مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1452|ئىنكاس: 11

سۇمبۇلنىڭ كۈلكىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 07:10:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇمبۇل 24 ياشلىق زىلۋا بوي ، چاچلىرى قوندۇزدەك  ئۇزۇن قاپقارا ، چىرايى نۇرلۇق ، قاش - كۆزلىرى قاملاشقان ، قاڭشارلىق كەلگەن، ئەخلاق - پەزىلىتى چوڭ كىچىك ھەممىنى قايىل قىلدىغان سۆيۈملۈك بىر قىز .
سۇمبۇلنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىگىمۇ ساق ئۈچ ئاي بولدى . بۇ ئۈچ ئاي ئىچىدە سۇمبۇل، مەلۇم ئاھالىلەر كومىتىتىدا خىزمەت تاپتى . گەرچە سۇمبۇلنىڭ ھازىرقى خىزمىتى جاپالىق ، مۇئاشى تۆۋەن بولسىمۇ يەنىلا بۇ خىزمەتكە كۆنۈپ قالدى .سۇمبۇل تۇرمۇشنى ،گۈزەللىكنى سۆيىدۇ .مۇھەببەت نەپرىتى ئىنىق .تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنىشى كۈچلۈك . ئەزەلدىن سۇمبۇلنىڭ چىھرىدىن مەيۈسلۈك كۆرۈنۈپ باقمىغان ، باشقىلارغا ئاز تولا ياردىمى تەگسە ،سۇمبۇل ئۈچۈن بۇ بىر خوشاللىق ئىدى .

سۇمبۇلنىڭ ھەركۈنلۈك خىزمىتى ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسى ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ،نوپۇس  قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىشلارنى تىزىملاش ،رەتلەش ۋە شۇ ئىشلارنى بىجىرىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولاتتى . دەل شۇنداق ئالدىراش يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، ئاھالىلەر كومىتىتىغا بىر يىگىت كىرىپ كەلدى .
-ياخشىمۇسىز ؟ دېدى يىگىت سۇمبولغا تەبەسسۇم بىلەن .
-ياخشىمۇسىز.. بىرە ئىشىڭىز بارمىتى ؟. دېدى سۇمبۇل كومپىيوتىر كونۇپكا تاختىسىدىن بىشىنى يىگىت تەرەپكە بۇراپ .
-ھە ئە ! مەن بانكىدىن قەرز ئىلىش ئىشى توغۇرلۇق كىرگەن ئىدىم . ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلارغا بانكا ئۆسۈمسىز قەرز بېرىدىكەن . مەن ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيلەنگەن . ھەم گۇۋاھنامىمۇ ئالغان ، شۇ گۇۋاھنامە بولسا ، ئاھالىلەر كومىتىتىغا ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۆسۈمسىز قەرزنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم . شۇ ئىش بىلەن كىرىشىم ئىدى .
- ھە....   ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلارغاھەقىقەتەن  ئۆسۈمسىز قەرز بېرىدۇ . بىراق سىزنىڭ تىجارەت قىلغاندىكى تىجارەت كىنىشكىڭىز بارمۇ ؟
- ياق . تىجارەت كىنىشكەم يوق . مەن تېخى تىجارەت باشلىمىدىم .
- ئۇنداقتا سىز يېڭىدىن تىجارەت باشلىماقچىكەنسىزدە ؟
- شۇنداق .
- ئۇنداق بولسا سىزدە قەرز ئىلىش ئۈچۈن رەنىگە قويغىدەك ئۆيىڭىز ۋە ياكى بىرە مۇقىم خىزمەتلىك كىشى سىزگە كىپىللىك بولىشى شەرت، بولمىسا قەرز ئالغىلى بولمايدۇ .
- ھە ..  بىراق مىنىڭ بۇ خىل شەرتلەرگە شارائىتىم يار بەرمەيدىكەن . مەن باشقا ئامال قىلىپ باقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ .
- مەيلى ئەمسە .  دېدى سۇمبۇل .      سۇمبۇلنىڭ بۇ سۆزى تۈگىشى بىلەن يىگىت سۇمبۇل بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى .


سۇمبۇلنىڭ خىزمىتى ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتىۋاتاتتى . بىر كۈنى سۇمبۇل ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن ئاپتۇبوس بىكىتىگە كەلدى . بىكەتتە تونۇش چىراي بىر يىگىت تۇراتتى . سۇمبۇل دەرھال ئىسىگە ئالدى . بۇ يىگىت دەل قايسى كۈنى ئاھالىلەر كومىتىتىغا ئۆسۈمسىز قەرز ئىشى توغۇرلۇق كىرگەن يىگىت .سۇمبۇل بۇ يىگىتنىڭ ئالدىغا كىلىپ سالام قىلدى .
- ياخشىمۇسىز ؟
يىگىت دەرھال بۇ قىزغا قاراپ تونىۋالدى . ياخشىمۇسىز ؟ بۇيەردە يۈرۈيسىزغۇ ؟ دېدى يىگىت .
- ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە مېڭىشىمتى. سىزنىڭ ئۆيىڭىز مۇشۇ تەۋەلىكتىمۇ ؟ سۇمبۇل يىگىتتىن يىنىشلاپ سورىدى .
- ھەئە . مۇشۇ يەردە . مەن كېچىلىك سىمىنىدا ئىشلەيمەن بۈگۈن ، خىزمەتكە مېڭىشىم . دېدى يىگىت .
- ھە... قەيەردە ئىشلەيسىز ؟
- يەنئەن يولىدىكى شەخسىي بىر بىر شېركەتتە . كومپىيوتىردا ئېلان لاھىيلەش .
- خىزمىتىڭىز ياخشىكەن . مەنمۇ شۇ ئەتراپقا ماڭىمەن . ئۆيۈم شۇ تەرەپتە .
- ھە... بىر ئاپتوبوسقا چىققۇدەكمىز .   ئىسمىمىزنى سوراشماپتۇق راس . ئىسمىم مىرزات . سىزنىڭچۇ ؟
- ئىسمىم سۇمبۇل .

ئۇلار شۇ پاراڭلاشقىنىچە يەنئەن يولىغىچە پاراڭلىشىپ ماڭدى . بۇ جەرياندا مىرزات ئۆز ئارزۇلىرى ۋە ئالىي مەكتەپنى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئوقۇيالمىغان بولسىمۇ، ئىگىلىك تىكلەش ئىرادىسىنىڭ بارلىقى ، بۇندىن كىيىنكى پىلانلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە سۆزلەپ ئۆتتى . سۇمبۇلمۇ ئۆز خىزمىتى توغۇرلۇقمۇ ئاز تولا سۆزلەپ ئۆز ئارا چۈشۈنشىپمۇ قالدى . ئاپتوبوستىن چۈشىدىغان ۋاقىتتا سۇمبۇل : ئۆسۆمسىز قەرز ئىلىش ئىشىدا مەن سىزگە ياردىمىم تىگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس . بولسا تېلفون نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ .ياردەم قىلالىسام چوقۇم تېلفون قىلىمەن .   مىرزات يىنىدىن ئىسىم كارتوچكىسىنى سۇمبۇلغا بەردى .بۇلار خوشلىشىپ ، بىرسى ئۆز ئۆيىگە قاراپ ماڭسا يەنە بىرى خىزمىتىگە قاراپ ماڭدى .
كىيىن بۇلار يەنە بىر نەچچە قىتىم ئۇچۇرشۇپ قالدى . ھەرقىتىم پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۆز- ئارا چۈشىنىش كۆپىيەتتى . مىرزات سۇمبۇلنىڭ ئەخلاق پەزىلەتلىك قىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى .  شۇنىڭ بىلەن بىللە سۇمبۇلمۇ مىرزاتنىڭ ئىرادىلىك مىجەز - خارەكتىرىنىڭ ئىسىل يىگىت ئىكەنلىكىنى ھەر ھالدا تونۇپ يەتتى . بىر قىتىم ئىككىسى بىللە تاماقمۇ يىدى . بۇ قىتىم مىرزات ئۆز پىلانىنى سۆزلەپ  ئۆتتى . مىرزاتنىڭ شۇنچە تىرىشچانلىقىنى ،  كىچىك بىر ئېلان لاھىيلەش ۋە ئىشلەش شېركىتىدىن بىرنى قۇرۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلگەن سۇمبۇل مىرزاتقا قايىل بولدى .
سۇمبۇلنى ئالىي مەكتەپتە قوغلاشقان يىگىتلەر ئازمۇ ؟ ئەمما سۇمبۇل ئۇلارغا قاراپمۇ قويمايتى . چۈنكى ئۇ يىگىتلەر سۇمبۇلنىڭ كۆڭلىدىن ئورۇن ئىلىشقا ئەرزىمەيتتى . بۇ ئايدىن ئۇ ئايغا ئاتا - ئانىسى بەرگەن پۇلنى يەتكۈزەلمەي بەتخەجلىك قىلىپ ئاتا-ئانىسىغا ئىچى ئاغرىمايدىغان  ، دەرس تاشلاپ ھاراق ئىچىپ ئۇيۇندىن باش كۆتۈرەلمەي يۈرگەن شۇ يىگىتلەر قانداقمۇ سۇمبۇلنىڭ سۆيىشىگە ئەرزىسۇن ؟ سۇمبۇل مىرزاتنى بۇ يىگىتلەرگە سېلىشتۇرسا سۇمبۇلنىڭ قەلبىدە مىرزاتقا نىسبەتەن ئىللىق بىر سىزىم پەيدا بولاتتى . ئەمما مىرزاتقا ئۆسۈمسىز قەرزدىن ئىبارەت بۇ ياردەمنى قىلىش نىيتىگىمۇ كەلدى .

بىر كۈنى سۇمبۇل مىرزاتقا تېلفون قىلدى . ھەم بىرقۇر ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن .
- مىرزات ، مەن سىزنىڭ ئۆسۈمسىز قەرز ئىلىش ئىشىڭىزغا ياردەم قىلايمىكىن دەيمەن . يەنى مەن ئۆزۈم كىپىل بولۇپ سىزگە ئۆسۈمسىز قەرز ئىلىپ بېرىشنى خالايمەن .
- سىز...   بۇنداق قىلساق بولماسمىكىن سۇمبۇل .
- نىمىسى بولمىغۇدەك ؟ ئىگىلىك تىكلەش نىشانىڭىزدىن يىنىۋالدىڭىزمۇ؟
- ياق . ئۇنداق ئەمەس . مەن ئەزەلدىن بۇ نىشانىمدىن يىنۋالغان ئەمەس .
- بىراق ..  كىيىن بۇ قەرزنى قايتۇرالماي قالسام سىزمۇ بىرمۇنچە ئاۋارچىلىقتا قالىسىز .
- سىز ئۆزىڭىزگە ئىشىنشىڭىز كېرەك مىرزات . بىر ئىشنى باشلىماي تۇرۇپ ئاخىرىغا ئىلىپ چىققىلى بولمايدۇ .
- ئۇنداق بولسا مەن ياخشى ئويلىنىپ كۆرەي .
- ماقۇل . جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن .
شۇنداق قىلىپ ئىككى كۈن ئۆتكەندە مىرزات ، سۇمبۇلنىڭ كىپىل بولۇپ بانكىدىن ئۆسۈمسىز قەرز ئىلىپ بېرىش ئىشىغا قوشۇلدى . سۇمبۇل بارلىق رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا سۇندى . ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە ،مىرزات بانكىدىن ئۆسۈمسىز قەرزئالالىدى . مىرزات بۇ پۇل بىلەن ۋە ئۆزى يىغىپ كەلگەن بىرقىسىپ پۇللارنى قوشۇپ كىچىك بىر ئېلان لاھىيلەش ۋە ئىشلەش شېركىتىنى قۇردى . مىرزاتنىڭ بۇ شېركىتى بارا بار راۋاجلىنىپ ئىقتىسادى كىرىم يارىتىشقا باشلىدى . شېركەن قۇرۇلۇپ ئالتە ئاي بولغاندا ، سۇمبۇلنىڭ كىپىل بولىشى بىلەن بانكىدىن ئالغان ئۆسۈمسىز قەرزنى قايتۇردى . بۇ ۋاقىتتا سۇمبۇل ناھايىتى خوشال ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ : مانا دىمىدىممۇ مىرزات . سىز قىلالايسىز دەپ ، مەن سىزگە ئىشەنگەن . سىز ھەقىقەتەن مىنىڭ نەزرىمدە ئىقتىدارلىق يىگىت   .  سۇمبۇل بۇ گەپنى قىلىپ سەل خىجىل بولۇپ قالدى . چۈنكى سۇمبۇل مىرزاتنى ئاللىبۇرۇن ياخشى كۆرۈپ بولغان ئىدى . بىراق مىرزات قەرزنى قايتۇرغۇچە بولغان ئارلىقتا شېركەت ئىشلىرى بىلەنلا بولۇپ كىتىپ سۇمبۇلغا كۆڭلىنى بىلدۈرگىدەك بىرە سۆز قىلىپ باقمىغان ئىدى . بىراق سۇمبۇل مىرزاتقا ‹‹ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن . سىز بىلەن مەڭگۈ بىرجۈپلەردىن بولۇپ ئۆتۈشنى خالايمەن ››دىگۈسى بولسىمۇ بىراق ھەرگىز بۇنداق دىيەلمەيتتى . چۈنكى كۆڭلىدىكى سۆيگەن ئادىمىغا سۆيگۈسىنى ئىزخار قىلالماسلىق قىزلاردىكى بىرخىل تۇغما ئاجىزلىق بولسا كېرەك . سۇمبۇلمۇ دەل بۇ ئىشتا ھەقىقەتەن ئاجىز ئىدى .
بىراق بىر كۈنى مىرزات سۇمبۇلنىڭ كۆڭلىدىكى بۇ سۆزلەرنى سۇمبۇلغا دادىللىق بىلەن دېدى . بۇنى ئاڭلىغان سۇمبۇل مىرزاتنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ :‹‹سىزنى مىنى چوقۇم بەخىتلىك قىلالايدۇ دەپ بىلىمەن ›› دىگۈنىچە مىرزاتنىڭ بوينىغا گىرە سالدى .
سۇمبۇل خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى .ئىككى تەرەپ چوڭلارنىڭ رازىلىقى بىلەن بۇ ئىككى ياش ئەل قاتارى توي قىلدى . بىرمەزگىلدىن كىيىن بۇ ئىككى ياشنىڭ ئائىلىسىگە يېڭى مېھمان قەدەم ئالدى . يەنى سۇمبۇل ئۆزىگە ئوخشاش چىرايلىق ، ئوماققىنە قىز تۇغدى .





       مەزكۇر ئەسەر ئۆز ئىجادىيتىم . مەزمۇنىنى قىسقا چۈشىنىشلىك قىلىپ يازدىم . ئوقۇرمەن دوسلارنىڭ تەنقىدىي پىكىرلىرى بولسا ئايىمىغايسىلەر .  





ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 11:03:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىسقا مەنىلىك چىقىپتۇ ، مىنىڭچە سەل  راۋانلاندۇرسا تېخىمۇ ياخشى بىر ئەسەر بولۇپ  چىققۇدەك .  ھازىر بىر ئوقۇستا كىشىگە سەل كەمتۈكلۈك تۇيغۇسى بېرىدىكەن . (پەقەت شەخسىي كۆز قارىشىم )

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103628
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1616
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 12:05:19 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاقتىڭىزنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشقا سەرىپ قىلىڭ ،

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12382
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32424
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 12:23:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايىڭىز مەزمۇنلۇق، ئەھمىيەتلىك چىقىپتۇ....

بىراقزە ۋەقەلىك تەرەققىياتى تېز،تىل تەسۋىرلىرى ئاددىي بولۇپ قاپتۇ،تىنىش بەلگلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىمۇ مۇۋاپىق ئەمەس....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 09:25:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
326ayixa يوللىغان ۋاقتى  2014-11-29 11:03 PM
قىسقا مەنىلىك چىقىپتۇ ، مىنىڭچە سەل  راۋانلاندۇرسا تېخ ...

توغرا . قىسقا ئاددىي قىلىپلا يازدىم . بەك ئۇزۇن يىزىۋەتسەم زېرىكىپ قالمىسۇن ئوقۇرمەنلەر دەپ ئويلۇدۇم .

ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 06:56:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 08:47:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز
تىرىشىڭ

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102178
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1029
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2014-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 08:50:29 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىشىنى ئوقۇپ ئ‍ىلانمىكىن دەپتىمەن

ھاياتىمدىكى نۆل كىلومىتىر 2014.يىل 31.دىكابىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5026
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 12:09:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامان ئەمەس يېزىپسىز . ھارماڭ قېرىندىشىم

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106129
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 309 سائەت
تىزىم: 2014-4-17
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 08:11:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىرزاتجان بۇ سۇمبۇل كىمۇ ئەمدى؟

ئىچىڭگە تېرىۋالغان ئاداۋەت ئۇرۇقلىرى بىخ تارتىپ كۆكلەپ كەتمىسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش