مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2625|ئىنكاس: 54

مەۋھۇم دۇنيا(2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110780
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2603
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2014-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 07:44:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                               مەۋھۇم دۇنيا

   پويىز قوزغالدى .ئـاقسۇدىن لـەنجۇغا قـاراپ ماڭـغـان بـۇ پـويىز بىر خىل رېتىمدا ئـالـغـا ئىلگىرلىمەكتە.ھازىر شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 20:00 بولدى.بىز تەخمىنەن ئىككىنچى كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 9:00 ئەتراپىدا لەنجۇغا چۈشىمىز.لەنجۇدا 11 سائەت تۇرغاندىن كېيىن نەنچاڭغا قاراپ يولغا چىقىمىز.
    باياتىندىن بېرى تولا يېغلاۋەرگەچكىمۇ،بېشىم قاتتىق ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى.بۇ قېتىمقى سەپەردە مەن بىلەن بىر مەكتەپتە تەييارلىقنى بىللە ئوقۇيدىغان يېقىن دوستۇم پاتىمە ماڭا ھەمراھ بولۇپ ماڭغان ئىدى.ئۇ ماڭا قىزىق چاي قۇيۇپ بەرگەچ مېنى بىردەم يېتىپ ئارام ئېلىۋېلىشقا ئۈندىدى.كېچىچە"ئەتە ماڭىمەن،نۇرغۇنلىغان يېڭىچە،گۈزەل تۇرمۇش مېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ". دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ،خىياللار ئىچىدە شىرىن چۈشلەرنى كۆرۈپ، كىرپىك قاقماي دېگەندەك  بىر كېچىنى ئۆتكۈزگەن ئىدىم.مانا ئەمدى شۇنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىمەن.بىردەم يېتىپ ئۇخلىۋېلىش ئۈچۈن كارىۋات ئۈستىگە چىقتىم.بەك ھېرىپ كەتكەچكىمۇ يېتىپلا ئۇخلاپ قاپتىمەن. خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن،ئاپامنىڭ"قىزىم،تاماق پىشتى،تېز ئورنۇڭىزدىن تۇرۇپ تاماق يەۋېلىڭ"دېگىنىنى ئاڭلىدىم.خوشاللىق بىلەن كۆزۈمنى ئېچىپ ئەتراپقا قارىسام پويىزدا يېتىپتىمەن.... كۈڭلۈم بۇزۇلۇشقا باشلىدى، دوستۇمغا چاندۇرماسلىق ئۈچۈن سۇخانىغا قاراپ ماڭدىم.يۈز-كۆزلۈرۈمنى يۇيۇپ چىققاندىن كېيىن پويىز ئىچىگە بىر قۇر سەپ سالدىم.بۇ پويىز ھەر ھالدا ئازادە،رەتلىك تازىلانغان ئىدى،ئەمما بۇ ۋاگۇندا دوستۇم ئىككىمىزدىن باشقا ئۇيغۇر باردەك قىلمايتتى.ھەممىدىن يامان يېرى تاماق ۋاقتى ئىدى.تاماق ۋاقتىدا ھەرخىل پۇراقلار ئارىلىشىپ ئادەمنى تولىمۇ بىزار قىلاتتى.بۇنداق ۋاقىتتا دوستۇم ئىككىمىز بىر بولسا ئۇ ۋاگۇندىن بۇ ۋاگۇنغا چىقىپ ئايلىنىپ يۈرەتتۇق،بىر بولسا بۇرنىمىزنى چىڭ ئېتىپ كارىۋاتقا چىقىپ يېتىۋالاتتۇق.ئۇلار تاماقلىرىنى يەپ بولغاندا ئاندىن كېلىپ قورسۇقىمىزنى تويغۇزاتتۇق.
    پويىز ئىچى مەن ئويلىغاندەك ئۇنداق كۆڭۈللۈك ئەمەس ئىدى.ئەكسىچە بەك زىرىكىشلىك، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش تولىمۇ تەس ئىدى.بىردەم كىتاپ ئوقۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزسەم،يەنە بىردەم دوستۇم بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر ھەققىدە پاراڭلىشاتتىم. ئەمما مەن ئۈچۈن ئەڭ خوشاللىق  بولغىنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پويىز سىرتىنىڭ مەنزىرىسىنى كۈزىتىش ئىدى.تېخى ھازىرلا بىپايـان قۇملۇقنى ئارقامدا قالدۇرۇپ  كەلگەن ئـىدىم، مانا ئەمدى ئېگىز - ئېگىز تاغلار   ئارىسىدىن مېڭىۋاتىمەن ، بىردەمدىن كېيىن بولسا،ئۆزۈمنى چىراق نۇرى ئاستىدا چاقناپ   تۇرغان گۈزەل شەھەر ئىچىدە كۆرىمەن....
    لەنجۇغا يېتىپ كېلىشكە يەنە 5 سائەت ۋاقىت قالغان ئىدى.خوشاللىقتىنمىكىن نەرسە-كېرەكلىرىمنى بالدۇرلا يىغۇشتۇرۇپ قويۇپ پويىز توختىشىنى ساقلاپ ئولتۇردۇم.تۇيۇقسىز قۇلۇقۇمغا ناتۇنۇش،ئەمما يېقىملىق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
    ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىڭىللىرىم،ياخشىمۇسىلەر!قانداق ئەھۋالىڭلار؟
    ـــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،ھەدە،ياخشىمۇسىز؟ دوستۇم ئىككىمىز تەڭلا جاۋاپ بەردۇق.
    مەن بۇ ناتۇنۇش ئايالغا سەپ سېلىشقا باشلىدىم،بۇ ئايال 30 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان، بەسىتلىك ئايال ئىدى.يېنىدا ئىككى ئوغۇل بالا بار بولۇپ،چوڭى6 ياش،كىچىكى4 ياشلار ئەتراپىدا ئىدى.بۇ ئىككى بالا ئاكا-ئۇكا بولسا كېرەك،بىر-بىرىگە بەك ئوخشايتتى.
    ـــ بۇ پويىزدا ئۇيغۇر ئۇچراتماق نېمانداق تەس،بىر قانچە ۋاگۇننى ئايلىنىپ ئاخىرى سىلەرنى ئۇچراتتىم،سىلەر ئوقۇغۇچى ئوخشىمامسىلەر؟سىلەرنى كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم ،يا خەقنىڭ تىلىنى بىلمەي تازا قىينالدىم...
    ئايال گېپىنىڭ ئارقىسىنى قىلىپ بولالماستىنلا يېغلاپ كەتتى.بىز نېمە ئىش يۈز بەرگىنىنى بىلمىگەچكە، نېمە دېيىشىمىزنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدۇق.ھېلىقى ئىككى بالا بولسا ئايالغا توختىماستىن "ئاپا،يېغلىماڭ بولامدۇ؟" دەۋاتاتتى.بۇنىڭدىن بۇ بالىلارنىڭ ئۇ ئايالنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم.ئۇ ئايال ياشلىرىنى ئاران توختۇتۇپ بىزگە ئۆزرە ئېيتقاندىن كېيىن ، بىزگە يېغلىشىنىڭ سەۋەبىنى سۆزلەپ بەرمەكچى بولدى . ئايال ئازراق قىزىق چاي  ئىچىۋالغاندىن كېيىن ئۆزىنى توختۇتۇپ ئالدىرىماي سۆزلەشكە باشلدى...
     ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ بۇ پويىزغا قۇمۇلدىن چىققانلىقى، پويىزغا چىققاندىن بۇيان باشقا ئۇيغۇرلارنى ئۇچرىتىپ باقمىغانلىقى،ئىككى بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ نۇرغۇن ئىشلاردا قىينىلىپ قالغانلىقى،خەنزۇچىنى بىلمىگەچكە باشقىلاردىن ياردەم سورىيالمىغانلىقى،ئېرى  ئۆيدىن چىقىپ كەتكىلى ئۇزۇن بولغان بولۇپ،ھازىرغىچە ئۆيىگە قايتىپ كەلمىگەنلىكى، باشقىلاردىن ئېرىنى ئىچكىرىدە تىجارەت قىلىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىغاچقا،ئېرىنى ئىزدەپ چىققانلىقىنى قىسقىلا قىلىپ سۆزلەپ بەردى.بىز ئايالدىن نېمە ئۈچۈن بىرە ئۇرۇق-تۇققىنىنىڭ ھەمراھلىقىدا چىقماي،ئۆزى يالغۇز ئىككى بالىنى ئەگەشتۈرۈپ بۇ سەپەرگە ماڭغانلىقىنى سورىدۇق. ئايال ئۆزىنىڭ ئائىلىسدە بىرلا بالا ئىكەنلىكى،ئاتا-ئانىسىنىڭ بالدۇرلا تۈگەپ كەتكەنلىكى،ئېرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى بولسا بۇ ئىككەيلەننىڭ تويىغا نارازى بولغاچقا،ئىككى ئائىلىنىڭ ئالەقە قىلمايدىغانلىقى،شۇڭا ئامالسىز ئۆزىنىڭ يالغۇز چىققانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بىز ئارتۇق  گەپ سورىساق  بۇ ئايالنىڭ كۆڭۈل يارىسىنى تاتىلاپ قويىدىغانلىقىمىزنى ھېس  قىلىپ باشقا گەپ قىلمىدۇق. ئۇ ئايال كەچتە بىز بىلەن بىللە پويىزدىن چۈشۈپ،ئەتە چۈشتىن كېيىننىڭ پويىزىدا گۇاڭجۇغا بارىدىكەن.شۇڭا ئۇ بىزدىن پويىزدىن چۈشكەندىن كېيىن، ئەتە   بىز ماڭغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇپ ئۆزىگە ياردەم قىلىشىمىزنى ئۆتۈندى. بىز ئارتۇق ئويلاشماي ئايالغا ماقۇل بولدۇق.ئۇ ئايال پويىزدىن چۈشكەندە بىزنى ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ ۋاگۇنىغا قايتىپ كەتتى.
    پويىز بارا-بارا شەھەر ئىچىگە يېقىنلىماقتا،دېرىزىدىن سىرىتقا قارىدىم،"پاھ،بۇ شەھەر نېمىدىگەن چىرايلىق؟ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز بىنالار،تۇتاش كەتكەن ئاسپانىت يوللار، چىراق نۇرىدا لاۋالداپ تۇرغان بۇ شەھەر ھەقىقەتەن چىرايلىق بىلىندى".
    ھاياجانلىق مىنۇتلار ئاخىرى يېتىپ كەلدى.دوستۇم ئىككىمىز خوشاللىق بىلەن پويىزدىن چۈشتۇق.بىز يەر ئاستى يوللارنى كېزىپ ئۆتۈپ چىقىش ئېغىزىنى ئاخىرى تاپتۇق.پويىز ئىستانسىدىن چىقىپ ھېلىقى ئايالنى ئۇچراتتۇق،ئۇ ئايال بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.ئۇ ئايال بىزگە: "بۈگۈن كېچە يېقىن ئەتراپتىن بىر ياتاق ئېلىپ شۇ يەردە بىر كېچىنى ئۆتكۈزەيلى "دەپ مەسلىھەت بەردى.بۇ چاغدا ئاپامنىڭ دوستۇم ئىككىمىزگە:"ئىككىڭلار يالغۇز، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزبالا ،يولدا دېھقەت قىلىڭلار، يات كىشىلەرگە گەپ قىلماڭلار،پويىز ئىستانسى ئەتراپىدىكى ياتاقلارغا كىرىپ  ياتماڭلار ، ئوقۇغۇچىدىن  باشقا ئۇيغۇرلار ئۇچراپ قالسا، گەپ قىلماي  مېڭىڭلار ".دېگەنلىرى يادىمغا كەلدى. شۇڭا ئۇ ئايالغا بېلەت ئېلىش زالىغا كىرىپ،شۇ يەردە ئولتۇرۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا مەسلىھەت بەردىم.ئەمما ئىككى بالىنى توڭلاپ كېتىدۇ، دەپ ئۇ ئايال بۇ پىكىرگە قوشۇلمىدى. شۇنىڭ بىلەن يەنىلا ياتاقتا ياتىدىغان بولۇپ ياتاق ئىزدەپ ماڭدۇق.پويىز ئىستانسىنىڭ يېنىدىلا بىر مېھمانخانا بار ئىدى.بىز شۇ يەرگە كىرىپ  تۆت كىشىلىك ياتاقتن بىرنى ئالدۇق.
    ياتاققا كىرىپ نەرسە-كېرەكلىرىمىزنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،ئەتراپتىن بىرەر مۇسـۇلمانـچە ئاشخانا تېپىپ تاماق يىـيىش ئۈچۈن سىرىتقـا چىقتۇق. بىز ئەتراپتا ئاشخانا  بارمىدۇ دەپ، ئۇياق-بۇياققا قاراۋاتساق،ئايالنىڭ چوڭ بالىسى:"ئاپا،ئاۋۇ ياقتا بىر دۇكان بارتىغۇ، ھېلىقى بىز بىر نەچچە قېتىم كىرگەنچۇ ؟ تامىقى بەك ئوخشايتتىغۇ ؟ مېنىڭ توخۇ   پاچىغى يېگۈم كېلىۋاتىدۇ ، ئاپا...."دەپ پويىز ئىستانسىنىڭ يېنىدىكى "كونتاكىت ھامبورۇك بولكىسى"دۇكىنىنى كۆرسەتتى. بالىنىڭ گېپىدىن ھەيران قالدىم،"ئەجىبا ئۇلار بۇ يەرگەكېلىپ باققان ئوخشىمامدۇ ؟ نېمە قىلغىلى كەلگەن بولغۇيتتى؟بەلكىم ئېرى تىجارەت قىلغىلى كەلسە، بىللە كەلگەن بولۇشى مۇمكىن"دېگەنلەرنى ئويلۇدۇم.ئايال دوستۇم ئىككىمىزگە قارىۋەتكەندىن كېيىن:"بالام،خاتا تۇنۇپ قاپسەن،ئۇ يەر دىگەن شىنجاڭدا قالدى"دېدى. ئىلگىرى دوستلىرىمدىن بۇ يەرنىڭ تاماقلىرىنى يېسە بولمايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاچقا،دوستۇم ئىككىمىز يېمەي ياتاققا قايتماقچى بولدۇق.ئۇ ئايال بالىلىرىنى ئېلىپ كېرىپ كەتتى.
    مەن ئۆيدىكىلەرگە تېلفۇن قىلىپ،ساق-سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكىمنى ئېيتىپ،ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىپ قويماقچى بولدۇم.ئۇلار بىلەن ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كېيىن،ئاپامغا ئۇ ئايال توغۇرلۇق سۆزلەپ بەردىم.ئاپام گەپلىرىمنى ئاڭلاپ ھۇدۇقۇپ كەتتى،ئاپام ماڭا ئاچچىقلاپ سۆزلىگىلى تۇردى:"مېنىڭ گېپىمنى نېمىشقا ئاڭلىمايسىز؟ تۇنۇمايدىغان ئادەم بىلەن نېمىشقا بىللە ياتاق ئالىسىز؟ مەن سىزگە پويىز ئىستانسىنىڭ ئەتراپىدىكى ياتاقلاردا ياتماڭ دېگەنغۇ؟ بىر ئايال ئۆزى يالغۇز ئىككى بالىنى ئەگەشتۈرۈپ يات شەھەردە نېمە ئىش قىلىدۇ؟نېمىشقا  گەپ قۇلاقتا تۇرمايدۇ ؟" دەپ سـۆزلەشـكىمـۇ پـۇرسـەت بەرمەي قايناپلا كەتتى. ئاپامغا  ئەنسىرىمەي بىردەم تۇرۇپ تۇرۇشىنى تاپىلاپ قويۇپ تېلفۇننى قويىۋەتتىم.ئاپامنىڭ ئارتۇقچە  باشقىلاردىن گۇمانلانغىنىدىن كۆڭلۈم رەنجىپ قالدى . شۇنداقتىمۇ ئۇ ئايالنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ بېقىش ئۈچۈن سىرىتقا قاراپ ماڭدىم. سىرىتقا ئەمدى چىقىپ تۇرىشىمغا ئۇ ئايالنى يىراقتىن كۆرۈپ قالدىم.ئۇ ئايال بىر خەنزۇ بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى."ئەمما ئۇ ئايال خەنزۇچە بىلمەيدىغان تۇرسـا ؟؟؟ " نېمە ئىش بولغانـلىـقىنى بىـلىـپ بېقىش ئۈچۈن ئۇ ئايال  تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.....




      داۋامى بار.........



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
subihtikiqeqak + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35042
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6352
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4492 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 09:31:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      داۋامىــــــــــــــى................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110780
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2603
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2014-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 09:42:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yehya يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 09:31 PM
داۋامىــــــــــــــى................

داۋامىنى تېزراق چىقىرىشقا تىرىشىمەن

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10861
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1509 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 11:25:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.  يىقىلىپ چۈشمەي ماڭاسىز جىمۇ ،ساق سالامەت بېرىپ ئا ئايالنىڭ قېشىغا ما ھىكايىنى بۇدا تولۇق بىر تۈگىتىۋىتڭە ....

جاھان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8283
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 11:43:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
na1an يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 09:42 PM
داۋامىنى تېزراق چىقىرىشقا تىرىشىمەن

مىھمان ، بۇ ھىكايىڭىزنى تۇلۇق يىزىپ بولغاندا ئاندىن ئۇقۇيمەن . ساقلىۋالدىم .
قالغىنىنى كىلەر ھەپتە يازامسىز .

(كونتاكىت ھامبورۇك بولكىسى) نىمە دىگەن داڭلىق .

ھەمبەھىرىمنى كۈرۈڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1075
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3842
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 970 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 01:22:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى قېنى ؟

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2527
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1846 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 01:32:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم    ھىكايىنى  يېزىپ بولغاندا        ئۆھۆ  دەۋېتىڭە   ،       شۇ زامان يۈگىرەپ كىرەي   .                         

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95628
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1116
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 01:39:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالداامچىكەندە ئۇ خوتۇن.

سەن ئادەم ئارقىلىق ھەقنى ئەمەس،ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110975
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 217
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2014-11-17
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 02:20:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىپ ئوقۇۋاتسام تۈگەپكەتتىيا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110975
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 217
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2014-11-17
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 02:21:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىپ ئوقۇۋاتسام تۈگەپ كەتتىيا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش