كۆرۈمسىز ئايال
تۇرسۇنگۇل ئوسمان (پىغانى)
مەن ئۆزۈم بىر كۆرۈمسىز ئايال،
لاتاپەتتىن يوقتۇر نىسىۋەم.
چىھرىم مىنىڭ ئايجامال ئەمەس،
زىنىقىم يوق مەڭزىمدە كۈلسەم.
قاملاشقان بوي بەستىم يوق مىنىڭ،
چاچلىرىممۇ سۆيمەيدۇ تاپان.
ئەمەس خىجىل قوياش ھۆسنۈمدىن،
ھىچكىم كۆيمەس ئىشقىمدا پىنھان.
لىكىن قەلبىم گۈزەلدۇر مىنىڭ،
ياخشى ئايال، ياخشى ئاپىمەن.
ئائىلەم بار بىر ئىللىقىنا،
مەن شۇنىڭدىن بەختىم تاپىمەن.
قۇتۇلالماس ھىچقانداق بىر ئىش،
قوللۇرۇمدىن مىنىڭكى ھامان.
چىرايىم يوق لىكىن دىتىم بار،
شۇڭا كۈلۈپ باقىدۇ زامان.
(ئاپتۇر يەكەن ناھىيلىك يىڭىئۆستەڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-4 03:41 PM