مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 405|ئىنكاس: 9

يار سۆيسەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4418
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 06:24:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


يار سۆيسەم

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ



ھوزۇر شاتلىق سۈرەرمىش زەپ قۇياش پاتقاندا يار سۆيسەم ،
تېڭىپ يۈرەككە ھەسرەتلەر پىغان تاشقاندا يار سۆيسەم .


جانان ھەردەم راۋاق ئۈزرە گويا غازدەك گېدەيگەنچە ،
بىلەرمىش ئۆزىنى يۈكسەك بىھۇش ياتقاندا يار سۆيسەم .


تامام سىرلارنى ئالماقكەن گۈزەل كۈيلەرگە چالماقكەن ،
ئۇزاق سېھرىگە رام قىلمىش بەخىت قاچقاندا يار سۆيسەم .


غېرىب تەقدىردە ھال -كەچمىش  سەنەم ھەر يەردە زار ئەتمىش ،
ئۆزى بىر رەت سۆيۈپ باقماس بېشىم قاتقاندا يار سۆيسەم .


ئەجەپ يالغان ئىكەن يالغان ۋەدە قىلغان نىيەت ، ئارمان ،
كۆردى پېقىرنى گول - ئاخماق  سوغاق باققاندا يار سۆيسەم.



كۆيۈپ يۈرسەم ۋىسال ئىزلەپ ئۇلۇغ مەنزىل نىشان كۆزلەپ ،
ئەقىدەم خار ، جاھان بەك تار  يېشىم ئاققاندا يار سۆيسەم .


مۇھەببەتنىڭ پايانىدىن  ئېغىر تەڭسىز ئازابىدىن  ،
كۈنۈم سەرسان جىمى ھەيران تۇمار ئاسقاندا يار سۆيسەم .


كۆنۈپ بولماس مىجەز - خۇلقى  گويا شەيتان ئىكەن ئەسلى ،
تالاي شەرتىدە ئازدۇردى قارا  باسقاندا يار سۆيسەم .


قىيامەتلىك ئىمىش ۋەسلى كۆيۈك ئىشقى باھار پەسلى ،
بۈيۈك بىلمىش كۈتۈنۇشنى غورۇر ساتقاندا يار سۆيسەم .



مەنبە ؛  ئىجادىيىتىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-28 08:25 PM  


ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  

چ چ  ؛  2536190268  .   يانفۇن  ؛ 15699088894

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4418
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 06:30:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەدىرىمگە يېتىسەن گۈلۈم



قەدىرىمگە يېتىسەن گۈلۈم


                                          

ئەمەتـجان زۇنۇن ئارتۇچ



ياخشى كۈنلەر تاشلاپ كەتكەندە ،

ھىجرانلاردا ھەسرەت چەككەندە ،

باغلىرىڭغا ئۈششۈك تەككەندە ،

قەدىرىمگە يېتىسەن گۈلۈم .


ئاھانەتلەر ئۆتىدۇ جاندىن ،

پۇشايمانغا قاچا يوق ئاندىن ،

كەتكۈڭ كېلەر يورۇق جاھاندىن ،

قەدىرىمگە يېتىسەن گۈلۈم .




مال -دۇنياغا تويىسەن شۇ چاغ ،

چىن مۇھەببەت ئەسلى چىمەنباغ ،

يۈرىگىڭنى پۇچىلايدۇ داغ ،

قەدىرىمگە يېتىسەن گۈلۈم .




مەنبە ؛ ئىجادىيىتىم






ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  

چ چ  ؛  2536190268  .   يانفۇن  ؛ 15699088894

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4418
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 06:35:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەن بىلەن


سەن بىلەن


ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


يىغلاپ كەلگەن دۇنياغا كۈلەلەيمەن سەن بىلەن ،
ئادەم ئاتا ھەۋۋادەك يۈرەلەيمەن سەن بىلەن .

مەنزىلىدە ئۆمۈرنىڭ تالاي قىسمەت ، غەملەر بار ،
بارى - يوققا شۈكرى دەپ ئۆتەلەيمەن سەن بىلەن .

ئۈمىتلەرنىڭ قوينىدا ئارمانلار بار كۆكلىگەن ،
سۆيگۈ ئۈچۈن ھەممىگە كۆنەلەيمەن سەن بىلەن .

زىمىستاندا چوغ بولۇپ قولۇڭدىكى تۇغ بولۇپ ،
نۇسرەت تامان ھەق دەپ مۇش تۈرەلەيمەن سەن بىلەن .

قوشۇلغاندەك سۇغا سۇ تىنىقىڭغا قوشۇلۇپ ،
ھايات پەيزى ، لەززىتى سۈرەلەيمەن سەن بىلەن .

پاكلىق ، ۋىجدان ، ئادالەت ئادىمىيلىك زىننىتى ،
ئەل - ۋەتەننى ، يۇرتۇمنى سۆيەلەيمەن سەن بىلەن .

مۇھەببەتنىڭ مەنىسى پاك روھىنى بېغىشلاش ،
ۋىسال ئۈچۈن جان نېمە ؟ ئۆلەلەيمەن سەن بىلەن .




مەنبە ؛ ئىجادىيتىم  


ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  

چ چ  ؛  2536190268  .   يانفۇن  ؛ 15699088894

ئۇلۇغ خۇداغا قويدۇم!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9697
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 08:31:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تازا چۇشنەلمىدىممۇ يا  چۇشىنىىدغان يەردىن ئۆتەپ كەتتىممۇ

بۇ دۇنيانىڭ بەختى ياخشى ئەمەس ئۇ دۇنيالىقنىڭ بەختى ئۇچۇن خۇداغا قاتتىق يالۋۇرۇپ سېغىنغىن ئەي ئىنسان!

ئۇلۇغ خۇداغا قويدۇم!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9697
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 08:33:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەن بىلەن دىگەن ئەرسىڭىز ياخشى يېزىلىپتۇ ساقلىۋالدىم رەھمەت

بۇ دۇنيانىڭ بەختى ياخشى ئەمەس ئۇ دۇنيالىقنىڭ بەختى ئۇچۇن خۇداغا قاتتىق يالۋۇرۇپ سېغىنغىن ئەي ئىنسان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3851
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 09:37:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىجادىيىتىڭىزگە ئىزچىللىق يار بولسۇن .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 12:04:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىجادىيتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110975
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 219
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2014-11-17
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 01:10:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياجشى چىقپتۇ. مۇنبەردە شائىرلار كۆپكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1158 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 02:32:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئرلارنى ياخشى يېزىپسىز . تەشەككۈر ... سەن بىلەن ... دىگەن شېئىرىڭىز  ياخشى يېزىلىپتۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109645
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 661
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 225 سائەت
تىزىم: 2014-9-2
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 08:51:16 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئېرلىرىڭىز بىر-بىرىدىن ياخشى چىقىپتۇ ،بولۇپمۇ سەن بىلەن دىگەن شىئېرىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش