سەرلەۋھىسىز شېئىر
ئاپتورى:تۇرسۇنجان سۇلايمان(شەررارى)
بىر كۆيۈپ ئەقلىم بىھۇش ھالىم بولدى شۇنچە خاراب ، 
ئىككى كۆيسەم ھىچ شۈبھىسىز بولغاي يۈرەك تەندە كاۋاب .
ئۈچ كۆرۈشنىڭ ئىشقىدا بولدۇم ئىشقى پەرۋانىسى ، 
تۆت كۆزۈم بىرلە كۈتتۈم كەۋسەر كەبى شىرىن جاۋاب .
بەش نامازنىڭ ئىلكىدە تۆكسەم دىلىمنىڭ رايىنى ،
ئالتە كۈنلۈك بۇ ئالەمدە دىل سۆيگۈسى قىلغاي خىتاب .
يەتتە ئەزا ھەمدەم بولۇپ بىر سەن ئۈچۈن قىلسۇن نىدا ،
سەككىز جەننەت مۇئەككىلى ھېسابىڭغا يازسۇن ساۋاب .
توققۇز ئاي قورساق كۆتۈرگەن پىداكار ئانا كەبى ، 
ئونلىغان دەردىڭگە مەن دەرمان بولاي يالغۇز چىداپ .
ئون بىر ئاي كۆيدى شەررارى ئويغىتىشنىڭ ئوتىدا ،
ئون ئىككى ئاي ئۆرۈلسە ھەم تۇرغايمۇ دىل شۇنداق بىتاپ ؟!
       2014-يىل 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ( كورلا )
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-28 10:29 PM