غەزەللەر
1
مېنى كولدۇرلىتىپ دەسلەپ ئۆزۈڭ شەيتانغا ساتقانسەن،
شۇئان كۆكسۈمگە قىيماي ئوق قىلىپ ئىشقىڭنى ئاتقانسەن،
مېنى ئازدۇردى ،دەپ ئاتسام ئەگەر شەيتانغا بىر پەشۋا،
ماڭا قۇدرەتنى كەم قىلدىڭ، ھامان پەنجىمگە قاپقانسەن،
ئەجەب ساتتا مېنى، دەپ گەر سېنى قىلماقچى مەن رەسۋا،
سېنى تەڭرى ياراتتىم ھەم مېنى ئىنسان ياراتقانسەن.
غورۇر تاغىدا سەب بىرلە تالاشسام گەر مەقامداشلىق،
بۇ بىر ھېكمەت: مېنى باشتا بالا نەپسىمگە چاتقانسەن.
ئۆزۈم كىم دەپ سۇئال قويسام ،سۇئال ئەپقاچتى بارىمنى،
نىچۈن بەندەڭنى خار ئەيلەپ سۇئاللارغا بۇلاتقانسەن؟
ئۆزۈم يىتكەن تۇرۇپ ئەمدى سېنى قانداق تاپاي تەڭرىم،
ئۆزۈڭنى بەندىسىز ئەيلەپ ئەنە شۇنداق يوقاتقانسەن.
2
ئانامدىن بىر تۇغۇلدۇم، تەڭرىدىن مىڭ رەت تۇغۇلماق بار،
زاكامغا بىر بوغۇلدۇم، مىڭ سۇئاللارغا بوغۇلماق بار.
ئۆزۈمنىڭ يوقلىقىن بار ئەيلەمەكتۇر بىر ئۆمۈر مەقسەت،
ھاياتمەنكىم بۇ سەۋدادىن ماڭا قاي دەم قۇتۇلماق بار؟
بۇ سەۋدادىن قۇتۇلسام ئۆزگە بىر سەۋدا مېنى تۇتقاي
مەسەل بار:«قاچسا يولۋاس بۆرىگە تەكرار تۇتۇلماق بار».
ماڭا يول-يولدا قاپقان بار،ھامانە قاچقىنىم قاچقان،
بۇ تاغدىن ئاتلىسام گەر ئۆزگە بىر تاغقا سوقۇلماق بار.
ئۆزۈمنىڭ بارلىقىمنى گەر ئىجاد ئەتسەممۇ توختاۋسىز ،
رەھىمسىز شۇ ئەجەلنىڭ قارچۇغاسىغا چوقۇلماق بار.
3
تۇغۇم بىرلە ئۆلۈم جۈپ ئوۋچى بىزنى خامتالاش ئەتكەي،
تۇغۇم تۇرمۇشنى ئەيلەپ بىر قازان بىزلەرنى ئاش ئەتكەي.
تۇغۇم مىڭ قەبرىنى باشلاپ مېنى قورشايدۇ ھەرياندىن،
تۇغۇم يەڭمەككە قورشاۋنى سېنى مىڭ پارچە تاش ئەتكەي.
ئۆلۈم بولسا بۇلۇت،بىزدىن تۇغۇم دەرھال ياسار چاقماق،
ئۆلۈم زۇلمەت بولۇپ كەلسە تۇغۇم بىزنى قۇياش ئەتكەي.
ئۆلۈم تولدۇرسا نەپرەتكە كۆڭۈلنىڭ بەزمىگاھىنى،
تۇغۇم ساھىبجامال يوقلاپ سۆيۈمگە ئايرىباش ئەتكەي.
ئۆلۈم قۇتراپ ھاياتقا بىمەھەل سوزغاندا چاڭگالنى،
تۇغۇم بىزگە ئىرادە بەخش ئېتىپ ياۋنى ياۋاش ئەتكەي.
ئۆلۈم -نەققاش، چېكەردە نەقىشنى گۈلبەرگى ماڭلايغا،
تۇغۇم نەققاشقا بىر پەشۋا ئۇرۇپ بىزلەرنى ياش ئەتكەي.
ئۆلۈم رەڭۋاز سۈپەت نەيرەڭ بىلەن غەپلەتتە قالدۇرسا،
تۇغۇم باشقا ئۇرۇپ تاك-تاك ئۆلۈم سېھرىنى پاش ئەتكەي.
ھامان جۈپ ئوۋچىنىڭ جەڭگاھىدا ئوۋدەك بېرەرمىز جان،
بۇ تەننى قەبرىلەر يۇتقاي، زېمىن بىزنى ھاپاش ئەتكەي.
4
ماڭا ئادەملىكىم لازىم ئەگەر شەيتان ياساپ قويساڭ،
ماڭا تۇپراقلىق ئەۋزەلدۇر ،مېنى ئاسمان ياساپ قويساڭ.
مەقامىڭدىن كېچىپ بەرمەيلا قوي مىڭ-مىڭ خۇدالىقنى،
ماڭا ئىنسانلىقىم شەرۋەت سۇنار،ئىنسان ياساپ قويساڭ.
پەرىشتەڭ كەلسە تىغ تارتىپ سۈپەتنى ئايرىباشلاشقا،
تاۋاپكارمەن ساڭا، پەيلىمدە بىر ئىسيان ياساپ قويساڭ.
تېنىم ھەم بولمىسۇن ھېچ ئۆزگىلەر جانىغا غەمخانە،
ئۆلەردە ئۇستىخانىمدىن ئاڭا قاپقان ياساپ قويساڭ.
ماڭا مەن،ساڭا سەن تەڭرى،«ماڭا سەن»،«سەن ماڭا» يوق گەپ!
ساراي بولساڭ بولىۋەرگىن ،مېنى ۋەيران ياساپ قويساڭ.
ئۆزۈمنىڭ ئىشقى بىر جەننەت ،سېنىڭ جەننەتلىرىڭ يالغان،
ئۆزۈمگە بىر ئۆزۈم دوزاخ،ماڭا ۋىجدان ياساپ قويساڭ.
ياسالماي قوي،ئۆزۈڭدىن بىر ئكزۈڭ، باتۇر، يارالغايسەن،
سېنى تەڭرى ياساپ سالماس،ئۇنى ئوبدان ياساپ قويساڭ.
5
تەڭرى بولساڭ سەن بولىۋەر،مەن يەنە شەيتان بولاي،
ئۇرغىغان شەيتان تومۇرى ئىچرە تامچە قان بولاي.
دەر ئىدىم ئەسلىدە ئادەملىك سۈپەت بولغاچ نىسىپ،
تەڭرى ۋە شەيتان ئارا تارتىلغۇچى ئارقان بولاي.
بەندىلىكنى تەڭرى مەجبۇرلاپ ماڭا قىلغان خاتا،
بەندىلىك قىلماق بىلەن مەن قاي سۈپەت ئىنسان بولاي؟
تەڭرىگە قۇل بولغىچە ئول جەننەتۇلرىزۋان ئارا،
تەڭرىگە شەيتان بولۇپ دوزاختا سەرگەردان بولاي.
ئەي جامائەت، تا ئەبەد ھۆكمىڭگە قىلماسمەن ئەمەل،
تەڭرىگە قۇل بول بۇ بارچە، مەن ئاڭا سۇلتان بولاي !
6
مېنىڭدىن بەزدى شەيتان، ياندۇرۇپ تەڭرىگە ساتقايمۇ،
ئوتى دوزاختا ئۆرتەپ ياكى دۇنيادىن يوقاتقايمۇ ؟
سېتىلسام تەڭرىگە مىڭ يالۋۇرۇپ بولماقچىمەن ساقى،
ئۇزاتسام گەر شارابتىن بىر قەدەھ ، تەڭرىم ياراتقايمۇ؟
مەگەر تەڭرىم شارابنىڭ كەيپىنى بىر رەت سۈرۈپ قالسا،
يەنە مىڭ رەت سۈرەرگە ئەرشتە مەيخانە ياساتقايمۇ؟
ئاياندۇر ھەممىگە: ياقماس شاراب يالغۇز ئىچەرمەنگە ،
مېنى ئۈلپەت كۆرۈپ ئۆز يانىغا تەڭرىم يولاتقايمۇ؟
شۇ دەم بۇ تەڭرىنىڭ رەسۋالىغىن كۆرگەن مەلائىكلار،
ئىلاھ رەسىمىنى تەرك ئەيلەپ، بۈيۈك ئەركىنى تاپقايمۇ؟
ۋەيا ئول تەڭرىنىڭ مەيخورلۇقىغا مەھلىيا بولغاچ،
بولۇپ مەيخانىگە جەم، تەڭرىگە ئىشقىن پۇراتقايمۇ ؟
كۆيۈك دەردىدە يىغلاپ گەر ئۇلار ياشىدا مەي سۇنسا،
ئېرىپ تەڭرىم ئۇلارنىڭ رىشتىگە رىشتىنى چاتقايمۇ ؟
مەلائىك نازى تەڭرىم جىسمىمدە قۇتراتسا شەھۋەتنى،
ئېۋەنسىز تەڭرى ئاخىر بۇ گۇناھلار ئىچرە پاتقايمۇ؟
پەرى، مەي، بەزمىدىن شىركەيىپ بولۇپ غالجىرلىغان تەڭرىم
زېمىننى بىر تېپىپ داڭگال سىياقى دومۇلاتقايمۇ؟
زېمىن بىر ئىزدىلا ئوڭ چۆرگىلەۋەردىكى ، تويدۇم جاق!
شۇدەم مەستلىكتتەڭرىم يەرنى تەتۈر پىرقىراتقايمۇ؟
يېڭى توپان بىلەن ياكى جىمى بارلىقنى غەرق ئەيلەپ،
بۈيۈك شەھۋەت بىلەن يەرگە يېڭى ئىنسان تاراتقايمۇ؟
7
ئىلاھ رەسىمىگە تولغاپ بوينىنى بەزگەچ ئىتائەتتىن،
ئاتام ئادەم، ھاۋا ھەم بىر زامان قوغلاندى جەننەتتىن.
ئۇرلارنىڭ روھىدا ئەرك تۇيغۇسى تۇغيان ياساپ دەھشەت،
بىزار قىلدى مىزانلار قورشىغان جەننەتچە راھەتتىن.
ئىلاھ رەسىمى بىلەن بولمىش مەئىشەتلەر بېرەلمەي زوق،
جۇدا قىلدى پەرىلەر نازىدىن-سېھرىي نازاكەتتىن.
پايانسىز بۇ زېمىن ئاخىر ئاڭا بەخش ئەتتى ئەركىنلىك،
ساناقسىز كەشپىيات روي بەردىلەر سۈرگۈن ۋە ئاپەتتىن.
ئۇلار ئەرك ئىچرە ئادەمدەك سۆيۈشتى بۇ زېمىن ئۆزرە،
تارالدى يەرگە ئىنسانلار مۇقەددەس ئول مۇھەببەتتىن.
ئېرۇر ئادەمگە خاس تەرك ئەيلىمەك، بۇزماق، ئىجاد ئەتمەك،
جاھان ئاپەتكە يۈزلەنگەي مالايلارچە قىياپەتتىن.
ئۆزۈڭنىڭ بارلىقىن-ئادەملىكىن قىلغىن ئىجاد باتۇر،
ئۈمىد كۈتمە ئىلاھ بەرمىش نىسى سانسىز شاپائەتتىن.
8
ماڭا تەستۇر ئاۋازىمنى ىالايىقلارغا ئاڭلاتماق،
ئەمەس مۇمكىن ئۇلارنىڭ دىل راۋابىنى جاراڭلاتماق.
ئۆزۈمنىڭ ناتىۋان كۆڭلۈمنى بەزلەش مۇددىئايىمدۇر،
ئەمەستۇر مەقسىتىم ئەشئارلىرىمنى ئەلگە داڭلاتماق.
بۇ نەزمەم ئەركە، ئەلنىڭ ئىشتىھاسىنى پىسەند ئەتمەس،
ئەمەس بۇرچى كىتابخان جەلپ ئېتەرگە قول پۇلاڭلاتماق.
مېنىڭ خاس ئاسمىنىمدا ئۇچقۇچى ئازادە بىر قۇش ئۇ،
ئېرۇر قەستى سامايىمدىن غەلەت قۇشنى شالاڭلاتماق.
ئۇ بىر تال بۇ يۈرەكنىڭ قات-قېتىدا يىلتىزى قالغان،
ئېرۇر ئەجرىمگە شەرتىم: ئۇنى ھويلامدا باراڭلاتماق.
ئۆزۈڭنىڭ باغرىنى تۆكمەككە بولسۇن خەزىنە بۇ ئەشئار،
ئەمەس خوپ ئۆزگىلەر شاخى بىلەن شاخىڭنى چاڭلاتماق.
9
ماڭا گۈل سۈرىتىڭ ئالدىدا لال بولماق ئېرۇر پەرھىز،
ئوتۇڭدا ئۆرتىنىپ قىلدەك ئۇۋال بولماق ئېرۇر پەرھىز.
ساڭا پەرھىزمىكىن ئالەم ئارا سالماق تۈمەن غوۋغا،
ماڭا ئەسلەپ سېنى ھەردەم خىيال بولماق ئېرۇر پەرھىز.
مەگەر گۈللەر ئارا مۆكسەڭ مېنى قىلماققا سەرەەردان،
سېنى سۆيمەكنى قەست ئەيلەپ شامال بولماق ئېرۇر پەرھىز.
ئەزىم دەريا بولۇپ ئاقساڭ ئەجەب ئەركە، ئەجەب ئويناق،
شۇ كۆكسۈڭ دولقۇنى ئۈستىدە سال بولماق ئېتۇر پەرھىز.
ماڭا بىر رەت كەرەم ئەيلەپ ئۆتۈپ قالساڭ بۇ كوچامدىن،
ئېگىپ قەددىم تاۋاپ ئەيلەرگە تال بولماق ئېرۇر پەرھىز.
مەگەر ئاسماندا بولساڭ دىلبىرىم، باغرىڭنى قۇچماققا
سامانى چىرمىغان بەلباغچە ئال بولماق ئېرۇر پەرھىز.
بۇ دۇنيادا ساڭا باتۇر بۇنىڭدىن ئۆزگە پەرھىز يوق،
ئاداققى بەندەئى ساھىبجامال بولماق ئېرۇر پەرھىز.
10
تەبەسسۇم ئىچرە مەڭزىڭ گۈل زىناقلاردىن ياسار قاينام،
چۆكۈپ بىر مىڭ ئۆلەي، ئەل يىغلىماي قىلسۇن ماڭا بايرام.
مەگەر ئەۋجىدە بايرامنىڭ تىرىلمەك ئىستىسەم، دىلبەر،
شۇ قاينام تامچىسىنى مەي قىلىپ سۇنساڭلا بولغاي جام.
بىراق بۇ جام بىلەن ھېچ چۆلسىمان تەشنالىقىم قانماس،
چۈشۈمدە لەۋلىرىڭ بولمىش قەدەھ شۇ مەيگە ھەر ئاخشام.
چۈشۈمدە مەست بولۇپ قايناملىرىڭ تەكتىدە ياتمىشمەن.
كۆزۈڭ شۇڭغۇپ كېلىپ ئوتقاش مىسال جىسمىمدە يامىش شام.
ئېرىپ تەن ئەكسىدەك ئاينىڭ چىقارمىش سەتھى قاينامغا،
ئېقىپ ئۆتكەچ ئۇ كۆكسۈڭ دولقۇنىغا بوپ قالارمىش رام.
بۇ قەددىڭ دەل سامادىن تىك تۆكۈلگەن بىر ئەزىم دەريا،
نە بولغاي بىر ئىچىپ قانسام، نە بولغاي بىر ئېقىپ تالسام؟
مەگەر كىم يۇتسىمۇ قايناملىرىڭ باتۇرنى مىڭ يالماڭ،
دېگەي ھەتتاكى : كۆكسۈڭ دولقۇنى ئەۋجىدە چايقالسام!
«تارىم» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.
شېئىريەتتە ئادەم
باتۇر روزى
بىر ئادەم ھەم ئۇنىڭ ماھىيىتىگە مۇقىم قېلىپ ۋە ئۆلچەم بېكىتىپ بېرىشكە، ئادەمگە ماھىيەتلىك ئېنىقلىما بېرىشكە كۈچەپ ئۇرۇنۇپ كەلدۇق. دەرۋەقە ئادەم بىئولوگىيەلىك تۈزۈلۈش جەھەتتىن نىسبەتەن مۇقىم بولسىمۇ، ئادەمنىڭ تېخىمۇ كەڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، چوڭقۇر قاتلاملىق پىسخىك قۇرۇلمىسى ۋە بۇ قۇرۇلمىنىڭ ئاساسى بولمىش ئەسلى ماھىيىتى مۇقىمسىز، ھەرىكەتچان ئۆزىنى توختاۋسىز يېڭىلاپ تۇرغۇچى ماھىيەتتۇر. ئادەم- تولۇقسىز بارلىق، ئۇ بارلىق ۋە يوقلۇقنىڭ غەلىتە بىرىكمىسى. ئادەمدىكى تىراگېدىك خۇسۇسىيەت چەكلىك رېئاللىق بىلەن چەكسىز ئىمكانىيەت ئوتتۇرىسىدىكى كېرىلىش كۈچىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئادەم رېئاللىقنى توختاۋسىز ئىنكار قىلغۇچى ۋە كۆز ئالدىدىكى چەكسىز مۇمكىنچىلىكلەرنى توختاۋسىز بايقاپ تۇرغۇچى. ئادەم ئۆزىگە ، ھاياتقا ۋە دۇنياغا توختاۋسىز يېڭى قىسمەت بەخش ئەتكۈچى، ئۆزىنى ۋە ھاياتنى، ئۆزى بىلەن ئوبيىكتىپ دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توختاۋسىز يېڭىلاپ، ئىجاد قىلىپ تۇرغۇچى. شۇڭا شېئىرىيەتتە ئاپتور ئىندىۋىداللاشقان ئىستىتىك ئاڭنىڭ يۈكسەك پەللىسىدە تۇرۇپ، ئادەم ئىجادكارلىقىنىڭ چەكسىز گارمونىيىلىك كارتىسىنى چوڭقۇرلاپ يورۇتۇپ بېرىشى كېرەك.
بۇرادەر، ئادەم بولماق ئەڭ قىيىن، ئالدى بىلەن ئادەم بولۇڭ-دە، ئاندىن شائىر بولىمەن دەڭ !
پەيلاسوپلاردىن كانىت «ئادەم كائىناتنىڭ ئۆلچىمى» دېگەنىدى. نەزىرىيىۋى تەپەككۇردا ئادەمنى ئەنداز قىلىشنىڭ بىباھا ئۈلگىسى. ئۇ نەزىرىيىۋى تەپەككۇردا ئادەمنى كوممۇنىزمدىن يۈكسەك ئىمكانىيەت دۇنياسىغا قويۇپ تەسەۋۋۇر قىلىشنى باشلاپ بەرگەن. ئىستىتىك ئاڭ ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئەقلى تەپەككۇردىن ھالقىپ كېتىدۇ. ئىستىتىك كەيپىيات شەكىللەندۈرەلمىگەن شېئىر شېئىر ھېسابلانمايدۇ. ئەقلى تەپەككۇر تەرەققىياتىدىكى ئۇپۇقلاردىن ھالقىپ كەتكۈچى ئىستىتىك كەيپىيات ئىچىدە ئادەمنىڭ مۇقىمسىز، گۇڭگا ماھىيىتىنى چوڭقۇر يورۇتۇپ ، ئادەمگە ۋە ئادەم بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىستىتىك ئوبىكتىپلارغا يېڭى ئىجادى قىممەت بېغىشلاش بىلەن خاراكتېرلەنگەن شېئىرىيەت ئەلۋەتتە مۇقەررەر يوسۇندا گۇڭگا بولىدۇ. مۇزىكىلىق بەلگە قانداق يوشۇرۇن بولغان بولسا، شېئىرىيەتتە تىلنىڭ مۇزىكىسى ئارقىلىق ئورۇنلانغان ئىستىتىك كەيپىيات سىمفونىيىسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىمۇ گۇڭگالىقتىن تۆرەلگەن ۋە يەنە بىر ئۇچىمۇ گۇڭگىلىققا چىلىنىپ تۇرغان چەكسىز ئېچىۋېتىلگەن ئىستىتىك بەلگىلەرنىڭ گۇڭگا بوشلۇقىدىن شەكىللەنگەن بولىدۇ. بىراۋنى «قورسىقى بار ئادەم» دەپ تەرىپلەش قانداق چاكىنا بولسا ، ئەسلىدىنلا گۇڭگا بولغان شېئىرىيەتنى «گۇڭگا» دەپ تەرىپلەشمۇ شۇنداق چاكىنا بولىدۇ. سەنئەتلىك گۈزەللىك ھەرگىزمۇ ئەمەلىي نەرسە بولماستىن، بەلكى ئىستىتىك بەلگە سىمۋول قىلىنغان نەرسىدىنلا ئىبارەت. بۇ خىل گۇڭگىلىق شېئىرىيەتكە زورمۇ-زور تېڭىلغان تاشقى خۇسۇسىيەت ئەمەستە- ئاخىر.
چىنلىقنىڭ دىققەت مەركىزى يەنىلا ئادەم. چەكلىك رېئاللىق پەقەت ئادەمنىڭ تارىخىدىنلا ئىبارەت. تارىخ ئادەمنى مەركەز قىلغان چىنلىقنىڭ پەقەت بىر قۇتۇپى بولالايدۇكى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ھەممىسى بولالمايدۇ. چۈنكى، ئادەم تارىختىنمۇ ئېشىپ قالىدۇ. بۇنى تارىخنىڭ ئۆزى ئىسپاتلىغان. ئادەمنىڭ ماھىيىتىنى تارىختىن ئىبارەت ئاشكارىلانغان بىرلا قۇتۇپقىلا مۇقىملاشتۇرۇپ قويۇش ئەلۋەتتە تولىمۇ كۈلكىلىك. چۈنكى، تېخىمۇ كەڭ ۋە يۈكسەك مەنىدىن ئېيتقاندا ئادەمنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئىستىتىك ماھىيەتتۇر. تەبىئىيكى، ئىستىتىك ماھىيەت ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە دۇنياغا توختاۋسىز ۋە مەڭگۈ قويۇپ تۇرىدىغان ئىستىتىك تەلەپلىرىنىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى. ۋە ئادەمدىكى ئەڭ جانلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سۈپىتىدە ئەدەبىي تولۇق ئاشكارىلانمىغان يوشۇرۇن ماھىيەتتۇر. چۈنكى ئۇ ئاشكارىلانسا تارىخ بولۇپ قالىدۇ. ياكى چەكلىك رېئاللىققا جايلىشىپ قالىدۇ. سەنئەتتە چەكلىك رېئاللىق بىلەن چەكلەنگەن ئاتالمىش «يىپىدىن يىڭنىسىگىچە تەسۋىرلەش» ئۇسۇلى بىلەن مەيدانغا كەلەەن «بەش قولدەك ئايان» بولغان چىنلىق ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ماھىيىتىنى نىقاپلاپ قويغان. خاتا ھالدا ئىستىتىك ماھىيەتلىك ئورنىغا دەسسىتىۋېلىنغان، بەدىئىي چىنلىققا خىيانەت قىلغۇچى ساختا چىنلىق بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئادەمگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئادەمنىڭ تولۇقسىز بارلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بارلىق بىلەن يوقلۇقنىڭ غەلىتە بىرىكمىسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تۇراقسىز ماھىيىتىنى ھەقىقىي ئىجادكارغا خاس بەدىئىي قۇدرەت بىلەن گەۋدىلەندۈرۈپ، چەكسىز ئىمكانىيەتلەر دۇنياسىدا كېزىپ يۈرگەن شائىرنىڭ ئىستىتىك ئېڭىدا چېقىلغان چاقماقلاردىن - ئاشكارە چىنلىق بىلەن يوشۇرۇنغان چىنلىقنىڭ شائىر تۇيغۇسىدا بىر دەقىقە دىدار كۆرۈشۈشىدىن ھاسىل بولغان چاقماقلاردىن شېئىرىي يول بىلەن بىشارەت بېرەلىگەن چىنلىقلا شېئىريەتتىكى چىنلىق بولالايدۇ.
بۇرادەر ، رېئالىزم ھەرگىز قىسىلچاق يول ئەمەس، پەقەت سىز ئۇنىڭغا تەبىر بېرىشكە ئالدىراپ كەتمىسىڭىزلا .......
(يەنە نۇرغۇن شېئىرلىرى بار... داۋاملىق يوللايمەن )