مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1550|ئىنكاس: 22

لەنەت ساڭا بىدىكلەر! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73083
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9724
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2012-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 02:09:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

لەنەت ساڭا بىدىكلەر!


(كۈندە دىگۈدەك يۈرەك پارىسىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان بىچارە ئاتا-ئانىلارنىڭ دەرد-پىغانى يۈرىكىمنى ئەزدى...)


بالا يۈرەك پارىسىدۇر ئانىلارنىڭ
جۈپ كۆزىنىڭ قارىسىدۇر ئاتىلارنىڭ.
بالا يۈتسە قانداق چىدار  بىچارىلەر؟
ئىپلاسلارنبڭ قىلمىشىغا نە چارىلەر؟
قېنى بىزدە ئادەمىيلىك،ئىشەنچ-ئىمان
ئادەم تۇرۇپ ئادەملەرگە كۈچلۈك گۇمان.
.........
بالا يۈتتى...خاتىرجەملىك كۈنلەر يۈتتى
بالا يۈتتى،خوشال كۈلكە-ئۈنلەر يۈتتى.
بالا يۈتتى، بىر ئائىلە خازان بولدى!
ئانا سەۋدا،دادا دەلدۈش، ۋەيران بولدى!
ئىناقلىقنى تەكىتلەيمىز-كاكىرايمىز.
جەمئىيەت بەك ئىناق دەيمىز، ۋارقىرايمىز!
يوقتۇر كارى،ئوغرى يالغان، بېدىك بىلەن
سەبىيلەرگە بەكمۇ «ئامراق»-سېزىك بىلەن!
........
ئەدەپ كەتتى ئۇنداقلارنىڭ خورىكىمۇ
ئات بېشىدەك بارمىكىن يا يۈرىكىمۇ؟
تەپ تارتماستىن مىللىتىنىڭ ۋارىسىغا
پەرۋا قىلماس يا سەبىيلەر نالىسىغا،
ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى چىشلىگەنلەر،
ئىتتىن بەتتەر كۈنى ئۈچۈن«ئىشلىگەن»لەر
ئويلانماسمۇ «بىزگىمۇ بار ئۆلۈم دېگەن-
مەھشەرگاھتا قىزارماسمۇ يۈزۈم دېگەن؟
ئانام مېنى شۈمەك سېلىپ ئوغلۇم دېگەن
ھالال ئىشلەپ تېپىپ يەيتتى ئوغۇل دېگەن؟
كۈنلەر ئۆتۈپ، ئاتا-ئانا نالىسىدىن،
ئۇلارنىڭكى كۆز يېشىدىن- نالىشىدىن،
ھاسىل بولۇپ قالسا ئەگەر ئېقىن-كەلكۈن،
بولۇپ كەتسەم غەرق، نېمە دەر بۇندا ئەلكۈن،
تېپىۋالاي مەن ھۇشۇمنى، سائىتىدە،
قىلاي تۆۋە،ئۆزۈمنىڭ شۇ ھالىتىدە».....
.........
شۇنداق خىيال سۈرۈپ قالدىم، تېتىكلەشتىم
ئېغىر سۈكۈت قاينىمىدىن يېنىكلەشتىم.
ئەپسۇس يەنە رېئاللىققا قايتتىم روھسىز.
ئۆتەرمۇ دەپ قوشنا-قولۇم،پەريات-ئۇھسىز؟
تىلەپ قالدىم قېرىنداشقا ئامانلىقنى،
بەرسۇن خۇدا مىسكىنلەرگە ئاسانلىقنى،
بىدىكلەرنى رەسۋا قىلغىن ،ئوتقا تاشلا
تۆكۈلمىسۇن ناھەق، كۆزدىن دەريا ياشلار!

مەنبە: ئىجادىيىتىم.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gvldvr + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4605
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 04:02:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى قامچىلاپسىز ئۇستاز،دىمىسىمۇ بۇ ئادەم بىدىگى مەلئۇنلار بەك ھەددىدىن ئاشتى،ئۇنداقلارنى تۈرمىگە سولاش ئەمەس،ئاتقا سۆرىتىپ ئاللاتوۋىسىنى كۆرسىتىش كېرەكتى زادى!
ھەي.....................شۇ بالا ئوتىدا كۆيىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالدۇرراق پەرزەنتلىرى بىلەن جەم بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتى تىلەيمەن!

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1411
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 04:05:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي توۋا ، بۇ ئادەم بىدىكلىرنى نىمە دىسەك بولا ، شىئىردا ھەممىسى دىيلىپتۇ ، ئىچىم قايناپ تۇرىدۇ  مۇشۇتاپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106202
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1094
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-4-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 04:18:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئسكى مۇناپىقلارنى ترىك تۇرغۇزۇپ پۇتىدىن باشلاپ چاناپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بەرسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ زادى جۇمۇ ،

تارزان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2814
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16496
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2521 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 04:24:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ھىجرانغا بەرداشلىق بېرىش تەس،بۇ بىدىكلەر ئىككى دۈنيا لەنەتكە مەھكۇم بولغۇسى،بۇمۇ بىر ئاللانىڭ سىناقلىرى بەلكى،ئاللا دەيدۇ مەن ئىنسانلارنىڭ ماللىرىغا ،جانلىرىغا بالىلىرىغا ئەرزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن ئۇلارنى سىنايمەن...

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1833 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 04:38:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   خۇدايم ساقلىسۇن  بۇ    لەنەتكەردىلەردىن....   

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89518
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2013-1-3
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 04:39:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 04:24 PM
بۇنداق ھىجرانغا بەرداشلىق بېرىش تەس،بۇ بىدىكلەر ئىككى ...

ئات قامچىسى بەدەنگە تەگسە،تىلقامچىسى يۈرەككە تېگىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89518
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2013-1-3
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 04:41:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىغ قامچىسىنىڭ ئىزى ساقايغان بىلەن،يۈرەككە تەككەن قامچىنىڭ ئىزى ساقايمايدۇ

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3278
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 942 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 04:42:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق دەرتلەرنى ئاڭلىسام ئويلىسام كوچىلارنى
چارلاۋاتقان ھەيۋەتلىك ئالا بۇلا بىرونىۋىكلىق،
ئۇياق بۇياققا ئۆتۈشىۋاتقان ماشىنا ماشىنىدىكى
قوراللىق ھەربىيلەر ئىسىمگە كىلىدۇ،
ئۇلار بىدىكلەرنىمۇ تۇتسا بولاتتى

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 04:48:47 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر چاغلاردا  سۈرىيە  دېگەن بىر قىزنى ئىزدەش ئېلانلىرى ھەممىلا يەرنى بىر ئالغان ئىدى،،،،،  تېپىلىممىتۇ  راس  ئاشۇ  قىز

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش