مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 550|ئىنكاس: 5

مەخەت ئابدۇرېھىم:سۇغا قوشۇلغان ھىسياتىم(نەسىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 01:38:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                     سۇغا قوشۇلغان ھىسياتىم
                               (نەسىر)
                         مەخەت ئابدۇرېھىم

    يول بويىدىكى ئۆستەڭدە ئېقىۋاتقان سۇغا قاراپ ئولتۇراتتىم،ھىسياتىم ئېقىن سۇنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان رېتىملىرغا قوشۇلۇشقا،كۆزلۈرۈم سۇغا مۇھەببەت ئىزھار قىلغاندەك قايتا-قايتا مىدىرلاشقا باشلىدى.تەپەككۇرۇم سۇ بىلەن سەپەرداش بولوپ تۇپراقنىڭ باغرىغا ئۆركەش ياساپ ئېقىشقا تەمشەلمەكتە ئىدى.ئېقىن سۇنىڭ ئېقىشلىرىغا زوقۇم كىلىپ،سۇدىن سۇئال سوراپ قالدىم؛
   -ھەي،سۆيۈملۈك سۇلار!ئېرىق-ئۆستەڭنىڭ لەۋلىرىگە مەڭزىڭلارنى يېقىپ قەيەرگە ماڭدىڭلار؟:-
    سۇئالىمغا ھەيران بولغاندەك قىلىپ،سۇمۇ دەرھال سۆزلەشكە باشلىدى:
   -بىز ئاسمان پەلەكتىن چۈشۈپ،تاغ-چوقىلارنى،دەل-دەرەخلەرنى يۇيۇپ،ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە يىغىلىپ،كەڭ زىمىنغا ئېقىپ بېرىپ تۇپراقتىكى ماۋجۇداتلارنىڭ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرىمىز.ئۆچەي دەپ قالغان ۋە يېنىشقا تەمشىلىۋاتقان ھايات شامىنى ياندۇرىمىز.بىزنىڭ ماكانىمىز چەكسىز زىمىن،شۇڭا ئېرىق- ئۆستەڭلەردە كىرپىك قاقماي ئەركىن ئۈزۈپ زىمىن باغرىدىكى ھاياتىق ئىلمىنىتلىرىنى ئويغۇتىمىز.تۇپراقتا گۈل ئېچىلدۇرۇش بىزنىڭ مەجبۇرىيتىمىز ۋە ئىسىل خىسلىتىمىز.بۈتۈن كائىنات قىزىققىدەك سۈپ-سۈزۈكتۇر ھۆسنىمىز.ماۋجۇداتلار ئالدىدا خېلى ئۈستۈندۇر ھۆرمىتىمىز.كىمىكى بىزنى باشلىسا ،چۆل-جەزىرە،تاغۇ-دەشتىلەرنى گۈللىتىمىز.بىزگە تەشنا سەپەرداش ۋە قەلىبداشلارغا ئۈنچە-مارجان چاچىرتىمىز؛-دىدى-دە سۇ كىتىپ قالدى سۆيۈپ ئۆستەڭ قىرلىرىنى،مەنمۇ بىلىۋالدىم سۇنىڭ خىسلەتلىرىنى.
    مەن سۈزۈك سۇدەك ھىسياتىمنىڭ يىتەكچىلىگىدە ئۆز-ئۆزۈمگە«مەنمۇ تامچە سۇدەك ئېقىپ،خەلىقنىڭ تەپەككۇر دەرياسىغا قوشۇلۇپ ئويغاتسام تەسەۋۋۇر خىياالىمنى،ئىپادىلىسەم ھاياتلىق باھارىمنى.مەنمۇ شۇ ئېقىن سۇدەك ياشناتسام ئانا تۇپراق دىيارىمنى»دىدىم-دە سۇ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭنى بويلاپ،كەڭ زىمىنغا قاراپ تەپەككۇر قىلىشقا باشلىدىم.
                                   ئاپتۇرى:مەخەت ئابدۇرېھىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-29 01:42 AM  


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2427
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4290
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 1191 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 03:56:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچىڭىزدىكى ئاجايىپ بىر قايناق ھېسسىياتنى كۆرگەندەك بولدۇم. بىراق شۇ قايناق ھېسسىياتىڭىز قەغەز يۈزىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپالماي قاپتۇ.

ھايات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 04:08:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hayat يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 03:56 AM
ئىچىڭىزدىكى ئاجايىپ بىر قايناق ھېسسىياتنى كۆرگەندەك ب ...

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەت ساغلام مۇھەببەت.
ۋە لىكىن كىچىمەن ھەر ئىككىلىسىدىن،
سۈزۈك سۇدەك ھىسياتىم ئۈچۈنلا پەقەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2427
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4290
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 1191 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 03:47:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 04:08 AM
ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەت س ...

ھەقىقىي بىر ئەدىب باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى مۇنداق ئۆزگەرتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنداق بىر جەڭگىۋار شېئىر سىزنىڭ ئۇ ھېسسىياتىڭىز ئۈچۈن زايە كىتىدۇ. (چاقچاق )

ھايات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1067
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5029
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 12:19:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ تامچە سۇدەك ئېقىپ،خەلىقنىڭ تەپەككۇر دەرياسىغا قوشۇلۇپ ئويغاتسام تەسەۋۋۇر خىياالىمنى،ئىپادىلىسەم ھاياتلىق باھارىمنى.مەنمۇ شۇ ئېقىن سۇدەك ياشناتسام ئانا تۇپراق دىيارىمنى .  
بۇ قۇرلار شۇ چاغدىكى ھەقىقي ھېسياتىڭىزنى ئىپادىلەپتۇ . سىزگە سالامەتلىك ، قەلىمىڭىزگە بەركەت تېلەيمەن

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 01:04:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mehriya يوللىغان ۋاقتى  2014-12-1 12:19 PM
مەنمۇ تامچە سۇدەك ئېقىپ،خەلىقنىڭ تەپەككۇر دەرياسىغا ق ...

رەھمەت ئۇكام،ماڭا كۆڭۈل بۆلگەنلىرىگە.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش