇپ (دۇنيا سەھىيەت تەشكىلاتى تورىدىن ئېلىندى)، بۇ خەرىتىدىن قارىغاندا شىنجاڭدىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئافىرىقا قاتارلىق ئەيدىز مەركەزلىك تارقالغان جايلاردىن ئازراق بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ باشقا كۆپ قىسىم رايونلىرىدىن كۆپرەك تارقالغان. بىز تۆۋەندە ئەيدىزغا دائىر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) تور بېتىدىن ئېلىنغان نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارغا كۆز يۈگۈرتەيلى ۋە بۇ كېسەلنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى تارقىلىش، ئالدىنى ئىلىش، داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە سېلىشتۇرۇپ ئويلىنىپ كۆرەيلى.' L) t1 K$ _- f' X

! E/ t+ X3 n8 r4 vhttp://www.who.int/mediacentre/factsheets/fs360/en// I& }. V+ e' |) v2 ~
5 M' x& x! ^6 X6 j% d5 i0 G
ئاچقۇچلۇق پاكىتلار
; U- _0 s8 y. L1 G+ }. u0 R( g$ O: O0 }3 m6 z% R
››› HIV ھېلىھەم دۇنياۋى جامائەت ساغلاملىقىغا زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، ھازىرغىچە دۇنيادا جەمئىي 39 مىليون كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. 2013-يىلى يەر شارىدا 1.5 مىليون ئىنسان HIV غا مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.
* v! ?# Q% L* X1 k4 g
$ i& \( c3 N4 x$ \  n# h2 X››› 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تەخمىنەن 35 مىليون ئىنسان HIV بىلەن يۇقۇملانغان ھالەتتە ياشىغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە 2.1 مىليون كىشى شۇ يىل ئىچىدە يېڭىدىن يۇقۇملانغان.
: B7 K2 _9 ^( R5 i7 O; m1 A$ X/ g$ u2 ?* f  y0 O
››› سەھرايى-كەبىرنىڭ نېرىسىدىكى ئافىرىقا دۇنيادا ئەڭ كۆپ تەسىرگە ئۇچرىغان رايون بولۇپ، 2013-يىلى مۇشۇ رايونلارنىڭ ئۆزىدىلا 24.7 مىليون كىشى HIV نى ئىلىپ يۈرگۈچىلەردىن. ئۇنىڭدىن باشقا سەھرايى-كەبىرنىڭ نېرىسىدىكى ئافرىقا دۇنيادىكى يېڭىدىن HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 70% نى تەشكىل قىلىدۇ.
4 j5 s& t- F. f. @, O; p' N( W3 z' s1 I. T- E* i, }, G
››› HIV بىلەن يۇقۇملىنىش ئادەتتە قاندا HIV ئاقسىللىرىغا قارشى ئاقسىللارنىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ., c* c' f! q1 r

& Q2 i: h; v4 T# d/ t- ^+ f››› HIV بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ داۋاسى يوق. ئەمما ئۈنۈملۈك بولغان ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن داۋالىغاندا يۇقۇملانغۇچىلار يەنىلا ساغلام ۋە ئۈنۈملۈك ھاياتتىن بەھرىمان بولالايدۇ.: J+ R# f5 g4 f) y' N

. i1 j9 E% x( h' w5 ?6 Z5 P3 a››› 2013-يىلى، 12.9 مىليون كىشى ۋىرۇسقا قارشى دورا بىلەن داۋالانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 11.7 مىليونى ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەردىن بولۇپ، ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى بولغان 32.6 مىليون كىشىنىڭ 36% نى تەشكىل قىلىدۇ.
- i/ a9 m, u9 \! o/ c5 t# q( T+ m
2 j2 f$ H! ]; `0 c4 z% J2 s  M) X››› بالىلارنىڭ داۋالىنىشى ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە يەنىلا ئارقىدا. 2013-يىلى، دۇنيادىكى ھەر 4 نەپەر يۇقۇملانغان بالا ئىچىدىكى 1 بالا ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن بولۇپ، بۇ چوڭلاردىكى ھەر 3 كىشى ئىچىدىكى 1 نىسبەتكە روشەن سېلىشتۇرما.

( J/ s4 X9 W( |- h0 |9 p9 L9 l! A$ i3 K6 e4 {& R
ئاساسىي چۈشەنچىلەر
5 X- ~# v0 T+ m! P" U3 O$ N9 y6 V3 @" Q
" q& L  v: n2 p$ Zئىنسان ئىممۇنىت-كەمتۈكلىكى ۋىرۇسى (HIV) ئىممۇنىت سىستىمىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدىكى ھەر خىل يۇقۇملىنىش ۋە بەزى راك كېسەللىرىگە قارشى نازارەت قىلىش ۋە قوغداش سىستىمىلىرىنى ئاجىزلاشتۇرىۋىتىدۇ. ۋىرۇسنىڭ ئىممۇنىت ھۈجەيرىلىرىنى ۋەيران قىلىش ۋە پالەچ قىلىشىغا ئەگىشىپ، يۇقۇملانغانلار تەدرىجىي ئىممۇنىتى-كەمتۈك (ئىممۇنىت ئىقتىدارى يوق) كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىممۇنىت ئىقتىدارى كۆپىنچە CD4 ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئىممۇنىت-كەمتۈكلىكى يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئادەتتە ساغلام ئادەملەر بەدىنى قارشى تۇرالايدىغان كەڭ دائىرىدىكى يۇقۇملىنىش ۋە كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرۋىتىدۇ.
& _# {% X/ L# ^+ O2 E! Q: I& n  _" ]/ e
HIV بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئەيدىز (AIDS) (يەنى ئىنسان ئىممۇنىت-كەمتۈكلىكى كېسەللىكى) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەمدە يۇقۇملىنىشتىن ئەيدىزغا تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن يەككە شەخىسكە قاراپ 2 يىلدىن 15 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ. ئەيدىز مەلۇم راك كېسەللىرىنىڭ كىلىپ چىقىشى، يۇقۇملىنىش ياكى باشقا ئېغىر كىلىنىكىلىق مەسىلىلەر ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
9 I' |5 y. X; C% d! V    N" A! Z! `9 T# V, X. E3 a
كېسەللىك بىشارەت ۋە ئالامەتلىرى
/ ~( t- t, z5 Y' ^, g8 Y& h/ g! j7 B8 T
HIV نىڭ ئالامەتلىرى كېسەلنىڭ قايسى باسقۇچتا ئىكەنلىكىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمما HIV ئىلىپ يۈرگۈچىلەر دەسلەپكى بىر قانچە ئايدا باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرۇش خەۋىپى ئەڭ يۇقىرى بولسىمۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كېسىلىنى ئاخىرقى باسقۇچلارغىچە بايقىماسلىقى مۇمكىن. دەسلەپتە يۇقۇملانغان بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، يۇقۇملانغۇچىدا بەلكىم ھېچقانداك كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەسلىكى ياكى يۇقۇملۇق زۇكامغا ئوخشاش قىززىش، باش ئاغرىش، قىزىل نەرسىلەر چىقىش ۋە گال ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.# L2 m+ S4 Y# I8 k; h. w. S' N
يۇقۇملىنىش كىشىنىڭ ئىممۇنىت سىستىمىسىنى بارا-بارا ئاجىزلىتىشىغا ئەگىشىپ، يۇقۇملانغۇچىدا لىمغا تۈگۈنىنىڭ ئىشىشىپ قېلىشى، ئورۇقلاش، قىزىتما، ئىچى سۈرۈش ۋە ھۆتەل قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەگەر داۋالانمىسا، ئۇلار تۇبىركوليۇز، مېڭە پەردە ياللۇغى، لىمغا راكى قاتارلىق بىر قاتار كېسەللەرگە گېرىپتار بولۇشى مۇمكىن.
; u3 a8 z# K* |- D% j4 x, I' o) y
0 ?# M$ B7 H5 c0 uيۇقۇش
% i0 w9 o8 n, ^/ Z
* t" T, S5 O, z) Z( z/ z. o- mئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى تۆۋەندىكىدەك (بۇ مەزمۇنلار ئىشەنچلىك مەنبەلەر بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ توغرىلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن بىر قەدەر تەپسىلىيلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلدى. ئۈستىدىكى باشقا مەزمۇنلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئورگان تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى) :( c' n1 t+ S' P3 a
1. قان ئارقىلىق يۇقىدۇ.
3 U- z3 O& E6 `4 m2. جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقىدۇ.
$ D) N7 M. X8 A  u: a, i( P3. ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ.
! K& }; H( F' {- o. L, b
بۇنىڭ ئىچىدە جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇش ئاساسى يۇقۇش يولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ چوڭ جەھەتتىن تۈرگە ئايرىش بولۇپ، تۆۋەندىكى 9 خىل يول بىلەن ئەيدىز يۇقىدىغانلىقىنى بەلكىم سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن:5 [2 k1 R" E$ e2 z: \
! m* J1 @* l, n
1. ساتراچخانىدا چاچ - ساقال ياسىتىش)
+ H/ l; q4 R  u1 F" i* l9 Lئەگەر سىز دائىم سىرتتا ساتراچخانىدا چاچ - ساقال ياسىتىشقا ئادەتلەنگەن بولسىڭىز ، ناھايىتى دىققەت قىلىڭكى، ئەيدىز بەلكىم سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىلا بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، تازىلىق - دېزېنفېكسىيە شارائىتلىرى ياخشى بولمىغان ساتراچخانىلاردا ياكى مەسئۇلىيەتچانلىقى تۆۋەن ساتراچ ئۇستام - شاگىرتلارنىڭ قولىدا چاچ - ساقال ياسىتىپ قالسىڭىز، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان كىشىگە سېلىنغان تىغ سىزگەسېلىنىپ، تېرىڭىز زەخىملىنىپ قالسا سىزنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ.# @& V; o% w5 [

* f3 f' w. l$ ]5 q) C$ P2. چىش تارتقۇزۇش - سالدۇرۇش، بەدەنگە خەت - رەسىم چەكتۈرۈش-
/ d- V1 S6 g. qئەگەر سىز ئۆلچەملەشمىگەن، تازىلىق - دېزېنفېكسىيە شارائىتى ياخشى بولمىغان چىشخانىلار چىش تارتقۇزۇپ ياكى سالدۇرسىڭىز، بەدەنگە خەت - رەسىم چېكىش ئورۇنلىرىدا خەت - رەسىم چەكتۈرسىڭىز، ئۈسكىنە - ئەسۋابلارنىڭ دېزېنفېكىسىيىسى ياخشى بولمىسا، بۇ ئۈسكىنىلەر ئارقىلىق توقۇلمىلىرىڭىز زەخىملەنسە ياكى قاناش كۆرۈلسە، ئوخشاشلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ.1 p6 p% `% J$ g
- r$ n1 G5 R4 D0 F; F0 n# V6 p
3. ساقال ئالغۇنى ئورتاق ئىشلىتىش* ^  ~% E1 y" \' v( T5 W, T
$ o) B4 Q4 D$ c7 [  Y% t2 U
مەكتەپلەردە ، ھەربىي - ئوفېسترلاردا ئومۇمەن ئايرىم تۇرماي بىر قانچە ئەركەك بىرگە تۇرىدىغان شارائىت ئاستىدا بەزى كىشىلەردە ساقالئالغۇنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان ناچار ئادەت بار. ئەگەر سىزمۇ ساقالئالغۇنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتسىڭىز، ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان كىشى ئىشلەتكەن ساقالئالغۇنى دېزېنفېكسىيە قىلماي تۇرۇپ سىز ئىشلەتسىڭىز ۋە يۈزىڭىزدە كىچىك بولسىمۇ قاناش كۆرۈلسە ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ.
! u- g( I2 p- f0 [* m, k& B' q: W5 _3 Q# C7 i9 F: Q6 g- }2 r
4. چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش
* R8 p( x& z, u% Jمېنىڭچە چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز بولۇشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن ئەگەر سىز باشقىلار ئىشلەتكەن چىش چوتكىسىنى ئىشلەتسىڭىز، ئەگەر چىش چوتكىسىنى سىزدىن ئاۋال ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئىشلىتىپ، ئارقىدىن سىز ئىشلەتسىڭىز، چىش توقۇلمىلىرىڭىز زەخىملەنسە،  ئوخشاشلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ..- o: Z! B' H& r5 k- m
1 W* q4 @* B! J# @
5. يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش2 m% r0 `# N! f$ W9 d4 O3 Z9 E
قۇتقازغۇچىنىڭ تېنىدە زەخىمە ئېغىزى ياكى قانىغان جاي بولسا، يارىلانغۇچىنى ( يارىلانغۇچى ئەيدىز يۇقۇمدرى بولسا ) جىددىي قۇتقۇزۇش جەريانىدا ، ئېھتىياتسىزلىقتىن يارىلانغۇچىنىڭ قېنى قۇتقۇزغۇچىنىڭ زەخىمە ئېغىزى ياكى قانىغان جايى بىلەن ئۇچراشسا، قۇتقازغۇچىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن.9 e% ^/ @0 K& }1 H5 B( {
# _' w9 K3 X2 [; h# Z. F
6. قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى قوبۇل قىلىش
+ j6 ~2 S* p* Oتېببىي داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قان سېلىپ داۋالاش بارغانسېرى كەڭ قوللىنىلماقتا. سانسىزلىغان بىمارلار بۇ خىل داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆلۈم گىرداۋىدىن خالاس بولماقتا. ئەمما، سېلىنماقچى بولغان قان ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان بولىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ خىل قاننى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئەيدىزنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى %100 بولىدۇ.
4 k$ j. b, n5 `ماتېرىياللاردا قەيىت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ %6 تى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەن. فىرانسىيىدە بىر قان ئىسكىلاتىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن بۇلغانغانلىقى سەۋەبلىك نەچچە مىڭ ساغلام كىشى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئىكەن.
+ e- K! w9 D0 B' Z/ xئېلىمىزدىمۇ قان تەقدىم قىلىش - قان سېلىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتە بىر قاتار ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرىلىۋاتىدۇ. ئەگەر قان تەقدىم قىلغۇچى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملىنىپ، كۆزنەك دەۋرىدە قان تەقدىم قىلغان بولسا، بۇ خىل تەقدىم قىلغۇچىنىڭ قېنىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بېكىتكىلى بولمايدۇ. بۇندىن باشقا، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى مۇرەككەپ، تەكشۈرۈش تەننەرقى يۇقىرى بولۇشى سەۋەبلىك ھەممىلا قان تەقدىم قىلغۇچىغا قارىتا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش يولغا قويۇلۇپ كېتەلمەيۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز بۇ يەردە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەقدىم قىلىنغان قان تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىمىز. قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش داۋامىدىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش زۆرۈر.
5 F) m3 s# Y% b
, a1 k' m% L% T7 j7. داۋالاش ئەسلىھە - ئۈسكىنىلىرى پاكىز بولماسلىق
: \6 V4 r5 Y1 P: D+ T- Oدوختۇرخانىلاردا داۋالاش - داۋالىنىش جەريانىدا ئەگەر يىڭنە، پىچاققا ئوخشاش ئوپېراتسىيە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دېزېنفېكسىيىسى ياخشى ئىشلەنمىسە، دوختۇرخانىلاردا ئۆلچەملىك مەشغۇلات قىلىش قاتتىق ئىجرا قىلىنمىسا، داۋالاشتىكى ئېھتىياتسىزلىق ۋە دېزېنفېكسىينىڭ ۋاقتىدا، ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك داۋالاش خادىملىرى ياكى بىمارلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش ھادىسىلىرى سادىر بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان يىڭنىنىڭ بىرلا قېتىم بەدەنگە كىرىپ كېتىشى بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكى %0.3 بولىدۇ.3 P! N3 d3 {" o3 i# _6 m
- x6 k- u( @2 Z! g% t" N& I* a
8 . جىنسىي ئالاقە
" }" ~- k, E4 @( l% J4 lئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئەرنىڭ ئىسپىرمىسى ۋە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئايالنىڭ بالىياتقۇ - جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىدا كۆپ مىقداردا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) بولغان بولىدۇ. ئالدى تەرەپ ۋە كەينى تەرەپتىن قىلىنغان جىنسىي ئالاقىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەيدىزنىڭ يۇقۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولىدۇ. ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللارغا كۆرە، دۇنيا بويىچە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %80 - %70 تى جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇ تۈردىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە يات جىنىستىكىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىپ يۇقۇملانغانلار %70 نى، ئەرلەرنىڭ ئۆز جىنسىدىكىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشىدىن ( بەچچىۋازلىق ) يۇقۇملانغانلار % 10 نى ئىگىلەيدىكەن.4 }& ^* q$ Q" P/ N% o4 h1 z8 E& n

+ d% ~* K" y# @& V, R9. ئېغىز ئارقىلىق جىنسىي ئالاقە قىلىش
" I2 B0 m. e3 I0 sبىر تەرەپنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا زەخىملىنىش ياكى چىش تۈۋى ياللۇغى بار بولسا، يەنە بىر تەرەپنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا  قاپارتما، زەخىمە بولسا ، ياكى قارشى تەرەپنىڭ چىشى بىلەن سۈرۈلۈپ زەخىملەنسە، ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا ئوخشاشلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.
# J5 A) W, w- [3 y% L; |# K. J; m
1 y( P' o# O1 P9 o0 Z8 Rخەۋىپ ئامىللىرى
. P# a0 p! P8 Y6 M3 w. ], H( [
* z# ]1 c! B  |كىشىلەرنىڭ HIV بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋىپىنى ئاشۇرۋىتىدىغان خەۋىپ ئامىللىرى تۆۋەندىكىچە:7 h. b6 m8 e' |* ^+ m

+ ^4 ~% W7 h  Z# L# [››› گاندۇم ئىشلەتمەي ئالدى ياكى كەينىدىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش1 ?$ z2 B/ z9 L% d* D

0 t- R% \5 I3 C  G$ Q+ M+ B. v››› سىفلىس، پېچەك كېسىلى، خلامىدىيە، سۆزنەك، باكتېرىيەلىك جىنسىي يول ياللۇغى قاتارلىق باشقا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدىغا كېسەللەرنىڭ بىرەرىگە گېرىپتار بولۇش3 N& p6 I5 [4 ]; h

$ F3 d9 M3 ~: u2 Y7 J1 k% Z››› زەھەر ئۇرغاندا يۇقۇملانغان شىپىرىش، يېڭنە ۋە باشقا ئوكۇل ئۇرىدىغان ئەسۋابلارنى ۋە دورا سۇيۇقلۇقىنى ئورتاق ئىشلىتىش
1 i0 z* o# t( _; I* c; E/ e" U% r3 r* ~( H
››› بىخەتەر بولمىغان ئوكۇل سېلىنىش، قان يۆتكەش، تېشىپ ئۆتۈش ياكى كېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان باكتىرىيەسىزلەنمىگەن مېدىتسىنا مەشغۇلاتلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇش ۋە تەساددىپىي يېڭنە سانچىلىپ كېتىش ھادىسىلىرى قاتارلىقلار

" j  W! m/ M. u, T' ?' q9 G( X
دىئاگنوز
8 T* y5 _- g7 Q' i8 y  d) \, P  K3 |% v9 ]8 L; p
HIV تەكشۈرۈشى تەكشۈرۈلگۈچى قېنىدا HIV ئانتىبودىلىرى(HIV ئاقسىللىرىغا قارشى ئاقسىللار) نىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق HIV بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بېكىتىدۇ. ئانتىبودىلار بولسا كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىت سىستىمىسى يات كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ «كۆزنەك مەزگىلى» بار بولۇپ، ئادەتتە 3 ھەپتىدىن 6 ھەپتىگىچە بولىدۇ، ھەم مۇشۇ ۋاقىتتا HIV قارشى ئانتىبودىلار ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان بولىدۇ ياكى تېخى تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولغۇدەك مىقدارغا يەتمىگەن بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.6 A7 c3 ^5 W8 r9 x! f3 G+ X5 L
$ V/ a5 |, r6 R: A7 d* ]
يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرى باشقىلارنى ئەڭ يۇقۇملاندۇرىدىغان مەزگىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بىراق يۇقۇملىنىش بارلىق باسقۇچلاردا يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر بىراۋ يېقىندا HIV بىلەن ئۇچراشقان ئېھتىمالى بار بولۇپ قالسا، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن 6 ھەپتىدىن كېيىن قايتا تەكشۈرتۈش زۆرۈر. بۇنداق بولغاندا شۇ كىشىنىڭ بەدىنىدا ئانتىبودىلار يېتەرلىك مىقدارغا يېتىشىگە ۋاقىت بېرىلگەن بولىدۇ.
8 C4 @  `6 m2 l% a1 g+ P" U* C) V+ E# ]3 H
تەكشۈرتۈش: D! R7 n1 b9 v5 f2 g

6 K, f; w% Q7 h5 q) y" r) o- |0 ]HIV تەكشۈرۈشى ئىختىيارى بولۇشى كېرەك ھەم كىشىلەرنى تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلماسلىق ھوقۇقى نەزەرگە ئېلىنىشى لازىم. ساغلاملىق مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار ۋە مەمۇرى تارماقلارنىڭ ياكى جۆرە ۋە ياكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ  مەجبۇرى ياكى زورلاپ تەكشۈرتۈشكە قىستىشى خاتا چۈنكى بۇ ياخشى ئاممىۋى ساغلاملىق مەشغۇلاتىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولىدۇ.
% f/ v$ B, ^6 t$ J& K. R0 J  p% `! e0 V! ?
ئالدىنى ئېلىش+ m2 x9 j, `4 `3 _% G
; b. }( ]0 g# _1 X+ C3 N! t
كىشىلەر HIV خەۋىپ ئامىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى ئازايتىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىش خەۋىپىى كىچىلىتەلەيدۇ. HIV دىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى كۆپىنچە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىدىغان ئاچقۇچلۇق ئۇسۇللار تۆۋەندىكىچە:3 [$ |( Q8 ^! B$ T* t' _

1 ]1 t0 l7 C/ S" ^! \8 M6 e1. ئەر ۋە ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتتە گاندۇم ئىشلىتىش
9 @. \4 M, x* q% H6 L: l: oئىچىگە كىرىدىغان جىنسىي يول ياكى مەقئەت ئارقىلىق قىلىنغان جىنسىي مۇناسىۋەتتە توغرا ئۇسۇلدا ئىزچىل ھالدا ئەر ۋە ئاياللىق گاندۇم ئىشلىتىش HIV نى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدىغان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئەرلىك گاندۇم 85% تىن ئارتۇق ئەھۋاللاردا HIV ۋە باشقا جىنسىي يۇقۇملىنشلاردىن ساقلايدۇ.* d% \7 G# ~( r' e, Z! J0 Z; l- E

9 q. z$ F- Q6 e5 J* O2.HIV ۋە جىنسىي يول بىلەن يۇقىدىغان كېسەللەرگە قارىتا تەكشۈرتۈش
8 `, Q! D. p6 i: q' ?& Q) e6 X* f9 B9 A+ N  w
3. ئىختىيارى ھالدا ئەرلىك خەتنىسىنى قىلدۇرۇش9 P4 y% V5 v, ]; ]/ R/ _

  M$ `: Q3 \9 W1 X! @$ b4. ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىش+ t. ]% u- C9 y( g

# H5 @7 d* g7 y2 m( w5. ئوكۇل ئۇرىدىغان زەھەر چەككۈچىلەردىكى خەۋىپنى ئازايتىش (ئەسۋاب ۋە دورىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك)
0 t* [" v6 \# i" L7 C
  ~, G8 F7 g+ `- H& C6. HIV نىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىش

, W4 K5 r2 ^/ ^2 c' Z- F% n/ f
$ y4 ?8 L( c* eداۋالاش

/ I4 ~1 c. ~* e! i2 E1 h% @8 j7 K/ E( g0 d+ g* M: q# j$ O
ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ خىل ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئارقىلىق HIV نى ئاجىزلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ۋىرۇسقا قارشى دورىلار HIV نى داۋالاپ ساقايتمايدۇ، ئەمما ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملانغۇچى بەدىنىدە كۆپىيىشىنى كونتىرول قىلىش ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ ئىممۇنىت سىسىتمىسىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ ۋە باشقا يۇقۇملىنىشلارغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىزچىل ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى HIV نى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرمۇ ساغلام ۋە مول-ھوسۇللۇق ھايات كەچۈرەلەيدۇ.
0 j) F. L8 I+ v( h* P) I# g1 K. d, l! h0 z
تامام.
& J4 [( |( f$ g7 h
% t2 J9 M; B  a: L; Dئەسكەرتىش: بۇ يازمىنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن ۋە تارقاتقاندا مېنىڭ شەخسىي بىلوگىم بولغان بىلگە بىلوگى (http://bilge.eldawa.com/) دىن ئېلىندى، دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇماڭ. رەھمەت!
3 i9 k% L+ u% n5 j' C) o9 i8 M

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
borkut- + 10

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

15

تېما

338

يازما

353

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 105468
يازما سانى:
338
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1336
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
121 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-3-30
ئاخىرقى:
2016-1-12
ۋاقتى: 2014-12-3 08:33:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگەجان ئاكىمىزغا رەھمەت

تارىخى كۆمۈلگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولىدۇ.

باشقىلارغا تەبە

15

تېما

2479

يازما

2494

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 18033
يازما سانى:
2479
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
7624
تۆھپە :
306
باھا :
443
توردا:
7916 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-11-18
ئاخىرقى:
2016-1-29
ۋاقتى: 2014-12-3 08:50:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق يازمىلارنى كۆرسە ئادەمنىڭ ئىچى ئاچچىق بۇلۇپ قالىدۇ. لېكىن بىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش راست ئىشلارنى خەلىققە بىلدۈرۈپ ئۇلارنى توغرا يېتەكلىمىسەك تېخى بولمايدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

7

تېما

460

يازما

467

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 104669
يازما سانى:
460
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1215
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
412 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-3-10
ئاخىرقى:
2015-9-8
ۋاقتى: 2014-12-3 09:00:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنى ئەيدىز بىلىملىرى بىلەن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

ئۈستىدىن ئۇرىدىغان بازغان بولمىساڭ ، ئاستىدا يانچىلىدىغان سەندەل بولىسەن
باش رەسىمى نىقابلانغان

2

تېما

314

يازما

316

جۇغلانما

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 110859
يازما سانى:
314
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1049
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
140 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-11-13
ئاخىرقى:
2015-2-8
ۋاقتى: 2014-12-3 09:21:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچكىردە پاھىشۋازلار شۇنداق جىق تۇرۇپ ھەجەپ ئەيدىز بىزدە جىق ئىكەن توۋۋا

باش رەسىمى نىقابلانغان

15

تېما

532

يازما

547

جۇغلانما

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 109010
يازما سانى:
532
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
553
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
710 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-8-7
ئاخىرقى:
2016-1-13
ۋاقتى: 2014-12-3 09:22:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت جاپا چىكىپسىز  ھارمىغايسىز

<font size="5">بىز شۇنچىلىك ياسالما غورۇرلۇق بولۇپ كېتىپتۇق، كۆز ئالدىمىزدىكى ناھەقچىلىككە قاراپ تۇرىمىزيۇ باشقىلارنىڭ گېپىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان <font color="Red">ئىشنىمۇ قىلالمايۋات

4

تېما

599

يازما

603

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 107858
يازما سانى:
599
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2166
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
121 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-6-19
ئاخىرقى:
2015-9-30
ۋاقتى: 2014-12-3 09:29:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى قالايمىقان ئىشلاردىن چىقىدىكەن ھەر بەندىسى بولسا ئاللا ساقلىسۇن

4

تېما

599

يازما

603

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 107858
يازما سانى:
599
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2166
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
121 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-6-19
ئاخىرقى:
2015-9-30
ۋاقتى: 2014-12-3 09:31:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
martam يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 09:21 AM
. \0 K" ^6 z; Y4 ?) U5 yئىچكىردە پاھىشۋازلار شۇنداق جىق تۇرۇپ ھەجەپ ئەيدىز بى ...
: [) h+ K# q6 i4 D0 D6 c
بۇ تازلىق مەسىلىسى سەل قاراش مەسلىسى

6

تېما

1359

يازما

1365

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 100933
يازما سانى:
1359
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5803
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2270 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-12-16
ئاخىرقى:
2016-1-29
ۋاقتى: 2014-12-3 10:29:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزنى تازلىقتا خەققە تەڭ قىلمايمىز .ھەتتا قىرىنداش مېللەتلەرنى ‹ئۇنى يەپ ،بۇنى چىقىرىدىغان› ھاقارەتلەش خاراكتىرى كۈچلۈك سۆزلەر بىلەن تۆۋەن كۆرىمىز .ئەپسۇس ،كالپاققا لايىق ،باش چىقمىدى .ئەيدىزنىڭ بىر قەۋم ئىچىدە بۇنداق كۆپ بولىشى بەزىلەر دائىم دىنىي ئىتىقاد سۇسلاشتى دىگەننى باھانە قىلىپ ،ئۆزىدىكى سەۋەبدىنى ئىزدەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ .بىراق ،بۇ نىجىس كىسەلنىڭ بىر مېللەت ئىچىدە تارقىلىشى كەڭ بولىشى مېللي ئەنئەنە ،مېللىي ئىقتىساد،مېللىي دۇنيا قاراشتىدىكى زەئىپلىشىش .مېللىي جەمىئەت كۆز-قارىشىنىڭ سۇسلىشى ،مېللەتداشلىق مۇھەببىتىنىڭ ئاجىزلىشى ،ئەڭ مۇھىمى شەخسى تازلىق كۆز-قارىشىنىڭ ئەجدادلار تازلىق كۆش-قارىشى بىلەن بولغان پەرقىنىڭ چوڭلاپ كىتىشى.

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

0

تېما

67

يازما

67

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 30382
يازما سانى:
67
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4313
تۆھپە :
190
باھا :
190
توردا:
119 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-2-14
ئاخىرقى:
2016-1-13
ۋاقتى: 2014-12-3 10:55:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەسئۇلىيەتنى بىز ھەربىر ئەركەك تونۇپ يىتىشىمىز كىرەك،بىزدىگەن ئوغۇل بالا،مىللەتنىڭ ھامىسى،بىز نىمانچە شەھۋەتپەرەسلىشىپ كىتىمىز،نىمانچە ئۆزۈمىزنى تۇتالمايمىز،ئاتا-ئانا قىرىنداشلىرمىزنى ئەنسىرتىش بىزگە يارشامدۇ،بىز ئوغۇل بىز ئەسلى خاتىرجەملىك،بىخەتەرلىك،كۈچ-قۇدرەتنىڭ ۋەكىلى ئەمەسمۇ?بىز نىمانچە بۇزۇقلىشىپ كىتىمىز،قىنى ئالىملىرىمىز،ئۇستازلىرمىز سىلەر،نىمانچە بىشىڭلارنى تىقىۋالسىلەر،بىز سىلەرنى كۆرەلمەي قالدۇق،بىز سىلەرگە ئىچىرقاپ كەتتۇق،بىزگە بىرنىشاننى سۆزلەپ بىرىڭلار،بىز شۇنى كۆزلەيلى،بىز نادانلارنىڭ ئىغىرىنى كۆتۈرۈڭلار،ھەق گەپلەرنى يەتكۈزۈشتىن ھىرىپ قالماڭلار،خەلىقىڭلارنىڭ دۇئاسى سىلەر بىلەن بىرگە،اللە سىلەرنى بىزدىن ئايرىمىسۇن،ھەقنى يەتكۈزگەنلەردىن ئايرىمىسۇن،قۇلاقلىرىمىزدىن سۆزلىرىڭلارنى ئايرىمىسۇن،اللە سىلەرنى ھاردۇرمۇسۇن،قەلىمىڭلارنى كۈچلۈك قىپ بەرسۇن،ئۈمۈد قىلمىزكى بىر سىلەرنى كۆرەيلى.
" |/ D. ~7 j! q, t* Vقىرىندىشىڭلاردىن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-1-30 08:19 PM, Processed in 0.061550 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش