|
|
|
|
ئۇنۇتمىدىم ئۇنتۇلدىم بىراق.....
ئەللەيلىنىپ ياتتىم بىر مەھەل،
شىرىن خىيال بۆشۈكلىرىدە.
ئارمانلىرىم قالدى شۈمشىيىپ،
ھىجراننىڭ سۇغ ئۈششۈكلىرىدە.
ئىشەنچ بىلەن باسقان قەدەملەر،
يېرىم يولدا پۇتلاشتى تاشقا.
بۇمۇ بەلكىم تەقدىر چاقچىقى،
مەندەك غېرىب، مىسكىن يۇۋاشقا.
دوست-يارەنلەر تاشلىدى بىر-بىر،
«ئالدىراش»لىق دۇلدۇلى مىنىپ.
سويىۋەتكەن پىيازمەن شۇ تاپ،
يۈرەر قەددىم دەردكە باش ئىگىپ.
نۇرسىز كۆزۈم، نىمجان يۈرىكىم،
مۇھاببەتكە تەشنا شۇ قەدەر...
تاغ بىلەن تەڭ ئالتۇن بىكىرەك،
مىھرىڭلارغا ئىرىشسەم ئەگەر.
مىھرى ئىللىق قوياشنىڭ شۇنچە،
گەرچە بىزدىن تۇرسىمۇ يىراق.
ئۈلگە ئالدىم قوياشتىن،ئەمما-
ئۇنۇتمىدىم ئۇنتۇلدىم بىراق.....
مەنبە: ئابلەت ئوسمان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا (شەيدا) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-26 12:28 AM
|
|
|
|
|
|