|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلار، تورداش دوستلار:
ھەرقانداق بىر مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنىڭ نىشانى بولسا ئىستېمالچىلارنىڭ تەلىپىنى، ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش. شۇنىڭ ئۈچۈن بازار تەكشۈرۈش شىركەت-كارخانىلار ئۈچۈنلا مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، بىز ئىستېمالچىلار ئۈچۈنمۇ مۇھىم .ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى مۇنبىرىمىز شىنجاڭ ئالماس يۇمشاق دېتال شىركىتى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئىستېمالچىلىرىنىڭ تېلېفون دېتاللىرىنى ئىشلىتىش ۋە تاللىشى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان. شۇڭا سىلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن شۇنى سورايمىزكى، بەش مىنۇت ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ بىزنىڭ جەدۋىلىمىزنى توشقۇزۇپ بەرگەن بولساڭلار، سىلەردىن ئالەمچە سۆيۈنگەن بولاتتۇق. جەدۋەل توشقۇزۇش مەشغۇلاتى قىيىن ئەمەس، پەقەتلا تاللاش، ئۆزۈڭلارنىڭ ھەقىقىي ھېس قىلغىنى ۋە ئەمەلىيتى ئاساسىدا تولدۇرۇپ بەرسەڭلار بولىدۇ. جەدۋەل توشقۇزغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرى خاتىرلەنمەيدۇ،بىۋاستە توشقۇزۇشقا بولىدۇ. لېكىن قايتا-قايتا توشقۇزۇشتىن ساقلىنىڭ.
سىلەرنىڭ پىكىرىڭلار، تەكلىپىڭلار ھەتتاكى تەنقىدىڭلارمۇ بىز ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بايلىق. خېرىدارلارنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىگە لايىق مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش بىزنىڭ نىشانىمىز، بىزلەرنى قوللاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرىمىزنىڭ تەسىر دائىرىسى چەكلىك بولغاچقا ،ئامال بار جېقراق خېرىدارلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ باقساق دېگەن مەقسەتتە بۇ ئۇچۇرنى مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن. قوللاپ بەرگىنىڭلارغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت.
تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى چىكىپ كىرىپ جەدۋەلنى توشقۇزۇپ بەرسەڭلارلا بولىدۇ، ئەزا بولۇش ھاجەتسىز.
ئۇلانما:
يانفون ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ دېتال ئىشلىتش ۋە تاللاش ئادىتى تەتقىقات جەدۋىلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەنسارى. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-29 10:01 AM
|
|
|
|
|
|