بىرىنچى قېتىملىق «رىۋايەت لوڭقىسى » نى تالىشش
كارتون مۇسابىقىسنىڭ ئەسەر قوبۇل قىلىش
1-مۇسابىقە مەقسىتى يېڭى يىل كىلىش ھارپىسىدا ئىلىپ بىرىلماقچى بولىۋاتقان بىرىنچى قېتىملىق رىۋايەت لوڭقىسنى تالشىش كارتون مۇسابىقىسىنى رىۋايەت كارتون سىتودىيسى تەشكىللىگەن بۇلۇپ ، بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق كەڭ ئۇيغۇر كارتون ھەۋەسكارلىرىغا تەجىرىبە ئالماشتۇرىدىغان ، ئىجادىي قابىليىتىنى يۇقۇرى كۆتۈردىغان ، ئۆز ماھارىتىنى نامايەن قىلىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بىرىش ۋە بۇ ساھەدە يىڭىچە يۈكىسلىش ھاسىل قىلىش مەخىسىدى بىلەن ئىلىپ بىرىلدى . سىزدە كارتون ئىشلەش ، كارتون ئوبرازلىرىنى لاھىيەلەش ،كارتون دىكراسيەسى سىزىش،سىنارىيە يېزىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنىڭ بىرى بولىدىكەن بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشالايسىز . بۇمۇسابىقىگە كوللېكىتىپ ۋە شەخىسلەرنىڭ قاتىنىششغا تامامەن بولىدۇ .
2- تەشكىللىگۈچى ئۇرۇن رىۋايەت كارتون سىتودىيسى رىۋايەت كارتون مۇنبىرى www.rivayat.com
3- تەشكىللىگۈچىلەر ئابدۇراخمان ئابلىز (رىۋايەت كارتون سىتودىيسىدىن ) تېلېفون- 13999858891 كىيۇكىيۇ نۇمىرى - 605588378 ئابدۇخىلىل داۋۇت (رىۋايەت كارتون سىتودىيسىدىن ) تېلېفون- 13399776852 كىيۇكىيۇ نۇمىرى -1037754601 ئېلخەت ساندۇقى : uyguurcarto@126.com
4- مۇسابىقە ۋاقتى ئەسەر قاتناشتۇرۇش ۋاقتى : 2014-يىلى12-ئاينىڭ 1-كۇندىن 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئەسەرلەرنى مۇنبەردە ئىلان قىلىش ۋاقتى : 2015-يىلى 3-ئاي 10-كۈنى. ئەسەرلەرمۇسابىقە تەشكىلى ھەيئىتى تەرىپىدىن ئىجادىيەتچىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كىيىن رىۋايەت كارتون مۇنبىرىدە(www.rivayat.com) ئىلان قىلىنىدۇ ، شەخسىلەر ئۆز ئالدىغا ئىلان قىلىشقا بولمايدۇ. باھالاش نەتىجىسنى ئىلان قىلىش ۋاقتى : 2015-يىلى 3-ئاي 21-كۈنى مۇكاپات تارقتىش ۋاقتى :2015-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
5-مۇسابىقە تۈرلىرى 1-ئىككى ئۆلچەملىك ، ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون كارتون فىلىم ( قانداق دىتال قانداق ئۇسلۇپتا ئىشلەش چەكلەنمەيدۇ) قۇنچاق كارتون ، قەغەز قىيما...... كارتون قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ 2-كارتون سىنارىيە ،كارتون ئوبراز ،كارتون دىكراتسىيەسى (مەنزىرە) 6- تىزىملىتىش ئۇسۇلى مۇسابىقىگە قاتناشماقچى بولسىڭىز ئاۋال تىزىملاش جەدىۋىلىنى تولدۇرۇپ ،ئىلىكترۇن نۇسخىسىنى مۇسابىقە تەشكىلى ھەيئىتنىڭ مەخسۇس خەت ساندۇقىغا ئەۋەتسىز ،تىزىملىتىش جەدىۋىلىنى يوللىمىغانلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلىرى قۇبۇل قىلىنمايدۇ ، ئەسىرىڭىز پۇتمىگەن بولسا كىرەك يوق ئاۋال تىزىملتىشنى ئۇنۇتماڭ،تىزىملىتىش جەدىۋىلىنى تۇلدۇرۇپ بۇلۇپ ئەسەر قاتناشتۇرالمىسڭىزمۇ كىرەك يوق . تىزىملاتقۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى مۇسابىقە تەشكىلى ھەيئىتى رىۋايەت كارتون مۇنبىرىدە (www.rivayat.com)ھەركۇنى ئىلان قىلىپ تۇرىدۇ .
7- مۇسابىقىگەقاتناشقۇچىلار بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار . 1. مۇسابىقىگەقاتناشقۇچىلارنىڭ ياش ۋە كەسپى چەكلەنمەيدۇ . 2. مۇسابىقىگەقاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر جوڭخۋا خەلىق جۇمھۇريىتنىڭ قانۇن –نىزاملىرىغا خىلاپ بولماسلىقى لازىم . 3. ئەسەر چۇقۇم ئاپتۇرنىڭ ئۈزنىڭ ئىجادىيتى بولغان بۇلۇش لازىم ، ئوخشىتىپ ئىشلەنسە ۋەئۆزگەرتىلىسە ئىناۋەتسىز . 4. مۇسابىقىگەقاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرلىق ھۇقۇقى ۋە تارقىتىش ھۇقۇقى ئەسەر ئىگىسىدەبولىدۇ . 5. بۇرۇن ئىشلەنگەن ۋە باشقا مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرمۇ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلسابولىدۇ . 6. مۇكاپات بۇيۇملىرىنى رىۋايەت كارتون سىتودىيسى ئۈستىگە ئالىدۇ .
8- مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەرگە قۇيۇلىدىغان تەلەپ كارتون فىلىم ئەسەرلىرنىڭ ۋاقتى 60 سىكونىتتىن كام بولماسلىقى ، ئەسەر AVI、MPEG、MOV、SWFفورماتىلارنىڭ خالىغان بىرخىل شەكلىدە بۇلۇشى ، ئەسەرنىڭ تىمىسى ۋەچۇشەندۇرشى بۇلۇش لازىم . كارتون سىنارىيە ئەسەرلىرنىڭ خەت سانى 2000 خەتتىن كام بولماسلىقى ، ھىكايەۋەقەلىكى ئىجادىي ۋە تەسىر قىلارلىق بۇلۇشى لازىم ، قىستۇرما رەسىم قىستۇرۇلغان بولسا نۇمۇر قۇشۇپ بىرىلىدۇ . كارتون ئوبراز لاھىيىللىرى ئىجادى بولغان بۇلۇشى ، ئوسلۇبى ئۆزگىچە ،ئالاھىدىلىكى رۇشەن ، نىسبەت قۇرۇلمىللىرى ۋە پىرسپىكتىۋىسى توغرا ، بۇلۇشى ، ئەڭ ئاز بولغاندا ئۇچ خىل يۇنۇلۇشتىكى (ئۇدۇل ، يان ، قىيپاش ) ھالتى سىزىلغان بولۇشى، ئەسەرRGB فورماتتىكى JPG ھۆججەت بۇلۇشى،چوڭ –كىچىكلىكى800*600 ، ئىنىقلىقى 300پىكسىل بۇلۇشى، ئىسىمى ۋە چۇشەندۇرشى بۇلۇش لازىم . ئەسەرنىڭ مۇۋاپىق ئۇرنىغا سالاھىيەت كىنشكە نۇمۇرىنى قالدۇرۇش لازىم
9- ئەسەر تاپشۇرۇش شەكلى ئەسەرلىرىڭىزنىڭ يۇقارقى تەلەپ بۇيىچە تەييارلانغان نۇسخسىنى مۇسابىقەتەشكىلى ھەيئىتنىڭ مەخسۇس چ چ سى 1037754601 گە ئەۋەتسىز (ئەۋەتىشتىن بۇرۇن تىلىفۇن قىلىڭ 13399776852) ئەسەر قاتناشتۇرغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى ، ئەسەر تۇرى قاتارلىقلارنى مۇسابىقە تەشكىلى ھەيئىتى رىۋايەت كارتون مۇنبىرىدە(www.rivayat.com) ھەركۇنى ئىلان قىلىپ تۇرىدۇ .
10-مۇكاپاتلاش شەكلى 1-دەرىجە بىر نەپەر مۇكاپات بۇيۇمى - رەسىم سىزىش تاختىسى ، شەرەپ گۇۋاھنامسى، رىۋايەت كارتون سىتودىيسى نەشىر قىلىدۇرغان 4 دانە كارتون پىلاستىنكىسى (1-2-3-پىلاستىنكىلارنىڭ سۈزۇك نۈسخىسى).2 دانە كارتون دەرسلىك كىتاپ. Retas يۇمشاق دىتالنى ئۇگۈنۈش دەرىسلىكى(خەنزۇ تىلىدىكى سۈزۈك نۇسخسى) 2-دەرىجە بىر نەپەر مۇكاپات بۇيۇمى - رەسىم سىزىش تاختىسى ، شەرەپ گۇۋاھنامسى ، رىۋايەت كارتون سىتودىيسى نەشىر قىلىدۇرغان 4 دانە كارتون پىلاستىنكىسى (1-2-3-پىلاستىنكىلارنىڭ سۈزۇك نۈسخىسى) .بىر پارچە كارتون دەرسلىك كىتاپ . 3-دەرىجە بىر نەپەر مۇكاپات بۇيۇمى - رەسىم سىزىش تاختىسى ،شەرەپ گۇۋاھنامسى ، رىۋايەت كارتون سىتودىيسى نەشىر قىلىدۇرغان 4 دانە كارتون پىلاستىنكىسى(1-2-3-پىلاستىنكىلارنىڭ سۈزۇك نۈسخىسى) ئەڭ مۇنەۋەر سىنارىيە مۇكاپاتى 1نەپەر مۇكاپات بۇيۇمى - شەرەپ گۇۋاھنامىسى،رىۋايەت كارتون سىتودىيسى نەشىر قىلىدۇرغان 4 دانە كارتون پىلاستىنكىسى(1-2-3-پىلاستىنكىلارنىڭ سۈزۇك نۈسخىسى). ئەڭ مۇنەۋەر كارتون ئوبراز مۇكاپاتى 1 نەپەر مۇكاپات بۇيۇمى - شەرەپ گۇۋاھنامىسى، رىۋايەت كارتون سىتودىيسى نەشىرقىلىدۇرغان 4 دانە كارتون پىلاستىنكىسى ، بىرپارچە كارتون دەرىسلىك كىتاپ . ئەڭ مۇنەۋەر كارتون دىكىراتسىيە مۇكاپاتى 1 نەپەر مۇكاپات بۇيۇمى - شەرەپ گۇۋاھنامىسى، رىۋايەت كارتون سىتودىيسى نەشىرقىلىدۇرغان 4 دانە كارتون پىلاستىنكىسى ،بىرپارچە كارتون دەرىسلىك كىتاپ . ئەسەر قاتناشتۇرۇش مۇكاپاتى مۇكاپات بۇيۇمى - رىۋايەت كارتون سىتودىيسى ئىشلىگەن «دانىشمەن ۋە ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى » ناملىق كارتون پىلاستنكىسى ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسى .
11- مۇسابىقە باھالاش ھەيئىتى باھالىغۇچىلار : ئابدۇراخمان ئابلىز (رىۋايەت كارتون سىتودىيىسىدىن ) ئابدۇخىلىل داۋۇت (رىۋايەت كارتون سىتودىيىسىدىن ) ئىرپان يارمۇھەمەت (ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كارتون گورۇپپىسدىن ) ئەسەرلەرنى باھالاش ئولچىمىنى مۇسابىقە تەشكىلى ھەيئىتى ئورتاق بىكىتىدۇ .ئەسەرلەر باھالىنىپ بولغاندىن كىيىن ، نەتىجىسى رىۋايەت كارتون مۇنبىرىدە(www.rivayat.com) ئىلان قىلىنىدۇ . تىزىملىتىش جەدىۋلىنى چۇشۇرۇڭ
(جەدىۋەلنى بىسىپ چىقىرىپ قولدا تولدۇرۇڭ ، ئەۋەتكەندە سىكاننىرلاپ ياكى رەسىمگە تارتىپ ئەۋەتىڭ) چۇشۇرۇش
神话杯动画大赛报名表2014-12-1.doc (131.5 KB, چۈشۈرۈش سانى: 38)
|