دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ھەرىكەت قايسى؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ j$ X: I; P8 n% p! u. O) pدۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ھەرىكەت قايسى؟ پىيادە مېڭىش! دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىچە، پىيادە مېڭىش «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ھەرىكەت» ئىكەن. سانلىق مەلۇماتلاردا ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھەر بىر قەدەم يول مېڭىش ئادەم بەدىنىدىكى %50 قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توسالغۇلارنى ئاچىدىكەن؛ ئادەم بەدىنىدىكى %50 تومۇرنى قىسىش ئەڭ ئاددىي «تومۇر ھەرىكىتى» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئاز دېگەندىمۇ %50 مۇسكۇلنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، مۇسكۇل ئومۇمىي ئېنېرگىيەسىنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىسى بولىدۇ. قېنى ئۇنداقتا پىيادە مېڭىشنىڭ 19 پايدىسىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!
1. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمۇ تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، پىيادە مېڭىش ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە پىيادە مېڭىشنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭىزنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ.
2. جىڭلو پەللىسىنى ئاچىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ سالامەتلىككە دىققەت قىلمىغاندا، جىڭلو پەللىلىرى قېتىۋېلىپ، پۈتۈن بەدەندە ئۇششاق ئۇششاق مونەكلەر پەيدا بولىدۇ، پىيادەمېڭىشنى داۋاملاشتۇرغاندا ئۇششاق مونەكلەر كۆپ ئازلايدۇ.
3. تومۇرنى راۋانلاشتۇرىدۇ. جىڭلو پەللىسى راۋان بولمىسا، تومۇر ئۆزلۈكىدىن قېتىۋېلىپ، پۈتۈن بەدەن تارتىشىپ قېتىۋالىدۇ. ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن يېرىم سائەت پىيادە يول يۈرگەندە پۈتۈن بەدەن بوشايدۇ.
4. تەن ۋە روھ يەڭگىللەپ ئارام تاپىدۇ. جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن كېلىشەلمەسلىك، بىئارام بولۇش،تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى قان ئايلىنىش ياخشى بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ، قان ئايلىنىش ياخشى بولماسلىق دەل جىڭلو پەللىلىرى راۋان بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئەركىن بولالماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. پىيادە مېڭىپ بەرگەندە، بەدەن كۈچىيىدۇ، تەن ۋە روھمۇ ئارام تاپىدۇ.
5. يۈرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. ھەرىكەتنى ياقتۇرمىغانلىقتىن يۈرەك ياخشى بولمايدۇ. پىيادە يول يۈرۈش يۈرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يۈرەكنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ.
6. قان تومۇرلارنى ئاچىدۇ. تېبابەتتە پىيادە مېڭىش قان تومۇلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى كۈچەيتىپ، قان تومۇر يېرىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پۈتۈن بەدەننىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ دەپ قارىلىدۇ.
7. مۇسكۇلنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. تۇرمۇشتا رېتىم بولمىغانلىقتىن، پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللار قېتىپ كېتىپ ئېلاستىكىلىقى ۋە كۈچى بولمايدۇ. پىيادە ماڭغاندىن كېيىن مۇسكۇلنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پاچاق، پۇت، بولجۇڭنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بوغۇمنى تېخىمۇ ھەرىكەتچان قىلغىلى بولىدۇ.
8. قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ. جىڭلو پەللىسى ۋە قان تومۇلارنىڭ راۋان بولماسلىقى سەۋەبىدىن،ئادەم بەدىنىدىكى قان ئايلىنىش راۋان بولماي، ئاسان كېسەل بولۇپ قالىدۇ. پىيادە مېڭىپ بەرگەندە، جىڭلو پەللىلىرى ئېچىلىپ، ئادەم بەدىنىدىكى قان ئايلىنىش ۋە مېتابولىزم كۈچىيىدۇ.
9. ئىچكى ئەزا كېسەللىكىنى ئازايتىدۇ. ئىچكى ئەزالارمۇ ھەرىكەت قىلىشقا موھتاج، ئەگەر ھەرىكەت قىلمىغاندا، ئەزالار ئۆزلۈكىدىن قېتىپ كېتىپ كېسەل بولىدۇ. پىيادە مېڭىش ھەزىم قىلىش بەزلىرىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ رېتىملىق لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىشتىھانى ئېچىپ، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئېلاستىكىلىق ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇنلىغان كېسەللەر تەبىئىي ساقىيىپ كېتىدۇ.
10. ئۈچ يۇقىرى بولۇشنى داۋالايدۇ. ئۈچ يۇقىرى بولغاندا (قان بېسىمى، قان مېيى، قان قەنتى يۇقىرى بولۇش)دوختۇرلار نۇرغۇن دورىلارنى يېزىپ بەرسىمۇ، ئانچە ئۈنۈمى بولمايدۇ، ئۇنداقتا پىيادەمېڭىپ بېرىڭ. بەش ئايدا 20 كىلوگرام ئورۇقلىسىڭىز، ئۈچ يۇقىرى بولۇشمۇ ساقىيىپ كېتىدۇ. پىيادە مېڭىشنىڭ يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسىلى، سېمىزلىك ۋە ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ناھايىتى ياخشى رولى بار.
11. روھىي جەھەتتىن خۇشال قىلىدۇ. تىبەت تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، قەرەللىك پىيادە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇش، يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك كېسەللىك ئالامىتىنى يوقىتىدۇ ياكى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ھارغىنلىقى تۈگىتىپ، روھىي جەھەتتىن خۇشال قىلىپ، يۈرەك سېلىش، ھودۇقۇشنى يېنىكلىتىدۇ. ئادەمنىڭ خۇش بولماسلىقى قان بىلەن مۇناسىۋەتلىك، پىيادەمېڭىپ بەرگەندە قان قەنتى، قان مېيىنى ئازلاتقىلى بولىدۇ؛ قاندىكى توسالغۇلار تازىلىنىپ، قان ئايلنىشن راۋان بولغاندا، كىشىمۇ خۇشال بولىدۇ.
12. بەدەن شەكلى گۈزەل بولىدۇ. ئادەمنىڭ گۈزەل بولۇش بولماسلىقىنىڭ قان بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بار، قاندا ئەخلەتلەر بولمىسا ئادەم چوقۇم چىرايلىق گۈزەل بولىدۇ. قاندا ئەخلەتلەر كۆپ بولسا ئادەم سەت بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پىيادە مېڭىپ بەرگەندە بەدەن ۋە قاندىكى ئەخلەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، قورساق قىسىمدا ماينىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىپ، بەدەن شەكلىنىڭ گۈزەل بولۇشىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
13. يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنى ئازايتىدۇ. تېبابەتتە يۈرەك مۇسكىلى تىقىلمىسى قاننىڭ راۋان بولماسلىقى، قاننىڭ ئۇيۇۋېلىپ، قان تومۇرلارنى توسۇۋېلىشىدىن پەيدا بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. پىيادە مېڭىپ بەرگەندە قان ئۇيۇپ قېلىشنى ئازلىتىپ، يۈرەك تىقىلمىسى بولۇش ئېھتىماللىقى ئازىيىدۇ.
14. بۆرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. ئادەم ئەسلىدىنلا ھورۇن بولۇپ، ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇش بۆرەككە زىيان يەتكۈزۈپ، بۆرەك زەئىپلىشىش، بۆرەك ياللۇغى، بۆرەككە تاش چۈشۈش، بۆرەك ئىقتىدارى چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۆرەككە قان يېتىشمىگەندە جىگەرنىڭ قېنى يېتەرلىك بولمايدۇ. جىگەرنىڭ قېنى يېتەرلىك بولمىغاندا، يۈرەككە قان يېتىشمەي، كېسەل بولۇش باشلىنىدۇ. كېسەلنى داۋالاش ئۈچۈن دورا يېگەندە، بۆرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ. پىيادە مېڭىپ بەرگەندە دورا يېيىشنى ئازايتىپ بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.
15. چوڭ مېڭە ئوچۇق بولىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا تۇرغاندا، ئۆيدە كىتاب كۆرگەندە، ئەسەر يازغاندا چوڭ مېڭە ئوچۇق بولمايدۇ، ئۇنداقتا يول مېڭىپ بېرىڭ، سىرتتىكى ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىڭ، شۇندىلا چوڭ مېڭىنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتى تېخىمۇ ئوچۇق، تېتىك بولۇپ، كۆرۈنەرلىك ھالدا چوڭ مېڭىنىڭ ھارغىنلىقىنى تۈگىتىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
16. كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. كىتاب كۆرگەندە، كومپيۇتېر ئاچقاندا، ۋېيشىننى كۆپ ئىشلەتكەندە كۆرۈش قۇۋۋىتى چېكىندۇ. مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر سائەتتىن ئۇدا تۆت ئاي پىيادە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغانلار بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرمايدىغانلارنى سېلىشتۇرغاندا، ئالدىنقىلارنىڭ ئىنكاسى چاققان بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى جەھەتتە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىكەن.
17. ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ. ھاياتلىق ھەرىكەتتە دېگەن گەپنىڭ مەنىسى شۇكى پىيادە يۈرۈش بىر خىل جىمجىتلىق بىلەن ھەرىكەت بىرىككەن بەدەن چېنىقتۇرۇش شەكلى بولۇپ، نېرۋا مۇسكۇلى جىددىيلىشىشنى پەسەيتىپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندائادەمنىڭ ئۆمرىمۇ تەبىئىي ئۇزىرايدۇ.
18. ئەقىلنى ئاچىدۇ. ئادەمنىڭ دۆتلىكىنىڭ قان بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بار. ئادەمنىڭ قېنىدا ئەخلەتلەر قانچەكۆپ بولسا، ئادەممۇ ئۆزلۈكىدىن دۆتلىشىپ قالىدۇ. دۆت ئادەملەر ئەقلىنى ئاچالمايدۇ. قەرەللىك پىيادە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە، قاندىكى ئەخلەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، روھىي جەھەتتىن خۇشاللىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ، يۈرەك سېلىش، ھودۇقۇشنى پەسەيىتىپ، كېرەكسىز گازدىن بۇلغىنىشنى يوقىتىپ، بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ، ئەقلىي قابىلىيەتنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
19. چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق. سىرتتىكى پائالىيەتلەر چوڭ مېڭىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خۇشالىق ھورمونى ئىندورفىن قويۇپ بېرىشىگە پايدىلىق. سىرتتا سەيلە قىلىش ئۆي ئىچىدىكى يۈگرەش ماشىنىسىدا ھەرىكەت قىلغاندىن تېخىمۇ بەك پىسخىكا ساغلاملىقىغا پايدىلىق.
مۇناسىۋەت ئىلمى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمىدە ئوكيان تورىدىن ھاجىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 O; x& @5 [0 y& z" W
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-28 08:38 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% s8 B1 u) L' @7 u. J0 d- e( ~بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 T2 u+ K1 ^/ O+ q" l4 p