كىچىكىمدىن باي ھاللىق ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكىم ئۈچۈن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلىرىنى بىلىپ كەتمەيتىم دادامنىڭ ناھايىتى ئاچچىقى يامان بولغاچقا ھەربىر خاتالىقىمنى راسا ئۇرۇپ تۈزىتەتتى ھەتتا
شۇنچە تاياق يىسەممۇ شۇ ئىشنى يەنە قىلدىغان بولۇپ قالدىم مەھەللىدىكى بالىلار مېنى كەمسىتەتتى بوزەك ئېتەتتى مەكتەپكە چىققاندىن كىيىنمۇ بۇ ئىش يەنىلا داۋام ئەتتى باشقىلار مېنى بوزەك قىلسا ئوقۇتقۇچۇمغا ئانامغا دەپلا تۈگىتەتتىم 5-4يىللىقلارغا چىققۇچە ھەتتا 7-يىللىققا چىققۇچە بوزەك بولۇشۇم ئاخىرلاشمىدى مەن بۇ چاغلاردا يەنى 6-يىللىق ۋاقىتلىرىمداقىزلارغا ئانچە نەزەر سېلىپ كەتمىگەن ھەتتا 16گە كىرگۈچە مۇھەببەت يولىغا كىرمەيمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم
مەھەللىمىزدە بىر ئادەمنىڭ بىر ئوغۇل بىر قىز بالىسى بار ئىدى ئۇنىڭ ئىسمى ئائىشە ئىدى ئۇ قىز مەن بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيتتى ئۇلار دائىم بىرلىشىۋېلپ ئوينايدىغاننى ئوينىۋىلىپلا مىنى بوزەك قىلىپ ئوينايتتى شۇنداق بولسىمۇ سىنىپىمىزدا ئۇ ماڭا ھەممىدىن بەك چىرايلىق كورۇنەتتى يۇ مەن مۇشۇ نداق ئۇششۇق كۆك ياۋاش بوزەك تۇرسام ئۇ مېنى يارىتاتتىمۇ دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا قارىساملا دېققىتىمنى باشقا ياققا بۇرىۋالاتتىم مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر مەھەللىىدە بولغاچقا دائىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆيگە قايتاتتۇق
بىر كۈنى ئۇنىڭغا بەزى ئىشلار سەۋەبلىك نەسىھەت قىلىپ قويدۇم
مۇشۇ ئىش سەۋەبلىكمىكىن ئۇنىڭدىن بارغانسىرى ئۆزۇمنى قاچۇرىدىغان قەستەندىن ئۇنىڭ بىلەن ھەرگىز بىللە ماڭماي ئۆزۈم ئاستا يالغۇز كېتىۋالاتتىم بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن بالدۇر مېڭۋالغان ئىدىم بىر ۋاقىتتا كەينىمگە قارىسام ئۇ كەينىمدىن توۋلىغىنىچە يۈگرەپ كېلۋاتاتتىكەن بىراق بىراق ئۇ قايرىلمىدىن قەرىلىپ بولغىچە
ھاراقنى بولشىغا ئىچىپ موتۇ مىنگەن بىرەيلەن ئۇنى سوقۇۋەتتى
ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم ھازىرمۇ بۇ ئىشىمغا پۇشايمان قىلىمەن ئۇ مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك بىرەر ئاي مەكتەپكە كېلەلمىدى بۇ ئىش مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك مەن ئۇنى ساقلىغان بولسام مۇشۇ ئىش كېلىپ چىقمايتتى دەپ ئويلىدىم ئۇ مەكتەپكە كەلدى مەن ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھېس قىپ قالدىم ئۇنىڭ بىلەن كەچتە بىللە مېڭىپ ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى بولدۇم لېكىن مەن كەچتە بۇ گەپنى چىقرالمىدىم
ئۇ ماڭا ‹سىزنىڭچە مەن كىمنى ياخشى كۆرىمەن› دەپ سورىدى
مەن ‹سىزنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيمەن مېنىڭچە ئابدۇسەمەتمىكىن(ئۇ ئاشۇ ۋاقىتلاردا سىنىپ باشلىقى ئىدى ھەم ئەڭ ئاخساراقى ئىدى)
ئۇ ‹ئەمەس › دېدى مەن (ئىمىنجان ياكى ئابدۇغەنى بولىشى مومكىن) (
شۇ چاغلاردا ئۇلار سىنىپتا ئەڭ ئەقىللىق بالىلار ئىدى›ئۇ ‹ھېچقايسىسى ئەمەس› دېدى بىز مېڭىپ ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قالدۇق ئۇ ماڭا
‹‹مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن››دېدې دە جاۋابىمنى ساخلىماستىن ئۆيىگە خۇشال ھالەتتە كىرىپ كەتتى..................