شىنجاڭ كوماندىسى باش تېرىنىرنى ئالماشتۇرۇشى كېرەك!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. P, B/ J% g8 x4 Eبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% }( n. C' c, T. f. K, O
ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىدىن سامپۇل مۇلاھىزىسى؛ بۇ مۇسابىقە پەسلى باشلىنىپ ھازىرغىچە 13 مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى. شىنجاڭ كاماندىسى 9 ئۇتۇپ، 4 ئۇتتۇردى. مەن ئۆتكەن نەچچە يىلقىغا ئوخشاشلا بۇ مۇسابىقىلەرنىمۇ ئىخلاس بىلەن كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. ھەتتا بەزى مۇسابىقىلەرنى (بولۇپمۇ كاماندىمىز يېڭىلىپ قالغان مۇسابىقىلەرنى ) بىرقانچە رەت تەكرار كۆرۈپ چىقتىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, ], A1 q! [5 [0 f مېنىڭ شەخسىي قارىشىمدا ئوينۇلۇپ بولۇنغان 13 مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كاماندىسىنى پەقەت لىياۋنىڭ، گۇۋاڭدۇڭ ۋە جېجىياڭ گۇۋاڭشادىن ئىبارەت ئۈچلا كاماندا بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدىلا رەقىپلىرى بىلەن ھەقىقى تىرتكەشتى، دىيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، باشقا كاماندىلارنى تېخى شىنجاڭ كاماندىسنىڭ رەقىپلىرى قاتارىدا ئەمەس!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 K+ ~% F- p/ o شۇنداق تۇرۇقلۇق نەتىجە قانداق بولدى؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: R6 _6 r! _" O4 ^, `) H5 D) W( G
شىنجاڭ كامانسىدى 4 قېتىم ئۇتتۇردى! ئۇتتۇرغاندىمۇ ئۆزىگە ھەقىقى رەقىپ سانالمايدىغان ، ھازىرغىچىلىك ئوينالغان مۇسابىقە تەرتىۋىدە 14- رەتتە تۇرۇۋاتقان جىياڭسۇ جۇڭتىەن كاماندىسى بىلەن رەت تەرتىپتە 7- ئورۇندا تۇرۇۋاتقان دۇڭگۇەن كاماندىسىغا ئېچىنىشلىق ئۇتتۇردى! گەرچە لىياۋنىڭ بىلەن جېجىياڭ گۇاڭشىيا كاماندىلىرى 1- ۋە 2- رەتتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ رەت تەرتىپ ۇ ئىككى كاماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ شىنجاڭنىڭكىدىن يۇقۇرى ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. چۈنكى بىز ئۇ ئىككى كاماندا بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە ئوخشاشلا 20دىن ئارتۇق نومۇر ئۈستۈنلىگىدە تۇرۇپ ئۇتتۇردۇق! يەنە كېلىپ ئوخشاش بىر نومۇر پەرىق بىلەن!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) G4 p' E8 C S! @3 g: M& o
بۇ خىل بىچارە ۋە شەرمەندىلەرچە يېڭىلىشنىڭ جوردان. كىرافورتنىڭ كۆز كېسىلى، شىرئەلىجاننىڭ تىز بوغۇم ياللۇغى، تاڭ جىڭدۇڭ، يۈ چاڭدوڭ قاتارلىقلارنىڭ يارىسىنىڭ تېخى ساقىيىپ بولالمىغانلىقى... قاتارلىق كونكىرتنى سەۋەپلىرى كۆپ خىل بولسىمۇ، مېنىڭ ھېس قىلىشىمدىكى تۈپ سەۋەپ —شىنجاڭ كاماندىسىنىڭ بۇ يىل كۆز تەككەندەك گاۋشۇمىڭدەك بىر يارىماس باش تېرىنىرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقى!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ n# r; A% B- M3 |( ]. x! t3 b @
نىمىشقا بۇنداق دەيمەن؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ p6 G- ~- e# \7 V( N
1. گاۋ شۇمىڭنىڭ ھېچقانداق تاكتىكا قارىشى يوق. ھەتتا، بۇ بىچارە باش تېرىنىردا ۋاسېتكبول تېخنىكىسى ۋە CBA مۇسابىقىسىگە ئائىت ئادەتتىكى ساۋاتمۇ كەمچىل. قارشى تەرەپ كاماندىسىنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە ھالىتىگە بولغان ئەقەللى تونۇشمۇ يىتەرسىز. شۇنداق بولغاچقا ئۇ مۇسابىقە رېتىمىنى ئىزچىل كونتىرول قىلالمىدى. مۇسابىقە جەريانىدىكى جىددى ئۆزگۈرۈشلەرنى ۋاقتىدا بايقىيالمىدى. قارشى تەرەپ كاماندىسىنىڭ تاكتىكا ئۆزگەرتىشلىرىنى سېزەلمىدى. سەزگەن تەقدىردىمۇ مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنالمىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 r2 S9 D4 L, S
مەسىلەن: لىياۋنىڭ كاماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانىدا كاماندىمىزنىڭ 20 نۇمۇر ئۈستۈن ئەھۋالىغا قارىتا قارشى تەرەپ دەرھال تاكتىكا ئۆزگەرتىشى ئېلىپ بېرىپ، مۇداپىئەنى كۇچايتىش بىلەن بىرگە ھۇجۇم رېتىمىنى تىزلىتىۋىدى، شۇنچىلىك ئۆزگۈرش ئالدىدىمۇ گاۋ شۇمىڭ تەمتىرەپ، تا مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە 24 سېكىنۇتلۇق توپ كونتىرول قىلىش ۋاقتىدىن تولۇق پايدىلىنىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي قائىدىنىمۇ تەنھەركەتچىلەرنىڭ سەمىگە ئەسكەرتىپ قۇيالمىدى. خادېسىندىن ئىبارەت شىنجاڭ ئۈچۈن ھەر قادەم، ھەر بىر ھەركىتى ناھايىتى تونۇش بولغان بىر ئەزانى قانداق مۇداپىئە قىلىشنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشمۇ قولىدىن كەلمىدى. باش تېرىنىردىكى بۇ خىل يىتەرسىزلىكلىرىنى ھېلىغۇ ۋاسكىتبول نەزىريەچىلىرى ئىكەن، مەندەك ئادەتتىكى بىر كۆرۈرمەنمۇ تۇلۇق ئاڭقىىرىۋالدۇق.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 {0 y/ k3 \1 R% M) O V. ] 2. گاۋ شۇمىڭدا ئۆز كاماندىسىدىكى توپچىلارنى جايىدا ئىشلىتىش ساۋادىمۇ يوق. مەيدانغا چىقارغان توپچىلارنىڭ مەيداندىكى ئورنىغا نىسبەتەن تونۇشى يىتەرسىز. شۇنداق بولغاچقا بىردە گار تۈۋى كۈچەيسە ئوتۇرا مەيدان ئاجىز بولۇپ قالىدىغان، بىردە ئوتۇرا مەيدان كۈچەيسە گار ئاستى بۇشاپ قالىدىغان ھالەت ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى. ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغىنى شۇ يەردىكى، جىياڭسۇ جۇڭتىيەن كاماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابقىدە مۇسابىقە تەجرىبىسى يوق، ماھارىتى تېخى پىشمىغان سۇن مىڭياڭ، يۈ چاڭچۈن، ساۋ فېي قاتارلىق ئۈچ تەنھەركەتچىنى بىراقلا مەيدانغا چىقىرىپ، قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئەسى كۈچۈيۈپ، ئۇدا 12 نومۇر ئالغىچىلىك ئۆزىمىزنىڭ گار يېنىغا بىرمۇ توپ ئېلىپ كېلەلمەي بەكلا كۈلكىگە قالدۇق. نەتىجىدە شۇ ئاجىز كاماندا بىزدىن ھەتتا 30 نومۇرمۇ ئۇزاپ كەتتى! بۇ ئۇزاپ كېتىش ئۆز نۆۋىتىدە بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ‹‹چىمپىيون بولىدۇ›› دەپ قارىلىۋاتقان شىنجاڭ كاماندىسى ئۈچۈن ھاقارەت بولۇپلا قالماي، بىزدەك ئىخلاسمەن توپ مەستانىلىرىنىڭ غۇرۇرى ئۈچۈنمۇ كەچۈرگۈسىز ھاقارەت بولۇپ قالدى!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' I5 K5 s" Z) e+ n" p& g6 W گاۋ تېرىنىرنىڭ ئادەم ئىشلىتىش تېخنىكىسىنىڭ بۇنچە بوش ئىكەنلىكلىكىگە چىدىمىغان چەتئەللىك ئەزا جوردان . كىرافورد ھەتتا بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە باش تېرىنىر بولغۇچىغا دىمەيلا تەرجىمان ئارقىلىق سۇن مىڭياڭنى مەيداندىن چۈشۈرۈۋېتىپ، ئورنىغا جۇۋ چىنى چىقارغۇزدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ x/ \2 h8 K8 I, Q
3. ھازىرغىچە بولغان نەق مەيدان ۋە تېلىۋىزىيەدىكى ئۇلاپ تارقىتىش بىزگە ناھايىتى ئېنىق دەپ بەردىكى، باش تېرىنىر گاۋ شۇمىڭ بەكلا خۇدۈكچان ۋە يۇمشاقباش! باش تېرىنىر بولغۇچىدىكى بۇنداق لاتا مىجەزلىك ئەزەلدىنلا ۋۇجۇدى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان شىنجاڭ كاماندىسى ئۈچۈن بىر ئاپەت!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 q' ]3 E X+ c% M& M1 e/ t1 H& E0 E
يىللاردىن بېرى بىز كۆرۈرمەنلەر ‹‹ بىزنىڭ شىنجاڭ كاماندىمىز شۇنچە ياخشى مەبلەغ سالغۇچى، قوللىغۇچىغا ئېرىشتىيۇ، لاياقەتلىك بىر باش تېرىنىرغا ئېرىشەلمىدۇق›› دەپ غودۇڭشۇپ كېلىۋاتقان ئىدۇق. بۇ يىل يازدا سۈي ۋەنجۈننىڭ ئالمىشىدىغانلىق خەۋرى شامالدىۋىدى، شۇ غۇدۇڭشۇشلىرىمىز ئاخىرلىشارمىكىن، دەپ ئازراق بولسىمۇ خۇشال بولۇشقان ئىدۇق، نەدىكىنى، ‹‹كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمىدى›› دىگەندەكلا بىر ئىش بولدى. ‹‹ياشلار كاماندىسىنى بىر يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم چىمپىيونلۇققا ئېرىشتۈردى›› دىگەن شۇنچە ئاددى بىر نەزىريە بىلەن بۇ گاۋ پامىلىلىك تېرنىرنىڭ بېشىغا ھۇما قۇشى قوندى! ئاسماندىن پوشكال ياغقاندەكلا تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئامەت ئالدىدا شەنشى كاماندىسى خېلى يىللار ئىلگىرىلا ياراتماي ئىشتىن بۇشاتقان گاۋ تېرىنىرنىڭ ھېچقانچە ئىدىيىۋى تەييارلىقنىڭ يوق ئىكەنلىگى بەك ئەسان پاش بولۇپ قالدى— بۇشاڭلىق قىلغان ماھىر، ناھەق ھۆكۈمگە بىرنەرسە دىيىش تۈگۈل خېلى مۇسابىقىلەرگىچە ئۇ ھەتتا ئورنىدىن تۇرۇپ بىر- ئىككى قەدەممۇ ئالالمىدى. بۇ ھال تاكى دۇڭگۈەن كاماندىسى بىلەنكى مۇسابىقىدە يېڭىلگۈچە ئارىلىقتا تەنھەركەتچىلىرىمىزدە كىمنىڭ قولىغا توپ چىقسا ئىككى تەرەپكە قارىمايلا گارغا ئېتىۋېتىدىغان، ئۆز ئورنىنى تاپالمايدىغان، مۇداپىئەدە بۇشاڭلىق قىلىدىغان، ئۆزىنى مەركەز قىلىش، شەخسىي قەھرىمانلىقنى قوغلۇشۇش خاھىشىنى ئاستا- ئاستا پەيدا قىلدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 k$ Z# }, [9 j2 J" ?+ Q. I: s/ I 4. گاۋ شۇمىڭدا مۇسابىقىدىن توغرا، ئادىل خۇلاسە چىقىرىش، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش تۇيغۇسى يوق. ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدىن كېيىنكى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىدە بىز ئۇنىڭ ئېغىزىدىن ‹‹ يامان ئەمەس›› › ‹‹ بولۇپ قالىدۇ›› دىگەن بىر- ئىككى گەپنى كۆپ ئاڭلىدۇق. شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئايرىم خەۋەر ۋە مەخسۇس پىرۇگىراممىلىرىدىمۇ ئۇنىڭ ھېچقانچە خۇلاسە پىكىرىنى ئاڭلىيالمىدۇق. ھەتتا، مەن بىر قېتىملىق مەخسۇس پىرۇگىراممىدا شىنجاڭ كاماندا ئەزالىرىنىڭ شۇ كۈنى كەچتە ئوينىلىدىغان مۇسابىقىدىكى رەقىبىنىڭ ئالدىنقى ئاخشامدىكى مۇسابىقە ۋىدىوسىنى كۆرۈشكە تەشكىللىگەن ۋاقىتتا باش تېرىنىردىن باشقا بىرمۇ تەنھەركەتچىنىڭ تېلىۋىزىيەگە دىققەت قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەكلا ئەپسۇسلاندىم. ئەمەلىيەتتە شۇ كۈرۈنۈشتىن ئايان ئىدىكى، يولداش گاۋ شۇمىڭمۇ ئۇ ۋىدىئوغا بەك كۆڭۈل بېرىپ كېتەلمەيۋاتاتتى. بۈگۈنكى رەقىبىنىڭ مۇسابىقە ھالىتىنى كۆڭۈل قۇيۇپ كۈزەتمىگەن، شۇنىڭغا قارىتا تاكتىكا ئۇرۇنلاشتۇرۇشى ئېلىپ بارالمىغان ئادەمدىن يەنە نىمە كۈتۈش مۈمكىن؟!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% J7 ]! S9 M% Y& C مۇسابىقە دىمەك، جەڭ دىمەكتۇر! بۇ يىلقى شىنجاڭ كاماندىسىنىڭ جېڭى مەيلى ئىقتىسادى نوقتىدىن، مەيلى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۆز تىكىش نوقتىسىدىن، ياكى، شىنجاڭ كاماندىسىنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى نوقتىسىدىن بولمىسۇن ناھايىتى مۇھىم بىر قېتىملىق جەڭ! بۇ جەڭدە غەلىبە قىلىش ئىستىگى كۈچلۈك بولۇۋاتقىنى خې چاڭجاڭ، گوجىيەن قاتارلىق گۇاڭخۇي تەرەپ رەھبەرلىرىلا بولماسلىقى مۈمكىن. بەك كۆپ ئادەم تەشنا بولۇۋاتقان بۇ غەلىبىنى مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئى نەزەر يوق قىلىۋېتىش ھوقۇقى يوق!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: W0 |$ i8 h s& S5 m0 z* @7 D/ B
شۇڭا بۇ نوقتىدا كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ كاماندىمىزنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن باش تېرىنىر گاۋ شۇمىڭ ئەپەندىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 [! X" u5 V) c9 a$ ~بۇ يازما ئۈچۈن بىر ھەپتە ئىلگىرىلا مائۇسنى قولۇمغا ئېلىپ بولۇپ، لەۋ چىشلەپ تۇرۇپ توختاپ قېلىشىم مېنىڭ خېلىلا سەۋىرچان ئىكەنلىگىمنى ئىسپاتلىسا كېرەك.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ F. S1 F3 T% d" Z9 r0 j
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛
http://waskitbol.com/portal.php
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 y# Q; p0 O i* F: B: N
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, i9 G4 a6 }7 j3 f& |( P% V