«بۇ ئائىلىگە قاراڭ» دىن پۈتۈلگەن مىسرالار
تىلىۋىزىيە تىياتىرنىڭ نامەيەندىسى بولغان «بۇئائىلىگە قاراڭ» نامىلىق ئۆي ئىچى فىلىمى بارلىققا كەلدى.بۇ بىزنىڭ تىلىۋىزىيەتىيارتىچلىقىدا يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى.
تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىدا يىڭىدىنگۈللىنۋاتقان دەۋردە تۇرىۋاتقان مۇشۇ مەزگلىدە « تاكسىچىنىڭ سەرگۈزەشتىسى» دىنكىيىن ئىشلەنگەن يەنە بىر نامايەندە «بۇ ئائىلىگە قاراڭ» بارلىققا كەلدى.
بەزىلەر بۇ ئۆي ئىچى فىلىمىنى كۆرۈپ ياخشىكەن دىسە، يەنە بەزىلەر پەقەت تاينى يوقكەن دىگەن ئىنكاستا بولدى.
بۇ فىلىم نىمە سەۋەبتىن بەزىلەرنىڭ ئالقىشغائىرىشتى؟ يەنە بەزىلەرنىڭ بولسا تەنقىدىگە ئۇچىردى؟
بۇ فىلىمنىڭ ئالقىشقا ئىرىشدىكى سەۋەبىكى شۇكى،بۇ فىلىمنىڭ ھەر بىر قىسىمىدا جەمئىيتىمىزدە يۈز بىرىۋاتقان ناچار ئادەتلەرنىقامچىلاپ، شۇنداق ئىش قىلۋاتقانلارنىڭ ئىبرەت ئىلىشنى ئۈمىد قىلىپ ئىشلەنگەن.ئەلۋەتتە بۇ ئوبرازلارنى ئابدۇكىرەم ئابلىز، خاسىيەت قۇربان ...قاتارلىقلارسۆز-ھەرىگەتلىرىدە ئىپادىلەپ بەردى. بولۇپمۇ بىزنىڭ كومىدىيە ئارتىسمىز ئابدۇكىرەمئابلىز ئۆزنىڭ يۇمۇرستىك ئالاھىدلىكىنى يەنىمۇ بىر بالداق كۆتۈرۈپ نامايەن قىلغان.
توغرا. بۇ فىلىم ئارقىلىق بىزنىڭ جەمئىيتىمىزدىكى ناچار ئادەت قىلمىشلارنى تەنقىدلەپ، ئۇلارنىڭ قىلىمشلىرىنى ئىكراندا نامايەن قىلىش ئارقىلىق شۇ تىپىتىكى كىشلەرنىڭ ئوبرازىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بۇ فىلىمنى بىز پەقەت كۆرۈش بىلەن چەكلەنمەي بەلكى ئويلىنىپ بۇ خىل ئىللەتلەر بىزدە بارمۇ يوق دەپ ئويلىشىشىمىز زۆرۈر.
بەزى كىشلىرىمىزنىڭ ياقتۇرماسلىقىدىكى سەۋەببولسا بۇ فىلىم بەلكى شۇ خىل تىپىكى كىشلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان بولسا ئۇلارنىڭھەجەپ دەپ باشقىلارغا بۇ فىلىم ياخشى ئەمەسكەن دەپ ئۆسەك سۆز تارقىتشىغا سەۋەببولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ فىلىمنىڭ خام مەنبەسى تۇرمۇش. بۇ ئوبرازلار تۇرمۇشتىن ئىلىنغان. بۇنداق ئىشلار تۇرمۇشتا ناھايتى كۆپ. ئۇلار تەنقىد قىلغان ئىللەتلەرنىنىمىشقا بىز ئىبرەت ئىلىپ ئۇنىڭدىن تەربىيە ئالمايمىز. بىزدە شۇنداق ئىللەتلەر باربولسا تۈزەتمەيمىز. نىمىشقا تۈزەتمەيمىز؟
بولسا بۇ فىلىمىنى كۆرۈش بىلەن چەكلەنمەستىنبەلكى ئويلىنىپ ئۇنىڭدا نىمە تەنقىد قىلىنغان. نىمە ئىددىيە ئالغا سۈرۈلگەن.شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەك.
باشقىلار مەيلى نىمە دىسە دسۇن سىز يۈركىڭىزگەقولىڭىزنى سىلىپ بىقىڭ. ناچار ئادەتنى قامچىلىغان نادىر فىلىم نىمىشقا قوبۇلقىلالمىغۇدەكسىز. سىز ئۇچۈن ئۇلار قانداق فىلىم ئىشلەپ بەرسە بولاتتى.
مۇمكىن بولسا بۇ فىلىمنىڭ داۋامى ئىشلەنسە دىگەنئۈمىدتە.
بۇ فىلىمىنى قوللىغۇچىلار نىمە سەۋەبتىن قوللايدىغانلىقى سۆزلەپ ئىيتىسا قوللىمايدىغانلارمۇ سەۋەبىنى دەپ باقسا دەپ ئويلايمەن.
مەنبە: قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-28 04:49 PM