چۆچەكتىكى پەرىشتە.تۈركلان
زەر لىباسنى تون قىلىپ كىيىۋاپتۇ ئۈستىگە،
بىر چاغلاردا ئۇقىغان چۆچەكتىكى پەرىشتە.
ئوخچۇپ تۇرغان بولسىمۇ قامىتىدىن گۈزەللىك،
بىلەلمىدىم نە سەۋەب كۆزلىرىدە ئەندىشە.
جاھاننامە ئەينىكى تۇرار ئىدى قولىدا،
قارچۇقىدا قاتماقتا ئىدى غەمنىڭ نىگاھى.
ئەسلىي بىلدىم شۇنچە خوش چۆچەكتىكى پەرىشتە،
قالار ئىكەن دەرتلەردە،خۇددى ئاشىقتەك كەبى.
ئۆكسىمەيدۇ تىكىلىش جاھاننامە ئەينەككە،
كۆزلىرىدە ئۈمۈدنىڭ نۇرى ئاجىز چاقنايدۇ.
ئۇ كۈتىدۇ بەختىنى، گۈزەللىكنى، ۋاپانى،
جاھاننامە ئەينىكى لىكىن ئۇنى ئالدايدۇ.
شەرق ھېكمىتى
ھېكمەت يازدى بىر گۈزەل بەتكە،
شەرقتىكى گۈزەل ھېكايە.
ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ھامان،
كۈلۈپ باقار ئۇنىڭ بەستىگە.
تارىغان نۇر جىسمىدىن شۇ تاپ،
بارالايدۇ گۈزەل ئەتىگە.
شۇ ھېكايە ئۇزايدۇ شۇنداق،
كەلگۈسىگە ئانا قەلبىگە.
دىلدا ئۆچمەس بىر ئۈمۈد جاۋاب،
ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆركەشلىشىگە.
ئۇيقۇ ئالدىدا
نەپرەت،
كۆز يۇمغاندا كۆرگەن مۇھاببەت،
كېچە بىرلە بولمىسۇن غايىب.
سەن زارىققان ھاياتلىق ئۈچۈن،
كۈچكە تولغان سەبىر ۋە تاقەت.
مەنا ئىزلەپ
ئەجەپ بىر مەيۇسقىنا يۇرار دىلنىڭ چىراقى،
تۇرسىمۇ داغلار لىكىن ئاينىڭ ئېنىق بەك سىياقى.
سورىدىم بىر ئاقىلدىن :ئۆكسىمەس نىچۈن مۇڭلار؟
دېدى ئۇ:-
ئۈنلىمەس ئىدى كاككۇك ئاشمىسا دەرت-پىراقى.
تىمتاسلىقتا
ھەجەپ بىر پىراق باركى دىلنى دائىم ئۆرتىبان،
كېچە-يۇ كۈندۈز ئارا بەرمەي ئارام قىينار ھامان.
بۇ نىچۈن دەپ سورىساڭ ئۈنسىز ئاقار يېشى ھىجران،
راستمىدۇ زار يىغلاتقان بۇ ئاشىقلىق شۇنچە يامان؟
مەنبە:تۈركلان
شىخەنزە مىدىتسىنا ئىنىستىتوتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-2 11:54 AM