ئۆتۈنەي كۈڭلۈمنى يەردە قويمىغىن
كەچۈرگىن
كۈلگەنتىڭ مەڭزىڭدە ئۈندى زىنىقىڭ ،
ئۆتۈنەي كۈڭلۈمنى يەردە قويمىغىن .
كۆيدۈرەر يۈرەكنى ھەر بىر قىلىقىڭ ،
ئۆتۈنەي كۈڭلۈمنى يەردە قويمىغىن .
تولغۇنۇپ سىنىڭسىز ھەر بىر كىچىدە ،
ياتىمەن ئۇھسىنىپ ئازاپ ئىچىدە .
كۆزلۈرۈم ياش يۈرۈكۈم زىدە ،
ئۆتۈنەي كۈڭلۈمنى يەردە قويمىغىن.
كۈلۈپلا يۈرىمەن خوشالدەك شۇنچە ،
چۈنكى مەن ئاشىق قىز گۈزەل بىر غۇنچە .
دەرىت تارتاي شۇ غۇنچە مىنىڭ بولغۇچە ،
ئۆتۈنەي كۈڭلۈمنى يەردە قويمىغىن .
ئۆزگىلەر دىدىلەر ئۈزگىن سەن ئۈمۈت ،
لىكىن مەن قىپ كەلدىم ئەزەلدىن سۈكۈت .
سەۋەبى يۈرۈكۈم دىدى ئۈنسىز كۈت ،
ئۆتۈنەي كۈڭلۈمنى يەردە قويمىغىن .
زىمىنمۇ قايتار ئۆزىنىڭ ئەسلىگە ،
كۈنلەر ئۆتۈپ كەلگەندە باھار پەسلىگە .
يىتەرمەن مەنمۇ ھەم غۇنچەم ۋەسلىگە ،
ئۆتۈنەي كۈڭلۈمنى يەردە قويمىغىن .
ئۈمۈتسىز تۇيغۇلار قىينايدۇ مىنى ،
ئۆچۈرمەيمەن لىكىن مەن قەلبىمدىن سىنى.
قىيناۋەرمە ئۆتۈنەي چۈشەن كۈڭلۈمنى ،
ئۆتۈنەي كۈڭلۈمنى يەردە قويمىغىن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-30 03:14 PM