مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 642|ئىنكاس: 5

قاراقاش ناھىيەسىدە ماي بوياق ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى .... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆچمىسىلا ئۈمىد

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18579
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10850
تۆھپە نۇمۇرى: 760
توردا: 1718 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 01:48:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قاراقاشناھىيەسىدە دېھقان رەسسام ئابلىكىم دانانىڭ «ئالتۇن كۈز ئىلھاملىرى» تېمىسىدىكىماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

   ئالدىنقى يوللانغان تېما نورمال بولمىغاچقا بۇ تېما قايتا يوللاندى.

   دانىشمەن يېزىقچىلىق شىركىتى خەۋىرى:

2014-يىلى 11-ئاينىڭ21-كۈنى چۈشتىن كېيىن قاراقاش ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ ئىككىنچى قەۋەتكۆرگەزمە زالىدا پېشقەدەم دېھقان رەسسام ئابلىكىم دانانىڭ «ئالتۇن كۈز ئىلھاملىرى»تېمىسىدىكى ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىگە خوتەنۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋالىي ئېزىز مۇسا، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭدائىمىي ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ چاڭلىن، ۋىلايەتلىك مەمۇرىيمەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى گۈلنىساخان مەتنىياز، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيەئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جۈرئەت مەتسىيىت، قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭمۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم مەمتىمىن ئابدۇللا، قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىيھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى ئەخمەتجان مەمتىمىن قاتارلىق رەھبەرلەر، ۋىلايەتۋە ناھىيە تەۋەسىدىكى بىر قىسىم رەسسام، خەتتات، ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرى،مۇخبىرلار، كارخانىچىلار ۋە خەلق ئاممىسىدىن بولۇپ 500 نەپەردىن ئارتۇق كىشىقاتناشتى. كۆرگەزمنىڭ باشلىنىش مۇراسىمغا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى،تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى ئەخمەتجان مەمتىمىن رىياسەتچىلىك قىلدى، ۋىلايەتلىكمەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى گۈلنىساخان مەتنىياز مۇھىم سۆز قىلدى،ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋالىي ئېزىز مۇسا رەسسام ئابلىكىم داناغاتون كىيگۈزدى. مۇراسىم جەريانىدا رەسسام ئابلىكىم داناغا ئاتاپ شېئىرلار ئوقۇلدى،بىر قىسىم كارخانا ۋەكىللىرى، يېقىن-يورۇقلار ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىشتى.كۆرگەزمە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رەسسام ئابلىكىم دانانىڭ ئوغلى ئابلىپىز دانائۇزاقتىن بىرى ئۆزىنى قوللاپ كەلگەن بىر قىسىم كارخانا ۋەكىللىرىگە ئايرىم-ئايرىملەۋھە تەقدىم قىلدى. بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە رەسسام ئابلىكىم دانانىڭ يىللاردىنبىرى ئىجاد قىلغان 50 پارچە ماي بوياق ئەسىرى قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئەسەرلەرنىڭئىچىدە تەبىئەت مەنزىرىسىنى تېما قىلغان ئەسەرلەر ئاسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ.



رەسسام ئابلىكىم دانانىڭ قىسقىچەتەرجىمىھالى

پېشقەدەم دېھقانرەسسام ئابلىكىم دانا 1943-يىلى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى قۇمئېرىق كەنتىدەنامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1961-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەلانەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ شۇ يىلى خوتەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىغا قوبۇل قىلىنغان.ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلى مەركەزنىڭ يېزا ئىگىلىك بىرىنچى سېپىنى كۈچەيتىشچاقىرىقىنىڭ تۈرتكىسىدە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە قايتۇرۇلغان. ئۇشۇنىڭدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئاددى-ساددا، ئاقكۆڭۈل خاراكتېرىگە ماس ھالدا قولىغاكەتمەن ئېلىپ ئۆمرىنىڭ بۈگۈنكى مەنزىلىگە قەدەم قويدى. ئابلىكىم دانا كىچىكىدىنباشلاپلا رەسىم كەسپىگە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەللىككە بولغانئىنتىلىشى ۋە تەبىئەتكە جۈر بولغان قايناق ئىلھاملىرىنى مايبوياق ئارقىلىق رەسىميۈزىدە جانلىق ئىپادىلەپ كەلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ يۇرتداشلىرى ۋە قاراقاش، خوتەندىيارىدىكى سەنئەتسۆيەر دوست-يارەنلىرىگە نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلىرىنى تەقدىم قىلىپئۇلارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ رەسساملىق جەھەتتىكى تالانتى نۇرغۇنكەسپىي رەسساملار تەرىپىدىن بايقىلىپ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدامۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

ئابلىكىم دانانىڭ يەنە يېقىنقى مەزگىللەردە «تەكلىماكاندىكى رىۋايەت»،«تەڭرىتاغ قارىغايلىرى»، «ئالتۇن كۈز» قاتارلىق مايبوياق ئەسەرلىرى بىرىنچىدەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. 2012-يىلى پايتەختىمىز بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەنمەملىكەتلىك دېھقان رەسساملار ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە ئۇنىڭ خوتەن قەغىزىگەسىزىلغان «قەدىمىي رىۋايەت» ناملىق ئەسىرى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭبۇ شانلىق ھايات نەتىجىلىرى قاراقاش خەلقىنى سۆيۈندۈرۈپلا قالماي بەلكى يەنەمەركىزى خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ CCTV10 قانىلى مۇخبىرلىرىنىڭ مەخسۇس كېلىپ زىيارەتقىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. بۇ زىيارەت ئەھۋالى مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيەئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرىسال قانىلىدا ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەر قايسىقاناللىرىدا كۆرسىتىلگەن. 2014-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ«مۇنبەت تۇپراق» پروگراممسىىدا ئۇنىڭ رەسساملىق جەھەتتىكى ئۆچمەس نەتىجىلىرى كەڭخەلق ئاممىسىغا كۆرسىتىلدى. بۇ ئاقكۆڭۈل، ئاددى-ساددا، سەمىمىي، تىرىشچان رەسسامئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىدە دېھقانغا خاس تۈز كۆڭۈللىكىنى ساقلاپ ئۆزىنىڭ چېۋەرئىككى قولى بىلەن ھايات بوستانىنى نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەر باغچىسىغا ئايلاندۇردىھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى يىتۈك ماھارىتى ۋە سەنئەتكە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنىئۆزىنىڭ  پەرزەنتى ۋە شاگرىتلىرىغا ئۇدۇمقالدۇردى. ئۇ ھازىرغىچە رەسساملىق، نەققاشلىق، سىرچىلىق كەسىپلىرى بويىچە 1000نەپەردىن ئارتۇق شاگرىت تەربىيىلەپ قاتارغا قوشتى. ھازىر بۇ تىنماس دېھقان رەسسامئۆز ھاياتىنىڭ 70-يىللىرىغا قەدەم قويدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا چىداملىق توغراقسۈپەت قامىتى بىلەن قولىدا ماي بوياق تەخسىسى ۋە يۇڭ قەلەملىرىنى ئوينىتىپ ئۆزھاياتىنىڭ ئېسىل قىممىتى ۋە گۈزەل كارتىنىلىرىنى سېخىيلىق بىلەن كەڭ سەنئەتخۇمارخەلقىمىزگە سۇنماقتا.

تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر بىرگە يوللاندى:




















IMG_1509.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54927
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4282
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 986 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 12:37:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54927
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4282
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 986 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 12:37:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دانا ئەپەندىم مۇبارەك بولسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105419
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 805
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 07:59:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك چىرايلىق سىزىپتۇ،مۇبارەك بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110517
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 298
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 03:14:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  قاراماي شەھىرىدىن  بىر  رەسسام ئىزدەيتتىم....بىلدىغانلار بارمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83171
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3366
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2012-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 09:37:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرنى بەك تەكشى سىزىپتۇ . رەسىمنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى كۆرسىتىدىغان يىرى دەل يۇرۇق قاراڭغۇلىقى .

ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭ ھامان سىنى ئىزدەپ كىلىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش