ھەقىقەت
ـ - تۆكۈلدى تېرەكنىڭ يوپۇرماقلېرى، - ـ
ـ - ئەۋجىدى شاماللار ئۇچۇرماق بولۇپ. - ـ
ـ - لەپىلدەپ يۈرىيتى بىر نەپەس لەيلەپ - ـ
ـ - ۋۇجۇدى يايرايتتى بەخىتكە تولۇپ. - ـ
ـ - ئاھ، دېدى قارا يەر قوينىغا ئالدى، - ـ
ـ - شامالمۇ پەرۋاسىز يولىغا ماڭدى. - ـ
ـ - سارغايدى ساماندەك پۇشايمان چېكىپ - ـ
ـ - مەڭگۈلۈك ئازاپنى يار قىلىپ قالدى. - ـ
ـ - ئۆتكۈنچە ھاياتتۇر شۇنداق رەھىمسىز، - ـ
ـ - ۋاھ،دېمە ۋاقىتلىق كەلگەن بەختتىن. - ـ
ـ - كەلگەندە بىركۈنلەر ۋابا كەلكۈنى - ـ
ـ - ئاھ دېمە ئامالسىز چۈشۈپ تەخىتتىن. - ـ
ـ - تۈنۈگۈن كىملەرنى كۈلدۈرسە دۇنيا، - ـ
ـ - بۆگۈندە پەريادى يۈرەكنى ئەزدى. - ـ
ـ - ئاخشامقى خان بولۇپ يۈرگەن كىشلەرمۇ - ـ
ـ - بۆگۈندە خار بولۇپ ئىشىكلەر كەزدى. - ـ
ـ - تىپىلماس بەختتۇر ھايات تۇرمېقىڭ، - ـ
ـ - غادايما دوستلېرىڭ ئالدىدىن ماڭساڭ. - ـ
ـ - كىم سېنى ئەل قاتار قەدىرىڭنى قىلار - ـ
ـ - زاغرىنى تەڭ يېگەن دوستۇڭدىن تانساڭ. - ـ
2014-11-25
مەمەترېيىم ئابلېز «ئۆچمەس»