مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 850|ئىنكاس: 10

ئاچقۇچ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قاراڭغۇدىن زارل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17347
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8250
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 07:57:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاچقۇچ


(ھىكايە)

ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ



-ئابلەق  جۈرىن ئىشخانىنىڭ سۈپۈرگىسى قالمىدى،سۈپۈرگە ئېلىپ بەرسىلە.
-ئابلەق جۈرىن ئىسكىلاتتىن ياغاچ ئېلىپ بەرسىلە،ئۆي رېمۇنىت قىلىمىز.
-ئابلەق جۈرۈن قول ھارۋىنى ئېلىپ بەرسىلە ،ئەخلەت تۇشىماقچى ئىدۇق ...
يۇقۇرىقىدەك سۆزلەر ،ئىدارىمىزنىڭ ئىسكىلاتچىسى ئابلەق ئۈچۈن ئاجايىپ ياخشى ئاڭلىندىغان سۆزلەر ئىدى.يۇقۇرىقىدەك سۆزلەرگە ئابلەق ،ئىدارىنىڭ مۇدىرى ساتتاردەكلەرگە، "مانا ھازىر !"دەپ پايپىتەك بولغان ھالدا جاۋاپ بەرسە ،ئەمما ،ئىدارىنىڭ يالغۇزجان قاراۋۇلى  ئاۋۇتكامدەكلەرگە قۇلىنى ئارقىسىغا تۇتقان، قورسىغىنى تېخىمۇ تومپايتقىنىچە پىسەنىتمۇ قىلمىغان ھالدا جاۋاپمۇ بەرمەستىن ئۆزيۇلىغا راۋان بۇلاتتى .ئەمدى ئابلەقنىڭ "جۈرىن "دىگەن  ئۆنىۋانىغا كەلسەك ئۇ بىر چاغلاردا ئۆزىنىڭ ئاۋانگارت يىتەكچىلىكى بىلەن قايسى بىر ئىدارىغا بىر يىلچە جۈرۈنمۇ بولغان.شۇڭا خۇددى باشتا  بىر قېتىم ياغ ئالغان قاپاقتىن ئەبەدىل ئەبەت ياغلارنىڭ كىر-قاسماقلىرى كەتمىگىنىگە ئوخشاش ،ئابلەقنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىدىنمۇ تا ھازىرغىچە جۇرۇنلۈك ئۇنۋانى ئىرىمەي كەلگەن ئىدى . قىزىقارلىق يېرى شۇكى ئابلەق بۇ ئۆنىۋانىنى بەكمۇ ياخشى كۆرسە كېرەك ، ئۇنى  ئۆز نەزىرىدىكى ئادەتتىكى كىشىلەر مۇبارەك  "ئۆنۋانى"  بىلەن چاقىرمىسا  قەستەن ئاڭلىماسقا سالاتتى
كۆپىنچە ھاللاردا بېشىنى  تۈۋەن ساڭگىلىتىپ،قاپىقىنى تۇرۇپ،داۋاملىق ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ،كىشىلەر بىلەن ئانچە ئارلاشماي يالغۇز يۇرۇيدىغان بۇ ئادەم ئادەتتىكى چاغلاردا كۆپ سۆزلىمەيتتى.لېكىن ئۆزئۈلپەتلىرى،ھەمتاۋاقلىرى ئارىسىدا ئازراق كەيىپ بولدىمۇ بولدى بەس!ئاۋال ئىپتىخار بىلەن،ئاخىرىدا ئېچىنىش،بىچارىلىق ئارلاش ئەينى ۋاقىتتىكى جۈرىنلىك ھاياتىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان غېرىبانە ھايات كەچۇرمىشلىرىنى...ئېغىزى بېسىقماي سۆزلەپ كېتەتتى.
-ھەي،جۈرىن بولغان مەزگىلىمىز!ئالتۈن دەۋىرئىدى!ھۇقۇقتىن ئىبارەت شۇ لاتا قۇزۇقنى ھەرقانداق يەرگە بىرلا ئۇردۇقمۇ دەل مۇرادىغا يەتكۇزۇپ كىرگۈزەتتۇق!!.ھوقوقىمنىڭ ئاشۇنداق كۇچى بار ئىدى،-دەيتتى ئۇ قول ھەركىتى بىلەن،-ئۇچاغلاردا ھەممە ئادەم ماڭا «خوش!»دەيتتى،زامان مېنىڭ ئىدى،قۇلۇم ئاسماندىكى ئايغىمۇ يىتەتتى.ئەمدىچۇ؟بۈگۈنكى كۈندە پاخاللىشىپ قالدۇق.ئۇ چاغدىكى ئالدىمىزدا دۇگدىيىپ ماڭىدىغانلار ھازىر ئالچاڭلىشىپ تىرىسىگە پاتماي قېلىشتى، ھېلىمۇ كۇرىدىغان كۈنىمىز تۇگەپ كەتمىگەن ئىكەن،قۇلىمىزغا بىر توپ ئاچقۇچمۇ بولسا تەگدىمۇ،دېمەك ئىدارىنىڭ ھەرقانداق بىر ئىشىك-دەرۋازىسى مەنسىز ئېچىلمايدۇ. خوش دىگۈزىدىغاننى ھېلىمۇ «خوش»دىگۈزۋاتىمىز،-ئۇ بۇنداق چاغلاردا ئۈلپەتلىرىنى قۇلى بىلەن نۇقۇپ تۇرۇپ تېخىمۇ قىززىشقان ھالدا سۆزلەيتتى.
-ماڭا قارا ،ئادەم بۇلىمەن دېسەڭ،بۇلۇپمۇ سەل قەدىر-قىممىتىم بىلەن ياشايمەن دېسەڭ،قۇلۇڭدا تامغىمۇ،رولمۇ ياكى ئاچقۇچىمۇ ئىشقىلىپ شۇنداق بىر نەرسىنىڭ بولغىنى ئىنتايىن مۇھىم.چۈنكى جاننى ئەڭ ياخشى بېقىشنىڭ يولى ئەنە شۇنىڭدا.شۇنداق بولغاندا مەيلى ئەۋلىيا ياكى پېقىر،مەيلى چوڭ ياكى كىچىك  بولسۇن ھەممە ئادەم ساڭا ھاجەتمەن بۇلىدۇ-دە،خوش دەپ ئالدىڭغا قول قۇيۇپ كېلىدۇ.شۇ چاغدا ساڭا كېلىدىغان پۇل-بايلىق ،پايدا مەنپەئەتنى دېمەيلا قوي،ئەڭ ئەھمىيەتلىكى شۇكى،شۇ چاغدا سەن ئۆزەڭنى پادىشاھ،خاندىنمۇ بەكرەك ئەتىۋارلىق ئىكەنلىكىڭنى ھېس قىلىسەن.بۇ نېمە دېگەن لەززەتلىك،تاتلىق تۇرمۇش ھە؟ئەكسىنچە بولغاندىچۇ؟!ئەكسىنچە بولغان ھاياتنى ھايات دىمەيلا قوي،تېخى بەزىلەر مېنى:«ئەتىۋارلىق كەسىپ مۇئەللىم بول»دەيدۇ.شۇمۇ ئادەم قىلىدىغان كەسىپمۇ؟بىر قىللىق پايدىسى يوق قۇرۇق كاپىلداش،قىلنى قىرىق يەردىن يېرىش.
ئۇ شۇنى دەيتتى-دە،ئاتمىش-يەتمىش تالچە كېلىدىغان بىر چاڭگال ئاچقۇچنى يانچۇقىدىن چىقىرىپ شاراقلاتقان ھالدا بىر قۇلىدىن يەنە بىر قۇلىغا ئېلىپ زوقمەنلىك بىلەن ئويناشقا باشلايتتى.
ئۇيېنىدىكى شۇ ئاچقۇچلارنى ھېچكىمگە تۇتقۇزمايتتى،ھەتتا ئىدارىنىڭ تەرەتخانىسىدىن باشقا ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاچقۇچى ئۆزىدە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلاتتى.بىر قېتىم ئىدارىنىڭ سۇخانىسنىڭ ئاچقۇچى ئاشپەز ئۇستامدا  بىر كۈن ساقلىنىپ قالغانغا ئاشپەز ئۇستامنى«بۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچىغا چاڭ سېلىشقا ھەققىڭ يوق!سەن ئۆز قازان بېشىڭىنى بىل!»دېگەنگە ئوخشاش سېسىق گەپلەر بىلەن تويغازغان ئىدى.دېمەك يېنىدا بىر چاڭگال ئاچقۇچ ساقلاپ يۇرۇش ئابلەق ئۈچۈن چەكسىز ئىپتىخارلىنارلىق ۋە ھۇزۇرلۇق بىر ئىش ئىدى.ئەپسۇسكى كۇندۇزنىڭ كېچىسى،كېچىنىڭ كۇندىزى بولغىنىغا ئوخشاش بۇ بىر چاڭگال ئاچقۇچلار ئابلەق ئۈچۈن يېقىندا ئاشكارە قىلىشقا بولمايدىغان بىر سەتچىلىكنى تېپىپ بەردى.
ئۈرۈكلەر مەي بۇلۇپ پىشقان ئىيۇن ئايلىرىنىڭ ئاخىردىكى تۇخۇلار ئەمدىلا چىللاشقا باشلىغان،بۇلۇتلۇق تۈن كېچىلەردىن بىرى.ئابلەق قۇرسىقىنىڭ قاتتىق تولغاپ ئاغرىشى بىلەن چۆچۆپ ئويغاندى-دە تەرىتى قىستاۋاتقانلىقىنى بىلدى.ئۇچاچىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئاچقۇچ ۋە قول چىراقلىرىنى ئېلىپ سىرتقا ماڭدى.ئۇ ھويلىغا چىقىپ ئىچىدىن تاقالغان ھويلا دەرۋازىسىنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىش ئۈچۈن چالا ئۇيقۇلۇقتا ھېلىقى نۇرغۇن ئاچقۇچلار ئىچىدىن دەرۋازا قۇلۇپىنىڭ ئاچقۇچىنى ئىزدەشكە كىرىشتى.ئەمما«ئالدىرغاندا ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپتۇ»دېگەندەك ئىزلىگەن قۇلپىنىڭ ئاچقۇچىنى زادى تاپالمايتتى.بىرسىنى سېلىپ ئېچىلمىغاندا يەنە بىرىگە ئالماشتۇرۇپ سالاتتى.شۇ تەرىقىدە خېلى جىدەللەشكەن بولسىمۇ قۇلۇپ ھىچ ئېچىلمايتتى.«قارىغۇنى تار يەردە قىستىغاندەك»ئۇنىڭ تەرىتى بارغانچە قىستاپ كەلمەكتە ئىدى.ئۇنىڭ ئۈچىيىدىكى ئالامەتلەر  خۇددى دەھشەتلىك بىر كەلكۇندەك كۆپسەپ تۇلىمۇ بىئارام قىلماقتا ئىدى.ئۇنىڭ قۇرسىقى چىڭقىلاتتى،تولغاپ ئاغرىيتتى...
ئۇ كاسىسىنى ئەڭ ئاخىرقى چىكىگىچە قىسىپ باققان بولسىمۇ،ئاخىرى بولالمىدى.ئۇ كاسىسىنى قىسقان ھالدا زوڭ ئولتۇرۇپ قالدى.شۇ چاغدا ئۇ ئۆز تېقىمىدا يۇقۇردىن تۆۋەنگە قاراپ يېپىشقان ئىسسىق بىر سۇيۇقلۇقنىڭ ئېقىۋاتقانلىقىنى سەزدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قۇلىدىكى قۇلۇپنى ئېچىشقا ھەركەتلىنىۋاتقان ئاچقۇچلارمۇ «شاراققىدە»قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا يەرگە چۇشۇپ كەتتى.

(ئاپتۇر :ئاقسۇ شەھەر 5.ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى )



قاراڭغۇدىن زارلانماي شام ياندۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 11:41:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قىسىم ھوقوقدارلىرىمىزنىڭ ئەپتى بەشرىسىنى ياخشى قامچىلاپسىز

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8663
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1963 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 12:01:27 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇخادىن چىققۇدەك ئىبرەتلىك ھىكايىكەن .
بولۇپمۇ ئاخىرقى تەسۋىرلەر بەكلا جايىغا چۈشۈپتۇ .

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1028
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3712
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 01:20:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90741
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 588
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 09:11:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا........ھا................مەنسەپپەرەسنىڭ ئاقىۋىتى شۇنداق بولىدۇ،

دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنداقلا ئىبرەت ئامىغۇچىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1969
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 09:42:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشى ھەققى كىشىدە قالماس سەن كىشىگە نىمە قىلساڭ سىنىڭمۇ نىسى قالماس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2071
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5522
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 10:46:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي خۇدايىم شۇ ئامراق ئاچقۇچلىرى ئەدىۋىنى بىرىپتۇ بۇ كىشنىڭ .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102841
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1922
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 11:55:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولتۇز يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 10:46 AM
ۋاي خۇدايىم شۇ ئامراق ئاچقۇچلىرى ئەدىۋىنى بىرىپتۇ بۇ ك ...

ياخشى چىقىپتۇ بۇ ھىكايە،  لىكىن ئىملا خاتالىقىدىن سادىر بولالماپتۇ، بولۇپمۇ «ئو،ئۇ، ئۆ،ئۈ»لەر ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى تاپالماي گاڭگىراپ قالدىمۇ قانداق؟   يەنە كىلىپ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسىدا بۇنداق سەۋەنلىككە يول قويۇلماسلىقى لازىم دەپ ئويلايمەن. (شەخسى كۆز قارىشىم)

__ يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ باقاي...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2071
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5522
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 05:58:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(شەيدا) يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 11:55 AM
ياخشى چىقىپتۇ بۇ ھىكايە،  لىكىن ئىملا خاتالىقىدىن ساد ...

شۇنداق  ، بەلكىم ئالدىراپ  يازغان بولسا شۇنداق بوپ قالدىمىكىن تەكشۈرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا  يوللىغان بۇلىشى مۇمكىن .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102841
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1922
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 06:50:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولتۇز يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 05:58 PM
شۇنداق  ، بەلكىم ئالدىراپ  يازغان بولسا شۇنداق بوپ قال ...

بەلكىم.

__ يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ باقاي...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش