پۇتىن: رۇسسىيەنى بوزەك قىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس
ئۇكرائىنا كرىزىسى پارتلىغاندىنبۇيان، رۇسىيە بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلاشتى، رۇسىيە پرېزىدېنتىپۇتىن بۇ يامانلىشىشنى غەرب ئەللىرىدىن كۆردى ۋە رۇسىيەنى «تۆمۈر پەردە» ئارقىسىدايېتىم قالدۇرۇلۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالدىنقىھەپتە رۇسىيە TASS ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇلقىلغان پۇتىن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەرب ئەللىرىنىڭ ئىمبارگوسى، رۇبلىقىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە نېفىت باھاسىدىكى چۈشۈش، رۇسىيە ئىقتىسادىغا ئاپەت ئېلىپكېلەلمەيدۇ.
ئامېرىكابىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە يۇتىۋالغان قىرىم يېرىم ئارىلىغا قارىتا ئىمبارگويۈرگۈزگەن ئىدى. موسكۋا ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنا شەرقىدىكى بۆلگۈنچىلەرنى قوللىغاندىنكېيىن، بۇ خىلدىكى ئىمبارگونىڭ سالمىقى تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى.
خەۋەردە يەنەپۇتىننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: «تۆمۈر پەردىنىڭ بىزگە قانچىلىك زەربەبولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا، بىز بۇ يولغاماڭمايمىز، ھېچكىمنىڭ بىزنى يېتىم قالدۇرالىغۇدەك تام سوقالىشى مۇمكىن ئەمەس»دېيىلدى.
ئۇكرائىنامەسىلىسى سەۋەبلىك، رۇسىيە ۋە غەربنىڭ مۇناسىۋىتى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىنبۇيانقى ئەڭ ناچار ھالغا چۈشۈپ قالدى، 4-ئايدا ئۇكرائىنانىڭ شەرىقى قىسىمىداپارتلىغان قانلىق توقۇنۇش ھازىرغا قەدەر 4300 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
غەربنىڭبېسىمى ئاستىدا قالغان پۇتىن: «ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭمەنپەئەتىنى نەزەرگە ئالمىدى» دەپ ئەيىبلىدى.
پۇتىن يەنە:«رۇسىيە ئۆز خەلقىنى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدىماقچى بولغاندا، غەربلىكلەر ئەھۋاليامانلاشتى دەپ قارايدۇ، سىزنىڭچە بۇنىڭغا ئۇكرائىنا شەرىقى رايونىدىكى كرىزىس ۋەقىرىم ئارىلىغا تۇتقان مەيدانىمىز سەۋەبچىمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! ئەگەر بۇئىككى ئىشقا بولغان مەيدانىمىز بولمىغاندىمۇ، ئۇلار باشقا ئىشنى باھانە قىلىشاتتى،ئۇلارنىڭ باھانىسى كۆپ» دېدى.
نېفىت باھاسىۋە ھوقۇق
ئىمبارگوسەۋەبلىك رۇسىيەنىڭ ئاجىز ئىقتىسادى زەربىگە ئۇچرىدى، رۇبلىنىڭ كۇرسى چۈشتى. بۇيىلدىن بېرى رۇبلىنىڭ كۇرسى چۈشتى، نېفىت بولسا رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق ئېكسپورتتاۋارلىرىدىن بىرى، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى رۇسىيە ئۈچۈن «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگەتەپمەك» دېگەندەك ئىش بولدى.
«ئەگەرنېفىت باھاسى قەستەن چۈشۈرۈلگەن بولسا، باھا چۈشۈرگەنلەرنىڭ ئۆزىگىمۇ زەربەبولىدۇ» دېدى پۇتىن، ئۇ يەنە، «ئامېرىكا ۋە سەئۇدى قاتارلىق ئاساسلىق نېفىتئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر رۇسىيەگە زەربە بېرىش ئۈچۈن تىل بىرىكتۈرۈپ، نېفىتباھاسىنى چۈشۈردى» دېدى.
پۇتىن:«ئامېرىكا سلانېتس نېفىتى، لىۋىيە ۋە سەئۇدى، يەنە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر ۋەئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرىنىڭ قاراڭغۇ بازاردىكى سودىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشقانتەمىنلەشتىكى زىيادىلىك، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەب بولدى» دېدى.
رۇسىيەئىقتىسادىنىڭ تۇرغۇنلۇققا پېتىپ قېلىشى قاتارلىق مۇمكىنچىلىكى بولغانئاقىۋەتلەرگە، پۇتىن ئانچە ئېرەن قىلمىدى.
«نېفىتباھاسىنىڭ چۈشۈشى ۋە رۇبلى كۇرسىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئاپەتخاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ زىيىنىنى ھەممە كىشى تارتىدۇ. ئىمبارگونىڭ بىز ئۈچۈنلابېسىم بولۇشى مۇمكىن ئەمەس!» دېدى پۇتىن.
پۇتىن2018-يىللىق سايلامدا پرېزىدېنتلىقنى يەنە تالىشىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىنكار قىلمىدى،ئەمما ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇش ئۈمىدى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
مەنبە خەۋەرلەر تورى، شەرق ۋاختى پىروگىراممىسى