|
|
|
|
بەش ساھىپجامالنىڭ تەقدىرى(ھېكايە)
ھەقىقىي بەخت گۈزەل چىرايلارغا ئەمەس، دىيانەت ئىگىلىرىگە مەنسۇپ -بارلىق قىزلارغا بېغىشلايمەن ھەربىر قىز دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندا، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن چەكسىز بەختكە چۆمىدۇ، ئوماق قىزىنىڭ تاتلىق كۈلكىسى، شېرىن سۆزلىرى ئۈچۈن دېگىنىنى يىگۈزۈپ، كىيىمەن دېگىنىنى كىيگۈزۈپ چوڭ قىلىدۇ، ئاپئاق كۆينەكنى كىيىپ پەرىشتىدەك چىرايلىق بولۇپ كەتكەن قىزى ئۈچۈن ئاسماندىكى ئاينى ئۈزۈپ بېرىشكىمۇ تەييار تۇرىدۇ. لېكىن بىر قىز بالا ئۈچۈن چىرايىدىنمۇ مۇھىم نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ پەزىلەت.پەزىلەتلىك قىز بىر گۆھەرگە ئوخشايدۇ، مەيلى ئۇ قانداق مۇھىتتا بولسۇن، ئۆزىنىڭ ساپلىقى بىلەن جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.بىر ئاتا-ئانا ئۈچۈن بىر ئېسىل پەزىلەتلىك قىز يېتىشتۈرۈشتىنمۇ ئارتۇق ساۋاپلىق ئىش بولمىسا كېرەك، بىر قىز بالا ئۈچۈن ئاتا-ئانىسى بەرگەن پاكلىقنى ھالال جۈپتىگە تاپشۇرۇشتىنمۇ ئارتۇق ۋاپادارلىق بولمىسا كېرەك. مەيلى سىز قىزىڭىزنى مەلىكە ۋە ياكى خانىشلاردەك چوڭ قىلىڭ، ئۇ ھامان يەنىلا ئەرگە تېگىدۇ، شۇ ھالال جۈپتىنىڭ ئالدىدىكى بەختى مانە ئەڭ زور بەخت، ئۇ سىلەر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، قىزىڭلارغا ھەمراھ بولىدۇ. شۇڭا قىزىڭىزغا بەختتىن ھۇزۇرلىنىشنى ئەمەس، بەختنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۆگىتىڭ، شۇندىلا ئۇ ھەقىقىي بەختكە ئېرىشەلەيدۇ.ھېكايىمىزدىكى بەش ساھىپجامالنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇنداق ئەتىۋارلىق چوڭ بولغان مەلىكىلەر، لېكىن ئۇلارنىڭ تەقدىرى ئالامشۇمۇل پەرقلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلارغا ھەمراھ بولىدىغىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەركىلىتىشى ئەمەس، قەلبىدىقى ئېتىقاد، نىيەت-ئىقبال، ۋە ئارزۇ-ئارمانلار، مانە بۇلار ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. 1-نومۇرلۇق قىزىمىزنىڭ ئىسمى ماھىرە. ماھىرە، ئاقسۇلۇق، ئاق-پىشماق، زىلۋا بوي، ئۆزىنىڭ چىرايىغا شۇنداق ئىشىنىدۇ، كىچىكىدىن ئەركە چوڭ بولغان، دادىسى ساقچىخانىنىڭ باشلىقى، ئاپىسى مەمۇر. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ ھەۋىسى، ھەسەتخورلىقى، خۇشامىتى ئىچىدە چوڭ بولغان.چۈنكى دادىسىغا پارا بېرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ يۈرەك پارىسىغا ئېسىل نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاقىلانە تاللىشى. ئاپىسى كىچىكىدىن تارتىپ، ئۇنىڭ گۈزەل قىزىدىن پەخرلىنىدۇ، مەيلى قايسى چېيىدا بولسۇن، قىزىنىڭ گۈزەللىكىنى، قايسى ئەمەلدارلارنىڭ ئوغلىنىڭ مۇھەببەت ئىزھار قىلغانلىقىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ يۈرىدۇ. دادىسى گۈزەل قىزىغا كالتە،ئوماق كىيىملەرنى كىيگۈزۈپ قولتۇقلاپ مېڭىشنى، باشقىلارنىڭ ھەۋەسلىنىپ قارىشىدىن ھۇزۇر ئېلىشنى ئەڭ خۇشاللىق ئىش دەپ بىلىدۇ.ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ھەم زامانىۋى ئائىلە، ئەر-ئايال ئىككىسى بەزىدە قىزى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قىزىل ھاراق ئىچكەچ رومانتىك فىلىملەرنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.ئۇ ئانە شۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولدى.ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئېتىقاد توغۇرلۇق سۆزلەر بولۇنمايدۇ.ئۇنىڭ ئاپىسى قىز بالىنىڭ قانداق يۈرۈشى، ئۆزىنى قانداق قەدىرلىشى توغرىلىق بىر ئېغىزمۇ سۆزلەپ باقمىغان.ئۇنىڭ دادىسى، قىزىم، كىم سېنى بوزەك قىلسا ماڭا دېگىن، ئەدىپىنى بېرىمەن دېيىشتىن باشقا ئۇنىڭغا ئۆزىنى قانداق قوغداش توغرىسىدا سۆزلەپ بەرمەيدۇ.ئۇ مانە ئەمدى يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ئالىي مەكتەپكە قاراپ ماڭماقتا. گۈزەل ئۈرۈمچى، نۇرغۇن ئازغۇن ھېسلارغا تولغان شەھەر، ئۇنىڭ بۇ تۇنجى قېتىم ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ باشقا يۇرتقا بېرىشى، ئۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن يىغلىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن، مۇرەككەپ ھېسلار ئىلكىدە ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراپ يول ئالدى.2-نومۇرلۇق قىزىمىزنىڭ ئىسمى گۈلقىز
(داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ، مەنبەسى:ئۆزۈم)
|
|
|
|
|
|