مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4004|ئىنكاس: 59

ئىنگىلىزتىلىنىڭ پىرىنسىپى.تەۋسىيە كىتاپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈركلان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10097
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 10:47:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                              ئىنگىلىزتىلىنىڭ پىرىنسىپى

        21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان كىشلەرنىڭ قىممەت قارىشىدا كۆپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بىرىشكە باشلىدى.ھازىر تورلاردا 21-ئەسىردە ياشايدىغان كىشلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆلچەيدىغان مۇنداق ئۈچ ئۆلچەم بار ئىكەن.بىرىنچىسى ماشنا ھەيدىيەلەيدىغان بۇلۇش.ئىككىنچىسى كومپىيوتىر ئىشلىتەلەيدىغان بۇلۇش.ئۈچىنچىسى ئىنگىلىزچە سۆزلىشەلەيدىغان بۇلۇش.بەلكىم بۇ قاراشنىڭ يۈزەكى تەرەپلىرى جىق بولسىمۇ لىكىن ھازىرقى رىقابەت كەسكىن جەمىيەتتە ئازراق بولسىمۇ پۇت دەسسەپ تۇرالايدۇ دەپ قارايمەن.مەن ئىنگىلىزتىلى بىلەن تۇللۇق ئۇتتۇردا ئازراق ئۈچراشقان ،كىيىن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بىلەن بۇلۇپ كىتىپ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچكىرىي تۈللۈق ئۇتتۇرىدىكى ئۇقۇشۇمنىڭ يىرىمىدا ئاقسۇغا قايتىپ كەكگەنلىكىم ئۈچۈن ،ئىنگىلىزتىلىنى بىر سېستىمىلىق ئۆگىنىشكە شارائىت يار بەرمەي قالدى.كىيىن ئالى مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن ئىككى يىل ئىنگىلىزتىلى دەرسى زۆرۇر دەرسلىك قاتارىدا ئۆتۈلدى ،لىكىن مۇئەللىمنىڭ تەلەپپۈزى شۇنچىلىك خاتا شۇنچىلىك سەت ئاڭلىنىدىغان بولغاچقا ئۇ ئۇتۇلگەن دەرسلەر مىنى قىزىقتۇرالمىدى.مەن ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگەنمەكچى بولدۇم.باشقىلاردەك سۆزلۈك يادلاپ ،گىراماتىكا كىتابلىرىنى قۇچاقلاپ يۈرۈپ بىر يىلدەك ھىچنىمە ئۆگىنەلمەي ئۆتۈپ كەتتىم ،چۈنكى يادلىغان سۆزلەرنى ئاسانلا ئۇنتۇپ قېلىۋاتاتتىم .كىيىن بىر نەچچە ماتىرىياللارنى كۆرۈش ئارقىلىق سۆزلۈك يادلاپلا ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىشنىڭ نەقەدەر بىر تەرەپلىمە ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى بىلدىم.چۈنكى سۆزلۈك يادلاش ئارقىلىق ئىنتاھاندىن ئۆتكىلى بولغان بىلەن ھەققىي تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتكىلى بولمايدىكەن.ماڭا كېرىكى توغرا تەلەپپۇز قىلغىلى بۇلىدىغان تىل ئۆگنىش،ھەم گىراماتىكا ئۆگىنىش كىشىنى ئاسانلا زىرىكتۈرۈپ قۇيىدىغان بىر ئىش بولغاچقا مەن  ئۆزۈمگە ماس كىلىدىغان ئۇسۇل بىلەن ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىشكە باشلىدىم.كارتون فىلىملەرنىڭ سىنارىيەسىدىن پايدىلىنىپ سۆزلۈك مىقدارىمنى ئاشۇردۇم ،ئاندىن خېتىگە قارىماي تۇرۇپ شۇ فىلىمنىڭ ئۆزىنى ئىنگىلىزتىلىدا كۆردۈم ،كۈرىۋىرىپ ئاڭلاش ئىقتىدارىممۇ ئاشتى ،تەلەپپۇز قىلىشىم ياخشىلاندى.لىكىن بىلمەيدىغان سۆز تۈركۈملىرى ۋە گىراماتتىكىلىق بىلمىلەر تەكرار چىقىشقا باشلدى،مەن ئامالسىز يەنە گىراماتىكا كىتابىنى قۇلۇمغا ئالدىم .لىكىن مەن ئەڭ ياخشىنى ئىزدەپ باقاي دەپ توردىن ئىزدىسەم،مەزكۈر تىمىغا باش ماۋزو قىلغان {ئىنگىلىزتىلنىڭ پىرىنسىپى }ناملىق كىتاب كۈزۈمگە چېلىقتى شۇنىڭ بىلەن بۇ كىتاب توغۇرلوق ئىزدەنسەم بۇنى بىر كورىيەلىك ئاپتۇر يازغانىكەن،ھىچ ئىككىلەنمەيلا پى دى ئەف نۇسخىسىنى ئۇرۇپ چىقىرىپ كۈرۈشكە باشلىدىم. 2101009.jpg
بۇ شۇ ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى .بۇ كىتابنىڭ ئېلكىتاب نۇسخسىنى www.ed2000.com بۇ تور بەتتىن تاپالايسىز ،مەن ھەم تېما ئاستىغا كونكىرىت ئادرىسىنى چىقىرىپ قۇيدۇم.لىكىن بۇ تور بەتتىن ھەر قانداق تىل ئۆگىنىش ماتىرىياللىرىنى تاپقىلى بۇلىدىكەن.
  بۇ كىتاب توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي ،بۇ كىتابنى يازغان ئاپتۇر ئىنگىلىزتىلى بىلەن كورىيە تىلىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرىققە ئاساسەن ،ئىنگىلىزتىلى ئانا تىلى بولغانلارنىڭ سۆز ئىشلىتىشتىكى تەپەككۈرىنى ئىچىپ بەرگەن ،مۇنداقچە دىگەندە بۇرۇنقى گىراماتىكا كىتابلار مەلۇم خىل قائىدىنىڭ شۇنداق بۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسا ،مەزكۈر كىتاب بىزگە نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئىيتىپ بىرىدۇ.دەل شۇنداق بولغانلىقىنى ئۈچۈنلا بۇ كىتاب بىزنىڭ قارىغۇلارچە گىراماتىكا ئۆگىنىپ جىق ئۈنۈم قازىنالمىغانلىقىمىزغا قارىتا قايتىدىن ئىلھام بىرەلەيدۇ.
      مەزكۈر كىتاب جەمىي ئالتە باپتىن ،ھەر بىر باپ كىچىك بەش قىسمدىن تۈزۈلگەن.چوڭ جەھەتتىن ئالتە پىرىنسىپنى بايان قىلغان،
         بۇلار تۆۋەندىكىلەر:
         1.جىسىملار ھەرىكەت قىلغاندىلا ،ھاياتىي كۈچى بولغاندىلا ئاندىن ھەققىي ئىنگىلىزتىلى بۇلىدۇ.
          مىسال:مىنىڭ بىر چىشىم چۈشۈپ كەتتى دىگەننى ئىنگىلىزلار مۇنداق دەيدۇ:I have a tooth missing .لىكىن بۇنى بىز بىۋاستە ئۇيغۇرچە چۈشەنسەك مەندە بىر تال چۈشۈپ قالغان چىش بار دىگەنلىك بۇلىدۇ ،لىكىن بۇنداق چۇشەنسەك خاتا چۈشەنگەن بۇلىمىز. نىمىشقا شۇنداق بۇلىدۇ؟ بۇ دەل بىرىنچى پىرىنسىپنىڭ ھاياتىي كۈچ.
     2.پائالىيەتچان بوشلۇق قۇشۇلغۇچىلىرى بولغاندىلا ئاندىن ھەققىي ئىنگىلىزتىلى بۇلىدۇ.
     3.ئىنگىلىزتىلىدىكى ئىسىملارنىڭ ئىشلىتىلىشى بەك كەڭدۇر .
     4.ئىنگىلىزتىلى ۋاقىتنى ھەم ئىنچكە ھەم پارچە قىلىپ ئىشلىتىدۇ.
    5.ئىنگىلىزتىلىدىكى ياردەمچى سۆزلەر جۇملىدىكى ھەر خىل ھېسياتلارنى ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ.
     6.ئۇزۇن جۇملىلەرگە قارىغاندا ئىنگىلىزتىلى مۇستەقىل بىرىكمىلارگە بەكرەك مايىل كىلىدۇ.
        بۇ كىتابنى خەنزۇ تەرجىمانلىرى تەرجىمە قىلغاندا جوڭگولۇق ئۇقۇرمەنلەرگە پايدىلىق بولسۇن دەپ ئەسلىي كىتابتا بار بولغان ئىنگىلىزتىلى پىرىنسىپلىرىنى خەنزۇ تىلىغا سىلىشتۇرۇپ تۇرۇپ شۇنىڭغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ تەرجىمە قىلغانىكەن.شۇڭا ئازراقلا خەنزۇچە ئاساسىڭىز بولسىلا بۇ كىتاپتىن 100پىرسەنلىك نەپ ئالالايسىز.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىتابتىكى جۈملىلەر بەك ئاسان.مىنىڭ بۇ كىتابتىن ئىرىشكەنلىرىم جىق بولدى .بۇرۇن چەتئەللىك بىلەن پاراڭلاشقاندا 30پىرسەنت مەقسىتىمنى ئوقتۇرغان بولسام ھازىر 80 پىرسەنت ئوقتۇرالايدىغان بولدۇم.ھەم سۆز ئىشلىتىش ئىنكاسىممۇ تىزلەشتى .سىزنىڭ بەك كۆپ سۆزلۈك مىقدارىڭىز بولمىسىمۇ ،ئاشۇ ئۆگىنىپ بولغان سۆزلەرنى پائال ئىشلىتەلىسىڭىز ، چەتئەللىك بىلەن يەنىلا بىمالال ئالاقە ئېلىپ بارالايسىز.بۇ كىتاب ئۇشۇ ئۆگىنىپ بولغان سۆزلۈكلەرنى قانداق قىلىپ پائال ئىشلىتىش،قانداق قىلىپ راۋان ماقالە يېزىش قاتارلىقلارغا ئاز بولمىغان پايدىلىق كۆرسەتمىلەرنى بىرىدۇ.
       بۇنىڭغا يانداپ تەيۋەنلىك ئىنگىلىزتىلى پىرافىسورى يازغان 文法俱乐部 ناملىق كىتابنى بىر كۆرىۋەتسىڭىز گىراماتىكا سەۋىيىڭىز يەنىمۇ بىر بالداق ئۆرلايدۇ.
                  ئىنگىلىزتىلىنىڭ پىرىنسىپى ناملىق كىتابنىڭ چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://www.ed2000.com/ShowFile.asp?FileID=454114

文法俱乐部ناملىق كىتابنىڭ چۈشۈرۈش مەنزىلى:http://www.ed2000.com/ShowFile.asp?FileID=462687
بۇ مەنزىلدە مەزكۈر كىتابنىڭ ئاۋازلىق ماتىرىيالىمۇ بار ،ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش توغرىسىدا شۇ كىتابتا ئۇسۇللىرى سۆزلەنگەن.ئۇقۇرمەنلەر باشتا مۇقەددىمە قىسمىدىكى مەزمۇنلارنى بىر قېتىم ئۇقىۋەتسە بۇلىدۇ.ئەڭ ئاخىرىدىكى تەۋسىيەرىم بولسا مەزكۇر كىتابنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلالايدىغان بىرەر تەرجىمانغا كۆرسىتىپ باققان بولساڭلار ،ئشىنىمەنكى بۇ كىتابنىڭ پايدىسى چۇقۇم بەك كۆپ بۇلاتتى.
      ھۆرمەت بىلەن مىسرانىمدىكى سىردىشىڭلار:تۈركلان


                                                                       
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turklan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-1 10:59 PM  


مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105468
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-3-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 10:28:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزگە پايدىسى بار ئىكەن ،رەھمەت

تارىخى كۆمۈلگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30382
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4114
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 10:52:46 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىندىشىم مەن چۈشۈرۈش ئورنىنى تاپالمىدىم،ياكى سىزمىنىڭ ئىلخەت ئادرىسمغا يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن،1770814737@qq.com،اللە رەخمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 707
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 11:30:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستلار، كىتابخانىمىز پائالىيەت قىلغان ئىدى، قىزىقساڭلار ئىشتىراك قىلغايسىلەر
تەپسىلاتى تۆۋەندىكى ئادرېستا
http://suo.im/a7gl6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 707
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 11:30:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستلار، كىتابخانىمىز پائالىيەت قىلغان ئىدى، قىزىقساڭلار ئىشتىراك قىلغايسىلەر
تەپسىلاتى تۆۋەندىكى ئادرېستا
http://suo.im/a7gl6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105297
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 383
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2014-3-25
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 11:33:38 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشۈرەلمىدىم  ، ياردەم  قىلسىڭىز  بوپتىكەن

ئابباس

تۈركلان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10097
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 11:54:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abbasjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 11:33 AM
چۈشۈرەلمىدىم  ، ياردەم  قىلسىڭىز  بوپتىكەن

تور بەت ئېچىلمىدىمۇ ياكى  چۈشمەي تۇرىۋالدىمۇ؟

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

تۈركلان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10097
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 01:42:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tuman1995 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 10:52 AM
قىرىندىشىم مەن چۈشۈرۈش ئورنىنى تاپالمىدىم،ياكى سىزمى ...

پوچتا يوللانمىڭىزغا يوللىۋەتتىم ،تاپشۇرۇپ ئېلىڭ

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

تۈركلان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10097
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 01:43:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abbasjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 11:33 AM
چۈشۈرەلمىدىم  ، ياردەم  قىلسىڭىز  بوپتىكەن

پوچتا يوللانما ئادرىسىڭىزنى دەپ بىرىڭە مەن يوللاپ بىرەي  .

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40480
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3903
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 01:53:36 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تۈركلان قېرىندىشىم مۇشۇ ماتىيالىڭىزنى مەندىنمۇ ئايىمىغايسىز، 1498134577@qq.com

www.begmurad.wix.com/yaqupjan
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش