مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 944|ئىنكاس: 15

ئېتىزدا نە گۈناھ ‹‹كەتمەن›› بىۋاپا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2907
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16631
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2573 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 07:41:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئېتىزدا نە گۈناھ ‹‹كەتمەن›› بىۋاپا
قاراخان

يەر قاتتىق دېھقانمۇ ئۇنىڭدىن قاتتىق،
بولغاچقا يىگەن نان، مايسا دان تاتلىق.
ئاتاڭ يەر ،ئاناڭ يەر بىلسەڭ بىتەھقىق،
ئېتىزدا نە گۈناھ ‹‹كەتمەن›› بىۋاپا.

سۇ باشلاپ ئېتىزغا قىلساڭ قىرنى نەم،
بولامدۇ كۈزدە مول ھوسۇلۇڭدىن غەم.
تەر تۆككەن ئىشچانغا زادى نىمە كەم،
ئېتىزدا نە گۈناھ ‹‹كەتمەن›› بىۋاپا.

تېرىماي ئۈنەمدۇ ئارپا-تېرىق ئاش،
ئاشلىقىڭ بولمىسا كۈلمەس قارىقاش.
گەپ يەردە ئەمەسقۇ ئەردىغۇ بەرداش،
ئېتىزدا نە گۈناھ ‹‹كەتمەن›› بىۋاپا.

ئېرىقنى ئويۇپ چاپ ،سۇنى ئويناپ تۇت،
دان سۈيى جان سۈيى  زىرائەتكە قۇت.
ئالدىماي يەرگە سەن تۆكسەڭ كۆپ ئوغۇت،
ئېتىزدا نە گۈناھ ‹‹كەتمەن›› بىۋاپا.

يەر تويماي ئەل تويماس يەرنىڭ كۆزى ئاچ،
سۇ كۆرسەڭ يەرگە ئاچ ،تاشقا ئۇرۇق چاچ.
دىمىگىن  قاتتىق يەر ،قۇم، شور ئەسلى كاج،
ئېتىزدا نە گۈناھ ‹‹كەتمەن›› بىۋاپا.

دېھقانغا ئېتىز ئۇ پۇرايدۇ ئەنبەر،
ئېچىقىڭ باش بولسا بىلگىن خوشخەۋەر،
يەرنى سەن يىمىسەڭ يەيدۇ سېنى يەر،
ئېتىزدا نە گۈناھ ‹‹كەتمەن›› بىۋاپا.

مايساڭنىڭ كۆكىگە ،تۈۋىگە ئىشلە،
قېلىن ،كۆك تېرىمدىن قىشتا ماي چىشلە.
ئاقارسا مەيلى دە  ئىككى قاش چېكە،
ئېتىزدا نە گۈناھ ‹‹كەتمەن›› بىۋاپا.

ئىشلىگەن چىشلەيدۇ يىمەيدۇ سوراپ،
يەردىن ئال ھەممىنى كەتسەڭمۇ خوراپ.
ئۆتمەمسەن تەرىڭدە  لەززەتنى شوراپ،
ئېتىزدا نە گۈناھ ‹‹كەتمەن›› بىۋاپا.

2014-يىلى 2-دېكابىر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 09:49 PM  


دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 10:18:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىزاھات : ماۋۇ شېئىردىكى كەتمەن بىلەن كەمىنە مۇناسىۋەتسىزكەنمەن.
ئاپتۇر شېئىرنى ياخشى يىزىپسىز.  تېخىمۇ تېرىشىڭ

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109407
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 720
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2014-8-23
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 10:27:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرنى ياخشى يىزىپسىز.
‹‹رەھمەت››

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 690
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 504 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 12:46:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن ياقتۇردۇم رەخمەت سىزگە

بىز شۇنچىلىك ياسالما غورۇرلۇق بولۇپ كېتىپتۇق، كۆز ئالدىمىزدىكى ناھەقچىلىككە قاراپ تۇرىمىزيۇ باشقىلارنىڭ گېپىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان ئىشنىمۇ قىلالمايۋات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106427
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 89
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2014-4-26
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 09:21:15 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى شېئىركەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2086
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 09:54:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىھقانمۇ ئازلاپ كەتتى يەرمۇ ھەم شۇنداق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2913
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 11:20:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3911
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1009 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 11:41:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



       ياخشى يېزىلىپتۇ، بۇ شېئىرنى كۆرۈپ، مەرھۇم شائىر مامۇت زايىتنىڭ «ئات جۇۋازدا، كالا مەپىدە» دېگەن مەشھۇر ھەجۋىسى ئېسىمدىن كەچتى.
       قاراخان، ماۋزۇ «ئېتىزدا نە گۇناھ، كەتمەن بىۋاپا» شەكىلدە، يەنى «گۇناھ»تىن كېيىن پەش ( ، ) كېلىدۇ. تەڭداش بۆلەك ئەمەسمۇ؟  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2907
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16631
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2573 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 11:49:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bulaksu2 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 11:41 AM
ياخشى يېزىلىپتۇ، بۇ شېئىرنى كۆرۈپ، مەرھۇم شائىر  ...

رەھمەت ئۇستاز ،بىلىۋالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102841
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1933
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 12:46:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رۇزى سايىت ئۇستازنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئىزناسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.   بەك ياخشى چىقىپتۇ      

__ يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ باقاي...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش