مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1262|ئىنكاس: 10

خۇشاللىق قوغلاشمايدىغان كىم بار ؟ ( تامام ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110532
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 316
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 11:38:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    لالە شۇنداق قاتتىق  ۋارقىرىدىكى، فەررۇخقا  گويا پۈتۈن بىنا  لالەنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ لەرزىگە كەلگەندەك سېزىلدى ، چۈنكى بۇ ساداغا تۈگىمەس دەرت - ئەلەم ۋە غەزەپ - نەپرەت مۇجەسسەملەنگەن . شۇ دەمدە لالەگە كۈلۈپ قارىغان ھايات ئەمدى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىمەكتە ، ئۇنى مەسخىرە قىلماقتا . يەنە كېلىپ بىراۋلارنىڭ يۇرتىدا ، فەررۇخ ئۇنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ مۇشۇ مەنزىرىلەرنى كۆرسىتىپ ، ئۇنى زاڭلىق قىلماقچىمۇ ؟ ئايرۇپىلاندىن چۈشكەندە ۋە يولدا كېلىۋاتقاندا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا زاھىر بولغان مەنزىرىلەر بايا ئۇنىڭغا شۇنداق گۈزەل كۆرۈنگەن بولسا ، ئەمدى ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ بىمەنە ۋە يېقىمسىز تۇيۇلماقتا ، بىردىنلا لالەنىڭ  شۇ تاپتا ئاپىسىنى بىر كۆرگۈسى ، ئاپىسىنىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويۇپ تازا ۋارقىراپ يىغلىۋالغۇسى كەلدى ، ئەپسۇس ، ئاپىسى تولىمۇ يىراقتا قالدى ، تولىمۇ يىراقتا ..... لالە بۇقۇلداپ يىغلىماقتا ، تۇرۇپلا ئۇنىڭ ئۆيدىكى ھەممە نەرسىنى بۇزۇۋەتكۈسى ، چېقىۋەتكۈسى ،  ھەتتا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكۈسى كەلدى ، لېكىن بۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىش ئىزىغا چۈشەمدۇ ؟
  _ رەنا ، سەن  بالىنى ئېلىپ چىقىپ تۇرغىن ، _ دىدى فەررۇخ ، - نىمە قىلىشىنى بىلمەي قاراپ تۇرغان قىزغا قاراپ .
  رەنا بالىنى يېتىلەپ ياندىكى ھوجرىغا كىرىپ كەتتى . نەفىسەنى قۇچىقىغا ئېلىۋالغان فەررۇخ لالەگە چۈشەندۈرمەكتە .
  _ لالە ، سەنمۇ بىلىسەن ، مەن بۇ يەردە يالغۇز ،  غېرىپسىنىپ .... ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر ئادەتتىكى ئىش ، كىچىك ئىش ، سېنىڭ بۇنچىلىك ئېغىر ئالىدىغانلىقىڭنى ئويلىماپتىكەنمەن ، سەن كۆڭلى كۆكسىڭنى بىراز كەڭ تۇتساڭلا ،  بۇ ئىشلارنى  قوبۇل قىلالايسەن  ، ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن ، بۇنداق ئىشلار ھازىر ۋەتەندىمۇ كۆپقۇ ؟ ھەيران قالغۇچىلىك ، ئۆزۈڭنى بۇنچىلىك ئۇپراتقۇچىلىك ئىش ئەمەس ، لالە .......
   _ فەررۇخ ، مەن سېنى بۇنداق قىلىدۇ دەپ پەقەتلا ئويلىماپتىكەنمەن ، پەقەتلا ئويلىماپتىكەنمەن ، مەن سېنى بىزنى دەپ يات ئەللەردە جاپا تارتىپ يۈرۈۋاتىدۇ دېسەم ، ئەسلىدە سەن .....
  بۇ لالەنىڭ فەررۇخنى تۇنجى قېتىم سەنلىشى ئىدى . ئۆزى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرگەن ، سۆيگەن بۇ كىشى ئۈچۈن لالەنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرى ئازمۇ ؟ ئۇنى دەپ شۇنچە يىل قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن كەسپىدىن ۋاز كەچتى  . مۇشۇ كەمگىچە ، ئۇنىڭغا سادىقلىق بىلەن ياشىدى ، فەررۇخنىڭ ئۆيىدە تولا تۇرمايدىغانلىقىنى بىلىپ ھاياسىزلىق بىلەن  چاقچاق قىلغان ۋە شۇ چاقچاقلىرى بىلەن لالەنى چېكىپ باققان ئەرلەرنىڭ تالاي قېتىم دەككىسىنى بەردى . ساۋاقداشلار يىغىلىشى ، ئەر - ئاياللار چېيى دېگەندەكلەرگىغۇ فەررۇخ يوق ۋاقىتلاردا قەتئىي بېرىپ باقمىدى .
ئۇنىڭ نەزىرىدە فەررۇخ دۇنيادىكى ئەڭ قاملاشقان ، ئەڭ قابىلىيەتلىك ، ئەڭ پەزىلەتلىك ئەر ئىدى . مانا ئەمدىچۇ ؟ ئۇ لالەنىڭ كۆز ئالدىدا ئەڭ پەسكەش ، ئەڭ ۋىجادانسىز ، ئەڭ يىرگىنىشلىك ئەر سىياقىدا نامايان بولۇپ تۇرماقتا . ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە ، لالەنى قانداقتۇر توسۇپ بولغىلى بولمايدىغان بىر كۈلكە قىستىدى ، ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قاقاقلاپ كۈلۈشكە باشلىدى ، لالە كۈلمەكتە ، نەفىسە يىغلىماقتا ، فەررۇخ  گويا ئاڭقاۋ ئادەمدەك نىمە قىلىشىنى بىلمەي بىر دەم قاراپ تۇردى - دە ، كەينىدىنلا لالەنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ  سىلكىدى ، لالەنىڭ كۈلكىسىنىڭ ئاخىرى يىغا بىلەن تاماملاندى ، ئايرۇپىلاندىن  شۇنداق خۇشال كەيپىياتتا چۈشكەن لالە ئەمدىلىكتە خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك بولۇپ قالدى .
   كەچ كىردى ، دەرىزە ئالدىدا تۇرۇپ يىراقلارغا نەزەر سېلىۋاتقان لالە ئۈچۈن ئەتراپتىكى ھەممىلا نەرسە سوغۇق كۆرۈنمەكتە ، نەفىسە ئۇخلىماقتا ، بىچارە بالا ! ئەسلى بۈگۈن بولغان ئىشلارنى كۆرمەسلىكى ، ئاڭلىماسلىقى كېرەك ئىدى ، لېكىن ، ئۇ ھەممىنى بىلدى ، ھەممىنى بىلدى ، لالەنى يەنە يىغا تۇتتى ، ئۇ يىغىسىنى نەفىسەنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئاستا ھوجرىدىن چىقىپ ياندىكى ھوجرىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشىگە ھوجرىدىن رەنانىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .
  _ جېنىم ، مېنى سېغىندىڭىزمۇ ؟
  _ سېغىنمامدىغان گۈلۈم ، شۇڭا بېرىشىمدىن يېنىشىم تېز بولدىغۇ بۇ قېتىم .
_ يالغانچى ، _ رەنانىڭ نازلىنىپ ئېيتقان  ئاۋازى  يەنە ئاڭلاندى .
  _ راس ، ئومىقىم ، راست ، ماڭا ئىشەنمەمسەن ، گۈلۈم ؟ سېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىمنى بىلمەمسەن ؟مەن ........
   لالەنىڭ بۇ يەردە تۇرۇۋېرىشكە تاقىتى قالمىدى ، شۇ تاپ كىرىپ ئىككىسىنى قىيما - چىيما قىلىۋەتكۈسى كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۆزىنى يەنىلا تۇتۇۋالدى ، ئۇ زىدە بولغان يۈرىكىنى تۇتۇپ ، ئاستا نەفىسەنىڭ يېنىغا قايتىپ كىردى . بۇ كېچە ئۇنىڭ بۇ ئۆمرىدە ئەڭ تەستە ئۆتكەن ئەڭ ئازاپلىق بىر كېچە بولدى . شۇ تاپ بەلكىم باشقىلار  خاتىرجەم ئۇيقۇغا كەتكەندۇ ؟ بوپتۇ ، باشقىلار بولسىمۇ خۇشال ياشىسۇن ، خۇشال ياشىسۇن ، ئەمدى لالە ئۈچۈن ئەر ، ئۆي دېگەنلەرنىڭ ، ھەتتا ھاياتنىڭمۇ قىلچىلىك مەنىسى قالمىغاندەك تۇيۇلدى  ، ھەممىسى نەيرەڭۋازلىق بىلەن ، ساختا كۆيۈنۈش ، كۆز بوياشلار بىلەن تولغان نەرسىلەركەنغۇ ؟ ئەمدى ئۇنىڭغا بۇ ئائىلىدە خۇشاللىق يوق ، بەخت يوق . ھەممە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىدى ، ھەممە ئۇنى خۇددى فەررۇخ ئالدىغاندەك ئالدىدى .
   
     لالە سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سۆزىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى ، ياش تامچىلىرى ئۇنىڭ ئاپپاق مەڭىزلىرىنى بويلاپ تۆۋەنگە چۈشمەكتە .......
  بۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەرنى قايسى ئايال ئۇنتۇپ كېتەلەيدۇ ؟!  بىر ئۆمۈر بىللە ياشىغان ، چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن ئادەمنىڭ باشقا بىرىگە مەنسۇپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە كۆيمەي تۇرالايدىغان يۈرەك كىمدە بار ؟
باشقىلارغا ‹‹ ئەر دېگەن ئۆيدە بىرىنىڭ ، تالادا مىڭىنىڭ ، ئوغۇل بالا ! ئوينىۋالسۇن مېنىڭ ئېرىم ›› دېگەن ئاياللارنىڭ ئىچىگە ھېچكىم كىرىپ چىقىپ باققىنى يوق ، يۈرىكىنى ئېزىپ تۇرغان دەردىنى پەقەت ئۇلار ئۆزلىرىلا بىلىدۇ . بىر خوشنىمىز بولىدىغان ئېرى تالاغا قارايدىغان ، _ بىلەمسىز ، سىڭلىم ، ئۇنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى دېسەم ، ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈنمۇ ئۆي تۇتقۇم يوق ، پەقەت ئۈچ بالامنى تىرىك يىتىم قىلماي دەپ ھەممىگە چىداپ ياشاۋاتىمەن ، ئېرىڭ ئاقچى - كۆكچى دېگەنلەرگە ‹‹ بوپتۇ ، ئوينىۋالسۇن ، نوچىكەن ›› دەپ قويىمەن ، ئۇنىڭدىن زېرىككەن بىر كۈنى يېنىمغا قايتىپ كېلە دەپ ئولتۇردۇم ، ئۇنىڭغا قىلمىغان ياخشى قىلىقىم ، دېمىگەن ياخشى گېپىم قالمىدى _ دېگەن ئىدى بىر كۈنى يىغلاپ تۇرۇپ .
  
   _ چەتئەلدە بىرەر ئايدەك تۇرۇشنى پىلانلاپ بارغان ئىدىم ،_ دىدى لالە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ _  لېكىن بىر ھەپتىمۇ تۇرماي  نەفىسەنى ئېلىپ قايتىپ كەلدىم ، بۇ دەرتلەرنى كىمگە دەي ؟ ‹‹ دەي دېسەم گەپ بولىدۇ ، دېمەي دېسەم دەرت بولىدۇ ›› ، بۇ ئىشنى ئۇنتاي دەپ ئۇنتۇغۇلى بولمايدۇ ، ئويلىماسلىققا تىرىشىمەن ، لېكىن كۆز ئالدىمغا كېلىۋالىدۇ . بەلكىم شۇ تاپتا ئۇ ھېلىقى خوتۇنى ۋە بالىسى بىلەن بەخىرامان ئولتۇرغاندۇ ؟
  _ بوپتۇ ، قانداق قىلىسىز ، نەفىسە ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ كۆڭۈل ئاغرىقلىرىغا چىداڭ ، لالە .سىز ئەقىللىق ئايال .
  _ ئەسلى ئاجرىشىپ كېتىشنىمۇ ئويلىغان ، بىراق ، قىزىمنىڭمۇ مەندەك ئاتا مېھرىگە قانماي چوڭ بولىشىنى خالىمىدىم ، ئۇنى تىرىك يىتىم قىلغۇم كەلمىدى ، سىز دېگەندەك قىزىم ئۈچۈن بولسىمۇ ھەممىگە چىداپ ياشىشىم كېرەك دەپ ئويلايمەن .
  ئۆيگە قايتىپ كېلىپمۇ خېلىغىچە لالەنىڭ ئازاپلىق چىرايى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى ، بەزىلەرنىڭ ھەشەمەتلىك داچىغا قاراپ بۇ يەردىكى كىشىلەر بەكمۇ ئامەتلىك ، شادىمان ياشايدىغان كىشىلەر دەپ ئويلىشى تەبىئىي ، لېكىن ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ ، كاتتا ماشىنا ، ھېساپسىز مال - دۇنيا بەختتىن دېرەك بېرەمدۇ ؟ غېرىبانە كۈلبىلەردىن بەختىيارلىك كۈلكىسى ئاڭلانمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ ؟ نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر دوستۇمدىن خوشىنىسىنىڭ ئوغۇل تۇغمىدى دەپ ئوننەچچە يىل ئۆي تۇتقان ئايالىنى ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقارغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم ، بۇنداق ئەرلەرگە نىمە دېگۈلۈك ؟ فەررۇخچۇ ؟ لالەمۇ شۇنداق چىرايلىق ، بىلىملىك ، ئەخلاقلىق ئايال ، يەنە كېلىپ ئۇ تۇغۇت ئىقتىدارىنى يوقاتقىنى يوق ، يەنىلا شۇنداق ياش ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايال ئېلىۋاپتۇ ، تاغامچۇ ؟ ئۇ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ھاممامنى 15 يىل بولدى ئۆزى يالغۇز بېقىپ كېلىۋاتىدۇ ، مۇشۇ كەمگىچە مەن ئۇنىڭ بىرەر قېتىم ۋايسىغىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم ، بىر قېتىم ئۆيىگە يوقلاپ بېرىپ دەرۋازىدىن كىرىشىمگە تاغامنىڭ بىرىنى ئەركىلەتكەن ئاۋازى ئاڭلاندى ، نەۋرىسىنى ئەركىلىتىۋېتىپتۇ -دە دەپ ئويلاپتىمەن ، ئۆيىگە كىرسەم نەۋرىلىرىمۇ يوق ، تاغام ھاممامغا تاماق يىگۈزۋاتقان ئىكەن ،
  _ قارا ، بەزىدە ھامماڭنى  مۇشۇنداق ئالدىمسام تاماق يىگىلى ئۇنىمايدۇ ، شۇڭا ، _ دىدى تاغام چۈشەندۈرۈپ .
  تاغامغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى ، ئەر - ئايال ئىككىسى 30 نەچچە يىل ئۆي تۇتۇپ ئۈچ قىز پەرزەنتلىك بولدى ، ئۈچلا قىزى توي قىلىپ بولدى ، خىزمەتكىمۇ ئورۇنلاشتى ، لېكىن ، تاغام قىزلىرىنىڭ ئاپامغا بىزمۇ قارايلى دېگەن تەلىپىنى رەت قىلىپ مۇشۇ كەمگىچە ئۆزى بېقىپ كېلىۋاتىدۇ ، خوشنىمىز تۇرسۇن ئاكامچۇ ؟ ئۇنىڭ ئايالىمۇ روھىي كېسەل بولۇپ قالغىلى خېلى يىللار بولدى ، ئايالىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئېلىپ كەلدى  ، ئايالىنىڭ ئاتا - ئانىسى تۇرسۇن ئاكامغا نەچچە قېتىم قايتا ئۆيلىنىۋېلىشىنى ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشقا توغرا قارىيالايدىغانلىقىنى  ئېيتىپتۇ ، بىراق تۇرسۇن ئاكام بۇنى قەتئىي رەت قىلىپتۇ . خوشنىمىز نەۋرۇز باي ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنىمۇ ، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنىمۇ بىلىدىغان ئادەم ، ھەر يىلى روزى ھېيت ، قۇربان ھېيتلاردا نەچچە ئون كالىنى سويۇپ غېرىپ -غۇرۋا ، يىتىم - يېسىرلارغا تارقىتىدۇ ، ئايالىنى ھۆرمەتلەيدۇ ، نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىدۇ ......
     كاللامدا تۈرلۈك - تۈمەن خىياللار ،  تۇرۇپلا يەنە لالەنى ئويلاپ قالدىم ، ئۇ بەلكىم شۇ تاپتا يەنە شۇ ئازاپلىق خىياللار بىلەن بەنتمىدۇ ؟  بۇ قىسقا ھاياتتا خۇشالىق قوغلاشمايدىغان كىم بار ؟ بەختكە ئىنتىلمەيدىغان كىم بار ؟ مەن شۇنداق ئويلايمەن ، ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ئازاپلىق ئىشلارنىڭ بىرى ئۆزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردىن ئايرىلىپ قېلىشتۇر . مال - دۇنيا يوقالسا يەنە ئامال قىلىپ ئۇنى تېپىۋالساڭ بولىدۇ ، لېكىن سەن ئەڭ ياخشى كۆرگەن ، سەن كۆڭۈل بەرگەن ئادەم سېنى تاشلاپ كېتىپ قالسا بۇنىڭغا چىدىماق بەسى مۈشكۈل .
ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە يېنىڭغا قايتىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ بىراق قەلبتىكى جاراھەتلەر خۇددى يۇيۇپ چىقىرۋەتكىلى بولمايدىغان جاھىل داغدەك يۈرىكىڭدە ئەبەدىي ساقلىنىپ سېنى ئازاپلايدۇ ، ئۇلارنى ئۇنتاي دەپمۇ زىنھار ، زىنھار ئۇنتالمايسەن ، ھاياتلا بولساڭ ھېكايەڭ تۈگىمەيدۇ ، ئۇ تاكى سەن بۇ ئالەمدىن يۈتكىچە ، خۇددى لالەنىڭ ھېكايىسىدەك .   ( تۈگىدى )

ياقتۇرۇپ ئوقۇغان مۇنبەرداشلارغا رەھمەت .
   ( مەنبە : ئۆزۈم )  

        
  
   

   

  
  



  
_

  

سەن ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ھەممىلا نەرسىنىڭ  گۈزەل نەرسىلەر بولىشى ناتايى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 11:43:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىغلىغاننىڭ ھەممىسى خاپىلىقتىن ئەمەس،كۈلگەننىڭ ھەممىسى خوشلۇقتىن ئەمەس.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 417
يازما سانى: 1775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15691
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 02:17:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەر قاتتىق ئازاپلانغاندىمۇ كۈلۈپ كىتىدىغۇ

خەپ ! ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 417
يازما سانى: 1775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15691
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 02:18:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يېزىپ قالدىم،قايسىڭلاردا گېتلىرنىڭ مىنىڭ كۈرەشلىرىم دىگەن كىتابى بار؟بار بولسا يوللاپ بەرگەن بولساڭلا بوپتىكەن چۈشۈرۈش ئادرىسىنى

خەپ ! ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12384
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32428
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 03:03:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشىنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن،باشتىن باشلاپ قىايتا ئوقۇدۇم...

ئومۇمىي جەھەتتىن مۇۋاپپەققىيەتلىك چىققان،تۇرمۇشقا يېقىن ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ ئەسىرىڭىزنى....

رەھمەت گۈلۈم،كۆپ جاپا چەكتىڭىز...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1969
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 06:46:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كىتە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35042
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6340
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4488 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 06:47:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشىنى ئوقۇغان لېكىن ھازىر ئىزدەپ تاپاممىدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1067
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5029
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 12:06:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشىنى ئوقۇمىغان ئىكەنمەن . ئەمما بۇ بۆلەكنى ئوقۇپ بېشىنى ئوقۇپ بىقىش قارارىغا كەلدىم . ياخشى يېزىپسىز جانىم . قەلەم ھارمىسۇن .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100065
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2013-11-25
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 01:51:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنىڭ بېشىچۇ،ھېچ تاپالمىدىمغۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 412
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 454 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 03:59:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت  قەلىمىڭىز ھېرىپ قالمىغاي

بىز شۇنچىلىك ياسالما غورۇرلۇق بولۇپ كېتىپتۇق، كۆز ئالدىمىزدىكى ناھەقچىلىككە قاراپ تۇرىمىزيۇ باشقىلارنىڭ گېپىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان ئىشنىمۇ قىلالمايۋات
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش