ئادەتتىكى ئەزا
قېتىپ قالغان يول
بۇيەر ئۈرۈمچى ،بۈگۈن 26-نويابىر تۈنۈگۈنكى قارنىڭ سەۋەبىدىنمۇ ئشقىلىپ بۈگۈن ھاۋا بۆلەكچىلا سوغۇق ئىدى،ئادەتتەقوللىردا يانفوننى چۈشۈرمەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بۈگۈن گويا سوغۇق ھاۋاغا تەن بەرگەندەك قولىنى يانچۇقىدىن چىقارماي كېتىشپ باراتتى.يۈزۈمگە نەشتەردەك سانجىلىۋاتقان سوغۇقنى گاھ سېزىپ-گاھ سەزمەي مەنمۇ ئاشۇ كىشىلەر توپى ئارىسىداكېتىۋىتپتىمەن.كۆزۈم بەزىدە يولغا بەزىدە ئۇدۇلغا ئىنكاس قىلاتتى،ئىشقىلىپ كۆزۈمنى يۇمۇۋالغىنىم يوق .شۇنداق تىز مېڭىۋاتىمەن، يولدىكىلەر بىر قاراپ بولغۇچە ئاللبۇرۇن ئۇلارنىڭ كۆرۈش دائىرسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ بولىمەن،بەلكىم ئۇلارمۇ شۇنداق تىز مېڭىۋاتقاندۇ ،بەلكىم ئۇلارنىڭ ماڭا قارىغۇدەك، دىققەت قىلغۇدەك زېھنى ،مەيلى يوقتۇ.ئىشىنىمەنكى، بۇ يولدا مېڭىۋاتقان نۇرغۇنلىرىمىز پۇتىمىزنىڭ تاللىشى ۋە تەپەككۇرى بويىچە كىتىپ بارىمىز ،كاللىمىز قۇپقۇرۇق ،خىيال سۈرۈشكىمۇ ئامالسىز.شۇڭا كۆزىمىزبەزى كىشىلەرنى ،ھادىسلەرنى كۆرسىمۇ شۇنىڭغا ماس ئىنكاس قايتۇرالماي قالىمىز.يولدا مېڭىۋاتقاچ ئەتىنى ئۆلتۈرۈپ قويىمەن.بۈگۈنۈم دەل تۈنۈگۈنكى مۇشۇ يول ئۈستىدەئۆلۈپ بولغان،شۇنى بىلىپ تۇرىمەن ،ئەمما يەنىلا قاتىل بولۇپ ياشاۋىرىمەن.گويا ھېچنىمە ئۆزگەرمىگەندەك،دۇنيا قېتىپ قالغاندەكلا.مەن دۇنيادىن راستلا گۇمانلىنىمەنئۇ ھەقىقەتەن قېتىپ قاپتۇ.مەن بۇيەردە دەۋەتقان دۇنيا قانداقتۇر ئامېرىكا،سۈرىيە ۋە ياكى مالايسىيا ياكى ئوكرائىنا ئەمەس. مەن ئۆزۈم ياشايدىغان مۇشۇ دائىرنى دېمەكچى،بۇمۇ بىر دۇنيا.ئادديسى مەن كېتىۋاتقان مۇشۇ چىغىر يولنىڭ ئۆزىمۇ بىر دۇنيا.گەرچە ياتاق بىلەن سىنىپنى ئۆزىنىڭ ئىككى ئۇچى قىلغان بۇ يول ئىنتايىن قىسقا بولسىمۇ،ئەمما مەن بۇيولنى دۇنيا ئەمەس دىيەلمەيمەن.بۇ دۇنيا يەنى بۇيول قېتپ قالغاندەك قىلاتتى.مەن يەنە تەكرارلايمەن ، بۇدۇنيا قېتىپ قالغاندەك قىلاتتى،شۇڭا مەن قاتىل بولۇپ قالدىم. نېمىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى بۇيولدا بەك ئاجىزبىلىنەتتى.بۇ يولدا مۇھەببەت مازغاپتەك يىنىك ،سايە تاشتەك ئېغىر.نېمىدە ۋاز كېچىش نېمىدە چىڭ تۇرۇش بۇيولدا كېتىۋاتقان كىشلەرگە تېخى ئېنىق ئەمەس.ھېچنىمە ئۆزگەرگېنى يوق،تۈنۈگۈنكى بوراندا يول بويىدىكى بىرقانچە دەرەخلەرنىڭ سۇنۇپ كەتكېنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ،بۇيول يەنىلا ئۆلۈشكۈندېكىدەك ياكى تېخىمۇ بۇرۇنقىدىكىدەك ئىدى.بۇيول باھاردىمۇ ، يازدىمۇيەنىلا ھازىرقىدەك يەنىلا ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش يوق.چۈنكى بۇيولدا تەبىئەت ھادىسسى ۋە قانۇنۇيتى بىلەن يۈزبەرگەن ھەممە ئىش بۇيولدا كېتىۋاتقان بىزلەرگە تەسر قىلالمايدۇ.چۈنكى بۇيولدا مۇھەببەت مازغاپتەك ينىك،سايە تاشتەك ئېغىر ،چۈنكى بۇيولداپۇتىنىڭ تاللىشى ۋە تەپەككۇرىغا تايىنىپ ماڭىدىغان كىشلەر كېتىپ بارىدۇ.ھېچ بىرئەقىدە،بىر ئىنتىلىش بۇيولدىن ئەسلا تېپىلمايدۇ.ئۇچراتقىنى بولدىغىنى زولاپ كۈلگەنيالغان چىراي بىلەن ئېسل كىينگەن قارا يۈرەك خالاس. بۇيەر ئۈرۈمچى،بۈگۈن26-نويابىر. تۈنۈگۈنكى قارنىڭ سەۋەبىدىنمۇ ئشقىلىپ بۈگۈن ھاۋا بۆلەكچىلا سوغۇق ئىدى،ئادەتتەقوللىردا يانفوننى چۈشۈرمەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بۈگۈن گويا سوغۇق ھاۋاغا تەن بەرگەندەك قولىنى يانچۇقىدىن چىقارماي كېتىشپ باراتتى.مەن بۇرۇنقۇدەكلا ئاشۇ كىشىلەر ئارىسىدا كېتىپ بارماقتىمەن... ئاپتور: قۇدئىز
پاش قىلىش
مەستانە ئـــەزا
ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس
ئالىي ئەزا
يىـڭى ئــەزا
musilina يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 10:28 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! p1 X' q# O0 ^1 `مەنمۇ ئىشقا چۈشكەن كۈندىن باشلاپ ئوخشاش بىر يولدا مېڭى ...
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ