مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3084|ئىنكاس: 27

تۇز: كۈيئوغۇل سېتىۋېلىنامدۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43801
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15963 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 01:51:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

سۇئال : ئوغلۇمنى ئۆيلەندۈرمەكچى ئىدىم ، ئەممە ئۇ كېلىن تەرەپنىڭ قىز مېلىنى ۋە سوۋغىسىنى قوبۇل قىلمايمەن دەۋاتىدۇ . مىننەت قىلىدۇ دەپ ئەنسىرەيدىكەن . ئۇغلۇم توغرا يول تۇتىۋاتامدۇ ؟


جاۋاپ : تېخى كەلمىگەن كېلىننى مىننەت قىلىدۇ دەپ گۇمان قىلىش ياخشى ئەمەس . ئەمما ئوغلىڭىزنىڭ قىز تەرەپنىڭ قىز مېلىنى ئىنكار قىلىشى ياخشى ! بۇ ئوغۇلبالىچە ، ئەركەكلەرگە خاس قارار! سىزنىڭ سۇئالىڭىزنىڭ باھانىسى بىلەن باشقا ئاتا- ئانىلارغا ئېيتىدىغىنىمنىمۇ  ئېيتىۋالاي .

قىز چىقىرىشتىكى بۈگۈنكى ئىشلىرمىز ئەقىلگە سىغمايدىغان ، ياراتقۇچى نارازى بولدىغان دەرجىگە بىرىپ يېتىۋاتىدۇ . قىزىنى باغرىدىن يۇلۇپ قۇدىلارنىڭ خىزمىتىگە ئۆمۈرلىك بېرىپ قويۋاتقىنى يەتمەي ، كۈيئوغۇلنىڭ ئائىلىسىگە لازىمەتلىكلەرنى تولۇق ئاپىرىش كۈيئوغۇل تەرەپكە قىلىنغان مۇلازىمەتمۇ ياكى پارا بېرىشمۇ ۋە ياكى كىبىرمۇ يەنى ياكى شۆھرەتپەرەسلىكمۇ ، چۈشەنمەيسىز . كېلىن بىلەن بىرگە شۇنچە مال - مۈلۈكنىڭ كىرىپ كىلىشىدىن ئەسلىدە قۇدىلار ، جۈملىدىن كۈيئوغۇل بولغۇچى ئەركەك خىجالەت بولىشى كېرەك ئىدى . چۈنكى شۇ ئائىلنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ئەركەكنىڭ قەرزى ھەم پەرزى شۇنداقلا بۇرچى ئەمەسمۇ ؟! نېمە ئۈچۈن قىز بالا ئەرلىك بولۇش ئۈچۈن پۇل سەرىپلىشى كېرەك ؟! بۇ كۈيئوغۇلنى سېتىۋېلىشمۇ ؟! بۇ نالايىق ئىشنى بىزدىن باشقا ھېچكىم قىلمىسا كېرەك ! جېىنىنى پارچىلاپ بالىغا ئايلاندۇرغىنى ھەم ئاتا-ئانىسىدىن كېچىپ ، يات بىر ئۆينىڭ خىزمەتچىسى ھەم چىرىغىغا ئايلنىپ ئۆتكىنى ئۈچۈن مەن قىز زاتىنى ئوغۇل بالىدىن يۈكسەكرەككە قويىمەن ، نېمە دىسىڭىز دەڭ!

ئوغلىڭىز قىز مېلىنى كېلىن مىننەت قىلىدۇ دەپ ئەمەس ، ئەرلىك ئارىيەتتتىن شۇنداقلا ئەركەكلىك مەسئۇلىيىتىدە تۇرۇپ ئىنكار قىلىشى كېرەك . ئۆز قوللىرى ، ئەقىللىرى بىلەن ئائىلە بەرپا قىلىپ ، ئۇنىڭغا ئەجرى قىلىپ ، تازا ئارزۇلاپ ، ياشىغانلارنىڭ ئائىلىسى مۇستەھكەم بولىدۇ . چۈنكى ئۇلار شۇ تەرزدە سەۋرگە، قانائەتكە ۋە قىيىنچىلىقلارغا چىداشقا كۆنىدۇ . ئەزىيەت چىكىپ بىر نەرسىگە ئىرشىش يولىدا بىر - بىرلىرىگە يۆلەك بولۇپ ، بىر - بىرلىرىگە مۇھەببەتلىرى چۈشۈپ بارىدۇ .

ئەگەر كېلىننىڭ كاتتا مال - مۈلۈك بىلەن كىرىپ كېلىشى قۇدىلارنى سۆيۈندۈرسە ، بىلىڭكى ،ئۇلارنىڭ شەيتان بىلەن ھەمتاۋاقلىقى شۇ! بۇ ئابرويپەرەسلىك ، بۇ نەق شۆھرەتپەرەسلىك ! ئاتا- ئانا شۇ بالاغا يولۇقسا ، بالىسىنىڭ ئۇۋىسى بۇزىلىشى ياكى غۇربەتخانىغا ئايلىنىشى ئېنىق . ئاگاھ بولۇڭكى ، ئىچىڭىزدىكى « بالاڭغا سەرپلە ، سەن كۆرمىگەننى بالاڭ كۆرسۇن ، قىز مېلىنى پالانچىلارنىڭكىدىنمۇ كۆپ قىلىپ بەر ، قۇدىمىزنىڭ ئاغزى كاماردەك ئىچىلىپ قالسۇن ، كىملىكىمىزنى بىلىپ قويسۇن ...» دېگەن ئاۋاز سېنىڭ ئەمەس ، شەيتاننىڭ ئاۋازىدۇر ! ئېتىبار قىلىڭ ، مەغرۈر تۇرۇشلار ، ، جاراڭ - جۇرۇڭلار بىلەن ، داۋراڭ سىلىش بىلەن تۇرمۇش قۇرغانلارنىڭ ھاياجانلىرى ، ئەر - خۇتۇننىڭ پەيزىلىرى كەمرەك بولىدۇ . ئەڭ ئىچىنارلىقى ئۇلارنىڭ قەدىمىگە قويۇلغان مال -دۇنيادىن كۆزلىرى ياياراپ كەتمەيدۇ . سىز كۈتكەندەك يايرىيالمايدۇ . شۈكرانە ۋە رازىلىق دىگەن نەرسە يوق ! ھوزۇرلىنىش يوق ! ئۇلار بەئەينى ئاتا- ئانىلىرىنىڭ ئالقانلىرىدا ئولتۇرىدۇ : ئەتراپقا بىپەرۋا ، زېرىكەرلىك ھالدا قارايدۇ . يېمەكلىكلىرى تەييار ، سۇلىرى تەييار ، خالىسا چاچىدۇ ، خالىسا تۆكىدۇ .
خەلىق ئىچىدىكى « بىلى ئاغرىمىغاننىڭ نان يېيشىگە باق » نەقىلنىڭ مەنىسى شۇ . ھازىرقىلار شۇنىڭ ئۈچۈن ئاسان ئاجرىشىدۇ . بىر - بىرلىرىدىن ئاسان كۈڭۈل ئۈزىدۇ . بەلكىم ، پەرزەنتلىرىڭىز كاتتا ئىنسانلاردىن بولار ئىدى ، ئەپسۇس شەيتانىي خائىشلىرىڭىز ۋە تەمەننا كىبىرلىكىڭىز بىلەن سىز ئۇلارنى يارىماس قىلىپ قويدىڭىز . بۇنداق نەتىجىنى ھەرگىز كۈتمىگەن ئىدىڭىز ، توغرىمۇ ، بۇ يەكۈننى سىزنىڭ قىلمىش - ئەتمىشىڭىز سەۋەبىدىن ياراتقۇچى توغۇرلىدى .

كېلىن تەرەپنى ئېغىر چىقىملارغا دۇچار قىلماسلىق دېگەن گەپ كېلىنچەكنىڭ پۈتۈنلەي قىز مىلى بولمىسۇن دېگەنلىك ئەمەس . بەلكى نورمال ھالەتتە يېڭى ئائىلەگە يېڭى كىيىملەر ، يېڭى بۇيۇملار ، يېڭى يوتقان - كۆرپىلەر بىلەن كىرىپ بېرىش ئاتا- بوۋىمىزدىن قالغان ئۇدۇم ، ئۆزىمىزگە خاس بولغان ئادەت . قىز بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپ ساندۇققا دۈم چۈشىدۇ . بۇنى ئوغلىڭىزغا چۈشەندۈرۈڭ ، ئۇ يەرلەرگە ئارلاشمىسۇن .
ئۆزىڭىزگە دەيدىغىنىم : تويدىن كېيىنكى ىراۋلار يەپ ، بىراۋلار ئىچىپ كىتىدىغان ، قائىدە - ئادەتلىرمىزگە كىرمەيدىغان چىقىملارنى ، باردى -كەلدىلەرنى سىزمۇ قىسقارتسىڭىز ، قۇدىڭىزمۇ شۇنىڭغا كۆنسە ، ئەڭ ياخشى ئاتا- ئانىلاردىن بولاتتىڭىز . پەرزەنتلىرىڭىزمۇ مۇكەممەل بىر ئائىلىگە ئىگە بولۇپ بەخت ئىچىدە كۈلەتتى .


مەنبە : ھايات دەرياسىدىن ساقىلار
مۇنبەرگە يوللىغۇچى : تۇز
2014- يىلى -12- ئاينىڭ 2- كۈنى ئەزىزانە شەھرى قەشقەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 04:37 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Ay.sadap + 68 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 68   باھا خاتىرىسى

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10517
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 02:06:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي  بىر ئۆيگە  ئەر بوپ  بولغۇچە نىم  كۈنلە بادۇ بىشىمدا

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 02:31:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللىتىمىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئىش بوپ قىلۋاتامدۇ نىمە بۈگۈن كۇندە قىز ياتلىق قىلدىغان ئىشلار

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43801
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15963 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 02:45:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم  

قەشقەر شەھرىدىكى مەلۇم بىر قۇدا ئوتتۇرىسىدا مۇنداق ئىش يۈز بەرگەن :
كېلىنقىز ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئازنە قىلىپ كەلگەن . كەچتە قايتىدىغاندا داسقنىغا «زەللىسىگە» كالىنىڭ گوشىدا ئېتىلىگەن مانىتى داسقان قىلىپ يۆگەپ بەرگەن . چۈنكى ئۇ ئالىگە ئوغلى كالا گۆشىدىن 5 كىلو ئەۋەتكەن ئىكەنتۇق . شۇڭلاشقا كالا گوشىنىڭ قارى يىرىنى توغراپ مانتا ئىتىپتىكەن .
ئەپسۇس قېيىنئانىسى كەچتە داسقاننى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ، بىزنى ياراتمىغاندەك كالى گوشىدە ئەتكەن مانتىنى ئەۋىتىپتۇ ، بىز قوي گوشىدە ئەتكەن مانتىغا لايىق ئەمەسمىكەنمىز دەپ ئىسيان كۆتۈرۈپ كېلىنقىزغا ئازار بىرىپ جىدەل قىلىپ ھەيدىۋىتىپتۇ . ئاشۇ مانتا ۋەقەسى بىلەن بۇ ئىككى قۇدا ئارىسىدا ئازارلىق يۈز بىرىپ بۇ ئىككى ياش ئاجرىشىپ كىتىپتۇ .

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 754
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 515 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 02:57:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تىما يوللاپ سىز رەخمەت سىزگە

بىز شۇنچىلىك ياسالما غورۇرلۇق بولۇپ كېتىپتۇق، كۆز ئالدىمىزدىكى ناھەقچىلىككە قاراپ تۇرىمىزيۇ باشقىلارنىڭ گېپىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان ئىشنىمۇ قىلالمايۋات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88497
يازما سانى: 733
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1563
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1155 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 03:10:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي قىلدىمۇ بولدى ئەر ئاياللىنڭ شەخسى ۋە ئۆز ئالدىغا يىڭى بىر دۇنياسى ئائىلىسى بولدى دىگەن گەپ نىمە جاپا مۇشەققەت خاپىلىق كەلسۇن ئۇلار ھەم نەپەس بولۇپ بىرگە ئۆتۇپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى بولاتتى ،
لىكىن ھازىر بۇ توي قىلىش بولسۇن ياكى بالىلىق بولۇش ئۆينىڭ ئۇششاق چىقىن چۇقانلىرى بولسۇن باشقىلار ئارلىشىۋالىدىغان ئاجرىشىشقا ۋە ئۇرۇشقا كۇشكۇرتىدىغان ئىشلار كۆپ 90 پىرسەنىت ئاجراشقان ئەر ئاياللار مۇشۇ باشقىلارنىڭ سوغۇق چىلىق سالغان  تۇرمۇش يولىنى ئۆز قولىغا ئىلىۋالغانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ.
ئەر خوتۇنلار ئۇرۇشۇپ قالسا كەچ بولغۇچە تىللىشپ سوقۇشۇپ يۇرۇپ ئەپلىشىپ بولىدۇ ،لىكىن باشقىلارنىڭ توختىمىغان شىكايەت قۇتۇراتقۇلۇق قىلىشى بىر ئائىلىنى بۇزۋىتەلەيدۇ.

  

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى يۇزى بولىدۇ،ياخشى بىلەن يامان كەلگۇسى بىلەن ئۆتمۇشى،بىرسىنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز بارلىقىنى قوبۇل قېلىشىڭىز كىرەك.

ھەزرىتى ھەق سۇبھ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24260
يازما سانى: 1269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9595
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 316 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 03:51:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەرئەلمىساقتىن كىلىن خىنىم ئوغالنىڭ ئۆيىگە ئەمەس ، كىلىننىڭ بولغۇچىنىڭ ئۆيىگە ئوغال بارىدىغان ئىش بولسا ئوغاۋالىمۇ شۇنداق خار بولامىتى شۇ ئۆيدە ، شۈكرى ئاللاھ ، ياخشى تىما بوپتۇ ...

ھەر بىر تىنغان تىنىقىمدا ئاللاھ قا شۈكرىلەر بولسۇن !!!...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1923
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4746
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1479 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 04:36:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xahanime يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 03:10 PM
توي قىلدىمۇ بولدى ئەر ئاياللىنڭ شەخسى ۋە ئۆز ئالدىغا ي ...

راست دەيسىز.

بۇنداق ئىشتا كاللىنى سىلكىۋەتمىسە باشقىلارنىڭ ئوت قۇيرۇقى بىلەن قىنى قىززىق ياشلار بىلى بوشاپ كىتىشى مۇمكىن.

خۇداغا شۈكىرى،ئاران تۆت يىل بوپتۇ ئۆي تۇتقىلى.بىراق خىلى ئىشلارنى ھىس قىلىپ يەتتىم.ئارىمىزغا سۇغۇقچىلىقمۇ چۈشۈپ يەنە ئوڭشىلىپ بولدى.

شوڭا مۇنداق بىر يەكۈننى يەكۈنلەپ چىقتىم.
تويدىن ئاۋۋالقى مۇھەببەتلىشىش جەريانى،يەنى تۇنۇشۋاتقان مەزگىلدە كۈرەش بار.سۆھبەت يوق.بىراق تۇرمۇش قۇرغاندا كۈرەش يوق،ئۇرۇش يوق،پەقەت چىرايلىق سۆھبەتلا مەۋجۇت.بولمىسا مۇھەببەتنىڭ ۋۇلى بۇشكەن دىسەك بولىدىكەن.

جەمىيەتتە بەزى يامان نىيەتلەر مۇنداق ئىككى خىل ئادەمنى كۆرەلمەيدۇ.بىرە،ئۆز يولىنى تىپىپ مىڭىۋاتقان ئادەمنى،يەنە بىرى ئىناق ئېجىل بىر ئائىلىنى كۆرەلمەيدۇ.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98174
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1529
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 974 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 04:57:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇ   تىما   ناھايىتى   ياخشى   ئوتتۇرغا   قويلۇپتۇ   ،   ھەر  بىر   ئاتا - ئانا   بولغۇچى   ئويلۇنىشقا   تىگىشلىككەن   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100065
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2013-11-25
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 05:05:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.tuz. يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 02:45 PM
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم  

قەشقەر شەھرىدىكى مەلۇم بىر قۇدا ئ ...

مەنمۇ شۇنداق بىزار مۇشۇ قەشقەردىكى قائىدە-يوسۇندىن...ئويلىساملا بېشىم قاتىدۇ..

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش