قاراقاشناھىيەسىدەدېھقان رەسسام ئابلىكىم دانانىڭ «ئالتۇن كۈز ئىلھاملىرى» تېمىسىدىكىماي بوياقئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
دانىشمەن يېزىقچىلىقشىركىتى خەۋىرى:
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن قاراقاشناھىيەلىك مەدەنىيەتيۇرتىنىڭ ئىككىنچى قەۋەت كۆرگەزمە زالىدا پېشقەدەم دېھقانرەسسام ئابلىكىم دانانىڭ«ئالتۇن كۈز ئىلھاملىرى» تېمىسىدىكى ماي بوياق ئەسەرلىرىكۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىنىڭباشلىنىش مۇراسىمىغا خوتەن ۋىلايەتلىكپارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋالىي ئېزىزمۇسا، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى،تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ چاڭلىن،ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسىگۈلنىساخان مەتنىياز، ۋىلايەتلىكمەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقىجۈرئەت مەتسىيىت، قاراقاشناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم مەمتىمىنئابدۇللا، قاراقاش ناھىيەلىكپارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقىئەخمەتجان مەمتىمىن قاتارلىقرەھبەرلەر، ۋىلايەت ۋە ناھىيە تەۋەسىدىكى بىر قىسىمرەسسام، خەتتات،ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرى، مۇخبىرلار، كارخانىچىلار ۋە خەلقئاممىسىدىن بولۇپ500 نەپەردىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. مۇراسىمغا ناھىيەلىكپارتكومنىڭ دائىمىيھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى ئەخمەتجان مەمتىمىنرىياسەتچىلىك قىلدى،ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى گۈلنىساخانمەتنىياز مۇھىم سۆزقىلدى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋالىي ئېزىز مۇسارەسسام ئابلىكىم داناغاتون كىيگۈزدى. مۇراسىم جەريانىدا رەسسام ئابلىكىم داناغائاتاپ شېئىرلار ئوقۇلدى،بىر قىسىم كارخانا ۋەكىللىرى، يېقىن-يورۇقلار ئۆزلىرىنىڭكۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىشتى.مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مېھمانلار مەدەنىيەتيۇرتىنىڭ ئىككىنچى قەۋەتكۆرگەزمە زالىغا چىقىپ كۆرگەزمىنى كۆردى. كۆرگەزمەئاخىرلاشقاندىن كېيىنرەسسام ئابلىكىم دانانىڭ ئوغلى ئابلىپىز دانا ئۇزاقتىن بىرىئۆزىنى قوللاپ كەلگەنبىر قىسىم كارخانا ۋەكىللىرىگە ئايرىم-ئايرىم لەۋھە تەقدىمقىلدى. بۇ قېتىملىقكۆرگەزمىگە رەسسام ئابلىكىم دانانىڭ يىللاردىن بىرى ئىجادقىلغان 50 پارچە مايبوياق ئەسىرى قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە تەبىئەت مەنزىرىسىنى تېماقىلغان ئەسەرلەر ئاسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
رەسسام ئابلىكىم دانانىڭقىسقىچە تەرجىمىھالى
پېشقەدەم دېھقان رەسسامئابلىكىم دانا 1943-يىلى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋابازىرى قۇمئېرىق كەنتىدە نامراتدېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1961-يىلىباشلانغۇچ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەنپۈتتۈرۈپ شۇ يىلى خوتەن يېزا ئىگىلىكتېخنىكومىغا قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇشپۈتتۈرىدىغان يىلى مەركەزنىڭ يېزا ئىگىلىكبىرىنچى سېپىنى كۈچەيتىش چاقىرىقىنىڭتۈرتكىسىدە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئالدىنقى سېپىگەقايتۇرۇلغان. ئۇ شۇنىڭدىن بۇيانئۆزىنىڭ ئاددى-ساددا، ئاقكۆڭۈل خاراكتېرىگە ماسھالدا قولىغا كەتمەن ئېلىپ ئۆمرىنىڭبۈگۈنكى مەنزىلىگە قەدەم قويدى. ئابلىكىم داناكىچىكىدىن باشلاپلا رەسىم كەسپىگەئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەللىككەبولغان ئىنتىلىشى ۋە تەبىئەتكە جۈربولغان قايناق ئىلھاملىرىنى مايبوياق ئارقىلىقرەسىم يۈزىدە جانلىق ئىپادىلەپكەلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ يۇرتداشلىرى ۋە قاراقاش، خوتەندىيارىدىكى سەنئەتسۆيەر دوست-يارەنلىرىگەنۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلىرىنى تەقدىم قىلىپئۇلارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭرەسساملىق جەھەتتىكى تالانتى نۇرغۇنكەسپىي رەسساملار تەرىپىدىن بايقىلىپ كۆپلىگەنئەسەرلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدامۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
ئابلىكىم دانانىڭ يەنەيېقىنقى مەزگىللەردە «تەكلىماكاندىكى رىۋايەت»،«تەڭرىتاغ قارىغايلىرى»، «ئالتۇنكۈز» قاتارلىق مايبوياق ئەسەرلىرى بىرىنچىدەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. 2012-يىلىپايتەختىمىز بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەنمەملىكەتلىك دېھقان رەسساملار ئەسەرلىرىكۆرگەزمىسىدە ئۇنىڭ خوتەن قەغىزىگەسىزىلغان «قەدىمىي رىۋايەت» ناملىق ئەسىرى 2-دەرىجىلىكمۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭبۇ شانلىق ھايات نەتىجىلىرى قاراقاش خەلقىنىسۆيۈندۈرۈپلا قالماي بەلكى يەنەمەركىزى خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ CCTV10 قانىلى مۇخبىرلىرىنىڭ مەخسۇسكېلىپ زىيارەتقىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. بۇ زىيارەت ئەھۋالى مەركىزى خەلقتېلېۋىزىيەئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرىسال قانىلىدا ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيەئىستانسىسىنىڭ ھەر قايسىقاناللىرىدا كۆرسىتىلگەن. 2014-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭتېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مۇنبەتتۇپراق» پروگراممسىىدا ئۇنىڭ رەسساملىقجەھەتتىكى ئۆچمەس نەتىجىلىرى كەڭ خەلق ئاممىسىغاكۆرسىتىلدى. بۇ ئاقكۆڭۈل،ئاددى-ساددا، سەمىمىي، تىرىشچان رەسسام ئۆزىنىڭ ھاياتمۇساپىسىدە دېھقانغا خاس تۈزكۆڭۈللىكىنى ساقلاپ ئۆزىنىڭ چېۋەر ئىككى قولى بىلەنھايات بوستانىنى نۇرغۇن نادىرئەسەرلەر باغچىسىغا ئايلاندۇردى ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇجەھەتتىكى يىتۈك ماھارىتى ۋەسەنئەتكە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنى ئۆزىنىڭ پەرزەنتىۋە شاگرىتلىرىغا ئۇدۇم قالدۇردى. ئۇ ھازىرغىچە رەسساملىق،نەققاشلىق، سىرچىلىقكەسىپلىرى بويىچە 1000 نەپەردىن ئارتۇق شاگرىت تەربىيىلەپقاتارغا قوشتى. ھازىر بۇتىنماس دېھقان رەسسام ئۆز ھاياتىنىڭ 70-يىللىرىغا قەدەمقويدى. شۇنداقتىمۇ ئۇيەنىلا چىداملىق توغراق سۈپەت قامىتى بىلەن قولىدا ماي بوياقتەخسىسى ۋە يۇڭقەلەملىرىنى ئوينىتىپ ئۆز ھاياتىنىڭ ئېسىل قىممىتى ۋە گۈزەلكارتىنىلىرىنى سېخىيلىقبىلەن كەڭ سەنئەتخۇمار خەلقىمىزگە سۇنماقتا.
تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر بىرگەيوللاندى:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-28 10:51 PM