مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 717|ئىنكاس: 7

شىرىن خىياللار (2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1522
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 861 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 09:54:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ، ئاۋۋال مۇنۇ ئادىرىستىكى ئەسەرنى كۆرۇپ ئاندىن بۇ تىمىنى كۆرۇشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .
http://www.okuguqi.cn/thread-2181-1-1.html

شىرىن  خىياللار (2)

غەرىق بولمىغان خىيالغا كاللام
‹‹شىرىن خىيال››دىن قايتقاندىن بىرى
قۇرۇق ئۇچۇرنى جاۋاپسىز قويغان
ئاشۇ چاغدىكى
خىيال باغدىكى كۆيدۇرۋالغان قىز
بۈگۈن  خىيالدىن بولمىدى نىرى

چىڭدۇ شەھرىنىڭ ھاۋاسى قىززىق
ئۈچيۈز ئاتمىش كۈن ئۆزگىرىپ تۇرار
بۇلۇتلۇق ھاۋا تولۇق ئۈچ يۈز كۈن
ئاتمىش ئاپتاپقا ،
  خۇدايىم توۋا ، قاقلىنىپ قالار
بۈگۈن مەغرىپتىن چىقتىمۇ قۇياش !؟
چىڭدۇ ھاۋاسى ئىچىلىپ قالدى
ئۇزۇندىن بىرى سايىداپ كەتكەن
شەھەر ئاپتاپقا قاقلىنىپ قالدى .

چۈشتىن ئاشقاندا مەيدانغا چىقتىم ،
ئۇشبۇ ئاپتاپتىن ھوزۇر ئالغىلى
ۋاھ ،
مەيدانمۇ ھەم قىززىپ كىتىپتۇ
ئادەملەر تۈگۈل
ئىت – مۇشۇكمۇ يىغىپ كىتىپتۇ .
بەزىسى يىتىپ پىتلانسا ،ھاي ھاي ،
بەزى مۈشۈكلەر ئويناپ كىتىپتۇ .

ئىككى ئايلىنىپ مەيداننى ئاستا
تاللىدىم ئاخىر خالىيراق جاينى
يىنچىلاپ ياتتىم ،خاتىرجەم ھالدا
(دەملىۋالغان مەن قۇتامغا چاينى .)
خۇش يىقىپ ئاپتاپ ،ئىزىلىپ كەتتىم
مۇنداق ئاپتاپنىڭ قەدرىگە يەتتىم
ئاسمانما قاراپ ،يىنچىلاپ يىتىپ
بىلىپ – بىلمەيلا خىيالغا پاتتىم .

قۇرۇق ئۇچۇر ۋەقەسىدىن كىيىن
ئۇزۇن ئۆتمەي خۇشاللىق بولغان
ماقۇل بولغاچ تەلەپكە قىزچاق
يايرىغان يۈرەك شادلىققا تولغان
ئەمما ئىدى ئارلىق بەك يىراق
ئاچچىق بۇلۇركەن ھەسرەت ۋە پىراق
كۈندە تىلفۇندا كۆرۈشۈپ نەچچە
خىياللىرىمدا سۆيۈشۈپ نەچچە
بەزىدە خاپا قىلىشتۇق ئارا
بەزىدە خۇشال بولۇشتۇق ھەتتا
بۇگۈن يەنە خىيالغا يەتتى
ئاخشامقى چۈش يادىمغا يىتىپ
خىيالىرىم جانلىنىپ كەتتى

تويۇم بولېمىش شۇ يارىم بىلەن
چىلىنغۇدەكمىش داقۇ دۇمباقلار
ياپىر ..
قىزىپ كەتكۇدەك
   خۇشاللقتىن ھاياجانلىنىپ
پىقىر بىشى كۆككە يەتكۈدەك
ئولتۇرغۇدەكمەن
دەل يەتتە قات كۆرپە ئۈستىدە
چاڭ چىقاردى ئۇسسۇلچى قىزلار
كاساپەت
  (ئۇسسۇلغا دىگەن يامان ئۇستىدە )
قولداشلىرىم پەقەت ھارمىدى
ئوڭ تەرەپدىن چاينى دەملىسە
سول تەرەپتىن تەمنى تەڭشىدى

ئۇزۇن ئۆتمەي ئىچىلغۇدەكمىش
قىزنىڭ مىلى ،تويلۇق ساندۇقى
باشلاندى ھە
<<-- مانا ماۋۇ كۆينەكلىكىكەن
مانا ماۋۇ ئىشتانلىقىكەن
مانا ماۋۇ ئالتۇن ئۈزىكى
مانا ماۋۇ بىلەيزۈكىكەن
مانا ماۋۇ پاقالچىقىنىڭ
مانا ماۋۇ پال – پال چېچىنىڭ
نەگە قويغاندۇ  لەۋسۇرۇقىنى !؟
ھە مانا ماۋۇ كىرپىك ،قېشىنىڭ
بۈگۈن كىيەرگە ئەتلەس ئاپتۇدەك
ئەتە كىيەرگە چىپەرقۇت چاپان
ئۆگۈننى چەگسە  ھىل – ھىلى ياغلىق
يوغان بىشى بولىدۇ خاپان
توتىنجى كۈنى ،خۇدا خالىسا
تويلار تامام ئىشلار ۋەسسالام ،
قىنى قىنى كىلىڭلار دوسىتلار
يەپ بىقىڭلار تويلۇق  كەمپۇتى
ھۇي تۈگەپ قالدىغۇ !؟
ھۇي...سايىپخان ھەدە
يەتمەي قالدىغۇ!؟ كەمپىت كەممىتتى !!؟؟
قىزنى ئىلىپ ماڭماقچى بولدۇق
ماشىنىغا ئاۋايلاپ سالدۇق
ئەركەك دىگەن ھامان ئەركەكتە !؟
شەھەر ئالغاندەك يۇلۇپلا ئالدۇق
كىرگۇدەكمىش كەچمۇ ئاخىرى
بىز بىر جۈپلەر ھوجرىدا قالدۇق
ھاياجان ...
ئاۋايلاپ ئاچتىم قىزنىڭ يۈزىنى
ۋال قىلدى يۈزى ،چاقنىدى كۆزۈم
ئەستاغپۇرلا ...
تۆكۈلۇپ كەتتى قولۇم تەككىتىپ
يۈزىگە سۈرتكەن ....
سۆيگۈدەكمىشمەن يۇمران لىۋىمدە
مائىشنى كۆرۇڭ
ئەڭلىك ئەمەس ئۇن سۇرتكەن چىغى
خىمىر بولۇپ ،
قىتىپ قاپتۇمىش ئۇنىڭ يۈزىدە .

خىيالىمدىن كۈلۈپ ساپتىمەن
توۋا دەپتىمەن ،ھەيران قاپتىمەن
زەپ خوشياقتى قىشنىڭ ئاپتىپى
ئۈشبۇ ئاپتاپتىن ،كىرىلىپ تۇرۇپ
زەپ قانغۇچە ھوزۇر ئاپتىمەن .

مەنبە :بىلگيار


نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7127
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 05:06:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5699
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 767 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 06:31:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېچكىم كىرمەپتىيا ما تېمىغا ئى بالىدىن باشقا، بوپتۇ ئۆزۈم بىر ئىنكاس يېزىپ قوياي. ياخشى يېزىپىسىز ، تىرشىڭ داۋاملىق. قىز دوستىڭىز بىلەن سوقۇشىۋەرمەي موشۇنداق ئەسەرلەرنى يېزىڭ ئىچىڭىز پۇشسا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1522
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 861 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 06:53:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما ئىنكاسقا نىمە دەي ،ھا ھا ھا ...ماقۇل ، تەكلىپ پىكىرلىرڭىزگە كۆپ رەخمەت ، سىز دىگەندەك قىلامەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105419
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 809
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 220 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 08:13:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتىكىنىمۇ ئوقۇپ چىقتىم ،قارىسام ئاخىرى باردەكلا،ياخشى يېزپسىز،تىللىرى شۇنداق ئاددى،چۈشىنىشلىك،داۋاملىق تىرىشىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 02:31:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىللىرى شۇنداق راۋان چىقىپتۇ

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

كورلا ئايشەم سادىر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109491
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1741
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2014-8-26
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 11:35:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى تىرىشىپسىز،يازمىغاندىن يازغان ياخشى ،بىز بىر كۈندىلا شائىر بۇلۇپ كەتمەيمىز. تور ئارقىلىق چېنىقىمىز دە!

مەن دۇنيادىكى  ھەممە ئادەمنىڭ خوشال _ خورام ئۈتۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.چۈنكى ئادەم دۇنياغا بىرلا قېتىم كىلىدۇ.بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ۋاقتىمىزنى ئىسىراپ قىلماي،ئۇرۇنسىز ئىشلارغا ئارلاشماي،ئازغانلارنى ئېيىپلىمەي ئۇلارنى يىتەكلەپ،بىلىم ئېىلىش،پەلىسەپە ئۆگۈنۈش، كۈندە بى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 533
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 11:59:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوي -خىياللارنى مۇنداق شەكىلدە ئىپادىلەپ يازسىمۇ بولىدىكەن،قاپىيە،بوغۇم،رېتىم ....لارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان ئەركىن شېئىر بوپتۇ....

‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش