قار لېرىكىسى
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
بىر پەلەي ئالمىدىم يا ئىسسىق شارپا،
بۇ قىشتا بوپقالدىم زۇۋانسىز ئىنسان.
سوغۇقتا يۈرىمەن قولۇمنى تۈگۈپ
ئىسسىنىش بولسىمۇ شۇنچىلىك ئاسان.
ئۆتكەن يىل يار بىلەن ئايلانغان دوقمۇش
ئاپئاق قار ئاستىدا تۇرىدۇ پىنھان.
كېلەر يىل قىش كەلسە ياغامدۇ ئۇنتۇش
پەرۋاسىز،ئاق پېتى قالامدۇ جاھان؟
قارلىق قىش بىر تاتلىق شېرىن ئەسلىمە
تۈن نۇرى تەبىئەت سېھىرگە تولغان.
خىيالچان سۆيگۈدىن پۈتمەس ھېچنىمە
پەقەتلا قارگۈلى مەن ساڭا سۇنغان!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-26 10:34 PM