مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6675|ئىنكاس: 52

نوركا چېيى(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1067
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5029
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 06:43:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

13L395463-4143_副本.jpg


ئەتتىگەن ئىشخانىغا شۇنچە ياخشى كەيپىياتتا كىرگەن ئېدىم ئەمما كەلگەن بىر تېلىفۇن بىلەنلا كەيپىياتىم لاي سۇغىلا ئوخشاپ قالدى .
مۇشۇ بىز ئاياللارنىڭ نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرىمىزدىن نۇرغۇن ئەرلەر سۆيۈنسىمۇ ، ئەمما بەزى بىر تەرەپلىرىمىز ئۇلارنىڭمۇ دېتىغا ياقماي قېلىۋاتىدۇ . بۇ ئىشلارنىڭ مەنبەسى نېمە دېگەندە يەنىلا شۇ بىزدىكى << مودا >> ئېقىمىغا ئايىقىمىز بىلەنلا سەكرىگەنلىكىمىز . مۇشۇ چاي دېسە ، قېنى دەپ بېقىڭلار، مۇنبەردىكى خانىم -قىزلار قايسىڭلارنىڭ ئەرلىرى قوش قوللاپ قوللايدۇ ؟ مېنىڭ يولدۇشۇممۇ بۇنىڭغا قارشى . شۇڭا ئىلگىرى قوللىمىسىمۇ ، بىر تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئۇنى ئىۋاشقا كەلتۈرۈپ ئايدا بىر ياكى ئىككى چاي ئوينايتتىم . ئەمما بالىلىق بۇلۇپ مەسئۇليىتىمىز ئېغىرلىغاندا  شۇنى ھېس قىلىپ قالدىمكى بۇ بىر ۋاقىت ، زېھىن ئىسراپچىلىقى ئىكەن . شۇڭا ئويناۋاتقان چايلىرىمدىن قول ئۈزگىلىمۇ خېلى يىللار بۇلۇپ قالغان . ئەمما بۈگۈنكى بۇ تېلىفۇن مېنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرۇپ قويدى ؛
ـــــ ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز تۇرسۇنئاي  ، ئۇزۇن بوپتۇ ئالاقىمۇ قىلىشمىغىلى ؛
ـــــ ۋەئەلەيكۇم - ئەسسالام . زەينۇرمۇ سىز ؟ ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ شۇنى دەڭە ، خېلى ئۇزۇن بوپتۇ بىز كۆرۈشۈپ باقمىغىلى ، مەھەللىدىن كۆچۈپ كەتكەندىن بېرى سىزنى تۈزۈكرەك ئۇچۇرتۇپ باقماپتىمەن .
ــــ ۋاي شۇنى دەڭە ! سىز شۇ باللىرىم دەپلا ماۋۇ خۇشنىلار چېيىدىنمۇ چىقىۋالدىڭىز . چاي ئوينىمىسىڭىز مۇشۇنداق كۆرۈشەلمەي قالىدىغان ئىشكەن . ئەمدى باللىرىڭىزمۇ چوڭ بۇلۇپ قالدى ، كېلەر ئايدىن باشلاپ <نوركا >چېيىنى باشلايلى دېيىشكەن . شۇڭا سىزنىمۇ ئوينامدىكىن دەپ تېلىفۇن قىلىشىم ئېدى .
ــــ ھە مۇنداق دەڭ ، ئوينىسامغۇ ياخشى بۇلاتتى ، ئەمما يەنە شۇ باللىرىمنى تاشلاپ قۇيالمايمەن ،   چوڭ قىزىم تۇلۇقسىزغا چىقتى ، كىچىكلىرى بىرىنچى سىنىپقا كىردى . كۈندە شۇ بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ،ئەكىلىپ ، خىزمەت قىلىپ بوش ۋاقتىمىزمۇ چىقمايدۇ . ھازىرقى بالىلارنىڭ تاپشۇرىقىنىڭ جىقلىقىنى بىر دېمەڭ .
ــــ دېمەك ئوينىمايمەن دېمەكچىمۇ خوشنام ؟
ــــ ھەئە ، ئوينىيالمايمەن .  توغرا چۈشەنگەن بولسىڭىز .
ــــ ۋاي خۇدا  ، ئالدىنقى قېتىملىق <خىرىستال > ، < ئالتۇن > چايلىرىمىزغىمۇ شۇنداق باھانە بىلەن قاتناشمىغان ئېدىڭىز ، بۇداقىسىغىمۇ قاتناشمايمەن دېسىڭىز ، ئەمدى سىزنى خوشنىدارچىلىقى يوقكەن دەپ قالىمىز . يا بىزنى ياراتمامسىز بىلمىدۇق ؟!
ــــ ۋاي ھەرگىز ئۇنداق ئويلىماڭ ، مېنىڭمۇ سىلەر بىلەن بىرە كۈن مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرۇپ كەلگىم كىلىدۇ . ئەمما شۇ سىزمۇ بىلىسىز ، يولدۇشۇم سىرتتا ئىشلىگەچ كۈندە ئۆيگە كىلىپ بۇلالمايدۇ . شۇڭا ئۈچ بالىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ بولغۇچە كۈنلەرنىڭ قانداق ئۆتۈپ كىتىۋاتقىنىنىمۇ سەزمەي قېلىۋاتىمەن . راستلا سەت بولدى زەينۇر ، كېيىنكى چايلىرىڭلارغا قوشۇلۋالارمەن .
ــــ ۋاي ئۇنداق دېمەي ئوينىڭە ، بۇداقىسى باشقا چايلارغا ئوخشۇمايدۇ ، نوركىنىڭ چىشىنى چاقىدىغان چاي بۇ ، مۇشۇنداق چاي ئويناپ كىيىۋالمىساق ئۇ نوركىنى ، ئاۋۇ ئەرلىرىمىزنىڭ ئېلىپ بېرىشىغا قاراپ ئولتۇرساق ، ئۆمۈر بويى كىيەلمەيمىز . ئوتكەنكى ئالتۇن چېيىمىزدىمۇ ، چايدىكى ئونىمىز ئالتۇنلۇق بۇلۇپ قالدۇق . مۇشۇنداق باھانە سەۋەپ بىلەن كۆزىمىزنى يۇمۇپلا ئالمىساق ، باشقىلارنىڭكىگە قاراپ ھەۋەس قىلىپلا ئولتۇرامدۇق خوشنام !  ئەمدى ئۇنىمىسڭىز خوشنىلارنىڭ ھەممىسى سىزدىن راسلا رەنجىپ قالىدۇ ، بۇ يىل ئوغلۇنى ياتقۇزىدىكەن دەپ ئاڭلىدىم سىزنى ، ناۋادا بۇداقى چايدىن چۈشۈپ قالسىڭىز ، ئوغلۇڭىزنىڭ خەتمە تويىدا كىم سىزگە ساھىپخان بۇلۇپ ياردەملىشىپ بېرىدۇ . بۇلارنىمۇ ئوبدان ئويلىشىپ قۇيۇڭ .
   خوشنامنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئىچىمدە توۋا دېدىم ، ئەمدى بىزنىڭ خوشنىدارچىلىقىمىزمۇ مۇشۇنداق تۈگۈمەس  چاي ئارقىلىقلا ئۆز خاسلىقىنى تاپامدىغاندۇ ؟ ئىلگىرىكى خوشنىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە  ، پەقەت ئىسسىق دەملەنگەن بىر چەينەك چاي بىلەنمۇ قېرىنداشتىنمۇ يىقىن بۇلىشىپ كېتەتتۇققۇ ؟! ئەجىبا بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇ چاينى ئوينىمىسا ، ھېچ ئىش باشقا چىقماسمۇ ؟ ! ...
نۇرغۇن سۇئال كاللامدا پەيدا بۇلىشقا باشلىدى ، خوشنام زەينۇر يەنە بىر مۇنچە بىر نىمىلەرنى دەپ چۈشەندۈرۈپ ھاردى بولغاي ؛
ــــ ماقۇل ئەمىسە ، ئوبدانراق ئويلىشىپ باقارسىز ، مەن يەنە تېلىفۇن قىلىمەن ، ئەڭ ياخشىسى بۇدا سەپتىن چۈشۈپ قالماڭ ، بولمىسا چوقۇم پۇشايمان قىلىپ قالىسىز ،- دېدى .
مەن ئوھسىرىغان ھالدا تېلىفۇننى قويدۇم . . .

مېھرىيە يازمىسى .




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-27 10:49 PM  


تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73477
يازما سانى: 686
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4903
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2012-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 09:00:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاي ئويناپ نوركا پەلتۇ كىيدىغان گەپ.تۇۋا.......

يۇزۇڭنى قايىسى تەرەپكە قاراتساڭ ئاللاھ شۇ يەردۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97341
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 214
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-8-28
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 09:00:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخشام تىخى بۇ ئائىلىگە قاراڭ دىگەن كىنونى كۆرۇپ ئولتۇرۇپ  ئابدۇكىرىم ئابلىز بىلەن خانسىيەت قۇرباننىڭ قۇلقىدىن تۇتۇپ نەچچىنى سۆيۇۋەتكىم كەپكەتكەن ئىدى ،شۇنىڭدىمۇ مۇشۇ چاي توغۇرلۇق تەربىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە مەزمۇنلارنى سۆزلىگەن ئىدى ، ھەم مۇشۇ چاي ئويناپ ئۆزىنى بىلەلمىگەن كىسپۇرۇش خوتۇنلا ئۆزىنى كۆرگەندەك بولغانمىدۇ دەيمە ...............


ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12384
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32428
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 09:12:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى چىققان چاي تۈرى ئوخشىمامدۇ بۇ؟

قاتار چايسىزمۇ بولىۋاتقان ئادىمەتچىلىكلەر ئادەمنى بەك ھارغۇزۇپ قويىۋاتىدۇ،نېمانداق قائىدە -يوسۇنلىرىمىز جىقتۇ بىزنىڭ....؟

ياخشى قامچىلاش بوپتۇ يازمىڭىز.......


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

دۇنيانى مېھىر-مۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7491
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11219
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 685 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 10:05:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zubayra1 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 09:00 PM
ئاخشام تىخى بۇ ئائىلىگە قاراڭ دىگەن كىنونى كۆرۇپ ئولتۇ ...

ۋاي مەنمۇ  نەچچە كۈندىن بېرى تېلۋۇزۇرنى ئانچە كۆرۈپ كەتمەيتىم ،ئەمما  ئىقتىساد -تۇرمۇش قانىلىىدا قۇيۇلىۋاتقان   « بۇ ئائىلىگە قاراڭ»  دىگەن  بۇ فىلىمدىن ،شۇنچىلىك سۈيۈندۈم ،
ئۆزۈمچە ئويلاپ قالدىم ، بۇنداق فىلىممۇ  يارىشىدىكەنغۇ .

ھەققىمدە نىمىلەرنى ئويلىساڭ ، ساڭا ئىككى ھەسسىلەپ بولسۇن .

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10843
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 10:18:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ چاي دىگەننى ئاياللار ئاجايىپ ئوينايدىكەنغۇ زادى.... توۋا..........

ئىككى كۈن ئالدىدا ئاغىينەمنىڭ دوكىنىغا بارغان ئىدىم، ئاغىينەم بەكلا ئالدىراش ئىدى،  ئىككى ئايال كىرىپ ماۋۇ جەدىۋەلنى چىقىرىپ بەرسەڭلار دىگەنتى، ئۇ جەدىۋەلنى مەن ئۇرۇپ بەردىم، 21 ئادەمنىڭ تىزىملىكى ۋە تېلفۇن نومۇرى ئىكەن،،، قارىغاندا قاتا چاي ئوينايدىغانلاردەك قىلىدۇ.........   شۇلارنىڭ ئەرلىرى شۇلارنى توسمامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.......

يوقارقى ئىسىملار........   مەن چىقىرىپ بەرگەن شۇ جەدىۋەلدىكى ئىسىملارغا ئوخشاپ تۇردىيا

ئاقسۇدىن ئەمەسسىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟    سىزمۇ بۇ قاتا چاينىڭ خاتا چاي ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىپسىز، مۇشۇ يازمىڭىز ئارقىلىق بىرقىسىم ئاياللىرمىزمۇ ھۇشىنى تېپىشى مۇمكىن


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109197
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2014-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 10:30:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىنساپسىز ئادەمنىڭ كۆڭلى قارادۇر،
نادان ۋە ئاچكۆزلەر ئەلگە بالادۇر.
ئىناقلىق بولمىغان قەۋم ئۇ ھامان،
ئاخىر قان يىغلاپ دەردتە قالادۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5404
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 11:25:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[quote]zubayra1 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 09:00 PM
ئاخشام تىخى بۇ ئائىلىگە قاراڭ دىگەن كىنونى كۆرۇپ ئولتۇرۇپ  ئابدۇكىرىم ئابلىز بىلەن خانسىيەت قۇرباننىڭ قۇلقىدىن تۇتۇپ نەچچىنى سۆيۇۋەتكىم كەپكەتكەن ئىدى ،شۇنىڭدىمۇ مۇشۇ چاي توغۇرلۇق تەربىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە مەزمۇنلارنى سۆزلىگەن ئىدى ، ھەم مۇشۇ چاي ئويناپ ئۆزىنى بىلەلمىگەن كىسپۇرۇش خوتۇنلا ئۆزىنى كۆرگەندەك بولغانمىدۇ دەيمە ...............بۇ quote]
..........................................................................................
ئابدۇكىرىم ئابلىزنى سۆيىۋالسىلا بوممايتىيا!

چىرايلىق خوتونى بايا ئۇ ئادەمنىڭ. سىلىنىڭ سۆيگىدەك ئەرلىرى يوقما خىنىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-27 11:25 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97341
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 214
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-8-28
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 11:36:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 11:25 PM
[quote]zubayra1 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 09:00 PM
ئاخشام تىخى بۇ ئائ ...

ۋاي خوتونى بارلىقىنى بىلمەپتىما ئەمەسما يوۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ ئەمدى بىلىۋالدىم رەھمەت جىما ھاجىقارى شەپقەتلىرىگە شاپاق دوپپاااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااادەيمە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1028
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3712
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 01:30:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز .
ئايالىنى باشقۇرالمايدىغان باشلىقلار كۆپ ھازىر . گەپ قىلىڭ دىسە گېپى چوڭ .
خۇتۇن ، قىزىغا گېپى ئۆتمەيدۇ .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش