بىرىنچى قىتىملىق «رىۋايەت لوڭقىسى » نى تالىشش
كارتون مۇسابىقىسنىڭ ئەسەر قۇبۇل قىلىش ئىلانى
1-مۇسابىقە مەقسىدى
يىڭى يىل كىلىش ھارپىسىدا ئىلىپ بىرىلماقچى بولىۋاتقان بىرىنچى قىتىملىق رىۋايەت لوڭقىسنى تالشىش كارتون مۇسابىقىسىنى رىۋايەت كارتون سىتودىيسى تەشكىللىگەن بۇلۇپ ، بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق كەڭ ئۇيغۇر كارتون ھەۋەسكارلىرىغا تەجىرىبە ئالماشتۇرىدىغان ، ئىجادى قابىليىتىنى يۇقۇرى كۇتۇردىغان ، ئۇز ماھارىتىنى نامايەن قىلىدىغان سۇرۇن ھازىرلاپ بىرىش ۋە بۇ ساھەدە يىڭىچە يۇكىسلىش ھاسىل قىلىش مەخىسىدى بىلەن ئىلىپ بىرىلدى .
سىزدە كارتون ئىشلەش ، كارتون ئوبرازلىرىنى لاھىيەلەش ،كارتون دىكراسيەسى سىزىش،سىنارىيە يىزىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنىڭ بىرى بولىدىكەن بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشالايسىز . بۇمۇسابىقىگە كۆللىكىتىپ ۋە شەخىسلەرنىڭ قاتىنىششغا تامامەن بولىدۇ .
2- تەشكىللىگۈچى ئۇرۇن
رىۋايەت كارتون سىتودىيسى
www.rivayat.com
3- تەشكىللىگۈچىلەر
ئابدۇراخمان ئابلىز (رىۋايەت كارتون سىتودىيسىدىن )
تىلىغۇن- 13999858891 چ چ نۇمىرى - 605588378
ئابدۇخىلىل داۋۇت (رىۋايەت كارتون سىتودىيسىدىن )
تىلىغۇن- 13399776852 چ چ نۇمىرى -1037754601
ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقى : uyguurcarto@126.com
4- مۇسابىقە ۋاقتى
ئەسەر قاتناشتۇرۇش ۋاقتى : 2014-يىلى12-ئاينىڭ 1-كۇندىن 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە
ئەسەرلەرنى مۇنبەردە ئىلان قىلىش ۋاقتى : 2015-يىلى 3-ئاي 10-كۈنى. ئەسەرلەرمۇسابىقە تەشكىلى ھەيئىتى تەرىپىدىن ئىجادىيەتچىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كىيىن ئىلان قىلىنىدۇ ، شەخسىلەر ئۆز ئالدىغا ئىلان قىلىشقا بولمايدۇ.
باھالاش نەتىجىسنى ئىلان قىلىش ۋاقتى : 2015-يىلى 3-ئاي 21-كۈنى
مۇكاپات تارقتىش ۋاقتى :2015-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
5-مۇسابىقە تۇرلىرى
1-ئىككى ئۆلچەملىك ، ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون كارتون فىلىم ( قانداق دىتال قانداق ئۇسلۇپتا ئىشلەش چەكلەنمەيدۇ) قۇنچاق كارتون ، قەغەز قىيما...... كارتون قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
2-كارتون سىنارىيە ،كارتون ئوبراز ،كارتون دىكراتسىيەسى (مەنزىرە)
6- تىزىملىتىش ئۇسۇلى
مۇسابىقىگە قاتناشماقچى بولسىڭىز ئاۋال تىزىملاش جەدىۋىلىنى تولدۇرۇپ ،ئىلىكترۇن نۇسخىسىنى مۇسابىقە تەشكىلى ھەيئىتنىڭ مەخسۇس خەت ساندۇقىغا ئەۋەتسىز ،تىزىملىتىش جەدىۋىلىنى يوللىمىغانلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلىرى قۇبۇل قىلىنمايدۇ ، ئەسىرىڭىز پۇتمىگەن بولسا كىرەك يوق ئاۋال تىزىملتىشنى ئۇنۇتماڭ،تىزىملىتىش جەدىۋىلىنى تۇلدۇرۇپ بۇلۇپ ئەسەر قاتناشتۇرالمىسڭىزمۇ كىرەك يوق .
تىزىملاتقۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى مۇسابىقە تەشكىلى ھەيئىتى رىۋايەت كارتون مۇنبىرىدە ھەركۇنى ئىلان قىلىپ تۇرىدۇ .
7- مۇسابىقىگەقاتناشقۇچىلار بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار .
1. مۇسابىقىگەقاتناشقۇچىلارنىڭ ياش ۋە كەسپى چەكلەنمەيدۇ .
2. مۇسابىقىگەقاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر جوڭخۋا خەلىق جۇمھۇريىتنىڭ قانۇن –نىزاملىرىغا خىلاپ بولماسلىقى لازىم .
3. ئەسەر چۇقۇم ئاپتۇرنىڭ ئۈزنىڭ ئىجادىيتى بولغان بۇلۇش لازىم ، ئوخشىتىپ ئىشلەنسە ۋەئۆزگەرتىلىسە ئىناۋەتسىز .
4. مۇسابىقىگەقاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرلىق ھۇقۇقى ۋە تارقىتىش ھۇقۇقى ئەسەر ئىگىسىدەبولىدۇ .
5. بۇرۇن ئىشلەنگەن ۋە باشقا مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرمۇ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلسابولىدۇ .
6. مۇكاپات بۇيۇملىرىنى رىۋايەت كارتون سىتودىيسى ئۈستىگە ئالىدۇ .
8- مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەرگە قۇيۇلىدىغان تەلەپ
كارتون فىلىم ئەسەرلىرنىڭ ۋاقتى 60 سىكونىتتىن كام بولماسلىقى ، ئەسەر AVI、MPEG、MOV、SWFفورماتىلارنىڭ خالىغان بىرخىل شەكلىدە بۇلۇشى ، ئەسەرنىڭ تىمىسى ۋەچۇشەندۇرشى بۇلۇش لازىم .
كارتون سىنارىيە ئەسەرلىرنىڭ خەت سانى 2000 خەتتىن كام بولماسلىقى ، ھىكايەۋەقەلىكى ئىجادىي ۋە تەسىر قىلارلىق بۇلۇشى لازىم ، قىستۇرما رەسىم قىستۇرۇلغان بولسا نۇمۇر قۇشۇپ بىرىلىدۇ .
كارتون ئوبراز لاھىيىللىرى ئىجادى بولغان بۇلۇشى ، ئوسلۇبى ئۆزگىچە ،ئالاھىدىلىكى رۇشەن ، نىسبەت قۇرۇلمىللىرى ۋە پىرسپىكتىۋىسى توغرا ، بۇلۇشى ، ئەڭ ئاز بولغاندا ئۇچ خىل يۇنۇلۇشتىكى (ئۇدۇل ، يان ، قىيپاش ) ھالتى سىزىلغان بولۇشى، ئەسەرRGB فورماتتىكى JPG ھۆججەت بۇلۇشى،چوڭ –كىچىكلىكى800*600 ، ئىنىقلىقى 300پىكسىل بۇلۇشى، ئىسىمى ۋە چۇشەندۇرشى بۇلۇش لازىم .
ئەسەرنىڭ مۇۋاپىق ئۇرنىغا سالاھىيەت كىنشكە نۇمۇرىنى قالدۇرۇش لازىم
9- ئەسەر تاپشۇرۇش شەكلى
ئەسەرلىرىڭىزنىڭ يۇقارقى تەلەپ بۇيىچە تەييارلانغان نۇسخسىنى مۇسابىقەتەشكىلى ھەيئىتنىڭ مەخسۇس چ چ سى 1037754601 گە ئەۋەتسىز (ئەۋەتىشتىن بۇرۇن تىلىفۇن قىلىڭ 13399776852)
ئەسەر قاتناشتۇرغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى ، ئەسەر تۇرى قاتارلىقلارنى مۇسابىقە تەشكىلى ھەيئىتى رىۋايەت كارتون مۇنبىرىدە ھەركۇنى ئىلان قىلىپ تۇرىدۇ .
10-مۇكاپاتلاش شەكلى
1-دەرىجە بىر نەپەر
مۇكاپات بۇيۇمى - رەسىم سىزىش تاختىسى ، شەرەپ گۇۋاھنامسى، رىۋايەت كارتون سىتودىيسى نەشىر قىلىدۇرغان 4 دانە كارتون پىلاستىنكىسى (1-2-3-پىلاستىنكىلارنىڭ سۈزۇك نۈسخىسى).2 دانە كارتون دەرسلىك كىتاپ. Retas يۇمشاق دىتالنى ئۇگۈنۈش دەرىسلىكى(خەنزۇ تىلىدىكى سۈزۈك نۇسخسى)
2-دەرىجە بىر نەپەر
مۇكاپات بۇيۇمى - رەسىم سىزىش تاختىسى ، شەرەپ گۇۋاھنامسى ، رىۋايەت كارتون سىتودىيسى نەشىر قىلىدۇرغان 1 دانە كارتون پىلاستىنكىسى .بىر پارچە كارتون دەرسلىك كىتاپ .
3-دەرىجە بىر نەپەر
مۇكاپات بۇيۇمى - رەسىم سىزىش تاختىسى ،شەرەپ گۇۋاھنامسى ، رىۋايەت كارتون سىتودىيسى نەشىر قىلىدۇرغان 4 دانە كارتون پىلاستىنكىسى(1-2-3-پىلاستىنكىلارنىڭ سۈزۇك نۈسخىسى) بىر پارچە كارتون دەرسلىك كىتاپ
ئەڭ مۇنەۋەر سىنارىيە مۇكاپاتى 1نەپەر
مۇكاپات بۇيۇمى - شەرەپ گۇۋاھنامىسى،رىۋايەت كارتون سىتودىيسى نەشىر قىلىدۇرغان 4 دانە كارتون پىلاستىنكىسى(1-2-3-پىلاستىنكىلارنىڭ سۈزۇك نۈسخىسى).
ئەڭ مۇنەۋەر كارتون ئوبراز مۇكاپاتى 1 نەپەر
مۇكاپات بۇيۇمى - شەرەپ گۇۋاھنامىسى، رىۋايەت كارتون سىتودىيسى نەشىرقىلىدۇرغان 4 دانە كارتون پىلاستىنكىسى ، بىرپارچە كارتون دەرىسلىك كىتاپ .
ئەڭ مۇنەۋەر كارتون دىكىراتسىيە مۇكاپاتى 1 نەپەر
مۇكاپات بۇيۇمى - شەرەپ گۇۋاھنامىسى، رىۋايەت كارتون سىتودىيسى نەشىرقىلىدۇرغان 4 دانە كارتون پىلاستىنكىسى ،بىرپارچە كارتون دەرىسلىك كىتاپ .
ئەسەر قاتناشتۇرۇش مۇكاپاتى
مۇكاپات بۇيۇمى - رىۋايەت كارتون سىتودىيسى ئىشلىگەن «دانىشمەن ۋە ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى » ناملىق كارتون پىلاستنكىسى ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسى .
11- مۇسابىقە باھالاش ھەيئىتى
باھالىغۇچىلار :
ئابدۇراخمان ئابلىز (رىۋايەت كارتون سىتودىيىسىدىن )
ئابدۇخىلىل داۋۇت (رىۋايەت كارتون سىتودىيىسىدىن )
ئىرپان يارمۇھەمەت (ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كارتون گورۇپپىسدىن )
ئەسەرلەرنى باھالاش ئولچىمىنى مۇسابىقە تەشكىلى ھەيئىتى ئورتاق بىكىتىدۇ .ئەسەرلەر باھالىنىپ بولغاندىن كىيىن ، نەتىجىسى رىۋايەت كارتون مۇنبىرىدە ئىلان قىلىنىدۇ .