مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2175|ئىنكاس: 40

مەۋھۇم دۇنيا (3) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110780
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2603
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2014-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 04:37:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                           
                                                   مەۋھۇم دۇنيا
   قەدەملىرىمنى تېز-تېز ئېلىپ ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدىم.ئۇ مېنى كۆرۈپ توختىماي سۆزلەشكە باشلىدى: "ۋوي سىڭلىم،دەل ۋاقتىدا كەلدىڭىز ،ئۇنىڭغا گېپىمنى ئۇقتۇرالماي تازا قىينالدىم، پويىزدىن چۈشكەندىن بېرى بېشىم ئاغرىپ ئازراق دورا ئالاي دەپ ، بۇنىڭدىن دورا دۇكىنىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سورىسام،بىر نەرسىلەرنى كالدىرلاپ سۆزلەۋاتىدۇ ، ئەمما مەن ھىچنىمىنى چۈشەنمىدىم، ئۇنىڭدىن بىر سوراپ بەرسىڭىز بوپتىكەن سىڭلىم. " ئۇ يولداشتىن دورىخانىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سورىدىم. ئۇ يولداش بىزگە دورىخانىنى كۆرسىتىپ قويغاندىن كېيىن كېتىپ قالدى. ئۇ ئايالغا بىللە بېرىپ دورا ئېلىشىپ بېرەي دېسەم، ئۇ ئايال ئۇنىمىدى. ئۇ ماڭا: "ئۆزۈم بېرىپ ئېلىۋېرەي، سىزنى ئاۋارە قىلماي، ئادەتتىكى گەپلەرنى ئانچە-مۇنچە دېيەلەيمەن، بەك بولمىسا شەرەت ئارقىلىق چۈشەندۈرسەم بولىدۇ، دوستىڭىز يالغۇز قالمىسۇن سىز ياتاققا قايتىپ تۇرۇڭ "دېدى . مەن ياتاققا قايتىپ كەتمەكچى بولدۇم، تۇيۇقسىز ئۇ ئايالنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرگە قارىدىم. ئۇنىڭ قولىدىكى خالتىنىڭ ئىچىدە بىر مۇنچە يەيدىغان نەرسە ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قانچە دورا قۇتىسى بار ئىدى. قىززىق ئىشقۇ بۇ ، ئۇ دورا ئېلىپ بولۇپمۇ يەنە نىمىشقا دورا ئالغىلى بارىدىغاندۇ؟ كۆڭلۈمگە بىر خىل گۇمان چۈشتى. ئۇ خېلى يىراقلاپ كەتكەندىن كېيىن ،چاندۇرماي ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدىم.
   ئۇ ئايال بايا يولداش كۆرسىتىپ قويغان تەرەپتىن ماڭماي، باشقا بىر تەرەپكە قاراپ مېڭىۋاتاتتى، ئۇ بىر بىنانىڭ ئالدىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، بىر تار كوچىغا قاراپ ئىچكىرلەپ مېڭىۋاتاتتى، داۋاملىق ئۇ ئايالنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىۋېرىشتىن سەل قورقۇپ قالدىم.قايتىپ كەتمەكچى بولۇپ ئارقامغا ئايلاندىم، خۇددى ئارقامدىن بىرسى قوغلاپ كېلىدىغاندەك قەدەملىرىمنى تېز-تېز يۆتكەۋاتىمەن، مانا ئەمدى يۈگرەشكە باشلىدىم. ئۇچقاندەك يۈگرەپ ھاسىراپ-ھۆمىدەپ دېگەندەك ياتاققا يېتىپ كەلدىم.ياتاققا كىرىپ ھەيران قالدىم، ئۇ ئايال بالىلىرى بىلەن گەپ قىلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ، دوستۇم بىر تەرەپتە ئولتۇرۇپ كىنو كۆرگىلى تۇرۇپتۇ. "توۋا، بۇ ئايال قاچان قايتىپ كىرگەندۇ؟ بايا مەن خاتا كۆرۈپ قالمىغاندىمەن؟؟" ئۇ ئايالدىن دورا ئالغان ئالمىغانلىقىنى سورىدىم، ئۇ ئالغان دورىلىرىنى ئېلىپ ماڭا كۆرسەتتى . بۇ دەل بايا مەن ئايالنىڭ قولىدىكى خالتىنىڭ ئىچىدە كۆرگەن دورا ئىدى...ھىچنىمىنى چۈشىنەلمەي قالدىم.
    ئۇ ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ:"ھەدە كەچۈرىسىز، سىزگە ياردەم قىلالمايدىغان بولدۇق،بىز بۇ ياتاقنى قايتۇرىۋەتمەكچى، ئۆيدىكىلەر مېنىڭ ياتاق ئالغىنىمنى ئاڭلاپ ئاچچىقلاپ كەتتى، بىز پويىز كۈتۈش زالىغا كىرىپ، شۇ يەردە بىر كېچىنى ئۆتكۈزمەكچى ،ئەتە شۇ يەردىنلا ماڭىمىز ، كۆرۈشەلمەي قالساق، مۇشۇ يەردىلا خوشلىشايلى" دەپ نەرسە - كېرەكلىرىمنى يۇغۇشتۇرۇشقا باشلىدىم، ئۇ ئايال ئارتۇق گەپ قىلمىدى . دوستۇم نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشىنەلمەي ماڭا قاراپ تۇرغان ئىدى. دوستۇمغا شەرەت قىلىپ، دەرھال نەرسە-كېرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرۇشنى ئېيتتىم. بىز پەلەمپەيدىن چۈشىۋاتساق بايا بىز دورىخانىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سورىغان يولداش ئۇچرىدى. ئۇنى كۆرمىگەنگە سېلىۋېلىپ بۇ نەس باسقان يەردىن دەرھال چىقىپ كەتتۇق. نېمىشقىكىن بىلمىدىم كۆڭلۈم ئەمدى ئىزىغا چۈشكەن ئىدى.دوستۇمغا بولغان ئىشلارنى قىسقىلا چۈشەندۈرۈپ قويدۇم.
   بىز بېلەت ئېلىش زالغا كىرىپ شۇ يەردە ئولتۇرماقچى بولدۇق.ئىچىگە كىرىپ ناھايىتى ھەيران قالدىم.ئۆزۈمنىڭ بىر توپ ئادەملەر ئارىسىدا تۇرىۋاتقانلىقىمغا گۇمانلىنىپ قېلىۋاتاتتىم.بۇنىڭ ئىچىدە ئورۇندۇق بولمىغاچقا، بەزىلەر ئۇدۇل كەلگەن يەردىلا ئولتۇرىۋالغان، يەنە بەزىلەر بولسا يەردىلا يېتىپ ئۇخلاۋاتقان، ئەڭ يامان بولغىنى بىر قىسىم ساپاسىز كىشىلەر بولسا، خۇددى ئوتۇنچىدەك ۋارقىراپ كىشىلەرنىڭ ئارامىنى بۇزىۋاتقان.... بۇنىڭ ئىچىنىڭ مۇھىتىدىن گەپ ئېچىشقۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. قارىسىلا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرغۇدەك بۇ مۇھىت، بىزنىڭ بۇ يەردە داۋاملىق تۇرىۋېرىشىمىزگە يول قويمىدى.بىز بۇ يەردىن چىقىپ بىر كىچىك ماگزىننىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆيدىن ئېلىۋالغان ئەدىياللىرىمىزنى سېلىپ بىر-بىرىمىزگە يۆلىنىپ ئولتۇردۇق. ئەڭ يامان بولغىنى ئۆيدىكىلەر مەندىن ئەنسىرەپ ئۇخلىيالماي ،ھەر 10 مىنۇتتا بىر تېلفۇن قىلىپ ئەھۋالىمنى سوراپ تۇردى،
   تەخمىنەن بىر سائەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن،دوستۇم ئىككىمىز توڭلاشقا باشلىدۇق،ئۇنىڭ ئۈستىگە سىرىتتا ئادەم قالمىغىلى تۇردى.ئاندا-ساندا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتكەن كىشىلەر بولسا،بىزگە ھەيرانلىق بىلەن قارىشىپ قوياتتى.ئىككىمىزنى بارا-بارا قورقۇنۇش بېسىشقا باشلىدى. ئامالسىز يەنە بېلەت ئېلىش زالىغا قايتىپ كىردۇق.باشقىلارنىڭ دېھقىتىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن بىر بۇلۇڭغا بېرىپ ئولتۇردۇق.ئەمدى بىر خاتىرجەم ئولتۇرۇپ تۇرساق ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئالدىمىزدا بىر ئۇيغۇر ئوغۇل بالا پەيدا بولۇپ قالدى.ئۇ توختىماي بىزدىن قەيەردىن كەلگەنلىكىمىزنى، قەيەرگە ماڭغانلىقىمىزنى، نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىمىزنى ... قاتارلىق بىر مۇنچە سۇئاللارنى سورىدى. ئەمما دوستۇم ئىككىمىز ئۇ بالىغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدۇق.ئۇ بالا بىزدىن گەپ ئالالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ ئاخىرى چىقىپ كەتتى. ئەمما بىر قانچە قېتىم ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ بىزگە قاراپ قويۇپ، يەنە كېتىپ قالدى. يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا قاراپ كۆڭلۈم شۇنداق بۇزۇلدى. ئۆيدىن ئايرىلىپ بۇنچە يىراق يەرگە كەلگىنىمگە پۇيايمان قىلىپمۇ ئۈلگۈردۈم. مېنىڭ ھازىر ھەممىدىن بەك ئۈمۈت قىلىدىغىنىم بولسا،دەرھال تاڭ ئاتسا، بۇ يەردىن تېزراق ئايرىلسام بولاتتى.
   ھازىر يېرىم كېچە سائەت ئىككى بولدى . دوستۇم ئىككىمىز نۆۋەتلىشىپ ئارام ئالماقچى بولدۇق .بېشىمنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ ئەمدى ئۇخلاي دەپ تۇرىشىمغا، بىر مەسىت ئورنىدىن تۇرۇپ، زالنىڭ ئىچىدە ۋارقىراپ-جارقىراپ،زالنى بېشىغا كەيگىلى تۇردى. ئۇنى بېسىقتۇرغىدەك ھىچكىم چىقمىدى. باياتىندىن بېرى بولۇۋاتقان ئىشلارغا ئاچچىقىم كېلىپ تۇرغان مەن بولسام، ئۆزۈممۇ بىلمەي ئۇنىڭغا ۋارقىراپ ساپتىمەن. "ئىم،چاتاق بولدى، زالدىكى ھەممە كىشىنىڭ كۆزى ماڭا تىكىلدى، ھېلىقى مەسىت كىشى بولسا، ئادەمنى يەۋەتكۈدەك ھالەتتە ماڭا قاراپ كېلىۋاتاتتى، زالدىكى كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئىچ ئاغرىتىش نەزىرىدە،يەنە بەزىلىرى ھەيرانلىق نەزىرىدە ،يەنە بەزىلىرى ئىپادىسىزلا ماڭا قاراپ تۇرىۋاتاتتى. دوستۇم ئىككىمىز بولساق قورقۇپ كېتىۋاتاتتۇق. ئەمما ئويلىمىغان ئىش يۈز بەردى. ئۇ مەسىت ئالدىمغا كېلىپلا پوككىدە يىقىلىپ چۈشتى. دوستۇم ئىككىمىز بەك قورقۇپ كەتكەچكە ،بۇ يەردىن چىقىپ كەتمەكچى بولدۇق.....
   ئېغىر سومكىلارنى كۆتۈرۈپ سىرىتقا چىقتۇق. ئەتراپ قاراڭغۇ، ئاندا-ساندا بىزگە ئوخشاش مۇساپىرلار ئۇچراپ تۇراتتى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ قەيەرگە بېرىپ بۇ مۇساپىرلىق بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈش كېرەك؟زادى قانداق قىلىش كېرەك؟؟؟ ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، جاندىن ئۆتكۈدەك بۇ سوغۇق بىزنى قىيناۋاتاتتى.دوستۇم ئىككىمىز بىز بايا قايتۇرىۋەتكەن مېھمانخانىغا باردۇق،بىز ياتاقنى قايتۇرىدىغان چاغدا، ياتاق باشقۇرىدىغان ئايال بىزگە:"سىرىتنىڭ تىنىچ ئەمەسلىكىنى،بىر نەرسە لازىم بولسا ئۇنى ئىزدىشىمىزنى،تۇنۇمايدىغان كىشىلەرگە گەپ قىلماسلىقىمىزنى تاپىلىغان ئىدى".شۇڭا بىز ئۇنى ئىزدەپ كەلدۇق.بىز مېھمانخانىنىڭ پەلەمپىيىگە نەرسە-كېرەكلىرىمىزنى قويۇپ، شۇ يەردە بىر كېچىنى ئۆتكۈزمەكچى بولدۇق.
   بۇ ئازاپلىق كېچە ئاستا-ئاستا ئۆتۈپ كېتىشكە باشلىدى.تاڭ سۈزۈلدى. گەرچە ئازاپلىق بولسىمۇ، بۇ كېچىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدىن شۇنچىلىك خوشال ئىدىم.يۈزلۈرىمىزنى يۇيۇپ ماڭايلى دەپ تۇرساق، ياتاق باشقۇرىدىغان ئايال بىزگە ئىسسىق چاي ئەكىلىپ بەردى.كېچىدىن بېرى بەك توڭلاپ كەتكەچكە،چاينى كۆرۈپ بەك خوشال بولۇپ كەتتۇق.ياتاق باشقۇرىدىغان ئايالغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، بۇ يەردىن ئايرىلدۇق.ھازىر ئەتىگەن سائەت 6:00 بولدى. ۋوگزالغا كىرىشكە يەنە بىر سائەت ۋاقىت بار ئىدى.دوستۇم ئىككىمىز ئەتراپتىن بىرەر مۇسۇلمانچە ئاشخانا تېپىپ قورسۇقىمىزنى تويغۇزماقچى بولدۇق.بۇ ئەتراپتا مۇسۇلمانچە ئاشخانا خېلى كۆپ ئىدى. ئەمما بەك ئەتىگەن بولغاچقا تېخى تاماق چىقمىغان ئىدى.بىر ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇرماقچى بولدۇق.كېچىدىن بېرى تۈزۈك ئۇخلىمىغاچقىمۇ ،چىرايىمىز ناھايىتى سۇلغۇن ئىدى. خوجايىن بىزگە قاراپ ناھايىتى ھەيران قالدى. ئۇ بىزنىڭ ئىشلىرىمىزدىن ئازراق خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بىزگە ئىچى ئاغرىدىمۇ، تاماقنى بالدۇر چىقىرىپ بەردى.تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن خوجايىنغا رەھمەت ئېيتىپ بۇ يەردىن ئايرىلدۇق. ئاخىرى ۋوگزال ئىچىگە كىرىش ۋاقتى توشتى.يۈكتاقلىرىمىزنى سۆرەپ ۋوگزال تەرەپكە ماڭدۇق. ئازاپلىق كۈنلەر تېخى ئاياقلاشقاندەك قىلمايتتى،دوستۇمنىڭ يۈكتاقلىرى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىدى. بىز شىنجاڭلىق بولغاچقا بىزنى ئايرىم ئۆيگە ئېلىپ تەكشۈردى.ئەمما ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدىن مەسىلە چىققانلىقى ئېنىقلاندى. بۇ ئىشلارغا نېمە دەيىتتۇق؟  "كەچۈرۈڭلار" دىگەن بىر ئېغىز چىرايلىق سۆز بىلەن بىزنى يولغا سېلىپ قويدى.
   بېلەتنى بالدۇر ئالالمىغاچقا، لەنجۇدىن نەنچاڭغىچە بولغان بىر يېرىم كۈن يولنى ئولتۇرۇپ مېڭىشقا توغرا كېلەتتى."ھەي!!! ئەمدى نېمىسىنى ئېيتاي، پويىزدا ئولتۇرۇپ ئۇخلاشقا كۆنەلمىگىنىمنى ئېيتايمۇ، ياكى ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىر يەرگە بېرىپ كېلىپ بولغۇچە، ئورنۇمنىڭ ئاللىبۇرۇن باشقىلار تەرىپىدىن ئىگەنلىنىپ بولغانلىقىنى ئېيتايمۇ، ۋە ياكى ئورنى يوق كىشىلەرنىڭ، خۇددى ئۆيىدىكى پول ئۈستىدە ياتقاندەك، يەردىلا يېتىپ كېتىشلىرىنى ئېيتايمۇ؟؟" بولدىلا يەنىلا گەپنى پويىزدىن چۈشكەن يەردىنلا باشلاي.....
   تەقەززارلىق بىلەن كۈتكەن بۇ كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى. پويىزدىن چۈشتۇق، ھاۋا شۇنداق تۇتۇق ئىدى. 10 مىتىر يىراقلىقتىكى ئادەمنىڭ چىرايىنى پەرىق ئەتكىلى بولمايتتى. بىردەمدىلا يامغۇر قۇيىۋەتتى. ئىلگىرى كىتاپلاردا يامغۇرنى چېلەكلەپ قۇيغاندەك دەپ تەسۋىرلىگىنىنى كۆرگەن ئىدىم. مانا بۈگۈن شۇ يامغۇرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
   مەكتەپتىن يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئادەم چىققان ئىدى.بىز ئاپتۇبۇستا ماڭغاچ شەھەر مەنزىرىسىنى كۈزىتىشكە باشلىدىم.بۇ شەھەر مېنىڭ تەسەۋۋۇرىمدىكىدەك ئۇنچىمۇ چىرايلىق،ھەيۋەت ئەمەس ئىدى.ئازراق ئۈمۈتسىزلەندىم. خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن ئاخىرى مەكتەپكە يېتىپ كەلدۇق. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ بۇ قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن كىچىك بىر دۇنيانى كۆرۈپ، تۇلۇق ئوتتۇرا ھاياتىمغا قەدەم قويغان تۇنجى كۈنۈمنى ئەسلەپ قالدىم....
   مانا بۇ مېنىڭ يېڭى دۇنيارىم، مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاجايىپ غارايىباتلارغا تولغان مەۋھۇم دۇنيا......




ئەسىرىمنىڭ (سەپەر ھېسلىرى) قىسىمىنى غەلبىلىك تاماملاپ بولدۇم، ھەممىڭلارنىڭ قوللاپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت، ئاللا خالىسا كېيىنكى ھاياتىمدا يۈز بېرىۋاتقان ئاجايىپ -غارايىپ ئىشلارنى داۋاملىق يېزىپ چىقىمەن....

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sargarda + 500 ماختاشقا تېگىشلىك
subihtikiqeqak + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 800   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8277
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 07:41:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسىرىڭىزنى تورداشلارنىڭ بېسىمى بىلەن تىزلا ئاخىرلاشتۇرمىغانسىز ھە .

ھەمبەھىرىمنى كۈرۈڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110780
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2603
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2014-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 08:09:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
saman-yoli يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 07:41 PM
بۇ ئەسىرىڭىزنى تورداشلارنىڭ بېسىمى بىلەن تىزلا ئاخىرل ...

شۇ ۋاقىت يەتمىگەچكە شۇنداقراق بولۇپ قالدى، قانداق مەزمۇنى چولتا بولۇپ قاپتۇما؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110780
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2603
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2014-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 08:12:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«پۇشايمان»دېگەن خەتنى ئالدىراشلىقتا خاتا يېزىپ قويۇپتىمەن ، توغرا چۈشەنگەيسىلەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2006
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 08:45:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەشنامىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2478
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1825 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 09:44:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
             ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىدا       ھېلىقى ئايال  يەنە چىقامدۇ ؟ياكى    مۇشۇنىڭ بىلەن  رولى تۈگىدىمۇ    .         ۋەقەلىكى  تىزلا ئاخىرلىشىپ كىتىپتۇ    .         داۋۇت پالتىكامدەك يوقاپ كەتمەي ، يەنە يېزىڭ جۇمۇ داۋامىنى .             

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110780
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2603
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2014-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 09:51:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sanjay يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 09:44 PM
ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىدا       ھېلىقى ئايال  يەنە چى ...

مەن مەكتەپكە كەتكەن تۇرسام، ھەر قانچە قويمىچى بولسىمۇ مېنى ئىزدەپ تاپماس،قايتا ئۇچراپ قالسىمۇ تۇنۇيالماسلىقىم مۇمكىن،ئۇ ئىشلارغا بىر يىلدىن ئاشتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110780
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2603
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2014-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 09:53:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sanjay يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 09:44 PM
ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىدا       ھېلىقى ئايال  يەنە چى ...

ئەسلى يەنە جىق مەزمۇن بارتى،ۋاقىت يېتىشمەي قىسقارتىۋەتتىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83171
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3364
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2012-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 09:33:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېلىقى دۇرا ئالغان ئايال نىمىش قىلىدىكەن ؟ ھەجىپ سىرلىق ئايالكىنا ؟

ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭ ھامان سىنى ئىزدەپ كىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110780
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2603
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2014-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 10:05:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alzapar0302 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-1 09:33 AM
ھېلىقى دۇرا ئالغان ئايال نىمىش قىلىدىكەن ؟ ھەجىپ سىرلى ...

ئۇنى بىلمەيمەن،كېيىن ئۇچراتمىدىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش