چەتئەلگە چىقىپ داۋالىنىش تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇقلارنىڭ تاللىشى بولۇپ قالدى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 `' l' e% o- [4 x$ m$ ^! h3 L, z; ]
ۋال كوچىسى گېزىتى تورى مەخسۇس ماقالىسى: 2012-يىلى، لىن تاۋغا بويۇن ئومۇرتقىسى ئۆسمىسى دەپ دىياگنوز قويۇلدى. خاڭجۇدىكى دوختۇر ئۇنىڭغا جۇڭگودا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئومۇرتقا ئۈگىسىنى ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت پەقەت بىرلا تاللىشى بارلىقىنى ئېيتتى،ئەمما ئوپېراتسىيەنىڭ مېيىپ قىلىپ قويۇش خەتىرى بار.
لىن تاۋ ۋە ئۇنىڭ ئايالى باشقا بىر يولنى تاللىدى.
بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن سان فرانسىسكوغا كېلىپ، كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سان فرانسىسكو تارماق مەكتىپى تېبابەت مەركىزىدە 70 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ كېسەل داۋالاتتى. بۇدوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى لىن تاۋغا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئەمەس، بەلكى رادىئوئاكتىۋلىق داۋالاش قىلىش تەكلىپىنى بەردى. ھازىر ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۆسمە ئاللىقاچان يوقالغان، ئۇ يول مېڭىش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان.
بۈگۈنكى كۈنىدە، بارغانسېرى كۆپلىگەن جۇڭگولۇقلار چەتئەلگە چىقىپ داۋالانماقتا، بۇ بىمارلارنىڭ كېسىلىنى جۇڭگودا داۋالاشتا ئامال كەمچىل ياكى داۋالاش نەتىجىسى ياخشى ئەمەس. لىن تاۋ ئۇلارنىڭ بىرى خالاس. كەلگۈسىدە، بۇ خىلدىكى «داۋالانغۇچى ساياھەتچىلەر»نىڭ سانى داۋاملىق ئېشىشى مۇمكىن.
بېيجىڭدىكى سائىنت لۇسىيا دوختۇرخانىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مەسلىھەت بېرىش چەكلىك شىركىتى دېيىشىچە، بۇخىلدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسىمىدا ساياھەت ۋىزىسى بولۇپ، ۋىزا بېجىرىش ئۈچۈن يۈز تۇرانە سىناق ئالغاندا ئۇلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ ساياھەت قىلىشتىكى ھەققىي مۇددىئاسىنى ئېيتمايدىكەن.
ئۆتكەن 10يىلدا، جۇڭگودىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قاتلىمى جەنۇبىي كورىيەگە ھەرىدەك يوپۇرلۇپ بېرىپ ھۆسۈن تۈزەتتى، شىياڭگاڭ ۋە ئامېرىكىغا بېرىپ بالا تۇغدى. ياپونىيە ۋە سىنگاپور كېسەل تەكشۈرتىشتىكى دائىملىق بارىدىغان جايى بولۇپ قالدى.
ئامېرىكا دوختۇرخانىسى ھەمدە چەتئەلدىكى داۋالىنىش مۇلازىمىتى ۋاسىتىچىلىقى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان كېسەل بولۇپ قالغان بارغانسېرى كۆپلىگەن بىمارلار چەتئەلدە داۋالىنىش پۇرسىتى ئىزدەشكە باشلىغان.
مىننېسوتا ئىشتاتى روچېستېرغا جايلاشقان مايو شىپاخانىسى دېيىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا جۇڭگودىن داۋالىنىشقا كەلگەنلەر سانى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان. مەزكۇر شىپاخانا ھازىر بىر خەنزۇچە تور بەت ئاچقان ھەمدە بىر قىسىم تەرجىمانلارنى قوبۇل قىلغان.
مايو شىپاخانىسى خەلقئارا بۆلىمىنىڭ داۋالاش باش نازارەتچىسى مايكول پرىتو (Mikel Prieto)نىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە جۇڭگو بارلىق دۆلەتلەر ئىچىدە داۋالىنىشقا كېلىدىغان بىمارلار سانىنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز بازار بولۇپ قالغان. ئۇ كونكرېت سانلىق مەلۇماتنى تەمىنلەشنى خالىمىدى.
كالفورنىيەئۇنىۋېرسىتېتى سان فرانسىسكو تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ تېبابەت مەركىزى دېيىشىچە، ئۆتكەن نەچچە يىلدا جۇڭگودىن داۋالىنىشقا كەلگەنلەر سانى ھەر يىلى %25 دىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشقان. ماسساچۇستېس باش دوختۇرخانىسى مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل جۇڭگودىن كەلگەن داۋالانغۇچىلار سانى بۇلتۇرقى 40 ئادەمگە قارىغاندا بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان.
جۇڭگودادوختۇرخانىنىڭ پايدا ئالمىقى تەس. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سەھىيەئىنىستىتۇتىنىڭ ئىقتىساد پروفېسسورى ۋىللىيام خسىئا (WilliamHsiao)نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو دوختۇرلىرىنىڭ پاراۋانلىقى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتى ئارقىلىق كىرىم قىلىدىكەن، رېتسىپلىق دورا يېزىپ بېرىش ئارقىلىق شېرىنكانە ئېلىش ئۇسۇلى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىكەن، بۇ بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر خىل ئېكسپىلاتاتسىيە. شىياۋ چىڭلىن ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان جۇڭگونىڭ سەھىيە ئىسلاھاتى تەتقىقات دوكلاتىنى يازغۇچىلارنىڭ بىرى.
ئوپېراتسىيەگە تايىنىش، دورا باھاسىنىڭ ئۆسۈش ھەمدە مۇرەككەپ دىياگنوز سىنىقى بىمارلارنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇۋەتتى، بىرلا ۋاقىتتا دوختۇر-بىمار ماجىرالىرىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دوختۇرنىڭ خاتا دىياگنوز قويۇپ قويىشىغا قارىتا بىر قىسىم بىمارلار زوراۋانلىق ۋاسىتىسى قوللاندى. جۇڭگو دوختۇرخانىلار جەمئىيىتىنىڭ 2013-يىللىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئاساسلانغاندا،جۇڭگونىڭ نۇرغۇن دوختۇرلىرى ئۆزىنىڭ بىمارنىڭ تەھدىتى ياكى تىل-ئاھانىتىگەئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جۇڭگو-ياۋروپاخەلقئارا سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ سەھىيە باشقۇرۇش ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سەي چىياڭ:«قوللانغان بەزى داۋالاش تەدبىرلىرىنىڭ بىمارنىڭ نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىنمىغان، بەلكى ئىقتىسادىي مەنپەئەت نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىنغان، كېسەلنى مەركەز قىلغان داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى تېخى قۇرۇلمىدى» دېدى.
2013-يىلى جۇڭگونىڭ داۋالاش سەھىيە چىقىمى جەمئىي 820 مىليارد يۈەن (تەخمىنەن 133 مىلياردئامېرىكا دوللىرى) بولدى، 2012-يىلغا قارىغاندا %13 ئاشتى. مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئومۇمىي مالىيە چىقىمىنىڭ %5.8 نى ئىگىلەيدىكەن. مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى ماككىنسېي (McKinsey& Co) نىڭ مۆلچەرىگەئاساسلانغاندا، 2020-يىلغا بارغاندا جۇڭگونىڭ داۋالاش سەھىيە چىقىمى 1 تىرىلىئون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.
لېكىن،جۇڭگونىڭ غايەت زور نوپۇسى ھەمدە دىيابېت كېسىلى، يۈرەك كېسىلى ۋە راك كېسىلى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ كۈنسېرى ئېشىشىغا نىسبەتەن بۇ ساننى يەنىلا كالىنىڭ تۈكىچىلىك دېيىشكە بولىدۇ.
بايلىقىنىڭكۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگولۇقلار تېخىمۇ ياخشى داۋالىنىش مۇلازىمىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇل خەجلەشنى خالايدىغان بولدى. دۇنيا بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغائاساسلانغاندا، 2008-يىلدىن بۇيان جۇڭگولۇقلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان. بىراق، بېيىغان جۇڭگولۇقلار گەرچە قىممەتلىك تاۋارلارنى سېتىۋالالىسىمۇ، ئەمما يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالىنىش مۇلازىمىتىگە ئېرىشمىكى ئۇنچە ئاسان ئەمەس.
جۇڭگونىڭ مۇرەككەپ دوختۇرخانا باھالاش سىستېمىسىغا ئاساسلانغاندا، 1000 غا يېقىن دوختۇرخانا جۇڭگونىڭ مۇرەككەپ دوختۇرخانا باھالاش سىستېمىسىغا ئاساسلانغاندا، 1000 غا يېقىن دوختۇرخانا 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانا بولۇپ باھالانغان، بۇنىڭدا لىن ئەپەندى ۋەئۇنىڭ خانىمى كېسەل كۆرسەتكەن دوختۇرخانىمۇ بار. ئەمما دوختۇرخانىنىڭ دەرىجىسى ياخشى داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.
سەي پروفېسسورنىڭ دېيىشىچە، 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ خېلى كۆپ قىسىم بايلىقى كادىرلار ساغلاملىقى ۋە ئەمەلدارلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، چىقىمۇ تەننەرخ قاتارىدا ھېسابلانمايدىكەن. ئۇ:«بۇ رېئال مەسىلە» دېدى.
سائىنت لۇسىيا دوختۇرخانىسىنىڭ لېدىرى سەي چىياڭ:«ناھايىتى ھوقۇقدار كىشى بولسىڭىز ئاندىن جۇڭگودا ئەڭ ياخشى داۋالىنىشقا ئېرىشەلەيسىز، بولمىسا ئامالىڭىز يوق. ئەگەرپۇلىڭىزلا بار بولسا، جۇڭگودا بىر يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ مۇتەخەسسىسى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يەنىلا مۇناسىۋەتكە تايىنىشىڭىز كېرەك. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، جۇڭگو دوختۇرلىرىنىڭ ئۇنىڭغا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى ۋە كۆڭۈل بۆلىشى ناھايىتى چەكلىك» دېدى.
لىن تاۋ بىر سودىگەر، ئۇ ۋە ئايالى جۇ گۇڭيۈنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 5 سائەت ساقلىغان، نەتىجىدە دوختۇر پەقەت 5 مىنۇتلا كۆرۈپ، ئۇنىڭغا نەچچە ئون مىڭ خەجلەيدىغان ئوپېراتسىيەقىلدۇرۇش تەكلىپى بەرگەن.
سەي چىياڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2011-يىلى سائىنت لۇسىيانىڭ پەقەت نەچچە نەپەر خېرىدارى بولغان،2012-يىلى يۈزگە يېقىن خېرىدارى بولغان، 2013-يىلى مەزكۇر شىركەتنىڭ خېرىدار سانى يەنە بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشقان.
دەرۋەقە، پەقەت كۆپ پۇلى بار ئادەم ئاندىن سائىنت لۇسىيا ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان ئورگان شاڭخەي مېگا ساغلاملىق باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بۇ ئىككى شىركەت بىمارلارغا چەتئەلدا داۋالىنىدىغان دوختۇرخانا تېپىپ بېرىش چىقىمى 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا. بۇ چىقىم ھېچقانداق داۋالىنىش راسخوتىنى ھەم ئايروپىلان بېلىتى ياكى مېھمانخانا چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. داۋالىنىش چىقىمىنى بىمار چەتئەل دوختۇرخانىسىغا بىۋاسىتە تۆلەيدۇ. لىن تاۋ ۋە ئايالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، داۋالىنىش خىراجىتىدىن سىرت ئۇلار يەنە ئالاقىدار چىقىمغا 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلغان.
ئۆزىنىڭ پەقەت فامىلىسىنىڭ ۋاڭ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان باشقا بىر بىمار بېيجىڭدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانا ھەمدە ئۆزىنىڭ يۇرتى شەندوڭ جىنەندە 200 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ، ئىككى يېرىم يىلغا يېقىن ئۆپكە راكى كېسىلىنى داۋالاتقان، كېيىن ئامېرىكىغا كەلگەن. راك ھۈجەيرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، 49 ياشلىق ۋاڭ خانىمنىڭ جۇڭگودا ھېچقانداق تاللىشى قالمىغان، ئۇ سائىنت لۇسىيا شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق 2014-يىلى 7-ئايدا ماسساچۇستېس باش دوختۇرخانىسىغا بېرىپ داۋالانغان.
ئۇنىڭ ئامېرىكىدا داۋالىنىشى رادىيوئاكتىۋلىق داۋالاش ۋە خىمىيەلىك داۋالاشنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ، ھازىرغا قەدەر 270 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلدى. ۋاڭ خانىم ۋە ئېرى ھۆكۈمەت قارمىقىدا خىزمەت قىلىدۇ، ئۇلار يىغقان پۇللىرىنى ئىشلىتىپ بولدى، يەنە بىر يۈرۈش ئۆيىنى سېتىۋەتتى، نۆۋەتتە تۆت ئەتراپقا قاتراپ پۇل ئۆتنە ئالماقتا.
ئۇ:«مەن دوختۇرۇمدىن ئىنتايىن مىننەتدار. ئەمما مەن ئامېرىكىنىڭ داۋالاش خىراجىتىنىڭ بۇنداق يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن» دېدى. ھازىر ئۇنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك بولىدىغان بولمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش تېخى بالدۇر.
سائىنت لۇسىيانىڭ دېيىشىچە، ئەجەللىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئۇلارنىڭ خېرىدارلىرى ئىچىدە %80 نى ئىگىلەيدىكەن. ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغانلىرى ئۆپكە راكى، سۈت بېزى راكى ۋە قارا پېگمېنت ئۆسمىسى قاتارلىقلار ئىكەن. ئامېرىكا داۋالىنىشتا ئالدىن ئويلىشىدىغان جاي، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. سەي چىياڭنىڭ دېيىشىچە، چەتئەلگە چىقىپ كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن100-150 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولىدىكەن، ئەمما بەزى ئەھۋاللاردا داۋالىنىش خىراجىتى700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ماسساچۇستېس باش دوختۇرخانىسى خەلقئارا كېسەللەر مۇلازىمەت بۆلىمىنىڭ داۋالاش باش نازارەتچىسى ئاندرېۋ ۋارشاۋنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگونىڭ داۋالاش سىستېمىسى دۇچ كەلگەن خىرىس چەتئەلگە چىقىپ داۋالىنىش ئىقتىدارى بارلىكى بىمارلارنىڭ باشقا تاللاش لايىھەلىرىنى ئويلىشىۋاتقانلىقدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بىر قىسىم بىمارلار جۇڭگودا دەسلەپتە داۋالانغاندا داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولمىغانلىقتىن، ئامېرىكىغا كېلىپ ئىككىنچى باسقۇچلۇق داۋالاشتا بولغان.
دۆلەتلىك راك كېسەللىرى مەركىزى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودا ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن راك كېسىلى بىمارى 3 مىليون 90مىڭ بولغان، راك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم 1 مىليون 960 مىڭغا يەتكەن. ئامېرىكا راك كېسلى جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلى ئامېرىكىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن راك كېسىلى بىمارى 1 مىليون 670 مىڭ بولۇپ، راك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم 590 مىڭ بولغان.
2014-يىلى5-ئايدا، جۇ يۈگۇاڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىر مۇنبەردە يازما يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكىدا كېسەل كۆرسىتىش سەرگۈزەشتىسىنى بايان قىلدى. بۇ يازما جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي مېدىيەلىرىدە تارقالغاندىن كېيىن، ئۇ دۆلەت ئىچىدىن تەپسىلاتىنى دەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان نەچچە يۈز ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان. ھەم بىر قىسىم كىشىلەر ئۇلارنىڭ قارارىنى تەنقىد قىلغان، ئۇ ئەسلىدە تېخىمۇ ئاز پۇل خەجلەپ ئېرىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتالايتتى، دېيىشتى.
جۇ يۈگۇاڭنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىدا كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن خەجلىگەن پۇلى ئەرزىيدىكەن، لىن تاۋنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان، دوختۇر رادىئاكتىۋلىق داۋالىغان، زۆرۈربولمىغان داۋالاش ۋاسىتىسىنى قوللانمىغان.
ئۇ:«ھېچ بولمىغاندا ئېرىمنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ھەم پەقەت نەچچە تاللا دورا يېدى خالاس» دېدى.
تەرجىمىدە:ئوكيان تورى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ X: x: K5 w( K2 `- D; R0 Wبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ d+ U: A7 h T* H! n+ G. c
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-27 04:02 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ ]( `8 E. r5 D7 W: G3 u T0 K Y
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 ?5 u, d& K0 j3 a, b% j/ H