بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 ]! e, V9 B* s8 [( z
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش نىزامىدىكى22 تۈرلۈك ئۆزگىچە تەپەككۇر
ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تۆۋەندىكى 22 ماددىلىق ئۇرۇش قىلىش نىزامىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، تۇرمۇشقا ئۆزگىچە تەپەككۇر بىلەن قارىسىڭىز، تۇرمۇشىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق تاپالايسىز. 1-ماددا: سىز خاسىيەتلىك ئادەم ئەمەس. 2-ماددا: ئەگەر ئەخمىقانە ئۇسۇل ئۈنۈم بەرسە، ئۇنى ئەخمىقانە دېيىشكە بولمايدۇ. 3-ماددا: ئۆزىڭىزنى بەك گەۋدىلەندۈرۈپ كەتمەڭ، بولمىسا باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايسىز. 4-ماددا: ئۆزىڭىزدىن قەيسەر ئادەم بىلەن بىر ئاكوپتا تۇرماڭ. 5-ماددا: قولىڭىزدىكى قورالنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھا قويغان ھۆددىگەر تەرىپىدىن ياسالغىنىنى ئۇنتۇماڭ. 6-ماددا: ئەگەر ھۇجۇمىڭىز بەك ئوڭۇشلۇق بولسا، سىز چوقۇم توزاققا چۈشتىڭىز. 7-ماددا: ھەرقانداق پىلاننى دۈشمەنگە ئۇچرىغاندىن كېيىن داۋاملىق ئىجرا قىلغىلى بولمايدۇ. 8-ماددا: بەش سېكۇنتتا پارتلايدىغان ھەر قانداق بىر گىراناتنىڭ پىلتىسى ئۈچ سېكۇنتتىلا كۆيۈپ بولىدۇ. 9-ماددا: ئەرزىمەس ئادەم سىياقىغا كىرىۋېلىڭ (چۈنكى، دۈشمەننىڭ ئوق-دورىسى ئاز قالغان بولسا، ئۇلار پەقەت مۇھىم ئادەملەرنىلا ئاتىدۇ). 10-ماددا: سىز ئېتىبارسىز قارىغان دۈشمەن ئارمىيەسى ئەمەلىيەتتە دۈشمەننىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم كۈچىدۇر. 11-ماددا: مۇھىم ئىشلار ئاددىي كېلىدۇ. 12-ماددا: ئاددىي ئىشلارنى قىلىش ھەمىشە تەسكە توختايدۇ. 13-ماددا: قولايلىق يوللارغا دائىم مىنا كۆمۈلگەن بولىدۇ. 14-ماددا: ئەگەر سىزدە دۈشمەندىن باشقا ھەممە نەرسە كەمچىل بولسا، سىز چوقۇم جەڭ قىلىۋاتىسىز. 15-ماددا: ئۇچۇپ كەلگەن ئوقنىڭ ئالدىن يۈرۈش ھوقۇقى بار (ئۇنى توسۇۋالسىڭىز سىزنى چوقۇم نەس باسىدۇ). 16-ماددا: ئەگەر دۈشمەن سىزنىڭ ئوق مۇساپىڭىز ئىچىدە بولسا، شۇنى ئۇنتۇماڭكى، سىزمۇ دۈشمەننىڭ ئوق مۇساپىسى ئىچىدە. 17-ماددا: بىللە ئىشلەتكەندىلا ئاندىن پايدىلانغىلى بولىدىغان ئەسلىھەلەر ئادەتتە بىللە يۆتكەپ كېلىنمەيدۇ. 18-ماددا: رادىيو سىگنالى ھەر دائىم سىز موھتاج بولغاندا ئۈزلۈپ قالىدۇ. 19-ماددا: سىزنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىڭىز ئوق يېيىشىڭىزگە سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن-ھېچنېمە قىلماسلىقىڭىز مۇشۇنداق، ئەلۋەتتە. 20-ماددا: سىزگە دۈشمەن زەمبىرىكىدىنمۇ بەكرەك زەربە بېرەلەيدىغىنى ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ زەمبىرىكىدۇر. 21-ماددا: لاياقەتلىك ئەسكەرلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدۇ، لېكىن دۇنيادا نائۇستىلار تولىمۇ كۆپ. 22-ماددا: ھەر ئىككى ئارمىيە ئۆزىنى مەغلۇپ بولۇش ئالدىدا دەپ ئويلىغاندا، ئىككىلىسىنىڭ پەرىزى توغرا چىقىشى مۇمكىن. تەرمىلەرژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 12-سانىدىن ئېلىندى. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, p! Y2 W! Q$ y$ E, r9 o a$ M% q
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" M" X# A; ^% C& x
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-1 09:03 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! z4 I$ h7 J6 m
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 \' |5 N# c# r$ r% V
|